بۆكەن خانلىقى ھەققىدە رىۋايەت

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-04 00:49:55

بۆكەن خانلىقى ھەققىدە رىۋايەتبۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، تارىخى ، ئەدەبىياتى ، دىنىي ئېتىقادى ... قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشتە مۇھىم يادىكارلىقلارنىڭ بىر...

    بۆكەن خانلىقى ھەققىدە رىۋايەت
     
     
     
    بۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، تارىخى ، ئەدەبىياتى ، دىنىي ئېتىقادى ... قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشتە مۇھىم يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ رىۋايەتتە ئاساسلىقى ئورخۇن - سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا قۇرۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ( مىلادى 747 - 840 - يىللار ) ئىككىنچى ئەۋلاد خاقانى --- مويۇنچۇرنىڭ كەنجى ئوغلى بۆكەخاننىڭ ( ئېل تېكىن ياكى تەڭرى خاقان ) تۇغۇلۇشى ، تەختكە چىقىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئومۇمىي پائالىيەتلىرى خەلق رىۋايەتلىرىگە خاس گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىنغان . رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ ، بۇنى فرانسۇز تارىخچىسى دوسسون ئۆزىنىڭ « جامىئۇت تەۋارىخ » دېگەن كىتابىغا ئاساسەن يازغان « موڭغۇل تارىخى » ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەپ قالدۇرۇلغان .
     
     
        « ..... قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان دەريالىرىنىڭ تۇغلا ، سېلىنگا دەريالىرىنىڭ قوشۇلىدىغان جايىدا «قۇملانجۇ» دېگەن جاي بار ئىكەن . شۇ جاينىڭ بىر - بىرىگە ياندىشىپ ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بولۇپ ، بۇنىڭ بىرىنىڭ نامى فېستۈك ( قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا قىزىل قارىغاي دېگەن مەنىدە بولۇپ ، « بوز تۈك » دەپ ئاتالغان ) ئىكەن . ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئاق قارىغايغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ، ھەمىشە يېشىل ئارچىدەك كۆكىرىپ تۇرىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۇرۇقى (مەدىكى) ئاق قارىغاينىڭكىگە ئوخشايدىكەن . دەرەخنىڭ يەنە بىرى ياۋا قارىغاي ئىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇتلا كىچىك بىر دۆڭ پەيدا بولۇپ قاپتۇ . بۇ دۆڭ كۈن ئۆتكەنسېرى ئېگىزلەشكە باشلاپتۇ . دۆڭنىڭ ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇچە شام يېنىپ تۇرىدىكەن . ئۇيغۇرلار دۆڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدىكەن . دۆڭنىڭ ئىچىدىن خۇددى ناخشا ئېيتقاندەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن . ھەر كېچە ئەھۋال شۇنداق بولۇپ تۇرىدىكەن . دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى شام بارغانسېرى چاقناپ دۆڭدىن 30 قەدەمچە كېلىدىغان ئەتراپنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان بوپتۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆڭدىن ئۇشتۇمتۇتلا بىر ئىشىك ئىچىلىپتۇ . شۇ ئىشىكتىن دۆڭنىڭ ئىچكىرىگە قارىغانلار دۆڭنىڭ ئىچىدە خۇددى ئوتاۋ ( كىگىز ئۆي ) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بەش ئېغىز ئۆينىڭ بارلىقىنى ، ھەر بىر ئۆيگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۈمۈش سەگۈنچەكلەرنىڭ ئېسىلغانلىقىنى ، سەگۈنچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىردىن بوۋاق ئوغۇل بالىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى ، بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدا سۈت ئەمگۈزىدىغان ئېمىزگىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيدىكەن . ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئاجايىپ بوۋاقلارنى كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھۆرمەت ئىزھار قىلىشىپتۇ . بۇ بەش نەپەر ئوغۇل بوۋاق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان ھامان ھەرىكەتلىنىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ . ئۇيغۇرلار ئىنىگئانىلارنى تەيىنلەپ ، بوۋاقلارنى ئېمىتكۈزۈپتۇ . بوۋاقلار تىلى چىققان ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ . كىشىلەر ئۇلارغا ھېلىقى ئىككى تۈپ دەرەخنى كۆرسىتىپ قويۇشۇپتۇ . بۇ بەش ئوغۇل دەرھال دەرەخكە چوقۇنۇپتۇ . دەرەخ ئادەمگە ئوخشاش تىلغا كىرىپ ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقلىق ، پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ ئۆسۈشى ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆمۈر كۆرۈشىنى قۇتلاپتۇ . شۇ جايدا كىشىلەر بۇ بەش ئوغۇلغا خۇددى شاھزادىلەرگە ئىتائەت قىلغاندەك بويسۇنۇشۇپتۇ . بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى شۇڭقار تېكىن ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى قۇتچۇر تېكىن ، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى بۇقا تېكىن ، تۆتىنچىسىنىڭ ئىسمى ئۆر تېكىن ، بەشىنچىسىنىڭ ئىسمى بۆكە تېكىن ئىكەن . ئۇيغۇرلار بۇ ئوغۇللارنى تەڭرى ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىنى خاقان قىلىشنى قارار قىلىشىپتۇ . ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە بۆكە تېكىن چىرايلىق ، ئەقىللىق ، تالانتلىق بولۇپ ، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىكەن . شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆكە تېكىننى خاقان قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن ئىكەن . بۆكە تېكىن خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپتۇ . دۆلەتنىڭ ئاھالىسى كۆپىيىپتۇ . تەڭرى بۆكەخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغان ئىكەن . بۇ قۇشلار نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن . بۆكەخان بۇ قۇشلارنى ھەمىشە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ دۇنيادىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەن » . 
     
        « كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېچىسى بۆكەخان چېدىر ئىچىدە ياتقاندا ، بىر ئىلاھى جاننى كۆرۈپتۇ . ئىلاھى جان گۆدەك قىز قىياپىتىدە كۆرۈنۈپتۇ . خاقان قورقۇپ ، يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ ، گەپ قىلىشقا پېتىنالماپتۇ . ئىككىنچى كېچىسىمۇ يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ . ئۈچىنچى كېچىسى بۆكەخان بۇ ئەھۋالنى باش ۋەزىرگە ئېيتىپ قويۇپ ، ئۆزى پەرى قىزغا ئەگىشىپ «قۇت تېغى» ( بەخت تېغى ) دەپ ئاتالغان تاغنىڭ ئىچىگە بېرىپتۇ . تاڭ ئاتقۇچە قىز بىلەن مۇڭدىشىپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كېچە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ تۇرۇپتۇ . مۇنداق ئەھۋال يەتتە يىل ئالتە ئاي 22 كۈنگىچە داۋام قىلىپ ، بۆكەخان پەرى قىز بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا قىز مۇنداق دەپتۇ : «كۈنچىقىشتىن كۈنپاتارغىچە پۈتۈن دۇنيا ساڭا بويسۇنىدۇ . سەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ، ئەلنى ياخشى باشقۇرغىن » . پەرى قىز بۇ گەپنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن غايىب بوپتۇ . بۆكەخان لەشكەر يىغىپ ، چوڭ ئاكىسى شۇڭقار تېكىنگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇنى 300 مىڭ قوشۇن بىلەن موڭغۇل ۋە قىرغىزلار ئېلىگە ماڭغۇزۇپتۇ . ئىككىنچى ئاكىسى قۇتچۇر تېكىننى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تاڭغۇتلار ئۈستىگە ماڭغۇزۇپتۇ . ئۈچىنچى ئاكىسى بۇقا تېكىننى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن جۇڭگوغا ماڭغۇزۇپتۇ . تۆتىنچى ئاكىسى ئۆر تېكىننى ئۆز ئېلىنى ساقلاشقا قالدۇرۇپتۇ . يۈرۈشكە ماڭغان قوشۇنلار نۇرغۇن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ ، كۆپلىگەن ئەسىر ۋە ئولجىلارنى ئېلىپ ، ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ كېلىشىپتۇ . شۇ يەردە " ئوردابالىق " دېگەن بىر شەھەر بىنا قىلىنىپتۇ . شۇ چاغدا كۈنچىقىش تەرەپتىكى دۆلەتلەر پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلۇپتۇ . »
     
         « كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۆكەخان كېچىسى ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ ، چۈشىدە ئاپئاق چاپان كىيگەن ، ئاق ھاسا تۇتقان بىر ئەر كىشىنى كۆرۈپتۇ . ئۇ بىر پارچە قاشتېشىنى بۆكەخانغا بېرىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ : « سەن مۇشۇ تاشنى مەڭگۈ ساقلىيالىساڭ ، پۈتۈن جاھان ساڭا باش ئېگىدۇ» . بۆكەخاننىڭ باش ۋەزىرىمۇ خۇددى شۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ . ئەتىسى بۆكەخان ھەربىي ھازىرلىققا كىرىشىپ ، كۈنپېتىش تەرەپكە قوشۇن باشلاپ مېڭىپتۇ . بۇ قوشۇنلار تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە ، تۈپ - تۈزلەڭ ، بۇلاق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان ، سېمىز ماللار سەكرىشىپ ئويناپ تۇرغان بىر يايلاقنى كۆرۈپتۇ . قوشۇن شۇ يەردە توختاپتۇ . ئۇلار شۇ يەردە بالاساغۇن دېگەن شەھەرنى بىنا قىپتۇ . قوشۇنلار بۆلۈنۈپ جاي - جايلارغا بېرىپتۇ . 12 يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ بىر خىل ياۋايى ئادەملەر ياشايدىغان جايغىچە بېرىپتۇ ھەم بۇ جاينىڭ سىرتىدا يەنە ئىنسان يوقتۇ دەپ ئويلاپتۇ . بۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خانلىرى بۆكەخان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ . ئۇلار بۆكەخانغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ ، ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈپتۇ .... . بۆكەخان ئۇلارنى ئۆز ئەللىرىگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ . چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن بۆكەخان بالاساغۇندىن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ئېلىگە قايتىپ كەپتۇ . »
     
        « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت » سيۇژىت تۈزۈلۈشى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەپسانە ھەم رىۋايەت ژانىرلىرىغا خاس فانتازىيىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ئاساسلىق پېرسوناژ بۆكەخان سىرلىق مۆجىزات ئىگىسى بولغان بىر شەخس سۈپىتىدە قىزىقارلىق قىلىپ سۈرەتلەپ بېرىلگەن . بولۇپمۇ رىۋايەتنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىكى ئىخچاملىق ۋە راۋانلىق ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئالاھىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن ؛ ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، رىۋايەتتىكى ئاجايىپ مۆجىزات ئىگىسى بولغان بۆكەخاننىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرى بەلگىلىك تارىخىي رېئاللىقنى ئۆزىنىڭ تايىنىش ئاساسى قىلغان ھالەتتە قويۇق فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر بىلەن تەسىرلىك ئىپادە قىلىنغان . 
     
        «تاڭ سۇلالىسى تارىخى» نىڭ « ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە»  بابىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا ، رىۋايەتنىڭ باش قەھرىمانى بۆكەخان تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخس . رىۋايەت بۆكەخان ھەققىدىكى رېئال تارىخىي پاكىتلارنى فانتازىيىلىك ئېلىمېنتلار بىلەن تۈسلەندۈرۈش ئاساسىدا توقۇپ چىقىرىلغان . « تاڭ سۇلالىسى تارىخى » دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ئىچىدە بۆكەخان ئىسىملىك مەشھۇر خاقانمۇ بولغان . ئۇ ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە ياشىغان مويۇنچۇرنىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى . ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئېل تېكىن بولۇپ ، ئاتىسى مويۇنچۇر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ مىلادى 759 - 780 - يىللاردىكى خاقانى سۈپىتىدە ئاتىسىنىڭ تەختىنى ئىگىلىگەن . بۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەتتە ئېيتىلغان بۆكەخان « پەرى قىز بىلەن 7 يىل 6 ئاي 22 كۈن سۆزلەشكەن .... » ، « بالاساغۇن دېگەن شەھەرنى بىنا قىلىپ ... 12 يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ ... »دېگەن سۆزلەرنى ئەينى دەۋردىكى تارىخىي رېئاللىقلار بىلەن باغلاشتۇرۇپ قارىغاندا ، ئۇنىڭ ھېقىقى پاكىتلاردىن بەك چەتنەپ كەتمىگەنلىكىنى سېزىۋېلىش مۇمكىن . بۇ رىۋايەتتە كۆرسىتىلگەن سانلارنى جەملىگەندە تەخمىنەن 20 يىل بولىدۇ ، بۇ ۋاقىت بۆكەخاننىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىنى كۆرسىتىدۇ . رىۋايەتتە يەنە بۆكەخاننىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىنى كۆرسىتىدۇ . رىۋايەتتە يەنە بۆكەخاننىڭ بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ كەنجىسى ئىكەنلىكى ، ئاكىلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئىسىملىرى بايان قىلىنغان . بۇ مەلۇماتلار « تاڭ سۇلالىسى تارىخى » دا يېزىپ قالدۇرۇلغان «مويۇنچۇر خاننىڭ يابغۇ تېكىن ، قۇتچۇر تېكىن ، ياغلاقار تېكىن ، تون باغا تېكىن ، بۆكە تېكىنلەردىن ئىبارەت بەش ئوغلى بولغان » دېگەن پاكىتقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ . بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىنى « تاڭ سۇلالىسى » دەۋرىدىكى ھەقىقى پاكىتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ، رىۋايەتنىڭ ھەقىقەتەن تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا پەيدا بولغانلىغى تېخىمۇ روشەن بىلىنىدۇ .
     
        مىلادى 712- 756- يىللار تەختتە ئولتۇرغان تاڭ پادىشاسى تاڭ شۇەنزۇڭنىڭ خېبىي ئەتراپلىرىدا تۇرىدىغان ھەربىي - مەمۇرىي ۋالىسى ئەن لۇشەن ئىسيان كۆتىرىپ نۇرغۇن قوشۇن بىلەن چاڭئەنگە قاراپ باستۇرۇپ كېلىدۇ . تۇڭگۇەندە بولغان دەھشەتلىك ئۇرۇشتىن كېيىن ئەن لۇ شەن تاڭ پادىشالىغىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ ، پايتەخت چاڭئەننى بېسىۋېلىپ ، ئۆزىنى پادىشا دەپ ئېلان قىلىدۇ . بۇ مەزگىلدە تاڭ شۇەن زۇڭنىڭ ئوغلى تاڭ سۇزۇڭ گەنسۇ ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرى سەركەردىسى گو زىيىنىڭ قوللىشى بىلەن تاڭ پادىشاسى دەپ جاكارلايدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ، ئەن لۇ شەن -- شى سىمىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ . نەتىجىدە ئۇيغۇر خاقانى مويۇنچۇر تاڭ پادىشاسىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە ئاساسەن ئەن لۇ شەن ئىسيانىنى تىنچتىش ئۈچۈن 756 - يىلى يابغۇ تېكىننى ئەۋەتكەن بولسا ، شى سىمىڭ توپىلىڭىنى باشتۇرۇش ئۈچۈن 762 - يىلى خاقان بۆكە تېكىننىڭ ئۆزى جوڭگوغا كەلگەن . نەتىجىدە توققۇز يىل داۋام قىلغان ئەن لۇشەن - شى سىمىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ بەرگەنلىك ئۈچۈن تاڭ پادىشاسى بۆكە خانغا « قەيسەر ، ھەققانىي ، تۆھپىدار بىلگە خاقان » دەپ ھۆرمەت نام بەرگەن .
     
    مىلادى 765 - يىلى بۆكە تېكىننىڭ يەنە بىر ئاكىسى ياغلاقار تېكىن ياڭ پادىشالىقىغا غەرپ تەرەپتىن ھۇجۇم باشلىغان 100 مىڭ كىشىلىك تاڭغۇت قوشۇنىنى ھازىرقى نىڭشىيا ئەتراپىدا تارمار كەلتۈرۈپ ، زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . بۇنىڭ بەدىلىگە تاڭ پادىشاسى ئۇيغۇرلارغا 100 مىڭ توپ تاۋار - دۇردۇن ھەدىيە قىلغان ئىكەن ...... 
     
         دېمەك ، « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت » تە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر بەلگىلىك تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ ، ئۇ خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىدىكى قەدىمىي ژانىر --- رىۋايەتنىڭ فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر ئۇسۇلى بويىچە توقۇپ چىقىرىلغان . يەنى مەلۇم تارىخىي شەخس ۋە تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا يۈكسەك تەسەۋۋۇر ۋە مول فانتازىيىلىك ئېلىمېنتلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ قىزىقارلىق ئىپادە قىلىنغان . رىۋايەتتە فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر بىلەن قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادىغا ئائىت بەزى چۈشەنچىلەر ئارىلاش ئىپادە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، رىۋايەتتە ئېيتىلغان بۆكەخان باشلىق بەش ئوغۇلنىڭ خىسلەتلىك ئىككى تۈپ دەرەخ ئارىسىدا پەيدا بولغان كىچىك دۆڭدە تۇغۇلغانلىقى ۋە بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەرەخكە ، دۆڭگە ھەم خىسلەتلىك بەش بوۋاققا چوقۇنغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى شامان دىنى ئېتىقادى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقىدۇر . چۈنكى ، شامان دىنى ئىپتىدائىي كۆپ ئىلاھلىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، كىشىلەر شامانىزىم چۈشەنچىسى بويىچە ئوتنى ، دەرەخنى مۇقەددەس ئىلاھ سۈپىتىدە تونۇيتتى . خاقانلارنى بولسا ئىلاھنىڭ يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى دەپ قارايتتى . شۇ سەۋەبتىن قەدىمقى شامان ئېتىقادىدا ئوتقا ( نۇرغا ) ، دەرەخكە ۋە پادىشالارغا چوقۇنۇش مۇقەددەس ئىش ھېسابلىناتتى . دېمەك ، مانا بۇ قەدىمىي دىنى ئېتىقاد ۋە ئۆرپ - ئادەت چۈشەنچىسى « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت» تە ئەنە شۇنداق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .  
     
     رىۋايەتتە يەنە « تەڭرى بۆكەخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغان ئىكەن ، بۇ قۇشلار نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن .... » دېگەن بايانمۇ بار . بۇ ئېھتىمال ئۇيغۇر ئورخۇن خاقانلىغىدىكى خارجى ئىشلارغا مەسئۇل قىلىنغان ، كۆپ خىل تىللارنى ئىگەللىگەن قابىلىيەتلىك ئۈچ نەپەر ۋەزىرنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازى بولسا كېرەك . 
     
    خۇلاسىلىغاندا ، « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت » رېئال ، ھەقىقىي ، تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەر ئاساسىدا يارىتىلغان ، ئۇنىڭدىكى فانتازىيىلىك توقۇلمىلارنى چىقىرىۋەتكەندە ، كۆز ئالدىمىزدا قالىدىغىنى رېئال تارىخىي شەخس ۋە ۋەقەلەردىن ئىبارەت . شۇڭا بۇ رىۋايەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى ، ئېتنوگرافىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا ، خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى نەمۇنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەم ئۈگۈنۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.