ئۆمۈر ھەققىدە رىۋايەت

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-20 23:32:19

ئۆمۈر ھەققىدە رىۋايەت بىر كۈنى خۇدا بارلىق جانلىقنى يىغىپ ئۇلارغا ئۆمۈر تەقسىم قىپتۇ. ئادەمگە 30 يىل،ئىت بىلەن ئېشەككە 40 يىلدىن تەقسىم بوپتۇ.ئادەم ئۆزىگە ئاران 30 يىل ئۆمۈر تەقسىم قىلىنغانلى...

       ئۆمۈر ھەققىدە رىۋايەت

       بىر كۈنى خۇدا بارلىق جانلىقنى يىغىپ ئۇلارغا ئۆمۈر تەقسىم قىپتۇ. ئادەمگە 30 يىل،ئىت بىلەن ئېشەككە 40 يىلدىن تەقسىم بوپتۇ.ئادەم ئۆزىگە ئاران 30 يىل ئۆمۈر تەقسىم قىلىنغانلىقىغا سەل نارازى بولۇپ :
    -ئى ئاللاھ،نېمىشقا ماڭا ئاران 30 يىل ئۆمۈر تەقسىم قىلدىڭ؟_دەپ سوراپتۇ.ئاللاھ ئۇنىڭغا :
    بۇنىڭغا پەقەت ئامال يوق،باشقىلاردىن جىقراق ئاشمىدى ئەمەسمۇ ،_دەپتۇ. دەل شۇ پەيىتتە ئېشەك يېتىپ كېلىپ:
    ئى ئاللاھ ،ماڭا 40 يىل ئۆمۈر ئاتا قىپسەن، بۇ 40 يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلىمەن ؟_دەپ سوراپتۇ.
    ئاللاھ ئۇنىڭغا:
    -ئادەملەرگە ئىشلەپ بېرىسەن _ يەر ھەيدەيسەن ،ھارۋا سۆرەيسەن ،خامان تېپىسەن ، ئادەملەر سېنى مىنىدۇ،مۇشۇنداق ئەمگەكلەرنى قىلىپ ئادەملەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىسەن، ئۇلار سېنى سامان بېرىپ باقىدۇ ،_ دەپتۇ.
       ئېشەك بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىپتۇ . ئۇ ،روھى چۈشكەن ھالدا ئاللاھدىن ئۆمرىنى 20 يىل قىسقارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ 20 يىللىق ئۆمرىنى ئادەمنىڭ ئۆمرىگە قوشۇپ بېرىپتۇ . ئېشەك خوشال بولۇپ ئەمدى كېتپ تۇرۇشىغا ئىت يۈگۈرۈپ كەپتۇ .ئۇ :<ئى ئاللاھ، ماڭا 40 يىل ئۆمۈر ئاتا قىلدىڭ ،نېمە ئىشلارنى قىلىمەن ؟>دەپ سوراپتۇ .
    ئاللاھ ئۇنىڭغا :
    -ئادەملەرنىڭ ھويلا-ئاراملىرىنى باقىسەن ،مال -مۈلۈكلىرىنى قوغدايسەن ،ئۆز ئىگەڭگە ۋاپادار، بۇزۇقلارغا رەھىمسىز بولىسەن ، جامائەتنىڭ مۈلكىنى جان تىكىپ قوغدايسەن ، ئۇلارغا جېنىڭنىڭ بارىچە خىزمەت قىلىسەن . باي ئائىلىلەردە بېقىلساڭ ،ئۇلار ساڭا گۆشنىڭ سۆڭەكلىرىنى ،ئېشىپ قالغان ئاشلىرىنى بېرىدۇ؛ كەمبەغەل ئائىلىلەردە بېقىلساڭ ،ئاشنىڭ يۇندىلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ . بەزىدە ئاچ ،بەزىدە توق يۈرىسەن ،-دەپتۇ.
       بۇنى ئاڭلىغان ئىتنىڭ ماغدۇرى قېچىپتۇ ،ئۇ، ئاللاھدىن ئۆمرىنى 20 يىل قىسقارتىپ بېرىشنى ئىلتىجا قىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ئاللاھ ئىتنىڭ 20 يىللىق ئۆمرىنىمۇ ئادەمگە قوشۇپ بېرىپتۇ .شۇنداق قىلىپ ئادەمنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 70 يىل بوپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ئادەملەر 30 يىللىق ئۆمرىدە ئۆي_ئوچاقلىق بولۇپ كۈنلىرىنى خوشھال-خورام ئۆتكۈزىدىكەن .30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئۆمرىدە ،يەنى ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ئېشەككە ئوخشاش جاپا-مۇشەققەتتە ئىشلەپ ئائىلىسىنى باقىدىكەن .50 ياشتىن 70 ياشقىچە ئۆمرىنى ئىتقا ئوخشاش تەمەخورلۇقتا ئۆتكۈزىدىكەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆمۈر رىۋايەت