ماقال - تەمسىللەر

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-13 17:27:00

ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، تۈرلۈك ھۈنەر قالسۇن. ئەركىشىگە يەتمىش ھۈنەر ئاز. بلىم يېنىپ تۇرغان چىراغ، ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق گۆھەرلىك بولۇشتىن، ھۈنەرلىك بولۇش ئارتۇقھۈنەرنى بىر كىشىدىن ئۆگەن،...

     ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، تۈرلۈك ھۈنەر قالسۇن.
     ئەركىشىگە يەتمىش ھۈنەر ئاز.
     بلىم يېنىپ تۇرغان چىراغ، ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق
     گۆھەرلىك بولۇشتىن، ھۈنەرلىك بولۇش ئارتۇق
     ھۈنەرنى بىر كىشىدىن ئۆگەن،
     ئىسكەتنى مىڭ كىشىدىن.
     ھۈنەرلىك ئادەم - مېۋىلىك دەرەخ،
     ھۈنىرى يوق كىشىنىڭ،
     مەنىسى يوق ئىشىنىڭ.
     
     ئاتا كەسىپى بالىغا مىراس.
     خېرىدارنىڭ كۆزى بولسا، كاسىپ ئاچلىقتىن ئۆلەر.
     قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن.
     ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ، ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
     نادان بەرگەن گۆھەردىن، ئاقىل بەرگەن ھۈنەر ياخشى.
     ھۈنەر بولسا قولۇڭدا، نان تېپىلۇر يولۇڭدا
     تىكەنسىز گۈل بولماس، مۇشاققەتسىز ھۈنەر بولماس.
     ئۇچقۇندىن قورققان تۆمۈرچى بولالماس.
     داڭلىق ئۇستىدىن ماھارەتلىك شاگىرىت چىقار.
     قولۇڭدىن ھۈنەر بولمىسا، غادايغىنىڭ بىكار.
     

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:03:36]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق