قۇتادغۇبىلىك(29-30-باپلىرى)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-31 11:06:44

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} يىگىرمە توققۇزىنچى باپبەگلەرگە ۋەزىر بولىدىغان كىشىنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىغى توغرى

    يىگىرمە توققۇزىنچى باپ
    بەگلەرگە ۋەزىر بولىدىغان كىشىنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىغى توغرىسىدا ئوگدۇلمىشنىڭ ئېيتقانلىرى
    2181 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش ئېيتتى:ئەي خان،
         ۋەزىردۇر بېگىنىڭ قولى ھەر زامان .
    2182 كېرەكتۇر بۇ بەككە ۋەزىر بى گۇمان،
         ۋەزىر ياخشى بولسا ،تېچ ئۇخلايدۇ خان.
    2183 ۋەزىردۇر بۇ بەگلەر يۈكىن كۆدگۈچى،
         خانلىقنىڭ ئۇلىنى مەھكەم ئەتكۈچى.
    2184 بۇنىڭغا سەرە-خىل تولۇق ئەر كېرەك،
         كۆڭۈل، ئەقلى كامىل ، كۆيۈنسە يۈرەك.
    2185 ئۇنىڭ ئەقلى كۆپ بولسا ،ئىلمى دېڭىز ،
         پۈتۈن ئىش پۈتۈرسە ، قىزارتسا مېڭىز.
    2186 ئىسىل ھەم تەقۋادار ھەم بولسا كونى،
        دۇرۇسلۇق بىلە ھەم ئۆتكۈزسە كۈنى .
    2187 ۋەزىرلىك ئۇلۇغ ئىش ، كېرەك خىل كىشى،
         مۇكەممەل يېتىشكەن ئىۇش پېئىل كىشى.
    2188 ئەقىللىق كېرەك ھەم بىلىملىك كېرەك،
         سىلىغلىق كېرەك ھەم تېتىكلىك كېرەك.
    2189 ئەقىللق كىشى نەسلى ياخشى ئۇرۇق،
         ئۆسەر قايدا بولسا ،ئۇ قالماس قۇرۇق.
    2190 كېرەكتۇر تەقۋادار ،ئىمانلىق، ئېرىغ،
         ئىمىن بولغاي ئەل -يۇرت ئۇنىڭدىن ئېرىغ.
    2191 تەقۋادار كىشى ئول كىشىلەر خىلى،
         ھاجەتمەنگە دورا ،دەۋا قىلغىلى.
    2192 تەقۋادار كىشى ئىشتا ساقلىق قىلۇر،
         ناچار ئىشتىن يىراق، ئىش ۋاقتىن بىلۇر.
    2193 ئۇزۇندۇر قولى ئەلدە بەگدىن كېيىن ،
         يەتكۈزەر ۋەزىر بەگ قىلىغىن ،سۆزىن.
    2194 يامان نەسىل كىشىلەر ئېرىغسىز بولۇر،
         ئېرىغسىز ۋەزىرلىككە ياراغسىز بولۇر.
    2195 ۋاپالىق بولۇر نەسلى پاكىز كىشى،
         جاپالىق بولۇر ئۇ ئېرىغسىز ئىشى.
    2196 ئىشىتكىن ،نىمە دەر قانۇنلۇق كىشى،
         قانۇنلۇق كىشى ئۇ بولۇر ئەل بېشى:
    2197 ئېسىل زات كىشىنىڭ خۇي-پەيلى سىلىق،
         ۋاپا بىرلە خەلققە ئاچار ئۇ ئىلىگ.
    2198 ئېرىغسىز قىلىغى ۋاپاسىز ،جاپا،
        بېرىپ باقسىمۇ ئۇڭا شېكەر ھەم يىلىك.
    2199 ئۇياتلىق، كۆزى توق، ئىشەنچلىك كېرەك،
         ئۇياتسىز جىمىدىن ياماندۇر دىمەك.
    2200 كۆزى توق كېرەك، مالغا قىزغانمىسا ،
        كۆزى ئاچ ئۇ تويماس ، بۇ دۇنيا يىسە.
    2201 كىشىنىڭ سەرخىلى ئۇياتلىق كىشى،
         ئۇايتلىق كىشىدۇر كىشىلەر بېشى.
    2202 ئۇياتلىق كىشىگە پۈتۈن ئىشىنى بەر،
         ئۇياتلە جاھالەت ئىشىگىن ئېتەر.
    2203 ئۇياتسىز كىشىدۇر كىشى رەزىلى،
        دۇرۇس سۆز سۆزلىمەس ئۇياتسىز تىلى.
    2204 ئۇياتلىق مۇلايىم نىمە دەر ئىشىت،
         كۆيۈنگەچ ساڭا ئۇ قىلىپ بىر ئوگۇت:
    2205 ئۇياتسىز كىشىدىن يىراق تۇر يىراق،
         ئۇياتسىز كۆزىدە خۇنۈك بىر قاراق.
    2206 بىر گۆشسىز سۆڭەكتۇر ئۇياتسىز يۈزى،
         ئېتىلمەس تۆشۈكتۇر ئۇياتسىز كۆزى.
    2207 ئۇيات بىرلە ئەر ئابرۇيلۇق بولۇر ،
         ئۇيات بىرلە ئادەم كۆزى نۇرلىنۇر.
    2208 چىراي ھەم كېلىشكەن ساقال -چاچ كېرەك،
         ئۇز خۇلقى خەلققە ئۇلۇش بولغۇدەك.
    2209 قىلىغى دۇرۇس بولسا ،خۇلقى ئوڭاي،
         تېگەر ياخشىلىق ئەلگە ئۇندىن يىل-ئاي.
    2210 دۇرۇس بولمىسا ئىشتا ئىشچى بېشى،
        بولۇر ئەگرى پۈتۈنلەي بەگلەر ئىشى.
    2211 كېرەكتۇر دۇرۇسلۇق،ىشەنچ ئىشچىغا ،
         تاپشۇرسۇن بەگ ئىشىن ئىشىنىپ ئاڭا.
    2212 چىرايلىق كىشى خۇلقى كۆركەم بولۇر،
        گۈزەل بولسا خۇلقى ، ئەلگە نەپ تېگۇر.
    2213 كىشىكى گۈزەلدۇر يۈزى ھەم ئۆزى،
         تېشىدەك چىرايلىق بولۇر ئىچ يۈزى.
    2214 نىمە دەر ، ئىشىتكىن ،سىنىغان كىشى،
         سىناپ ياخشى-ياماننى بىلگەن كىشى:
    2215 كىشىنىڭ كۆركىگە ئىچىدۇر ئاداش،
        يۈزى كۆركى بىرلە قىلىغى قاياش.
    2216 تېشىنى كۆرۈپ بىل ئىچىگە گۇۋا،
        ئىچى ھەم بولۇر ئۇ تېشىغا ئوخشاش.
    2217 ۋەزىردە بەھەيۋەت بولغاي ساقال-چاچ،
        بەھەيۋەت بولسا ئۇ ،ىش تاپار راۋاج.
    2219 ۋەزىر ئىشى ھەممە ھىساپلە بولۇر ،
         ھىساپ بىلمىسە ئىشچى، ئىشى قالۇر.
    2220 كىشى ئىش -كۈشىنى  ھىساپلاپ قىلار،
         يىل-ئاي،كۈن ۋاقىتنى ھىساپلاپ تاپار.
    2221 ھىساپ ساقلىغىدىن ئاتالدى "ساقىش"
         كۆرەرسەن ،ھىساپ ئۇ ئۆزى بەك ساق ئىش.
    2222 تېتىك بولمىسا ،ئىش قىلالماس كىشى،
         تېتىكلىك بىلە قىلدى ئىنسان ئىشى.
    2223 يېزىق بىرلە ئادەم يازار بىلگىنىن،
         يېزىشلە بىلۇر ئەر نىمە قىلغىنىن.
    2224 تېتىكلىك نىشانى ئېرۇر بۇ بېتىك،
        يېزىقنى بىلگەن ئەر بولۇر بەك تېتىك.
    2225 يېزىق بىلمەس ئەرسە ئادەم ئوغلانى،
         بىلەلەيتتى قانداق يىل ،اي، كۈن سانى؟
    2226 يېزىپ قويمىغان بولسا ئالىم بېتىك،
         ھىساپقا بولۇر ئەردى چارە نىچۈك؟
    2227 ياراتماستىن ئاۋال خۇدا بۇ ئالەم،
         ياراتتى ،يورۇتتى بۇ لەۋھۇ -قەلەم.
    2228 پەرىشتە پۈتۈيدۇ نىمە قىلسا قۇل،
         خۇدا تاڭنا سورار نە ئىش قىلدى ئول.
    2229 ۋەزىر بولسۇن مۇلايىم ۋە يۇمشاق تىلى،
        بۇ، خەلققە ئۆزىن سۆيگۈزۈشنىڭ يولى .
    2230 مۇلايىم بولسا ئۇ سۆيدۈرەر كىشىن،
         سۆيۈندۈرگۈچى خوش قىلۇر يولدىشىن.
    2231 مۇلايىم، بېسىق ئەر نىمە دەيدۇ،كۆر،
         مۇلايىملىق ئەرگە نە ياخشى بولۇر:
    2232 سۆيۈلدى ئەل ئىچرە كىچىك دىل كىشى،
         سۆيۈلمەس ،تەكەببۇر ،يىرىك دىل كىشى.
    2233 كىچىك دىل ئۇلۇغلۇق  سۈرەر كۆپ زامان،
        تەكەببۇرغا تەگمەس ئۇلۇغلۇق ھامان.
    2234 ۋەزىرلىككە بەكمۇ پۈتۈن ئەر كېرەك،
         ئۇقۇملۇق ،ساۋاتلىق، بەك ئاقىل كېرەك.
    2235 تىلى كۆڭلى بىر ھەم قىلىغى كونى،
        ئۇياتلىق كۆيۈمچان ۋە خەلقنىڭ چىنى.
    2236 كۆزى توق ،سەگەك، ساق ھەم ئىش بىلگۈچى،
         ياراملىق ،يارامسىزنى پەرق ئەتكۈچى.
    2237 ۋاپادار ھەم ئىشچان ،ھەم ئەيمەنگۈچى،
       ئامانەتتە كۆڭۈلنى ساپ تۇتقۇچى.
    2238 تولۇق بولسا كىمدە بۇ پەزلى-بىلىك،
         ۋەزىرلىك ئاڭا بەرسە بولغاي ئېلىگ.
    2239 ۋەزىر بولسا بەككە مۇشۇنداق كىشى ،
         بولۇر بەگ ۋە خەلقنىڭ ھەم ئاسايىشى.
    2240 بولۇر بەگ ئىشى مەخسىدىدەك تولۇق،
         تۈزىلىپ ئېلى، خەلقى باي بولغۇلۇق.
    2241 يارامسىز ، يامان بولسا ئەلگە ۋەزىر،
         ئۇ ئەل خەلقى بۇزۇلۇر،  بولۇر باي- پەقىر.
    2242 ۋەزىر بولسا ياخشى ،خەلققە پايدىدۇر،
         خەلق پايدىسىلە بەگ ھەم زەۋق ئالۇر.
    2243 ئىشىتكىن ، بىلىمى دېڭىزدەك بىر ئەر،
         بىلىم بىرلە كۆڭلى يورۇق ،نىمە دەر:
    2244 ئۇز بولسا بېگىنىڭ دىلى ۋە تىلى،
         تۇتار خىزمەتچىسى توغرىلىق يولى .
    2245 ئەگەر بولسا بەگلەر زالىم ھەم يامان،
         چىقار خىزمەتچىسى تۈز يولدىن ھامان.
    2246 گەر ياخشى بولسا بەگ،خىزمەتچىسى ھامان-
         بولۇر ياخشى پېئىل، تەككۈزمەس زىيان.
    2247 يامان بولمىغۇنچە بۇ بەگ ،دىققەت ئەت،
         يولاتماس ياماننى ئۆزىگە پەقەت.
    2248 يامان قايدا بولسا يامانلار بىلە،
        ئەي ياخشى ،يورۇپ ياخشى يولداش تىلە.
    2249 يامان ياخشى بىرلە ياراشماس بولۇر،
         تۈز ئەگرى بىلەن چىقىشالماس بولۇر.
    2250 قارا تۈن، يورۇق كۈن ئاراسى يىراق،
         يېشىل سۇ قىزىل ئوتقا بولماس قوناق[136].
    2251 تونۇشسىز كىشىنى بىلەيمەن دىسەڭ،
         تونۇشتىن سورىغىن ،بىلۇرسەن ئۆزەڭ.
     2252 يۈرەر ئۆز توپى بىرلە ھەر بىر نىمە،
         دۇرۇس بول، ئەگرىگە قوشۇلۇپ يۈرمە .
    2253 بۇ سۆزنىڭ گۇۋاسى بۇ بېيىتتۇر،وق،
         بۇ بېيىتنى ئوقۇپ سەن كۆڭۈلگە توقى :
    2254 جىمىكى ماڭار ھەم ئۇچار نەرسىلەر،
         ئۆزى تەڭتۇشىن ئۆزگە يولداش ئېتەر.
    2255 يامان ياخشى بىرلە قوشۇلماس، قاچار،
         ئومۇمغا مىسال ئۇشبۇ تەمسىل يېتەر.
    2256 ۋەزىر بەككە دائىم كېڭەشچى بولۇر ،
         كېڭەشچى كىشىلەر قىياسچى بولۇر.
    2257 يامانغا قوشۇلما ،قارا ياخشىسى،
         بولۇر يامان خۇلقى ،ېغىر بوغچىسى.
    2258 ئۆزىگە يېقىن تۇتسا ياخشىنى خان،
         تېپىپ ياىشى ئات،  ئەل تۈزىلەر ھامان .
    2259 ئەگەر بەگ ياماننى يېقىن يولىتۇر ،
        ئېتى ھەمدە دۆلەت ئىشى بۇزىلۇر.
    2260 مۇشۇنداق ۋەزىر گەر تېپىلسا ، ئى خان،
         ياشار خان ھوزۇردا ،  خەلق ئۇخلار ئامان.
    2261 يېتۇر مەخسىدىگە ئۇنىڭ بىرلە خان ،
        بولۇر ئىش ئوڭۇشلۇق ، نە ئولسا زامان.
    2262 بولۇپ باي خەلقى ،ئەل ئوبدان تۈزىلۇر،
        ھاياتى تاپار بەخت ، غەزىنە تولۇر.
    2263 قېرىماس بولۇپ ئېتى مەڭگۈ قالۇر،
         قېرىپ ئۆلسىمۇ ،ئورنى ياخشى بولۇر.
    2264 بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيا بولۇپ بەختىيار ،
         سائادەت ئىچىدە ئۇ مەڭگۈ ياشار.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    2265 ئېلىگ ئېيتتى :ئۇقتۇم بۇ سۆزنى پۈتۈن،
         تولا ياخشى سۆزلەر قىلىندى بۇ كۈن.
    2266 ماڭا ئېيتقىن ئەمدى بۇ ئەسكەر بېشى،
        نىچۈك قىلماق كېرەك بۇ بەگلەر ئىشى؟
    2267 ئىشىن ئىشلىسە ھەم ئەسكەر باشلىسا،
         ئىشى باشقا چىقسا ،خاتالاشمىسا.
    2268 دىگىل سەن ماڭا كىم بۇ ئىشقا يارار،
         سۈرۈپ ياۋ لەشكىرىن ، قىلۇر تارى-مار؟
     
        ئوتتۇزىنچى باپ
     ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە ئەسكەر باشلىغۇچى كىشىنىڭ قانداق بولىشى كېرەكلىگى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
    2269 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش ، ئېيتتى :ئەي خان،
         قولۇڭ ياۋغا ئۈستۇن بولسۇن ھەر زامان.
    2270 كېرەك بەككە جەزمەن قوشۇن باشچىسى،
        ئېچىشقا ياراشماس ياۋنىڭ ئۇيقىسى.
    2271 بۇ ئىشقا جەسۇر ،بەك قاتتىق ئەر كېرەك،
         بېشىدىن ئىش ئۆتكەن ئەر يۈرەك كېرەك.
    2272 ناھايەت چوڭ ئىشتۇر قوشۇن باشلىماق،
         تۈزەپ لەشكىرىن ،ياۋنى قىرىپ تاشلىماق.
    2273 كېرەكتۇر بۇڭا خىل ۋە ھۇشيار ئەرەن،
         ئۇ تۆھمەت كۆرمىگەي غاپىللىق بىلەن.
    2274 ئۇ بولسۇن مۇلايىم ،باتۇر ۋە سېخى،
         ۋە تەمكىن ،تۇزى -نانى كەڭرى تېخى.
    2275 سېخى بولسا قوشۇننى باشلار كىشى،
        يىغىلغاي ئاڭا خىل كىشىلەر بېشى،
    2276 چېرىككە ئۆلەشتۈرسە بار مېلىنى،
         ئاداش -دوست قولداش تۇتسا ھەممىنى.
    2277 ئۆزىگە بىر ئات ،تون ،قورال بەس ئېتەر،
        جاھانغا ئېتى بولسا مەشھۇر، يېتەر.
    2278 ئوغۇل-قىز غېمىن دەپ مېلىن يىغمىسا،
        بېغىم،سۇ،يېرىم دەپ كۈمۈش تاپمىسا.
    2279 قىلىچتىن ئىستىسە پۈتۈن مەخسىدىن،
        بۇلاپ ئالسا ،بەرسە، يېيىپ شۆھرىتىن:
    2280 يىگۈزسە، ئىچۈرسە، كىيگۈزسە كىيىم،
         قورال،ات،قىز -ئوغلان بېرىپ كۆپ قېتىم.
    2281 شۇ ھالدا يىغىلۇر باتۇرلار ئاڭا،
        شىرىن جان پىدالاپ، ياتۇر تاغ -قىيا.
    2282 ئەقىللىق كېرەك ھەم يۈرەكلىك كېرەك،
        جەسۇرلۇق كېرەك ،كەڭ كۆڭۈللۈك كېرەك.
    2283 سوقۇشتا كېرەكسىز يۈرەكسىز كىشى،
        يۈرەكسىز كىشى ئۇ چىشى ئوخشىشى.
    2284 يۈرەكسىز كىشى ئۇ قوشۇنىن بۇزار ،
         بۇزۇلسا قوشۇن، ئەر بىر-بىرىن بۇزار.
    2285 ئۇرۇشتا يۈرەكلىك،چىداملىق كېرەك،
         سېلىپ كەلسە ياۋ ئات، يىغىلماق كېرەك.
    2286 بولۇر ۋاختى ئۆلۈمنىڭ نە ھالدا ئىسە،
         يىگىت ئۆلمىگەي تا ئەجەل كەلمىسە.
    2287 نىمە دەر ،ىشىتكىن،غەيۇر،جەسۇر ئەر،
         ئۆلۈمنى ئۇنۇتۇپ،ياۋنى ئۇرۇر ئەر:
    2288 كىشى ۋاقىتسىز ئۆلمەس ئانادىن تۇغۇپ،
         نىچۈن قورقادۇرسەن ئۆزەڭ ياۋ كۆرۈپ؟
    2289 يېغىغا يېلىڭ تەگ ، يىگىتتەك ئۇرۇش،
        ئەجەل يەتمىگۈنچە ،ھىچ بولماس ئۆلۈش.
    2290 كېرەك ئەرگە ئۇيات، ئۇياتلىق ئۈچۈن،
         ئۇرار ياۋنى تا ئالمىغۇنچە ئۆچۈن.
    2291 ئۇيات بىرلە ئىنسان ياۋنى يوق قىلار،
         ئۇرۇشتا ئەڭ ئاۋۋال ئۇياتسىز قاچار.
    2292 قورقاقمۇ ئۇيۇلۇپ باتۇرلۇق قىلۇر،
         ماختىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆزىن ئۆلتۇرۇر.
    2293 يۈرەكلىك ئاتالغان ئۇياتلىق بولۇر،
        ئۇياتلىق ئەر ئۆلسە ئۇرۇشۇپ ئۆلۈر.
    2294 قوشۇن باشى بولسا كەمتەر ، مۇلايىم،
         خەلققە سۆيدۈرەر ئۆزىن ئۇ دائىم.
    2295 ئىسىتۇر كىشىنى كىچىك دىل كىشى،
         قاچۇرار كىشىنى ئىتىك تىل كىشى.
    2296 قوماندان ئۆزىنى تۇتاركەن يوغان،
         يىگەي دۈشمەنىدىن تاياق بىگۇمان.
    2297 تەكەببۇر كىشىلەر غاپىللىق قىلۇر ،
         غاپىللار بۇزۇلۇر، يا بىۋاخ ئۆلۇر.
    2298 ئېتىم چىقسۇن دىسە ئۇ، بولسۇن جەسۇر،
         ساقال -ساچى رەتلىك ،بەھەيۋەت،غەيۇر.
    2299 يامانغا ھەيۋەت كېرەك، قورقۇتقىلى،
         يۇۋاشلارغا ياخىشىلىق، سۆيدۈرگىلى.
    2300 سىياسەت يورۇتسۇن قوشۇننىڭ بېشى،
         سىياسەتكە باغلىق قوشۇننىڭ ئىشى.
    2301 سىياسەتلە قالماس قوشۇن باشچىسىز،
        باش ئولسا ،ئۇيۇشقاي قوشۇن شۈبھىسىز.
    2302 قايۇ بىر قوشۇن بولسا باشسىز ، بوشاڭ،
        بۇزۇلۇر ئۇ قوشۇن ،ئەي خاقان،كۆپ ياشاڭ.
    2303 يامانلارغا ھەيۋەت،سىياسەت كېرەك،
        يانا ياخشىغا دائىم ھۆرمەت كېرەك.
    2304 پۈتۈن ياخشىغا ياىشىلىق قىل تولۇق،
        ئۇلارنى سۆيۈندۇر ، سالما ئېغىر يۈك.
    2305 تىلەر ياخشىلىق ھەممە كىشى ئاختۇرۇپ،
        كىشى قۇل بولۇر ئەرگە ،ياخشىلىق كۆرۈپ.
    2306 مۇلايىم خۇي كىشى نە دەيدۇ، ئىشىت،
        تەسەللى بەر ئۆزىگە ،وقۇپ بۇ بېيىت:
    2307  ئازات -ھۆر كىشىلەر ياىشىلىق قۇلى ،
         قىلىپ ياخىشىلىق ئاچ دۇرۇسلۇق يولى.
    2308 كىشىلىك قىلىشقا كىشى بول ھامان،
         كىشى قۇردى شۇنداق كىشىلىك يولى.
    2309 كېرەك بۇ قانچە ئىش قوماندان ئۈچۈن،
         يۈرۈش قىلغاندا ياۋغا ،تۈزەپ يول- يوسۇن:
    2310 سوقۇشقاندا يولۋاس يۈرەكلىك كېرەك،
         تۇتۇشقاندا يىلۋىز بىلەكلىك كېرەك.
    2311 توڭگۇز كەبى تەرسا ، بورىدەك كۈچى،
        ئېيىقتەك ئېتىلغاق، قوتازدەك ئوچى.
    2312 ئۇ بولسۇن ھىلىگەر قىزىل تۈلكىدەك،
        ئاداۋەتچى بولسۇن بۇغرا تۆگىدەك.
    2313 سېغىزخاندىن سەگەكرەك بولسۇن ئۆزى،
        كۆرسە قىيا قۇزغىنىدەك يىراقنى كۆزى.
    2314 قارا، بولسۇن ھىممەتتە ئۇ ئارسىلان،
        كېچەسى ھۇقۇشتەك ئويغاق ھەر زامان.
    2315 مۇشۇ خىل سۈپەتلە ئۇ جەڭچى بولۇر،
        بولۇر جەڭچى ھەمدە يارامچى بولۇر.
    2316 بۇ جەڭچى ياراغلىق كىشىدۇر داۋام،
         ئۇرۇپ ياۋنى تار-مار قىلىشتا تامام.
    2317 تۇزى ھەم نېنى، ئېشى كەڭ بولغۇلۇق،
         ئاڭا ئات، قورال، تونمۇ تەڭ بولغۇلۇق.
    2318 ئاش- ئىچمەك، تۇزۇ- نان ئەر ئاتىن يايۇر،
         يىمەك-ئىچمەك تىرىكلىك ئىلاجى ئېرۇر.
    2319 نىمە دەر ئىشىتكىن ئىلى ئاتلىغى:
         تۇزۇ- ناننى كەڭ قىل، كىشى قۇتلۇغى.
    2320 يىگۈز نان- تۇزۇڭنى شۆھرەت ئىستسەڭ،
         شۇ ئىشلارنى قىلغىن ھايات تىلىسەڭ.
    2321 ئىشەنچلىك، سېخى-مەرت كىشىلىك ئېتەر،
         تۇزۇ-نان ھەققى دەپ ئەر ھەققىن ئۆتەر.
    2322 ئۇلۇغلۇق تىلەسەڭ ئاش، ئىچمەك تارات،
         تاپار ئاش بىلەن ئۇزۇنراق ھايات.
    2323 كېرەك بۇ قانچە ئىش قوماندان ئۈچۈن،
        ئىشىنى رەتلىسە ،تۈزەپ يول-يوسۇن:
    2324 سۆزى چىن، ئېيتقىنى راست ئولسۇن تامام،
         ئۇلۇغ بولسا يالغانچى،پۈتمەس ئاۋام.
    2325 ئىككىنچى، سېخلىق، بېرىشتۇر ئىشى،
        بېخىلغا يولىماس ئالارمەن كىشى.
    2326 ئۈچىنچى، يۈرەكلىك ۋە بولسۇن جەسۇر،
         يۈرەكسىز ياۋنى كۆرسە ئاغرىپ ياتۇر.
    2327 تۆتىنچى ، ئۇ بىلسۇن ھىلە ۋە پىلان،
         تۇتۇر ھىلە بىرلە كىشى ئارسىلان.
    2328 قوشۇننى بۆسۈشكە چىڭ ئولماق كېرەك،
         چېرىك قوزغىتىشقا تېز ئولماق كېرەك.
    2329 قومانداندا بولسا بۇ خسلەت ئەگەر،
         يېڭىپ يېغىنى ،ھەيۋىسىن يوق ئېتەر.
    2330 قوشۇننى باشلىسا شۇ ئىىل قوماندان،
        قولى ئۈستۈن بولۇر دۈشمەنگە ھامان.
    2331 قوشۇن باشلىغى ياۋغا بولسا دۇچار،
        كۈنۈ-تۈن بولغۇلۇق ئويغاق ۋە ھۇشيار.
    2332 كېرەكمەس كۆپ چېرىك، چېرىك خىل كېرەك،
         چېرىككە خىىللانغان خىل قورال كېرەك.
    2333 قوشۇن سانى كۆپ بولسا باشسىز بولۇر،
         قوشۇن بولسا باشسىز ، يۈرەكسىز بولۇر.
    2334  سىناغان بىر ھەربىي قىياسەن دىمىش،
         ئون ئىككى مىڭ ئەرلىك قوشۇن كۆپ ئىمىش.
    2335 دىمىش ياۋنى يەڭگەن بىر باتۇر چىۋەر ،
        ماڭا تۆت مىڭ ئەرلىك قوشۇن دەل يېتەر.
    2336 كۆپ ئەسكەر يېيىلسا ، ئىچى بۇلغىشار،
        تۈزەپ بولماس ئۇنى ،يارامسىز بولار.
    2337 ئاتاقلىق جەسۇر ئەر، يەنە سۆزلىمىش:
         قوشۇندا قورال- ئەر خىل بولسۇن دىمىش.
    2338 ئاتانغان سوقۇشچى نەدەر ئاڭلىغىن،
        بۇ سۆزنى ئىشىتكەچ ئەمەل ئەيلىگىن:
    2339 قوشۇننى كۆپەيتمەي ،قىل ئەرلەرنى خىل،
         يىگىتلەر بىلەن تەڭ قورال سەرە قىل.
    2340 كۆپىدىن ئېزى خوپ ،بولسا مۇنتىزىم،
        يېڭىلغان سانى كۆپ چېرىك كۆپ قېتىم.
    2341 قوماندان يېغىغا ھۇجۇم قىلسا گەر،
         يېقىن تۇتسۇن ئۆزگ يېغى ئۇرار ئەر.
    2342 كېرەك چارلىغۇچى قىسىم خىللىماق،
         قۇلاق-كۆزنى ساقلاپ، يىراق قارىماق.
    2343 چارلاۋچى ئۇچراشسا تۇتغاققا[137] يېتىپ،
         ھۇجۇمنى قىلسۇن ئۇ ئارقىدىن بېرىپ.
    2344 قوشۇننى ساقىلسۇن ،قىلسۇن مۇنتىزىم،
         كېيىن ۋە ئىلگىرى يۈرمىسۇن ھىچكىم .
    2345 قارارگاھ ۋە يۇرتۇغ[138] تۈزۈش بىلسۇن ئۇ،
    قوشۇن ساقچىلىرى ھۇشيار تۇرسۇن ئۇ.
    2346 كۈزەتسۇن ھەركەتنى ئەلەم تۇتقان ئەر،
        ھىچ چەتتە قالمىسۇن ياۋنى ئۇرار ئەر.
    2347 قوشۇننى چۈشۈرسۇن پۇختا جاي كۆرۈپ،
         يىراق كەتمىسۇن ئۇ تۇرسۇن توپ بولۇپ.
    2348 غەپلەتتە قالمىسۇن ،بولسۇن ئۇ ھۇشيار،
         غاپىل بولسا ،دۈشمەن زىيانلار ئۇرار.
    2349 يېقىنلاشسا ياۋغا دېرەكىن ئېلىپ،
        قارارگاھ قۇرسۇن ئۇ ئوت-سۇنى كۆرۈپ.
    2350 قوشۇننى كۈزەتسۇن ،ۇ تىل[139] بەرمىسۇن،
        قوشۇن ئازمۇ-كۆپ ياۋ ئۇنى بىلمىسۇن.
    2351 ئەڭ ئاۋۋال تىرىشىپ تىل ئالماق كېرەك،
        بۇ تىلدىن ياۋ ھالىنى بىلمەك كېرەك.
    2352 ئىشىنى شۇنىڭغا قاراپ ئىشلىسۇن،
        كېسىپ ياۋ بېشىنى بوينىن يەنچىسۇن.
    2353 مانا شۇ ھۇشيارلىق ، ئويغاقلىق بولۇر،
        سوقۇشتا كىم ھۇشيار بولسا شۇ ئۇتۇر.
    2354 بېگى ئويغاق قوشۇننىڭ ئەجدەر باشچىسى،
         مىنەر ئۇ ئارسىلان، قىلىچ قامچىسى.
    2355 كېرەك ياۋ يوقاتماققا ئىككى قورال،
         بۇ ئىككى قورالدىن كۆرەر ياۋ زاۋال.
    2356 ئەڭ ئاۋۋال كېرەكتۇر ھىلىنىڭ ئۆزى،
        ياۋ ئالدانغىنىدىن قىزارسۇن يۈزى.
    2357 ئىككىنچى، سەگەكلىك -ئويغاقىلىق ئېرۇر،
        كىم سەزگۈر، ساق ئولسا، ئۇ ئۈستۈن كېلۇر.
    2358 كىم بولۇر جەڭدە ساق، ئويغاق ۋە ھۇشيار،
         ئۇ ياۋغا گۇمانسىز زىيانلار سالار.
    2359 قوشۇنى كۆپ ئولسا ياۋنىڭ ،سېنىڭ ئاز،
         سوقۇش قىلما ،تېزدىن كۆر تەدبىرىن ساز.
    2360 ياراش مۈمكىن بولسا ،ۇرۇشما ،ياراش،
         يوق ئەرسە،ساۋۇت كەي ،ئېلىشىپ تالاش.
    2361 تىرىش ،غەپلەتتە قوي، كېچە قىل ھۇجۇم،
         كېچەدە كۆپ-ئازلىق بىلىنمەس چوقۇم.
    2362 يېڭىشقا ئەگەرچە يەتمىسە كۈچۈڭ،
        ئەۋەت سەن ئەلچىلەر ،ياراشقىن ئۆزۈڭ.
    2363 تىلىڭ بىرلە ئەل بول ،ۆزۈڭنى كۈزەت،
        سوقۇشماققا ئالدىرما ، سۆزنى بەس ئەت.
    2364 ئەگەر بۇمۇ بولماي، يېغى قۇترىسا ،
         ئۇرۇشماقنى ئىستەپ، كۆڭۈل بەرمىسە .
    2365 ئىشىڭنى ئۇزارتماي قوشۇن تۈز، سوقۇش،
         ئاتاپ ماختا ئەرنى ،تارات مال، كۈمۈش.
    2366 ئۇزارسا سوقۇش ،ياۋ ھۇشىنى تاپۇر،
         كۆزى كۆرسە كىشى كۆپنى ئۈگىنۇر.
    2367 نىمە دەيدۇ ئاڭلا ياۋنى يەڭگەن ئەر،
         بېشىدىن ئىش ئۆتكەن ،كۆزى كۆرگەن ئەر:
    2368 ياۋ داڭقى يىراقتا كۆرۈنمەستە زور،
         بۇ شۆھرەت كۆرەشكەندە كەملەپ كېتۇر.
    2369 يېغىغا يېلىڭ تەگ ، مېلىڭ ئالمىسۇن ،
         سوزۇلسا يېڭىلدىڭ ،ىتتىك بول يۈگۈر .
    2370 چېرىكتىن بىر قىسمىنى قوي مۆكتۈرۈپ،
         ياياق ئوقچىنى سال سەن ئالدىن يۈرۈپ.
    2371 يېشى چوڭ ،جەسۇرلەر كۈرەشچىنىنى-
         سەپ ئالدى قىل،باشلاپ ماڭسۇن جەڭچىنى.
    2372 ساقال-چاچ ئاقارغان كۈرەشچى بولۇر،
         كۈرەشچى بولۇر ھەم كۆپ ئىشنى بىلۇر.
    2373 كىچىك،ياش يىگىتلەر بولۇر بەكمۇ تېز،
        ئەگەر ئۆرىسە يۈز، ئۆچەر ئوتى تېز.
    2374 ئىشەنچلىك كىشىنى قوي ئالدىن ،كېيىن ،
         بېكىت ئوڭ -سولۇڭغا يانا باشقىدىن.
    2375 يېقىنلاشسا لەشكەر ،تۇتۇشقاندا ئەر،
         ئۇدۇلدىكىنى ئۇرسۇن، ئۇرۇپ نەرىلەر.
    2376 ئەڭ ئاۋۋال يىراقتىن ئوقىن تارتقۇلۇق ،
         يېقىنلاشسا نەيزە بىلەن تىققۇلۇق.
    2377 كىرىشكەندە پالتا ،قىلىچ بىلەن چاپ،
        ياقادىن تۇت،چىشلە تىرناقتا تاتلاپ.
    2378 چىدا ،ياۋغا ئارقاڭنى بەرمە تۇتۇپ،
        يوقات ياۋ ياكى يات ئۇرۇشتا ئۆلۈپ.
    2379 نىمە دەيدۇ ئاڭلا، سەپ يارغان جەسۇر،
        چىدا سەن، چىدىغان دۈشمەننى يېڭۇر:
    2380 كېلىن قىز سۆيۈنچى نىكا-توي تۈنى،
         باتۇرنىڭ سۆيۈنچى جەڭ قىلغان كۈنى.
    2381 سۈرەر ئالغا لەشكەر باتۇر ئات چېپىپ،
        لاچىن قۇش ئالۇردەك تۆكەر ياۋ قېنى.
    2382 يېغى كۆرسە باتۇر قوپار تۇر توزان،
          بۆلەكلەرگە نۆۋەتنى بەرمەس ھامان.
    2383 چېرىك كۆرسە باتۇر بولۇر ئارسىلان،
         قىلۇر ياۋنى يوق،يا بېرۇر ئۆزى جان .
    2384 يېغى كۆرسە باتۇر قىزارتۇر يۈزىن،
        بويايدۇ قىزىل قانغا جەڭدە ئۆزىن.
    2385 ئىگەر ، ئات ، ساۋۇتلار بولۇر قىپ -قىزىل،
        قىزارغان قىزىل يۈز بولۇر ياپ-يېشىل.
    2386 يېغى ئات سېلىپ ساڭا قىلسا ھۇجۇم ،
        چىدا، سەن بەرمە تەن، توزۇيدۇ چوقۇم.
    2387 يېغى گەر تەۋرىسە ،سەن ھەم تەۋرىگىن ،
         ئاياق ئۆرە ھازىر تۇرۇپ باپلىغىن.
    2388 ئەگەر ياۋ چېكىنسە قوغلاپ تۇتمىساڭ،
         ئۇنىڭدىن يېتەرلىك ئەسىر ئالمىساڭ.
    2389 جەسۇر جەڭچىلىرىڭ سېپى بۇزۇلۇپ،
        كېلەر ياۋ ھۇجۇمنى باشلاپ، بۇرۇلۇپ.
    2390 يېغى قاچسا قوغلاپ ئۇزاپ كەتمىگىل،
        ئەگەر قايتسا دۈشمەن ، قاچالمايسەن، بىل.
    2391 ياۋ ئولسا ئۈمىتسىز ئۆلۈمگە يۈرۈر،
         ئۆلۈمدىن قوقمىغانغا كىم تەڭ كېلۇر؟
    2392 شۇ پەيتتە ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت،سەن كۈزەت،
        گەر ئەكسى بولسا ،ۈز ئۈمىدىڭ پەقەت.
    2393 غاپىل بولسا ئەر ،كۆر، يۈرەردە ئۆلۈر ،
        غاپىل بولمىسا ئەر تىلەككە يېتۇر.
    2394 ماڭا مۇنداق ئېيتتى ئىش كۆرگەن كىشى،
         ئىش كۆرگەن كىشىنىڭ سۆزى سۆز بېشى:
    2395 يېغى قاچسا بارما ئۇزاق يەرگىچە،
        يىراق قوغلىغان قامچا يەر تويغىچە.
    2396 يېغى بىر چېچىلسا يىغىلمىغى تەس،
        سۇ ئوتنى ئۆچۈرسە ،ئۇ يانمايدۇ ،بەس.
    2397 ئۈمىتسىز كىشىلەر ئۆلۈمىنى كۈتۈر ،
         ئاۋۋال ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ئۆزى ئۆلۇر.
    2398 كىم ئىش قىلسا تېز ئاڭا مال بەرگۈلۈك،
        بېرىپ مال، يۈزىن قىزىل قىلغۇلۇق .
    2399 ئەسىر ئالسا ماختاپ تارتۇقلاش كېرەك،
         بۇ تارتۇق بىلەن بولسۇن ئەر خۇش يۈرەك.
    2400 يامان ماختىلىش بىرلە ياخشى بولۇر،
        ماختالسا ياخشى قاچان كېيىن قالۇر؟
    2401 تۇتار قول بىلەن شىر ئەرنى ئەرنى ماختىساڭ،
        يېتەر قۇشقا ئېتىڭ  ئەگەر سىلىساڭ.
    2402 داۋالات يارىدار بولسا سەن كۆرۈپ،
        قۇتۇلدۇر ئەسىر چۈشسە ،سەن قايتۇرۇپ.
    2403 كۆتەرگىن قەدىرلەپ ئۆلگەن بولسا گەر،
         ئوغۇل-قىزى بولسا ،اڭا ھەقنى بەر.
    2404 سۆيۈنگەي قوشۇنىڭ گەر كۆرسە بۇنى،]
        قىلۇر جان پىدا ئۇ ،جەڭ مەيدان كۈنى.
    2405 شىرىن سۆز ، كۈلەر يۈز، مال-نەرسە بېرىش،
        كىشىگە بۇ ئۈچ نەرسە ياخشى بىر ئىش.
    2406 ئازات -ئەركىن ئەرلەر ئاڭا قۇل بولۇر،
        رىزاسىن تىلەپ جان پىدالىق قىلۇر.
    2407 بىر سۆز بار ،ھېكىم ، ئەمدى ئوخشار بۇڭا،
        كۆرۈپ ئويلىنىپ چىن پۈتەرسەن ئۇڭا :
    2408 كۈلەر يۈز ،شىرىن سۆز بىلەن بەر تاۋار،
        ئازات ئەرلەر بۇ ئۈچكە كېلىپ توپلىنار.
    2409 كۈمۈش بىرلە ئالتۇنغا ئالما قۇلۇڭ،
         پىدا قىل بۇ ئۈچنى ،ئومۇمنى يىغار.
    2410 قوشۇن باشلىغى شۇنداق ئولماق كېرەك،
        قوشۇن باشلىسا ئۇ بولۇر ئەزگۈرەك.
    2411 گەر ئالتۇن-كۈمۈشنى سوغات ئەيلىسەڭ،
         قىلۇرلەر پىدا جان ساپ ئالتۇنغا تەڭ.
    2412 بۇ ئۈچ بىرلە خىزمەتچى بولغاي قۇلى،
        بۇنى بەگ بىلگۈلۈك ھەر ئىشنىڭ ئۇلى.
    2413 مۇشۇنداق قوماندان تاپسا ئەگەر خان ،
         ئىشى باشقا چىققاي ئىشەنچلىك ھامان.
    2414 ئەگەر بولسا شۇنداق قوشۇن باشلار ئەر،
         سۆيۈنچكە چۈشۈپ ھەر ئىشى تۈزىلەر.
    2415 ياراغلىق ۋەزىر كۈتسەڭ، شۇنداق كېرەك،
         قوشۇن باشلىغى دىسەڭ بۇنداق كېرەك.
    2416 بەگ شۇنداق كىشىگە ئىشەنسە بولۇر،
        تىلەك- مەخسىدىنى ئۇلاردىن تاپۇر.
        *     *     *
    2417 يەنە ئېيتتى ئوگدۇلمىش : ئەي ئېلىگ قۇتى،
         ئىككى ئىش بۈيۈك ھەم ئۇلۇغلۇق ئېتى:
    2418 ۋەزىرلىك بىرىدۇر، ئۇنىڭدا قەلەم،
         قىلىچ تۇتتى بىرسى ، قولىدا ئەلەم.
    2419 بۇ ئىككىسى ئەلنىڭ تەرتىۋىن تۈزەر،
        بىرىكسە بۇ ئىككى ئۇنى كىم ئۈزەر؟
    2420 خىللانغان بولۇشى كېرەك بۇ كىشى،
        گەر بەككە زىت بولسا كېتۇرلەر بېشى.
    2421 ئەگەر پايدىلىق بولسا كۆپ پايدىسى،
         زىت بولسا زىياننى ئەل-يۇرت تاتقۇسى.
    2422 بەگ ئولسا ئەگەر ئەل سەرە-ياخشىسى،
        خەلقنىڭ خىلى بولسا ئۇ ئىككىسى.
    2423 بۇلاردىن تولا پايدا ئەلگە تېگۇر،
        بۇ پايدا بىلەن بەككە يەتكەي ھوزۇر.
    2424 ھېكىم-خان نىمە دەر ئاڭا  سال قۇلاق،
        ھېكىملەر سۆزىن بىل ئوزۇقلۇق -تاماق.
    2425 قىلىچ بىرلە ئالدى ،كۆر ئەل ئالغۇچى ،
         قەلەم بىرلە تۇتۇر يۇرتنى تۇتقۇچى.
    2426 بولۇر تېز قىلىچ بىرلە يۇرت ئالغىلى،
         قەلەمسىز مۈمكىن ئولماس ئەل تۇتقىلى.
    2427 يۇرت ئالماق مۈمكىندۇر قىلىچ-كۈچ بىلەن،
         سوراپ بولماس ئۇنى كۆپ يىل ئوچ بىلەن .
    2428 قەلەملە تۇتۇلسا بىرەر كەنت-شەھەر،
        ئومۇمغا ئۇنىڭدىن نەسىبە تېگەر.
        *     *     *
    2429 ئى خاقان مۇشۇلار مېنىڭ بىلگىنىم ،
         سورالغان ئۈچۈن مەن بۇلارنى دىدىم.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
     2430 ئېلىىگ ئېيتتى : ئۇقتۇم بەلگۈلۈك بۇنى،
         يانا بىر سۆزۈم بار ،ئېيت مەشھۇر ئۇنى.
    2431 ماڭا سۆزلە ئەمدى كۆرۈپ ئەزگۈرەك،
        ئۇلۇغ ھاجىپلىققا نىچۈك ئەر كېرەك؟
    2432 ئۇلۇغى شۇ بولسا ،ھاجىپلار ئارا،
         كۆيۈمچان بولۇپ قىلسا جاننى پىدا.
    2433 ئىشەنسە ئاڭا بەگ ئۆزى ھەم ئېلى ،
         ئۇلارغا دۇئا قىلسا خەلق تىلى.
        *     *     *
    2434 ئېلىگ ئېيتتى شۇنى ،سۆزلە ئەمدى سەن،
         يورۇتقىن كۆزۈمنى جاۋابىڭ بىلەن
     

      
        

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.