مۇھەببەت قوشاقلىرى دىن جەۋھەرلەر

يوللىغۇچى : manggutax يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-04 23:51:00

مۇھەببەت قوشاقلىرى دىن جەۋھەرلەر <مۇھەببەت قوشاقلىرى> دىن جەۋھەرلەر دوپپا كىيدىم بېشىمغا، ئوسما قويدۇم قېشىمغا. دەردىم يەتكۈچە مېنىڭ، تەگمە ئەمدى چىشىمغا. ئاق كەپتەر مېنىڭ بولسا،چىن تەخسىدە د...

    مۇھەببەت قوشاقلىرى دىن جەۋھەرلەر 

         <مۇھەببەت قوشاقلىرى> دىن جەۋھەرلەر

     

     دوپپا كىيدىم بېشىمغا،
    ئوسما قويدۇم قېشىمغا.
    دەردىم يەتكۈچە مېنىڭ،
    تەگمە ئەمدى چىشىمغا.

    ئاق كەپتەر مېنىڭ بولسا،
    چىن تەخسىدە دان بەرسەم.
    ياخشى يار مېنىڭ بولسا،
    قۇچىقىدا جان بەرسەم.

     ئىچىم بەك پۇشۇپ كەتتى،
    چالغىلى راۋاب يوقمۇ؟
    ساڭا شۇنچە خەت يازدىم،
    يازغىلى جاۋاپ يوقمۇ؟

     يايرىم چالىدۇ راۋاپ،
    تارىمنى ساز قىلىپ.
    بىر سۆيۈپ قويۇڭ دېسەم،
    ئۇنىمايدۇ ناز قىلىپ.

     ئاقچى قوغۇن يېگەنمۇ،
    كۆكچى قوغۇن يېگەنمۇ.
     يۈرەككە ئوت سىلىپ قويۇپ،
    دەرتتە ئۆلسۈن دېگەنمۇ.

     خۇي دېسەم سېنىڭدە بار،
    چىراي دېسەم سېنىڭدە بار.
    قايرىلىپ سۆيگەنلىرىڭ،
    ئۆلگۈچە يادىمدە بار.

     بۇ ئۆستەڭ يامان ئۆستەڭ،
    سۈيى شۇنداق شىددەتلىك.
     يېڭى تۇتقان يايرىمنىڭ،
    سۆيۈشلىرى لەززەتلىك.

     قېشىڭ قارا قۇندۇزمۇ؟
    كۆزۈڭ چولپان يۇلتۇزمۇ؟
     خالىساڭ سۆيۈپ قويغىن،
    كەچ بارايمۇ كۈندۈزمۇ؟

     ئاق سارايدا ئاق ساندۇق،
    كۆك سارايدا كۆك ساندۇق.
    بىزنىڭ يارلار دوختۇركەن،
    سۆيۈپ قويسا ساقايدۇق.

     قاشىڭىزنىڭ قارىسى،
    ئوسمىنى پەيدا قىلىدۇ.
    كۆزىڭىز ئويناپ تۇرۇپ،
    يىگىتنى شەيدا قىلىدۇ.

    كەلكۈن كەپتۇ ئۆستەڭگە،
     پىيازلىققا سۇ ئاچاي.
    چالما ئاتسام ئۆگزەڭگە،
    ئاناڭ چىقسا تېز قاچاي.

    قىزىل گۈلمۇ گۈل ئىكەن،
    ئەتىرگۈلمۇ گۈل ئىكەن.
    بىزنى تاشلاپ كەتكەنلەر،
    ئەر تاپالماي تۇل ئىكەن.

    ئايۋاننىمۇ سالارمىز،
    ساراينىمۇ سالارمىز.
    قاچانلىققا ئۇز خېنىم،
    ناغرا-سۇناي چالارمىز.

    ئالما تۈۋىدە تۇرغاندەك،
    بېھى تۈۋىدە تۇرماسمەن.
    سەن يارىمغا كۆيگەندەك,
    ھېچ كىشىگە كۆيمەسمەن.

      مەنبە: ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندى تۈزگەن <سەرخىل ئەسەرلەردىن تاللانما> نامىلىق كىتاپتىن مەڭگۈتاش تەييارلىدى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 11:32:04]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق