گۇمنام غەزەللىرى [1] (ketmenbay)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-19 15:16:00

گۇمنام غەزەللىرى[1] (1) قايسى گۈلشەن گۈلبۇنى سەرۋى خۇرامانىڭچە بار؟ قايسى گۈلبۇن ئۆزرە غۇنچە لەئلى خەندانىڭچە بار؟ قايسى گۈلزار ئىچرە بىر گۈل ئاچىلۇر ھۆسنۈڭ كەبى، قايسى گۈلبەرگى لەبى لەئلى بە...

    گۇمنام غەزەللىرى[1]
    (1) قايسى گۈلشەن گۈلبۇنى سەرۋى خۇرامانىڭچە بار؟
    قايسى گۈلبۇن ئۆزرە غۇنچە لەئلى خەندانىڭچە بار؟

    قايسى گۈلزار ئىچرە بىر گۈل ئاچىلۇر ھۆسنۈڭ كەبى،
    قايسى گۈلبەرگى لەبى لەئلى بەدەخشانىڭچە بار؟

    قايسى قاتىل سەن كەبى جەللاد ئولمىشدۇر ئېسىز،
    قايسى جەللادنىڭ قىلىچى نەۋكى مۇژگانىڭچە بار؟

     قايسى باغنىڭ بار نەخلى بىر قەدىڭدەك باردۇر،
    قايسى نەخلى ھاسىلى سىبى زەنەخدانىڭچە بار؟

     قايسى بەزم ئولمىش مۇنەۋۋەر بىر قەدىڭدەك شەمئىدىن،
    قايسى شەمئىنىڭ شوئلەسى رۇخسارى تابانىڭچە بار؟

    قايسى يەردە تاپىلۇر نىسبەت ساڭا بىر گەنج ھۆسىن،
    قايسى گەنجنىڭ ئەژدەرى زۇلفى پەرىشانىڭچە بار؟

     قايسى گۈلشەن بۇلبۇلى سۆزلەركى گۇمنام سەن كەبى،
    قايسى بۇلبۇل نالەسى فەريادۇ ئەفغانىڭچە بار؟

     (2)
    دىلرەبالىغ، مېھرىبانلىغ، خۇشزەبانلىغلارمىدۇر.
    دىلنەۋازلىغ، قەدردانلىغ، بەدگۇمانلىغلارمىدۇر.

     سەرۋدەك قەد، گۈل كەبى يۈز،غۇنچەدەك لەبمۇ ئەمەس،
    لۇتف ئېھساندۇر گەداغە خۇنفىشانلىغلارمىدۇر.

    تىرگۈزۈرگە نۇش بەرگەي لەئلىدىن ئابىھەيات،
    كىرپىكىدىن نىش ئۇرۇپ، قاشى كەمانلىغلارمىدۇر.

     كەبكدەك رەفتار ئىلە ھەر سارى ئەيلەپ جىلۋەلەر،
    بەندى زۇلفىن باز ئەتىپ ئەنبەر فىشانلىغلارمىدۇر.

    ئەھدىغە ئەيلەپ ۋەفانى دەردۇ ھالىن سورمايىن،
    بىۋەفالىغ بىلە مەھز دىلسىتانلىغلارمىدۇر.

    غەمدە سەرگەردان قىلىپ قان يىغلاتىپ ئىشق ئەھلىنى،
    لەھزەئى دەردىن ئۇلەشمەي شادمانلىغلارمىدۇر.

     ئۆرتەبان ئىشق ئەھلىنى پەرۋانەدەك باشدىن ئاياغ،
    يارۇتۇپ ئېل شامىنى شەمئى جەھانلىغلارمىدۇر.
    دىلكۇشا قاشى بىلە تا قىلمايىن بىر دىلنى شاد،
    قان تۆكۈپ غەم تىغىدىن ساھىبقىرانلىغلارمىدۇر.

    بولمادىڭ گۇمنامنىڭ كۆڭلىچە ئەي گۈل لەھزەئى،
    كىم ئەزەلدىن ئىشقىڭ ئىچرە ناتەۋانلىغلارمىدۇر.

     (3)
    خەلق سۇلتانى بۆلەكدۇر، ئىشق شاھى ئۆزگەدۇر.
    بۇ فەلەكدە تۇغماغان جان ئۆزرە ماھى ئۆزگەدۇر.

     ئىشرەتى جەننەت تىلەپ زاھىد چېكەر مىڭ دەردۇ رەنج،
    كۆزلەرى ئازۇردە قىلغان دادخاھى ئۆزگەدۇر.

     كىشۋەرى ئالەمنى شەھلەر ئېل بىلە تەسخىر ئېتەر،
    شەھرى دىل ئالماققا دىلبەرنىڭ سىپاھى ئۆزگەدۇر.

     مېھرىبانلار ئىشۋەسىدۇر مەغز لېكىن يارنىڭ،
    ھەر باقىشدا جىلۋەسى ئۆزگە، نىگاھى ئۆزگەدۇر.

     زۇھد ئېلىدىن روزى مەھشەر ئىستەگەي سەۋمۇ نەماز،
    گۈلشەنى ھۆسنىن تىلەر ئېلنىڭ گۇناھى ئۆزگەدۇر.

     ھۆر-پەرى بولغان بىلە كۆزىدە يوق جەزبى نەزەر،
    بىر نەزەردە قۇل قىلۇر چەشمى سىياھى ئۆزگەدۇر.

     زۇھد ئېلىدىن ئىشق ئېلى ھەرگىزدە كۆز تۇتماس پەناھ،
    بۇ نەزەرباز ئەھلىنىڭ پۇشتى پەناھى ئۆزگەدۇر.

    زىرېھۇ قالقان كىرەك ئىسلام بى دىن ئەھلىغە،
    ئاشىقى جانبازنىڭ ئىستەر سەلاھى ئۆزگەدۇر.

     لەھزە-لەھزە ئارتادۇر دەردۇ ئەلەم گۇمنامغە،
    ھەر نەفەسدە بۇ سىتەمدىن ئۇرغان ئاھى ئۆزگەدۇر.

    (مەنبە: «بۇلاق» 1981-يىللىق 3-سان. تورغا تەييارلىغۇچى: ketmenbay)

     (بۇ ماتىرىيالنى باشقا تور بىكەتكە يوللىسىڭىز، مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ قويۇڭ.)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 21:52:49]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۇمنام غەزەللىرى