يەسەۋى ھىكمەتلىرى

يوللىغۇچى : gulsumay يوللىغان ۋاقىت : 2008-06-23 19:40:00

ئىككىنچى ھىكمەتئەي دوستلار، قۇلاق سېلىڭ ئېيتقىنىمغا، نە سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە، مىراج ئۈزرە ھەق مۇستافا روھىم كۆردى، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە. (2) ھەق مۇستافا جەبرائىلدىن قىلدى س...

           ئىككىنچى ھىكمەت
    ئەي دوستلار، قۇلاق سېلىڭ ئېيتقىنىمغا، نە سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە، مىراج ئۈزرە ھەق مۇستافا روھىم كۆردى، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

        (2) ھەق مۇستافا جەبرائىلدىن قىلدى سۇئال: « بۇ نىچۈك روھ تەنگە كىرمەي تاپتى كامال. كۆزى ياشلىق، خەلقە باشلىق، قەددى ھىلال ». ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

         (3) جەبرائىل ئېيتتى:« ئۈممەت ئىشى سىزگە بەرھەق، كۆككە چىقىپ،مالايىكتىن ئولۇر سەۋەپ، نالىسىگە نالە قىلۇر ھەفتۇم تەبەپ ». ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (4 ) « پەرزەنتىم » دەپ ھەق مۇستاپا قىلدى كالام، ئۇندىن كىيىن بارچە ئەرۋاھ قىلدى سالام، رەھمەت دەريا تولۇپ - تېشىپ يەتتى پەييام، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

         (5) رەھىم ئىچرە پەيدا بولدۇم، نىدا كەلدى، زىكىر ئېيت دىدى، بەدەنلىرىم جۇنبۇش قىلدى، « پەرزەنتىم » دەپ ھەق مۇستافا ئۈلۈش بەردى، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

         (6) تۆت يۈز يىلدىن كىيىن چىقىپ، ئۈممەت بولغاي، نەچچە يىللار يۈرۈپ، خەلققە يول    كۆرسەتكەي، ئون تۆت مىڭ مۇجتەھىتلار خىزمەت قىلغاي، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

         (7) توققۇز ئاي توققۇز كۈندە يەرگە تۈشتۈم، توققۇز سائەت تۇرالمىدىم كۆككە ئۇچتۇم، ئەرشى كۈرسى پايەسىنى بارىپ قۇچتۇم، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

        (8) ئەرش ئۈستىدە ناماز ئوقۇپ، تىزىم بۈكتۈم، روزا ئېيتىپ، ھەققە بۈكۈپ ياشىم تۆكتۈم، يالغان ئاشىق، يالغان سوفى كۆردۈم سۆكتۈم، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (9) جاندىن كەچمەي، ھۇ-ھۇ دىگەن بارى يالغان، بۇ قىلتاقتىن سورماڭ سۇئال، يولدا قالغان، ھەقنى تاپقان ئۆزى پىنھان، سۆزى پىنھان، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (10) بىر يېشىمدا ئەرۋاھ ماڭا ئۈلۈش بەردى، ئىككى ياشتا پەيغەمبەرلەر كىلىپ كۆردى، ئۈچ يېشىمدا چىلتەن كىلىپ ھالىم سوردى، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (11) تۆت يېشىمدا ھەق مۇستافا بەردى خۇرما، يول كۆرسەتتىم، يولغا كىردى نەچچە گۇمراھ، قايدا بارسام، خىزىر بابام ماڭا ھەمراھ، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (12) بەش يېشىمدا بېلىم باغلاپ، تائەت قىلدىم، تەتاۋۋۇ روزا تۇتۇپ، ئادەت قىلدىم، كىچە-كۈندۈز زىكرىن ئېيتىپ، راھەت قىلدىم، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (13) يەتتە ياشتا ئارسلان بابام ئىزلەپ تاپتى، ھەر سىر كۆرۈپ، پەردە بىرلە بۈكۈپ ياپتى، بىھەمدۇللاھ، كۆردۈم، دىدى، ئىزىم ئۆپتى، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (14) قابىز كىلىپ ئارسلان بابام جانىن ئالدى، ھۆرلەر كىلىپ ھەرىر توندىن كېپەن قىلدى، يەتمىش مىڭ پەرىشتىلەر يىغلاپ كەلدى، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (15) جىنازىسىنى ئوقۇپ، يەردىن كۆتەردىلەر، بىر پۇرسەتتە ئۇجماھ ئىچرە يەتكۇردىلار، روھىل ئېلىپ، ئىلىيىنگە كىرگۈزدىلەر، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (16) ئاللاھ، ئاللاھ يەر ئۈستىدە ۋەتەن قىلدى، مۇنكىر-نەكىر « مەن رەببۇك » دەپ سوراق سوردى، ئارسلان بابام ئىسلامىدىن بايان قىلدى، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (17) ئەقلىڭ بولسا، ئېرەنلەرگە خىزمەت قىلغىل، « ئەمرى مەرۇپ » قىلغانلارنى ئىززەت قىلغىل، « نەھى مۇنكەر » قىلغانلارنى ھۈرمەت قىلغىل، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (18 ) سەككىزىمدە سەككىز يەردىن يول ئېچىلدى، ھىكمەت ئېيت، دەپ باشلىرىمغا نۇر چېچىلدى، بىھەمدۇللاھ ، پىرى مۇغان مەي ئىچۈردى، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (19) پىرى مۇغان ھەق مۇستافا بەرھەق بىلىڭ، قايدا بارساڭ ۋةسپىن ئېيتىپ تازىم قىلىڭ، دۇرۇد ئېيتىپ، مۇستافاغا ئۈممەت بولۇڭ، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (20) توققۇزۇمدا تولغانمىدىم توغرا يولغا، «تەبەررۇك»، دەپ ئېلىپ يۈردى قولدىن قولغا، قۇۋانمىدىم بۇ سۆزلەرگە، قاچتىم چۆلگە، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.

       (21) ئون يېشىڭدا ئوغلان بولدۇڭ، قۇل خوجا ئەخمەت، خوجالىققا بىنا قويۇپ، قىلماي تائەت، « خوجا مەن » دەپ يولدا قالساڭ، ۋاي، نە ھەسرەت، ئۇل سەۋەپتىن 63 تە كىردىم يەرگە.( ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : گۈلسۇمئاي )

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:09:50]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق