قۇتادغۇبىلىك(21-22-باپلىرى)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-05 09:03:13

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} يىگىرمە بىرىنچى باپ ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۈگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلغانلىغى توغرىسىدا1158

    يىگىرمە بىرىنچى باپ ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۈگدۈلمىشكە نەسىھەت قىلغانلىغى توغرىسىدا
    1158 بار ئەردى بىر ئوغلىلا ئايتولدىنىڭ ،
         كىچىك ئىدى ياشى ئاشۇ ئوغۇلىنىڭ.
    1159 ئاتى ئەردى ئۈگدۈلمىش،ئەسلى ئېرىغ،
         يۈزى كۆركەم ئەردى قىلىغى ئېرىغ.
    1160 قىچقىردى ئوغلىنى ئۆزىگە يېقىن ،
        تۇتۇپ قۇچتى ،كۆزدىن ئېقىتتى ئېقىن.
    1161 دىدى:ئوغلۇم ئەمدى كېتەرمەن يانا،
         بۇ ئورنۇم ،مالۇ -مۈلكۈم قالدى ساڭا.
    1162 سەن ئەردىڭ ماڭا كۆز يورۇغى تۈگەل، بىر تۈركىي ۋەزىر بەك ياخشى دەپتىكەن،
         كۆرەر كۆز يورۇغى ئوغۇل-قىز ئىكەن.
    1164 ئوغۇل- قىز غېمى بۇ -تۈۋى يوق دېڭىز،
         ئوغۇل-قىز غېمىدىن سارغايدى دېڭىز .
    1165 كىشىنىڭ بولسا ئوغلى-قىزى،خوتۇنى ،
        نىچۈك كۆرگەي ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقۇنى؟
    1166 ئوغۇل-قىزنى دەپ يەر ئاتا ئۆز ئېتىن ،
         ئوغۇل -قىز ئاتىماس ئاتانىڭ ئېتىن.
    1167 بۇ ئايتولدى ئېيتتى :ئىشىت  ئەي ئوغۇل،
         سۆزۈمنى ئۇنۇتما ،بۇڭا قوي كۆڭۈل:
    1168 مېنى كۆر ،اتا ئەردىم ئەمدى ساڭا،
         ئېتىم ئەردى ئايتولدى ،باققىن ماڭا.
    1169 ھاياتى تولدى ئەمدى ئايتولدىنىڭ،
         ئۆكۈنچ بىرلە ئىڭرار ،نەپئى يوق ئۇنىڭ.
    1170 تىرىكلىك چۈچۈكتۇر ،ئاچچىقتۇر ئۆلۈم. 
         ئۆلۈم تۇتتى،قايدا قېچىشقا يولۇم؟
    1171  ئاۋىندىم بۇ دۇنياغا كۆڭلۈم بېرىپ،
         ۋاپا قىلمىدى ئۇ، مېنىڭدىن بېزىپ.
    1172 مېنى ئالدىدى دۇنيا ،سۆيۈپ قىچقىرىپ،
         كۆڭۈل بەردىم  ئەرسە ،زېرىكتى تېزىپ.
    1173 جاپا قىلدى دۇنيا ،قېرىدى بۇ قۇت،
        سېنى ئالدىمىسۇن،مۇنۇ سۆزگە پۇت:
    1174 كېرەكلىك ئىشىم بارچە يەردە قويۇپ،
        كېرەكسىزنى قىلدىم ھەۋەسكە چۈشۈپ.
    1175 تىرىكلىك -بوراندەك ئۆتەر ئۇ كېچىپ،
         ئىڭرايمەن ئۆزەمگە بىكار ئېچىنىپ.
    1176 پارا ياكى مال بىرلە پۈتمەس ئىشىم،
        بۈگۈن يوق قولۇمنى تۇتۇچى كىشىم.
    1177 نىمە دەيدۇ ئاڭلا ئويغانغان كىشى،
         ئۆلۈمنى تونۇپ ياخشى بىلگەن كىشى:
    1178  ھېكىم ئىلمى كەتتى ئۆلۈمنى كۆرۈپ،
         ئاقىل ئەقلى يۈتتى ،ئەقىلسىز بولۇپ،
    1179 نىمانچە يامان بۇ ئۆلۈم تىرنىغى،
         نىمانچە ياماندۇر ئادەم ئۇرمىغى.
    1180 زىننەتلىك سارايلارنى بۇزغان ئۆلۈم،
          پۈتۈن جەم بولغاننى چاچقان ئۆلۈمنى.
    1181 بۇڭا ئوخشىتىپ ئېيتتى شېئىر ئېيتقۇچى،
         ئوقۇغىن بۇنى سەن ،ايا بىلگۈچى:
    1182 نىمە بار جاھاندا ئاڭا ھىلە يوق،
        نىمە ھىلە باردۇر ،اڭا چارە يوق؟
    1183 پۈتۈن ئىشقا ھىلە ،ۇسسۇل -چارە بار،
          مەگەر بۇ ئۆلۈمكىم ،اڭا چارە يوق.
    ئوگدۇلمىشنىڭ  ئايتولدىغا سوئالى
    1184 ئىشىتىتى ئوغۇل ،كۆر ئاتاسىن سۆزىن،
        سۆز ئاچتى ئاتاسىغا تۇرۇپ يۈزىن.
    1185 دىدى:ئەي ئاتام ،بىر سۆزۈم بار ساڭا،
        ئەيتايىن ئۇنى مەنجاۋاپ بەر ماڭا.
    1186 بۇ دۇنيا ئىچىدە ياشادىڭ تولا ،
        بىلم ئالدىڭ،ەخلاق ئوقۇدۇڭ تولا.
    1187 سورادىڭ،ئىشىتتىڭ ، ئۈگەندىڭ يانا،
         ياشادىڭ سىناپ،كۆپنى كۆردۈڭ يانا.
    1188 نىچۈك ئولسا بارمۇ ئۆلۈمگە چارە،
        بار ئولسا ، ئى زىرەك ئاختۇرۇپ كۆرە.
    1189 ئەگر ھىلە ،چارە يوق ئولسا بۆلەك،
         پۈتۈن مال غەزنىنى تارىتىش كېرەك.
    1190 غەزىنە ،مۈلۈك-مال گەر ئولسا پانا،
         ئىسەن بول،تېپىلار بۇ بايلىق يانا.
    1191 نىمە دەر ،ئىشىتكىن ،كۆزى توق كىشى،
        تۇزۇ-نان ئىگىسى،سېخى ئەر بېشى:
    1192 كىشىگە ئۈلەشتۇر مال ،يىدۇر،ئىچۇر،
         سېنى مال كەچۈرگەي ،ۇنى سەن كەچۈر .
    1193 ئېسەنلىك كېرەك ،ئەرگە مال كەم ئەمەس،
    تىرىكلىك كېرەك،قۇشقا دان كەم ئەمەس.
    1194 تىرىك بولسا ئىنسان تاپار مەخسىدىن،
        ئىسەن بولسا باش -تەن،تىلەگى يېقىن.
    ئايتولدىنىڭ ئوگدۇلمىشكە جاۋابى
    1195 جاۋاپ بەردى ئايتولدى، ئېيتتى :ئوغۇل،
         سۆزۈمنى ئىشىت ، ئۈز بۇ ئىشتىن كۆڭۈل.
    1196 ئۆلۈمگە پايدا قىلماس ئالتۇن-كۈمۈش ،
         ئۆلۈمنى توسالماس بىلىم ھەم ئوقۇش .
    1197 ئۆلۈمنى توسا ئالسا دۇنيا مېلى،
         ئىدى ئۆلمەس ھىچ چاغدا بەگلەر بېگى.
    1198 ھېكىملەرگە ھېكمەت پايدا قىلمىدى،
        ئالىملارغا ئىلىم ياردەم قىلمىدى.
    1199 ئۆلۈمگە پايدا قىلسا ئەردى ئوت-ئەم[104]
        قالاتتى تىۋىپلار تىرىك مەڭگۈ ھەم.
    1200 ئۆلۈم يۈز خاتىر قىلسا ئىدى كۆرۈپ،
         مۇبارەك رەسۇللار قالاتتى تۇرۇپ.
    1201 تۇغۇلغان تىرىكلەر ئۆلۇر ،بىل مۇنى ،
         ئۆلۈشكە تۇغۇلغان،تىرىك كىم قېنى؟
    1202ئىلسە بۇ دۇنيا قونالغۇ،كېلۇچى بارار،
         يوغان ئەجدىھادەك يىسە،ېېچىقار.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
    1203 ئۇگدۇلمىش ئىشىتكەچ ،دىدى:ئەي ئاتا،
         ئۇقۇلغان ئىكەن بۇ ئۆلۈم بەك يانا .
    1204 نىچۈن غاپىل ئولدۇڭ تىرىكلىك تىلەپ،
         نىچۈن تارتىشۇرسەن ئەمدى ئىڭىرەپ؟
    1205 نىچۈن بۇ قالار مالنى سەن توپلىدىڭ ،
         ئوشۇق مالنى نىچۈن ئۈلەشتۈرمىدىڭ؟
    1206 كىشى ئۆتسە غەپلەت ئىچىدە ياشاپ،
         ئۆكۈنسۇن ئۆزىنى ئەيىپلىك ساناپ .
    1207 ئۆكۈنچتىن بۇ كۈندە نەپايدا ئاتا،
         باشىن يەرگە ئۇرسا ئىڭراپ مىڭ قاتا؟
    1ئايتولدىنىڭ ئۈگدۈلمىشكە جاۋابى
    1208 ئىت بۇ ئايتولدى ئېيتتى :بالام ئاڭلىغىن ،
         ئۇ دۇنيا  ئىشىن قىل ،غاپىل بولمىغىن .
    1209 مېنى  باستى غەپلەت ،پۇشايمان ئۆزۈم ،
         ئويغان ،بولما غاپىل ،گۈزەل يۈزلۈگۈم!
    1210 ئۆلمەككە تۇغۇلدى تۇغۇلغان بارى،،ياخشى ئېرۇر
         كى قانچە قىلسىمۇ ،كېتەر ئاخىرى .
    1211 ۋاقىت تۇتقۇنىدۇر ئولۇچى ئادەم ،
         يېتىلسە ۋاقىت ،كۆر ،باس،باسالماس قەدەم.
    1212  بىر شائىر ئېيتقان سۆز بۇڭا ئوخشىشۇر،
         ئەگەر بۇ ئوقۇلسا ،تولۇق سۆز ئېرۇر:
    1213 جىمىكى نەرسىنىڭ كۈنى بەلگىلىك،
         نەپەس-تىن ئېلىشنىڭ سانى بەلگىلىك.
    1214 يىل،اي كۈن ئۆتەردەك تىرىكلىك كېچەر،
         ئۆتەر كۈن تۈگەتكەي سېنى، بەلگىلىك.
    1215 يەنە ئېيتتى ئايتولدى :كۆر ئەي ئوغۇل،
         نە ھالدا كېتەرمەن ،كۆرۈپ ئويغاق ئول.
    1216 غېمىم سەنلا ئەردىڭ ،كېتەرمەن بۈگۈن ،
         كىچىكلىكتە مەنسىز قالارسەن بۈگۈن .
    1217 نىچۈكرەك ئۆتەرسەن مېنىڭدىن كېيىن،
         غېمىم يوق مېنىڭكى بۆلەك ئۇشبۇدىن .
    1218 ئاتا ئەمگىگى سىڭسە ئوغىلغا كۆپ،
         بۇلۇر بۇ ئوغۇلنىڭ خۇي-پەيلى خۆپ.
    1219 ئوغۇلنى قىسىپ تۇتسا ،ياخىشى ئېرۇر،
         ئاتا -ئانىسى بەختلىك بولۇر.
    1220 ئەگەر چىڭ تۇتۇلماس ئىكەن ئۇ ئوغۇل ،
         بولۇر زايە، ئاندىن سەن ئۈزگىن كۆڭۈل.
    1221 زەكى بولسا ئالىم ،ئوغۇل ئاتىسى ،
         ئۇنى تۇتقۇلۇق چىڭ ،شۇدۇر چارىسى.
    1222 نىمە دەر ئىشىتكىن ئوغۇللۇق كىشى،
         كۆپ ئىشنى كەچۈرگەن -يېتىلگەن يېشى.
    1223 كىمنىڭكى بولۇر ئەركە ئوغلى -قىزى،
         چېكىپ ئاھ ۋە ھەسرەتتە يىغلار ئۆزى.
    1224 كىچىك چاغدا ئوغلىنى قويسا ياۋا[105]،
         ئوغۇلدا گۇنا يوق ،اتاغا جاپا.
    1225 ئوغۇل -قىز خۇيى -پەيلى بولسا يامان ،
         يامان قىلغان ئاتا بۇلارنى ھامان.
    1226 قىسىپ تۇتسا ئوغلىن ئاتا ئۆگۈتۈپ،
         ئوغۇل -قىز سۆيىنۇر چوڭايسا تولۇپ.
    1227 ئوغۇلنى قىسىپ تۇت ئاتا بولغۇچى،
         ساڭا كۈلمىسۇنلەر كېيىن كەلگۈچى.
    1228 ئوغۇل-قىزغا ئۆگەت پەزىلەت ،بىلىم ،
         پەزىلەتلە بولسۇن خۇلقى مۇلايىم.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
    1229 جاۋابەن ئوگدۇلمىش دىدى: ئەي ئاتا ،
         غېمىڭ يەپ كۆيەرمەن ،بولۇرمەن ئادا.
    1230 سېنىڭدىن كېيىن مەن تىرىك تۇرمايىن ،
         سېنىڭ غەملىرىڭنى كۆرۈپ يۈرمەيىن .
    1231 سېنىڭ ئورنۇڭدا بىر شەپقەتلىك ئىگەم-
          جېنىمنى ئالسا ،مەندە قالمىسا غەم.
    1232 ئەگەر ئۇنداق ئولماي،يېتىشسە ئەجەل،
         پۈتۈلمىش بولۇر بۇ ئەجەلى ئەزەل.
    1233 نىمە قايغۇرۇرسەن ،نىمە بۇ يىغا ؟
         خۇدا   ھۆكمى كەلدى ،توختا يىغلىما!
    1234  يىغلىساڭ دۇنيا-مال ،دۆلەت قالدى دەپ ،
          ئۇ قايتماس ھەر نىمە قىلساڭمۇ كۈچەپ.
    1235  ئەگەر قالغىنىغا بۇ نىمەت يانا --
         يىغلىساڭ ئەرزىمەس ،،توختا، يىغلىما.
    1236 سېنىڭدىن بۇرۇن كۆپ نىمەتلەر يىگەن -
         كىشىلەرمۇ كەتكەن شۇ ئىنجىق بىلەن .
    1237 بىلۇر ئەردىڭ ئەمدى جاپاچى جاھان --
         قىلاتتى جاپانى ،غاپىل سەن ھامان .
    1238 پۈتۈن دۇنيا گەر بىر كىشىنىڭ بولۇر ،
         تېگۇر ئىككى بوز ،ھەممە دۇنيا قالۇر.
    1239 تىرىكلىك ئۈچۈن سەن ئۆكۈنسەڭ ئۆزۈڭ،
         ئۆكۈن ،يىغلا دائىم ،قۇرۇتما كۆزۈڭ.
    1240 يەنە قايتا كەلمەس كەچۈرگەن كۈنۈڭ،
         نە قىلغان بىلەن بولدى  تەييار تۈنۈڭ.
    1241 مېنىڭچۈن بولسا گەر بۇ قايغۇ -ئەلەم،
         سۆيۈن ،ئەمدى قىلما يەنە قايغۇ غەم.
    1242 يارالغان ئىدىڭ سەن ،يارالغان ئولۇر ،
         يارالغان ئۆلۇر ،ئۇ ياراتقان قالۇر.
    1243 ئاتام ئەردىڭ ئارتۇق كۆيۈمچان ،سېخىي،
         سېنىڭدىن كۆيۈمچان ياراتقان تېخى.
    1244 سېنى ئۇ ياراتتى ،ساڭا بەردى قۇت ،
         ماڭا بەرمىگەيمۇ ،مۇنۇ سۆزگە پۇت .
    1245 قەدىرسىزگە قىممەت ئۇنىڭدىن تېگۇر ،
         كىچىككە ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭدىن كېلۇر.
    1246 بۇڭا ئوخشىشۇر ،كۆر ،بىر ئاقىل سۆزى،
          بۇ ئاقىل سۆزىدۇر ئەقىلسىز كۆزى:
    1247 ئەزىز ئول ،ئەزىز كىم ،ئەزىزلەرگە ئىز [106]،
         ئۇنىڭدىن تېگۇر ئىز،ئەزىز ئەمدى قىز .
    1248 قەدىرسىزگە قەدىر ئۇ،كىچىككە ئۇلۇغ ،
         يامانغا يۆلەكتۇر ،بۈيۈككە ئىگىز .
         *     *     *
    1249 ئىشىتتى بۇ ئايتولدى ئوغلىن سۆزىن ،
         كۆتەردى قولىن ،كۆككە تىكتى كۆزىن ،
    1250 خۇداغا شۈكۈر قىلدى تولادىن -تولا،
         خۇدا بەرگىنچۈن ئەقىل ئوغلىغا.
    ئايتولدىنىڭ ئوگدۇلمىشكە جاۋابى
    1251 دىدى:ئوغلۇم بولدى بۇ كۆڭلۈم پۈتۈن،
         خۇدا پەزلى بىرلە ياشارسەن قۇتۇن .
    1252 قارا،ئۇشبۇ سۆزنى ئاقىل چىن دىگەن،
         كۆزۈڭنى قىل ئىتتىك،مەنىسىن چۈشەن:
    1253 خۇدا كىمگە بەرسە ئەقىل ،ئاڭ ،بىلىك،
          پۈتۈن ئارزۇسىغا يېتىلگەي ئېلىگ.
    1254 كىمكى بولۇر ياخشى ،يۇمشاق خۇيى ،
         يېتەر ئۇ تىلەككە،يۈرۈپ كۈن ،ئېيى.
    1255 پۈتۈن ياخشىلىقنىڭ مۇنى[107]ياخشى خۇلق،
         بېرۇر ئۇ خوشاللقنى مىڭلاپ، تولۇق.
         *      *     *
    1256 بۇ ئايتولدى قولنى كۆتەردى يانا ،
         خۇداغا تولا ئېيتتى ھەمدۇ- سانا.
    1257 دىدى:سەن ياراتتىڭ ئۆزۈڭ ھەممىنى،
         بېرۇرسەن بۇ سانسىز جانلىق رىزقىنى.
    1258 تۆرەتتىڭ، ئۆستۈردىڭ مېنى بەخت بىلەن ،
         ئۇتۇقسىز ،گۇناكار ،ئاسى قۇلۇڭمەن.
    1259 جاھان نېمىتىن، ئارىزۇسىن بېرىپ،
         مۇشۇ چاققىچە كەلدىڭ ياخشى قىلىپ.
    1260 پۈتۈن نىمەت ئارزۇغا يەتتىم تۈگەل ،
         ئى ياخشى ئىگەم،مەن سېنىڭدىن خوشال.
    1261 ماڭا كەلدى ھۆكمۈڭ،بارۇرمەن مانا ،
         ئىدى بىرلا ئوغلۇم ،قويۇرمەن مانا.
    1262 ئاتا ئەردىم ئەمدى ئولۇر  بۇ ئاتا،
         ئىگەن سەن ئاڭا قىل ھايات بەخت ئاتا.
    1263 بالادىن يىراق تۇت،راھەتكە يېقىن ،
         ھەر ئىككى جاھاندا غېمىن سەن يىگىن .
    1264 ئۇلاشتۇر ياخشىغا ،ياماندىن كۈزەت ،
         يىمەكلىك،كىيىمدىن بىھاجەتلا ئەت.
         *      *     *
    1265 كۆڭۈل قېتىدىن قىلدى ياخشى دۇئا،
         ئى ياخشى دۇئا سەن بالادىن توسا.
    1266 نىمە دەر ئىشىت بىر تەقۋادار كىشى،
         تەقۋادار كىشى ئۇ ،كىشىلەر بېشى:
    1267 خۇدا كىمگە قىلسا ئىنايەت ،مەدەت،
         ھەر ئىككى جاھاندا تاپۇر سائادەت.
    1268 خۇدا بولسا قايسى قۇلىغا يۆلەك ،
         تاپۇر ئۇ ھەر ئىككى جاھاندا تىلەك.
    1269 خۇدا پەزلى كىمگە يار ئولسا ئەگەر،
         ئۇ ھەممە نىمەتۇ-ئارزۇغا يېتەر.
    1270 بۇڭا ئوخشىتىپ ئېيتتى ئاقىل كىشى،
         كىم ئاقىل سۆزىن تۇتسا تۈزىلەر ئىشى:
    1271 ئىگەم ساقلىسا كىمنى ئۇ ساقلىنۇر،
         تىلەككە يېتىپ،ياخشى نېمەتلىنۇر .
    1272 قايۇ قۇل خۇداغا ئىشەنسە تۇرۇپ ،
        بالانىڭ ئىشىگى يېپىقلىق بولۇر.
        *       *       *
    1273  يەنە ئېيتتى ئايتولدى:ئۇق ئې ئوغۇل،
          ئۆلۈمنى ئۇنۇتما ،ھامان ئويغاق ئول.
    1274 ئىشەنمە تىرىكلىككە ،يەلدەك كېچەر،
         جاھاندىن كۆچۈرسەن ،غاپىل بولما ئەر.
    1275 سېنى تاپشۇردۇم مەن خۇداغا قاتتىق،
         تىلەسە كۈزەتكەي،يىدۈرگەي رىزىق.
    1276 بۈگۈن ئايرىلۇرمەن سېنىڭدىن مانا،
         ئۆكۈنچتە تۆكۈپ ياش مەن يىغلاپ يانا .
    1277 نىمە قىلىشىڭنى مېنىڭدىن كېيىن،
         ئۇقۇلغان قەدەر مەن سۆزلەي ، ئاڭلىغىن:

    يىگىرمە ئىككىنچى باپ ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئوگدۇلمىشكە نەسىھىتى
    1278 كۆڭۈل ،تىلنى تۈز تۇت ،خۇداغا تىۋىن،
        ئۇ دۇنيا ئىشىن قىل ،غاپىل بولمىغىن.
    1279 يامان-ياخشىلىق ، ئۇ،خۇدا ھۆكمى ،بىل،
        خۇداغا ئىشەنسەن ،ئاڭا قۇللۇق قىل.
    1280 تىلە سەن ئۇنىڭدىن نە بولسا تىلەك،
         ساڭا يوق مەدەتكار ئۇنىڭدىن بۆلەك.
    1281 قەدىرلە نىچۈك بولسا يارلىقلىرىن،
         قەدىرلەر سېنى ھەق بۇ كۈن ھەن يارىن[108].
    1282 خۇيۇڭنى تۈزەتكىن ،يېڭىلما ئۆزۈڭ،
         كۆڭۈل ،تىل كىچىك تۇت،چوڭايتما سۆزۈڭ.
    1283 ياشادىم بىر ئانچە ، كېتەرمەن بىراق،
         نىمە قىلدى دۇنيا ماڭا، ئويلاپ باق!
    1284 ئۆزۈڭ ئوتقا ئۇرما بۇ دۇنيا ئۈچۈن،
         كىشى مېلىنى ئالما زورلاپ كۈچۈن.
    1285 يىغىشنى بىلىپمەن ،يىيىش بىلمىدىم،
         كۈن ئۆتتى ئۆكۈنچتە ،پايدا تاپمىدىم.
    1286 ساڭا قالدى مېلىم ،ماڭا بولدى يۈك،
         ھوزۇر قىل،ئۇنى يەپ -ئىشلەتكىن تۈزۈك.
    1287  تۇتا بىلسەڭ،بەس،بۇ يىغىلغان مېلىڭ،
         ھەر ئىككى جاھاندا قىزارغاي ئوڭۇڭ.
    1288 تۇتۇش بىلمىسەڭ گەر قانچىدۇر مېلىڭ،
         يېىشمەس ساڭا ئۇ ،سارغىيۇر رەڭىڭ.
    1289 دۇرۇس بول،قىلىقنى پۈتۈن توغرا تۇت،
         خوشاللىق -دۇرۇسلۇقتا،سەن بۇڭا پۇت.
    1290  نىمە دەر ئىشىت سەن ،خۇيى  توغرا ئەر،
         ھەر ئىككى جاھاندا ئۇ ئەر بەخت كۆرەر:
    1291 كىشىكىم ھوزۇردا كۈن ئۆتسۇن دىسە،
         بولۇر توغرىلىقتىن دەۋا ئىستىسە .
    1292 ئەگەر مەخسىدىڭ بولسا بىر باي بولۇش ،
          دۇرۇسلۇق بىلەن تاپتى بايلار ئۈلۈش.
    1293 تىلەسەڭ بۈيۈك بولماق -ئەلگە ئۇلۇق،
         دۇرۇس يولنى تۇتقىن ئۆزەڭگە ئوچۇق.
    1294 كىشى قىلىقى بولسا مۇلايىم ،كونى ،
        ھەر ئىككى جاھاندا يورۇيدۇ كۈنى .
    1295 يەنە ئايتولدى ئېيتتى :ئوغلۇم ئىشىت ،
         جەھەننەمنى ياخشى قىلىقلە بېكىت.
    1296 ياماندىن يىراق بول،قىل ياخشىلىق كۆپ،
        كېلەر ياخشىلىقلار ،يا ئولتۇر يا قوپ.
    1297 يامانغا يېقىنلاشما قىلغاي زىيان،
        يامانلىق چاقار ئۇ بولۇپ بىر يىلان.
    1298 سۆزۈڭنى ئىككى يۈزلۈك ئەرگە دىمە ،
        يېيىلغاي سۆزۈڭ،سىر ئېچىلغاي يەنە.
    1299 ئۆيۈڭگە يولاتما سۇخەنچى كىشىن،
        پۈتۈن ئەلگە يايغاي كۆرۈپ بىلمىشىن.
    1300 سىنالغان ئىشەنچلىك كىشىن تۇت قاتتىق،
        يېتۇر ساڭا ئۇندىن تۈمەنمىڭ تاتىق.
    1301 ئىشىت ھەر سۆزنى ،تېز پۈتۈپ كەتمىگىن ،
         بېكىت چىڭ،كۆڭۈلنىڭ سىرىن ئاچمىغىن.
    1302 ھەسەت قىلما ھەمدە يىمە -ئىچمە كۆپ،
         قالار بۇنى قىلغان ھامان قايغۇرۇپ.
    1303 ئايالىڭنى چىڭ تۇت ،يېپىپ تۇر ئىشىك،
        خوتۇندىن تېگۇر ئەرگە بار ئەسكىلىك.
    1304 يولاتما ئۆيگە ياتنى ،چىقمىسۇن ئايال،
         كىشىنى سىنا ھەم چۈشەن سەن ئاۋال.
    1305 يىمە مال غېمىن سەن،خۇلۇق ياخشى قىل،
         خۇلۇق ياخشى بولسا ،كېلەر ئۆزى، بىل.
    1306 بۇنىڭغا ئوخشىغان بىر سۆز بار ،ئىشىت،
         بۇ سۆزگە ئەمەل قىل،كۆڭۈلگە بېكىت:   
    1307 نە لازىم تاۋار-مال ،كېرەك ياخشى خۇلۇق،
         تېپىلغاي ياخشى مال، ئۇز بولسا قىلىق.
    1308 يامانغا نىچۈكمۇ كېرەك تاۋار -نەڭ،[109]
        نىچە يىغسىمۇ ھەم گاداي بىرلە تەڭ.
    1309 ئۇياتسىز كىشىدىن تېزىپ نېرى تۇر،
         ئۇياتلىققا مەندىن مىڭ ئالقىش ياغۇر .
    1310 ھولۇقما ھەر ئىشتا سەۋرىلىك زۆرۈر،
        سەۋرىلىك كىشىلەر تىلەككە يېتۇر.
    1311  ھەر ئىشتا شىرىن تىل بولۇش يولىن تۇت،
          تىلىڭ بولسا شىرىن،كېلۇر ساڭا قۇت.
    1312 تىلىڭنى كۈزەتكىن ،كۆزۈڭنى كۈزەت،
         گېلىڭ يىغ ، ھالالنى ئاز -ئاز لوقما ئەت.
    1313  يىراق تۇر خەلقنىڭ مالىمانىدىن،
          يىراق قاچ ئاممىنىڭ توپىلاڭىدىن.
    1314 چىقارما تىلىڭدىن بۇ بەگلەر سۆزى،
         مەگەر ياخشىلىقتىن بۆلەك، ئى قوزى.
    1315 كىشىگە ھەم ئۆزگە قىلما سەن زىيان،
         ھەۋەسنى قويۇپ ،قىل ياخشىلىق ھامان .
    1316 نە ئىشقا كىرەرسەن ،چىقىشنى ئويلان ،
         چىقىشنى ئويلىماسلىق يەتكۈزەر زىيان.
    1317 تىرىش ،كەلسە  ئاچچىق،قىلىپ سەۋرىنى،
         سەۋرىلىك سۆيۇنۇر  ئۇ تاڭنا كۈنى .
    1318 نىمە دەر ،ئىشىتكىن ،سەۋرىلىك كىشى،
         تۈزەر ئەر سەۋرىلە بۇزۇلغان ئىشى:
    1319 كىشى سەۋرى قىلسا تىلەگىن تاپار ،
        چىداپ تۇرغان ئوۋچى ئۇ ئاققۇش تۇتار .
    1320 يا مۈشكۈل ،يا قايغۇ -ئەلەم يەتسە گەر ،
         سەۋرى قىلسا ،قايتا خوشاللىق كېلەر.
    1321 يېپىلسا بۇ دەۋلەت ئىشىگى ئەگەر،
         سەۋرى قىلسا، ئىشلار يەنە تۈزىلەر.
    1322 سەۋرى قىل ،سەۋرى-ئەر كىشى قىلىغى ئول،
         تاپۇر سەۋرىلە ئەر مىسال كۆككە يول.
    1323 ئۆلۈمنى ئۇنۇتما تەييار تۇر ئاڭا،
         ئۆزەڭنى ئۇنۇتما ئەسلىڭگە قارا .
    1324  قېتىلغاندا توپقا ،قاراپ قىل سۆزۈڭ،
          ئىشىلەر ئۆيىدە كۈزەتكىن كۆزۈڭ.
    1325  كىرىمگە قاراپ سەرپ ئەيلىگىن پۇلۇڭ،
          ئۆزۈڭگە مۇناسىپ سۆزلىگىن سۆزۈڭ.
    1326 تىلىڭدىن چىقارما ھىچ يالغان سۆزۈڭ،
         بۇ يالغان بىلەن خار بولۇرسەن ئۆزۈڭ.
    1327  قېرىنداش ،تۇققانغا يېقىنلىغىڭ قىل،
          ئۇلۇق ۋە ئۇششاققا سۆيۈنچ بىلە كۈل.
    1328 قىلىپ كەڭرى تۇز-ناننى خەلققە يىدۇر ،
          كىشى ئەيۋىنى كۆرسەڭ ئاچما،يوشۇر.
    1329 ئىبادەتتە چىڭ بول ،خۇداغا تىۋىن،
         گۇنادىن يىراق بول،ۆزۈڭ ساقلىغىن.
    1330 بەختكە ئېرىشسەڭ كىبىر قىلمىغىن ،
         ھامان ياخشىلىق قىل،يامان بولمىغىن .
    1331 ئاۋىنما جاھانغا ،ۆتەر ھەم كېتۇر،
        ئىشەنمە بۇ دەۋلەتكە ،چاپسان قېرۇر.
    1332 تايانما تىرىكلىككە ،چۈشتەك كېچەر،
         قۇۋانما بۇ بوش بەختكە،قۇشتەك ئۇچار.
    1333 ھاياتنى زايا قىلما ،قىل ياخشىلىق،
         كېچەر كۈن ئىچىدىن ئال ئىبرەتنى جىق.
    1334 مەي ئىچمە ،بۇزۇقلۇقتىن بولغىن ئىراق،
        زىنا قىلما ،پاسىق دەپ ئالما ئاتاق.
    1335 مۇبارەك بەخت بۇ قىلىقتىن قاچار ،
         ئۇ ئەرگە پەقىرلىق يولىنى ئاچار.
    1336 نىمە دەر، ئىشىتكىن، سىنالغان كىشى،
          سىنالغان كىشىلەر بىلۇر ئىش بېشى.
    1337 مەي ئىچمە ،زىنادىن سەن ئەيلە ھەزەر،
         بۇ ئىشلار گادايلىق تونىن كەيدۈرەر.
    1338 ھاراق مىڭ گۇناغا پاتۇرغاي سېنى،
         قاچار بەخت زىنادىن ،يۈزۈڭ تۆكۇلەر .
    1339 سۆزىن كەستى ئايتولدى،دىدى:ئەي ئوغۇل،
         ئۇنۇتما ،كېرەكلىك ساڭا سۆز ئۇ شول.
    1340 تولۇق سۆزلىدىم مەن ،ئىشەنگىن ماڭا ،
         سۆزۈم ئاڭلىساڭ،بەخت كېمەيمەس ساڭا.
    1341  بۇ ئېيتقان سۆزۈمنىڭ ۋەسىيەت ئېتى،
         ئۇنۇتما بۇ سۆزنى كۆڭۈلگە پۈتى .  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قۇتادغۇبىلىك