ئايازى غەزەللىرى (ketmenbay)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-18 20:05:00

ئايازى غەزەللىرى (ketmenbay) ئايازى غەزەللىرى (1) ساقى مەيى فەرەھبەخش تۇتكىم بەھار كەلدى. ئىشرەت زەمانى يەتتى، ئول گۇلئۇزار كەلدى. بولدى چەمەن مۇنەۋۋەر، ئاچىلدى رەڭگى گۇللەر. تۇت جامى رۇھى پەرۋەركى...

    ئايازى غەزەللىرى (ketmenbay)

     

        ئايازى غەزەللىرى
    (1)
    ساقى مەيى فەرەھبەخش تۇتكىم بەھار كەلدى.
    ئىشرەت زەمانى يەتتى، ئول گۇلئۇزار كەلدى.

    بولدى چەمەن مۇنەۋۋەر، ئاچىلدى رەڭگى گۇللەر.
    تۇت جامى رۇھى پەرۋەركىم غەمگۇزار كەلدى.


     كۆرسەتدى جىلۋە سۇنبۇل، ئاچىلدى نەرگىسى گۇل،
    بولدى فىغاندا بۇلبۇل، ئەبر ئەشكىبار كەلدى.

     دەۋرانى ئەيشۇ ئىشرەت بەش كۈن ئېرۇر غەنىمەت،
    چۈن چەرخى بىمۇرۇۋۋەت نا پايىدار كەلدى.

    يەتكۈرسە غۇسسە گەردۇن، چەك بادە، بولما مەھزۇن.
    تەسكىن غەمغە گۇلگۇن مەي سازۋار كەلدى.

     باشىمنى گۇي مەيدان قىلسام يوق ئەمدى ئەرمان،
    ساھىبقىرانى دەۋران ئول شەھسەۋار كەلدى.

     ئەي دەھر سەرفەرازى ئەبدۇرەشىد غازى
    دەرگاھىڭە ئايازى ئۇممىدۋار كەلدى.


     (2)
    ئېيدى باھار ئەييامىدۇر، ساقى لەبا-لەب جام تۇت.
    ئەيشۇ تەرەب دەۋرانىدۇر جامى مەيى گۇلفام تۇت.

    جەمشىد فەر شاھى جەھان چۇن قىلدى ئەزمى گۇلىستان،
    جەمئىيەتى ۋەقتى زەمان خۇشدۇر بۈگۈنكىم جام تۇت.

    مەئلۇم ئەمەس دەۋران ئىشى چۇن مۇنقەلىبدۇر گەردىشى،
    .........................................
    بۇ دەمكى باردۇر فۇرسەتىڭ ئەھباب ئىلە جەمئىيەتىڭ،
    لۇتف ئىلە بەزمۇ ئىشرەتىڭ ئەھلىنى شىرىن كام تۇت.

     قوي دەھر سۇبھى خۇررەمىن، فىكر ئەتمە شامى ماتەمىن،
    رۇخسار ئىلە زۇلفى غەمىن ئىشق ئىچرە سۇبھۇ شام تۇت.

     تارتىپ ئەلايىقدىن ئېتەك، ئەۋارەلىقدىن ئۆزنى چەك،
    فەقر ئىچرە قالغان قافدەك ساكىن بولۇپ ئارام تۇت.

     ھەركىمكى ئىستەر نامۇ نەڭ، غەمدىن قۇتۇلماس ھېچ رەڭ،
    ئۆزنى خەلاس ئەيلەي دېسەڭ، بەس، تەركى نەڭگۇ نام تۇت.

    كۆڭلۈم قۇشىدۇر بۇلبۇلۇڭ، ئاچقىل ئۇزارى گۇل-گۇلۇڭ،
    بۇ شىيۋە بىرلە سۇنبۇلۇڭ دامىغە ئەيلەپ رام تۇت.

    شاھەنشەھى فەرخۇندە فەر ئەبدۇررەشىدى نامۋەر،
    ھەق لۇتف ئېتىپ فەتھى زۇفەر تا مۇلكى مىسرۇ شام تۇت.

     ئەيلەپ زىيادە ھەشمەتىن، ئەفزۇن قىلىپ جەمئىيەتىن،
    يا رەبكى، ئۇمرۇ دەۋلەتىن كۆپ يىلۇ كۆپ ئەييام تۇت.

     گاھى ئايازى سارىغە باقىل سارىغ رۇخسارىغە،
    ياخشى-ياماننىڭ بارىغە لۇتفۇ كەرەمنى ئام تۇت.

     (3)
    كۆرۈپ شول يۈزنى ئەي كۆز، مۇبتەلا قىلغان مېنى سەنسەن.
    قەرارۇ سەبرۇ ھۇشىمدىن جۇدا قىلغان مېنى سەنسەن.

     تەماشايى ھەزار ئەيلەپ، كۆڭۈلنى بىقەرار ئەيلەپ،
    بۇ ۋادىدا گىرىفتارى بەلا قىلغان مېنى سەنسەن.

     تۈشۈپ ئول زۇلفى پەرچىنغە سەۋادى خەتتى مۇشكىنغە،
    قاراڭغۇ كېچەدەك بەختى قارا قىلغان مېنى سەنسەن.

     نەزەر ئەيلەپ جەمالىڭغە، كۆڭۈل باغلاپ خەيالىڭغە،
    ۋىسالىڭدىن مېنى زارۇ گەدا قىلغان مېنى سەنسەن.

     جەمالىڭ ئەيلىگەچ پىنھان قارا بۇلۇت بولۇپ گىريان،
    بۇلۇتدەك دەم-بەدەم ماتەم ئارا قىلغان مېنى سەنسەن.

     تۈگەنمەس رەنجۇ مىھنەتكە سالىپ ئەمما كى ھەسرەتكە،
    دەرىخا، دەردى تالىدەك دۇتا قىلغان مېنى سەنسەن.

     ئوشۇل ئايغەكى نەززارە بولۇپ ئىشقىدا بىچارە،
    ئايازىدەك خەلايىققە بىنەۋا قىلغان مېنى سەنسەن.

    *******************
    (مەنبە: «باياز»{1} شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىل 9-ئاي نەشرى. تەييارلىغۇچى: ketmenbay)
    (بۇ ماتىرىيالنى باشقا تور بىكەتكە يوللىسىڭىز، مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ قويۇڭ.)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 11:31:43]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق