ئاتايى غەزەللىرى(كەتمەنباي)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-29 19:04:00

ئاتايى غەزەللىرى ھەر كۆڭۈلكى جان تىلەر ھەم ۋەسلى جانان ئارزۇلەر. ئەھلى ئىشق ئالىندە مۇشرىكدۇركى، ئىمان ئارزۇلەر. شەربەتى ئىچمەيتۇرۇر ساھىب نەزەرلەر جامىدىن كىمكى خوبلەر دەردىغە دارويۇ دەرمان ...

    ئاتايى غەزەللىرى

    ھەر كۆڭۈلكى جان تىلەر ھەم ۋەسلى جانان ئارزۇلەر.
    ئەھلى ئىشق ئالىندە مۇشرىكدۇركى، ئىمان ئارزۇلەر.

     شەربەتى ئىچمەيتۇرۇر ساھىب نەزەرلەر جامىدىن
    كىمكى خوبلەر دەردىغە دارويۇ دەرمان ئارزۇلەر.

    با ۋۇجۇدى لەئلى جان بەخشۇ ئوشۇل ھۆرىلىقا،
    ئادەم ئېرمەس ئول كىشىكىم ئابىھەيۋان ئارزۇلەر.

    چۈن يۈزىن سېۋدى كۆڭۈل زۇلفۇ زەنەخدانىن تىلەر،
    ئارې يۈسۈفنى سېۋەنلەر بەندۇ زىندان ئارزۇلەر.

     بىر سېن ئېرمەسسېن ھەۋاسى بىرلە خارۇ مۇبتەلا،
    ئەي ئاتايى، ئول يۈزى گۈلنى ھەزاران ئارزۇلەر.

     (2)
    سېنى بىر قامەتى شەمشاد ئوقۇرلەر.
    غەمىڭ بىرلە كۆڭۈلنى شاد ئوقۇرلەر.

     مېنۇ رۇخسارۇ زۇلفۇڭ زىكرۇ فىكرى،
    خەلايىق سۇبىھۇ شام ئەۋراد ئوقۇرلەر.

     كۆڭۈللەر قۇشلەرىن سەيد ئېتمەك ئىچرە،
    كۆزۈڭ شەھبازىنى سەيياد ئوقۇرلەر.

     مۇھەببەت شەرئىدە خوبلەر قولىنى
    نىھالى سەرۋىدەك ئازاد ئوقۇرلەر.

     نەسىمى يار قوينىدىن تاپىلسە،
    سۇلايمان مۈلكىنى بەرباد ئوقۇرلەر.

     دەمى مەھبۇبسىز ئاشىق ھاياتىن
    ئەگەر خىزىر ئېرسە بىبۇنياد ئوقۇرلەر.

     ئاتايىنى گەدالەر ئىچرە مەزلۇم،
    سېنى شاھىنشاھى بىداد ئوقۇرلەر.

    (3)
    سېۋدى خوبلەرنى، ئايىردى خانۇمانىمدىن كۆڭۈل.
    ئۆزگە نى ئىستەر مېنىڭ بۇ قىلچە جانىمدىن كۆڭۈل.

     ئاھ مېن جانىمغە يېتتىم، جەۋر چېكمەكتىن، نىتەي.
    زەررە مىھىر ئۈزمەس ئوشۇل نامىھرىبانىمدىن كۆڭۈل.

     بۇ مېنىڭ يۈگرۇك ياشىم زارىمنى ئېلگە قىلدى فاش،
    ئاشكارا قىلمادى سىرى نىھانىمنى كۆڭۈل.

     ۋەسلى ھەجرىڭ قىسسەسىن بىر كۈن سەڭا شەرھ ئەيلەگەي،
    چۈنكى ۋاقىفدۇر مېنىڭ ياخشى-يامانىمدىن كۆڭۈل.

     بولغالى بىزار مېندىن ئاي يۈزۈڭنىڭ مىھرىدە يىل كېچەر،
    كېچمەس مېنىڭ بىر كۈن گۈمانىمدىن كۆڭۈل.

    بىتسەم بولغاي نەسىھەتنامەلەر يۈز «پەنج گەنج»
    ئۆزگە قىلماس خىسراۋى شىرىن دەھانىمدىن كۆڭۈل.

     جان بېرۇر مەھبۇب ئۈچۈن ئاشىق ئاتايى نىچە سېن،
    ھەردەم ئەيتۇرسېن ئايىردى خانۇمانىمدىن كۆڭۈل.

     (4)
    ساقىيا كەلتۈر مەيى گۈلگۈنكى، خۇش دەمدۇر بۇ كۈن.
    ئالەمى فەرخۇندەئى نەۋرۇزى ئالەمدۇر بۇ كۈن.

    نەكھەتى بادى سەبادىن تاپتى ئۆلگەنلەر ھايات،
    ھەببەزا، بادى سەبا ئېيسايى مەريەمدۇر بۇ كۈن.

     قامەتى گۈلبۈن چەمەنلەر سەھنىدە تەئزىم ئۈچۈن،
    ساقىئى گۈلرۈخ بىكىن سەرۋ ئالدىدا خەمدۇر بۇ كۈن.

    يەر يۈزىندە گۈلشەنۇ باغۇ باھارۇ باغچە،
    گۈنبەزى خەزرا مېڭىزلىك سەبزۇ خۇررەمدۇر بۇ كۈن.

    ھەر كىشىگە كىم مۇيەسسەردۇر پەرىۋەش يار ئىلە،
    جۈرئەيى نوش ئەيلىمەك ھاشا كى ئادەمدۇر بۇ كۈن.

     كىمگە كىم بولسە سەفالى بىرلە مەيدىن جۈرئەيى،
    ئۇشبۇ توققۇز شىشەدىن كۆڭلىگە نى غەمدۇر بۇ كۈن.

    سەلسەبىلۇ كەۋسەرۇ مائىمەئىن كەلتۈرسەلەر جامى مەي
    مەجلىسدە بارچەدىن مۇقەددەمدۇر بۇ كۈن.

     كەل دەمى مەيخانەنىڭ بەيتۇل ھىرامىن قىل تاۋاف،
    كىم سەنەملەر لەئلىدىن مەي ئابى زەمزەمدۇر بۇ كۈن.

     ئەي ئاتايى بولما غافىل، بىر نەفەس ھەمدەم تىلە،
    ئۆمىرنى ھەمدەم كېچۈرمەكلىك بەسى كەمدۇر بۇ كۈن.

     (5)
    مەڭا جەۋر ئەيلەر ئول دىلبەر ھەمىشە.
    سۈچۈك تىلدىن ئاچىق سۆزلەر ھەمىشە.

     كېزىپ خۇرشىدى خاۋەر ئۆيدىن ئۆيگە،
    يۈزۈندىن شوئلەئى ئىستەر ھەمىشە.

     كۆزى قاشىندىن ئوق يانى كېتەرمەس،
    كۆڭۈللەر قۇشلەرىن ئاۋلەر ھەمىشە.

    نەسىمى زۇلفىدىن يۈز رەشىك ئېلىتىپ،
    ئۆزىن ئوتقا سالۇر ئەنبەر ھەمىشە.

    ۋەفاسىز سەرۋ قامەتلەر غەمىندىن
    كۆڭۈل يافراقتەيىن تېبرەر ھەمىشە.

     ئەجەبدۇر، ئۆزلەرى سېۋگەن كىشىنى
    جەفا بىرلە سىنار خوبلەر ھەمىشە.

     ئاتايى شېئىردىن لەززەت قىلۇر كەسپ،
    ئوشال لەب ۋەسفىدە شەككەر ھەمىشە.

      (مەنبە: «بۇلاق» 1982-يىللىق 1-سان. «بۇلاق»قا قۇربان بارات تەييارلىغان. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)

     (بۇ غەزەللەرنى باشقا تور بىكەتكە يوللاشقا بولمايدۇ.)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 21:56:35]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئاتايى غەزەللىرى