ھۇۋەيدا ھەزرىتىم غەزەللىرى (داۋامى)

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-26 14:18:16

ھۇۋەيدا ھەزرىتىم غەزەللىرىچاغاتاي تۈركچىسىدىن تەييارلىغۇچى: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى بىلقەيس ئابدۇللەتىف تۆمۈرىجاھان بىر بىباقايىدۇر بولۇر ھەر كارە ناپەيدا،خۇدانىڭ زىكرىدىن ئۆزگە ھەممە ...



     ھۇۋەيدا ھەزرىتىم غەزەللىرى

     

    چاغاتاي تۈركچىسىدىن تەييارلىغۇچى: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

                                                     بىلقەيس ئابدۇللەتىف تۆمۈرى

     

    جاھان بىر بىباقايىدۇر بولۇر ھەر كارە ناپەيدا،

    خۇدانىڭ زىكرىدىن ئۆزگە ھەممە مەفكارە ناپەيدا.

    باھار ئۆمۈر ئۆتمەستىن بۇرۇن گۇلنى غەنىيمەت بىل،

    بولۇر ۋاقىت خازان ئەتكەچ گۇل گۇلزارى ناپەيدا.

    سەنەمنىڭ زۇلفىدىن ئالسا دىماغىڭ ھەر سەھەر بۇيى،

    ئەنىڭ ئالدىدا بۇي ناپىئ تاتار ناپەيدا.

    ئەگەر بىر قەترە مەي ئىشقى مۇھەببەت جامىدىن تارتسە،

    كۆڭۈلدىن غۇسسە ئالەم بولۇر يەكبار ناپەيدا.

    قىلىب يۈزمىڭ ھەۋەسلەرنى جاھاندا كۆشەك باغ ئەتسەڭ،

    ئۆلۈمنىڭ دەستىدىن بولغاي بارى ھەم ۋارى ناپەيدا.

    ھۇۋەيدا بولسە ئەقلىڭ بۇ جاھانغا ئىئتىماد ئەتمە.

    بىر ئانىدا بولۇر بۇ دۇشمەنگە ئارۇ ناپەيدا.

    *******************************************

    ئولۇمدىن بىخەبەر بولما بولۇر ناگاھ ساڭا پەيدا،

    ياقاڭدىن ئالسا قويماس ئەيلىسەڭ سەدبارە ۋاۋەيلا.

    ئولۇمنىڭ ئالدىدا شاھ گادا بارچە بارابەردۇر،

    ئۇشۇنداق مۇستافا ئۆتتى بولۇر ئكلمەس كىشى قايدا.

    ئۆزۈڭگە كەلگىل ۋە ئىنساب قىلغىل، بولما نائىنساب،

    خۇدادىن قورق، ئۇيات ئەلدىن قىل ئەمدى تائەتى تەقۋا.

    غەنىيمەت بىل ھاياتىڭ نەچە كۈن ھەق يادىدا بولساڭ،

    ۋە گەر نە بۇ تىرىكلىكتىن بۇرادەر ئۆلگىنىڭ ئەۋلا.

    باھاسىز بىباھا ئۆمرۈڭنى زايا قىلما ئەي نادان،

    قولۇڭدىن پاي بىرىپ بىھۇدە ئىشقا قىلمىغىل سودا.

    ئىشى قىل ئەي ھۇۋەيدا زادىراھ ئاخىرەت بولسۇن،

    تۈمەن ئالتۇن كۆمۈش يىغساڭ بولالماس تىۋەسى ئۇقبا.

    سېنىڭ ئالدىڭدا بولسا ئەي دولا تۈرلۈك خەتەر پەيدا،

    نە دەب غاپىل ياتۇرسەن قىل سەھەرلەر چەشمى تەر پەيدا.

    خۇداغا يىغلىغىل قىلغان گۇناھىڭ ياد ئىتىب ھەرتۈن،

    بولۇر فەيزى فۇتۇھ باشىڭ ئۆز ۋاقتى سەھەر پەيدا.

    كىشىكىم بى مۇھەببەت ئىستىسە تاپماس مۇرادىنى،

    مۇھەببەت بىرلە تىكسەڭ چۆپ-بېدە ئەيلەر سەمەر پەيدا.

    خۇدادىن بىخەۋەرلەرنىڭ يوق ئىرۇر زەررە قورقۇنچى،

    بىلۇرمۇ ئۇيقۇدا ياتقان كىشى بولسا زەرەر پەيدا.

    تېنىڭنىڭ قۇتىدە يىغلىغىل ئۆتكەرمە ۋاقتىڭنى،

    رەسۇلىللاھ دىدىلەر كەل ئەييامە بىتەر پەيدا.

    ھەممە ئالەم خۇدايىدىن زامانى بىخەبەر ئەرمەس،

    ھۇۋەيدا يوقتۇرۇر ئالەمدە سېنىڭدەك بىخەبەر پەيدا.

    *************************************************

     

    تولا غەفلەتتە بولما ئەيلىسەڭ كار سەۋەب ئاندا،

    قولۇڭدىن قوللاغاي بولغاندا ئەھۋالىڭ خاراب ئاندا.

    قىلۇردە نوھ قەۋمىدەك تومۇغنى ئاتەشى غەرقاب،

    خالاس ئەيلەربولۇب كەشتى ساڭا كەلسە ئازاب ئاندا.

    ھېساب دۇنيا ئەيلەرسەن ھېسابىڭدىن بولۇپ غاپىل،

    بېرۇرسەن زەررە زەررە نىكۇ بەدلەرگە ھېساب ئاندا.

    نە قىلغان ئىشلاىڭ مۇندە كۆرۈنمەس بىخەۋەردۇرسەن،

    ئۇشۇل سەھرادە بوغاي جۇملە كارىڭ بىھىجاب ئاندا.

    قاچارسەن سايىغا مۇندا چىدالماي ئاندەك ئىسسىقتىن،

    نىتەرسەن تاڭلا ئەي غاپىل مۇشەددەت ئافىتاب ئابدا.

    خۇدايىم سورىسا ئەي بەندەم نە كەلتۈردىڭ مۇڭا ئېيتقىل،

    بولۇبان سەرنىكۇن شەرمەندە نە بەرگۈم جاۋاب ئاندا.

    كىلىد جەننەتۇل ئەلا ھۇۋەيدا دەستى ئىھساندۇر،

    كى ھەريان ئىلىك سۇنساڭ بولۇر بىل فەتھىباب ئاندا.

    ***************************************

    كىشىگە ئىشىق تەگسە بولغۇسىدۇر ئاڭا غەم پەيدا

    ۋەلىكىن بولمىغاي بىدەردلەر كۆزىدە نەم پەيدا.

    سەھەر دەرتلىك كىشىنى كۆزىغە ئۇيقۇ بولۇر ئاچىغ،

    بولۇر بىدەردلەرغە خۇئاب شىرىن سۈبھىدەم پەيدا.

    خۇدانىڭ زىكرىنى قىلغىل تۈنۇ كۈن ياتمىغىل زىنھار،

    فاراغەت بىرلە ياتقانلار قىلالماس بىر دەرەم پەيدا.

    ياتارنى خۇشلامە چەندان ياتارسەن يەر ئاراسىدە،

    خۇداغە يىغلاغىن بولماي ساڭا خۇئاب ئىرەم پەيدا.

    ئەگەر ياخشى ئەمەل قىلساڭ ساۋاب ھاسىل بولۇر لېكىن

    سىتەم قىلساڭ بولۇر ئەلبەت ئالدىڭدە سىتەم پەيدا.

    جەھان بىر مەھەز ھەسرەتخانەدۇر ھەسرەتدە يىل كىتەر

    كۆزۈڭدىن ئەشكى ھەسرەتنى قىل ئەمدى دەمۇدەم پەيدا.

    بۇ دۇنيا راھىتىنى ئەي ھۇۋايدا ئىختىيار ئەتمە،

    كى ھەر راھەت ئاراسىندە بولۇر ئەلبەتتە غەم پەيدا. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.