مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين(ئەلىشىر نەۋائىي)

يوللىغۇچى : Terjiman يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-10 08:29:59

مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەينمىر ئەلىشىر نەۋائىي«بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم»ئەلھەمدۇلىللاھى ئەمتازەل ئىنسانە ئەلە مائىرىل مەخلۇقاتى بىشەرەفىن نۇتقى ۋەللىسان ۋە ئەزھەرە مىن ئۇزۇبەتى لىسانىھى ۋە...

    مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين
    مىر ئەلىشىر نەۋائىي
     
     
    «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم»
     
    ئەلھەمدۇلىللاھى ئەمتازەل ئىنسانە ئەلە مائىرىل مەخلۇقاتى بىشەرەفىن نۇتقى ۋەللىسان ۋە ئەزھەرە مىن ئۇزۇبەتى لىسانىھى ۋە ھەلاۋەتى بەيانىھى سۇككەرەش شۈكرى ۋە شەھىدەش شۇھۇدى ۋەلئىمتىنان.
     
         رۇبائىي
          ئەي سۆز بىلە قىلغان ئافەرىنىش ئاغاز
          ئىنساننى ئارادا ئەيلەگەن مەھرەمى راز
          چۈن كۈن فەيكۇن سەفھەسىغە بولدى تىراز
          قىلغان ئانى نۇتق ئىلە بارىدىن مۇمتاز
     
      سۇبھاناللاھ نى قۇدرەتى كامىلەدۇركىم، ئىنساننى «خەممەرتۇتىينەتە ئادەمىن بىيەدى ئەربەئىنە سەباھان» كەرىمەسى مەزمۇنى بىرلە «ئەلەمۇل ئەسما’ كۇللەھە» قابىلىييەتى بەردى ۋە ئانى «ئەلمۇتەكەللىم» ئىسمى مەزھەرى قىلدى تا ئۆل بۇ مەزھەرىييەت شەرەفىدىن جەمئىي’ مەخلۇقاتقا سەرەفراز بولدى ۋە بۇ تەشرىف بىلە بارسىدىن  ئىمتىياز تاپتى.
     
         رۇبائىي
          يەئىنكى چۇ ئالەمنى ياراتتى مەبۇد
          ئالەم ئېلىگە قۇدرەت ئىلە بەردى ۋۇجۇد
          ئىنسان ئېردى مەقسۇد كى بولدى مەۋجۇت
          ئىنساندىن ھەم ھەبىبى ئېردى مەقسۇد
     
       مۇتەكەللىمكى ئەرەب فۇسەھاسى بەلاغەت گۇلباڭىن سىپىھر گۈلشەنىدىن ئاشۇرغاندا...» دەپ ھەزرەتى مىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ مەتنىنى مەنكى مۇنبەرگە يەتكۈزگۈچى ئەركمان بۇنى زامانىمىز تىلى بىرلە قويدۇم!
     
    ناھايىتى شەفقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!
       ئىنساننى بارچە مەخلۇقاتتىن تىل شەرىفى بىلەن ئۈستۈن ۋە سۆزلىشىش لەززەتى بىلەن يۈكسەك قىلغان ئاللاتائالاغا سانسىز تەشەككۈر ۋە تۈگىمەس ھەمدۇسەنالار بولسۇن!
     
             رۇبائىي
          ئەي سۆز بىلە قىلغان ئافەرىنىش ئاغاز،
          ئىنساننى ئارادا ئەيلەگەن مەھرەمى راز.
          چۈن كۈن فەيەكۇن سەفھەسىغە بولدى تىراز،
          قىلغان ئانى نۇتقىلە بارىدىن مۇمتاز.①
     
       سۇبھانى ئاللاھ، بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ قۇدرەت: ئۇ ئىنسانغا «ئادەمنىڭ لېيىنى قىرىق سەھەر ئۆز قولۇم بىلەن يۇغۇردۇم» سۆزىنىڭ مەزمۇنى بويىچە «ھەممە سۆزنى ئۆگىنىۋېلىش» قابىلىيەتىنى بەردى ۋە ئۇنى «سۆزلىگۈچى» نامىغا ئىگە قىلدى. ئىنسان بۇ ئۇتۇق شارافەتىدىن بارچە مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن تۇردى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىدىن ئىمتىيازلىق بولدى.
     
       رۇبائىي
    يەئىنكى چۇ ئالەمنى ياراتتى مەبۇد،
    ئالەم ئېلىگە قۇدرەت ئىلە بېردى ۋۇجۇد.
    ئىنسان ئىدى مەقسۇد بولدى مەۋجۇت،
    ئىنساندىن ھەم ھەبىبى ئېردى مەقسۇد.②
     
      شۇنداق بىر سۆزلىگۈچى بولغانكى، ئەرەب خۇش تىللىرى③ يېتىكلىك ساداسىنى دۇنيا گۈلشەنىدىن ئاشۇرغاندا، ئۇنىڭ بۇلبۇلۋار تىلى «مەن ھەممىڭلاردىن خۇش تىل» دېگەن كۈينى ياڭرىتىپ ئۇلارنى تىلدىن قالدۇرۇپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى باستى.
               رۇبائىي
     
                ئۆل ۋەقتكى نى ئالەم ئىدى نى ئادەم،
                قىلمايدۇر ئىدى بۇلارنى سۇنى’ ئىلكى رەقەم.
                چۈن ئۆل ئۆزىنىڭ خىلقەتىدىن ئۇردى دەم،
                مەنتۇقى ئىدى «كۈنتۇ نەبىييەن» فەفھەم④
     
      ئاللاھ بۇ ياخشىلارنىڭ ياخشىسى، پاكلارنىڭ دوستىغا بەخت ئاتا قىلسۇن، ئۇنى ئامان-ئېسەن قىلسۇن، ئۇنىڭغا چەكسىز سالام ۋە ئېھتىرام.
       سۆز ئەھلى ئورمىسىنىڭ باش تەرگۈچىسى، سۆز ئۈنچىلىرى خەزىنىسىنىڭ ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى، نەزم گۈلىستانىنىڭ خۇشناۋا بۇلبۇلى يەنى نەۋائىي تەخەللۇسلۇق ئەلىشىر (ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسۇن يېتىشسىزلىكلىرىنى تولۇقلىسۇن) مۇنداق دەيدۇ:
     
       سۆز ئۈنچەدۇر، ئانىڭ دېڭىزى كۆڭۈلدۇر. كۆڭۈل پۈتۈن مەنالارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغۇچىدۇر. گەۋھەر دېڭىزدىن غەۋۋاس ۋاسىتىسى بىلەن چىقىپ ئۆز جىلۋىسىنى نامايىش قىلىدۇ گەۋھەرشۇناسلار ئىچىدە ئۆز قىممەتىنى تاپىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، كۆڭۈلدىكى سۆز ئۈنچىلىرىمۇ نۇتۇق شەرىفىگە شۇ ئىشنىڭ ماھىرلىرى ۋاسىتىسى بىلەن ئېرىشىپ ئۆز كۆركىنى تاپىدۇ ۋە ئۆز قىممەتى ھەم مەرتىۋىسىگە قاراپ يېيىلىدۇ ۋە شۆھرەت قازىنىدۇ. گەۋھەرنىڭ قىممەت دەرىجىسى بەك كۆپتۇر، ھەتتا بىر تەڭگىدىن يۈز تۈمەن تەڭگىگىچە دېسىمۇ بولىدۇ.
     
             قىتئە
              ئىنجۇنى ئالسەلەر مۇفەررىھ ئۈچۈن،
              مىڭ بولۇر بىر دەرھەمگە  بىر مىسقال.
              بىر بولۇر ھەمكى شاھ قۇلاققا سالۇر،
              قىممەتى مۈلك ئەبرەسى ئەمۋال⑤
     
    سۆز ئۈنچىلىرىنىڭ دەرىجە پەرقى بۇنىڭدىنمۇ زور بولىدۇ. بۇ پەرق شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ياخشىلىرىنىڭ شارافەتىدىن ئۆلۈك تەنگە جان كىرىدۇ، يامانلىرىنىڭ كاساپىتىدىن تىرىك تەنگە ھالاكەت زەھىرى يېتىدۇ.
     
    قىتئە
    سۆز گەۋھەرىدۇركى، رۇتبەسىنىڭ
    شەرھىدەدۇر ئەھلى نۇتق ئاجىز.
    ئاندىنكى ئېرۇر خەسىس مۇھلىك،
    كۆرگۈزگىچەدۇر مەسىھى مۆجىز⑥.
     
       سۆزنىڭ تۈرلىرىنى چۈشىنىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تەس. مۇبالىغە قىلماي قىسقىچە بايان قىلغاندىمۇ يەتمىش ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ ۋە ھەر قىسمى يەتمىش ئىككى پىرقىنىڭ تىلىدىن دالالەت بېرىدۇ. پەقەت شۇنىلا ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، دۇنيانىڭ يەتتە ئىقلىمىنىڭ ھەر ئىقلىمىدا قانچىلىغان مەملىكەتلەر بار ۋە ھەر مەملىكەتتە قانچىلىغان شەھەرلەر، قەسەبەلەر (شەھەرچىلەر)، كەنتلەر بار ۋە ھەر دالادا قانچىلىغان سەھرالىق خەلقلەر، ھەر تاغدا قانچىلىغان قەبىلىلەەر بار، ھەر جامائەتنىڭ تىلى ئۆزگىلەرنىڭكىدىن، ھەر گۇرۇھنىڭ گېپى باشقىلارنىڭكىدىن باشقىچە بولىدۇ ۋە ھەر بىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئۆزگىلەردىن پەرقلىنىدۇ، خۇددى قۇشلارنىڭ، ھايۋاناتلارنىڭ ۋە يىرتقۇچلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋارقىراش، ئۈندەش، سايراشلىرى بولغىنىغا ئوخشاش.
       بىراق، تىلدىن كۈتۈلگىنى مەنادىر. شۇڭا مەخلۇقات ئىچىدە مەنالار مەنبەسى بولغان ئىنسان كۆزدە تۇتۇلۇپ، سۆز ئۇنىڭ سۆزى ئۈستىدە، گەپ ئۇنىڭ گېپى توغرىلىق بولىدۇ.
       ئەمدى سۆز بايانىغا ۋە گەپ داستانىغا كېلەيلى: يۇقىرىدا ئېيتىلغان خىلمۇخىل شەھەر، يېزا، تاغ، سەھرا، ئورمان ۋە ئاراللاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ بارچىسى مەنانى سۆز بىلەن ئىپادىلەيدۇ، تىل ئارقىلىق پىكىرلىشىدۇ. ئەرەب تىلى گۈزەللىك يېتىكلىك جەھەتتە بارچە تىللاردىن ئىلگىرى تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدا سۆز ئەھلىدىن ھېچقايسىسىنىڭ دەۋاسى يوق، ھەممىسى بۇنى توغرا دەيدۇ ھەم ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ، چۈنكى ئاللانىڭ كەلامى بۇ تىلدا نازىل بولغان، پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىمۇ بۇ تىل بىلەن سۆزلەنگەن. كاتتا ئەۋلىيالار ۋە ئالىي مەرتىبەلىك ماشايىخلار ئىلگىرى سۈرگەن ھەقىقەت، تەلىماتلار ۋە قىممەتلىك چۈشەنچىلەرمۇ شۇ قۇتلۇق سۆز، شۇ مۇبارەك تىل بىلەن مەيدانغا كەلگەن. ئاللاھ، ئاللاھ، ئۇ ھاياتبەخش باغدا شۇنداق گۈزەللىكلەر، ئۇ ئارامبەخش گۈلشەندە شۇنداق نازاكەتلەر باركى، ئۇنىڭ باغۋەنى «گىياھلارنى، زىرائەتلەرنى ئۆستۈرمەك ۋە قات-قات جەننەتلەر بىنا قىلماق ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن ئۇلۇغ سۇلارنى چۈشۈردۇق» دېگەن ئايەت بىلەن بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ خۇشنەۋا بۇلبۇلى نەبىلىك بايانى ۋە پەيغەمبەرلىك نەغمىسىنى ياڭرىتىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان قۇشلارنىڭ بەزىلىرى «يوپۇقلار ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتىمۇ ئىشەنچىم مۇندىن ئاشمايدۇ» دەپ سايرايدۇ، باشقىلىرى يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن توغرىلىق، ھەققانىيەت، يېتىلىش، تولۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
     
             بېيىت
             كى تا بولغاي جەھان باغى بۇ گۈلشەن مېۋىدار ئۆلسۇن،
             ھەرەمىدە بۇ بۇلبۇللارغە بۇ گۈلباغ بار ئۆلسۇن⑦.
    ئىزاھات
     
    ① ئەي تىلى بىلەن يارىلىشقا باشلىغان ئىنساننى بىر-بىرىگە سىرداش قىلغان ئاللاھ، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن يارالمىشنىڭ زىننىتى بولدىكى، سەن ئۇنى نۇتقى بىلەن ھەممىسىدىن سەرخىل قىلدىڭ!
    ② ئاللاھ بۇ ئالەمنى ياراتقاندا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ھەممىگە گەۋدە بەردى، كۆزلەنگىنى ئىنسان ئىدى، ئۇ پەيدا بولدى. ئىنساندىن ھەم پەيغەمبىرى كۈتۈلگەن ئىدى.
    ③ بۇ يەردىكى «خۇش تىل» ئاتالغۇسى «سۆز ئۇستىسى» دېگەن مەنادا ئەرەب تىلىدىكى «فۇسەھا» سۆزىگە تەڭكەش قىلىندى.
    ④ ئۇ چاغدا ئالەممۇ، ئادەممۇ يوق ئىدى، قۇدرەت قولى ئۇلارنى تېخى بارلىققا كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يارالغانلىقىنى جاكارلاپ «مەن پەيغەمبەرمەن» دېدى، بۇنى چۈشەن.
    ⑤ ئۈنچىنى دورىلىق ئۈچۈن ئالسا، مىسقالى بىر دەرھەمدىن مىڭلاپ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى شاھ قۇلاققا ئاسسا بىرلا بولىدۇكى، ئۇنىڭ قىممەتى مەملىكەت مۈلكى بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
    ⑥ سۆز گەۋھەرلىرىنىڭ دەرىجە پەرقىنى شەرھلەشكە نۇتۇق ئىگىلىرى ئاجىزلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ يامىنىدىن ھالاكەت كەلسە، ياخشىسى ئەيسا مۆجىزىسىنى كۆرسىتىدۇ(ئۆلۈككە جان كىرگۈزۈدۇ).
    ⑦ جاھان بېغى مۇشۇنداق مېۋىلىك گۈلشەن بولۇپ تۇرۇۋەرسۇن، ئۇنىڭ قوينىدا بۇلبۇللار مۇشۇنداق سايراۋەرسۇن.
    بۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغان ئۈچ خىل مۇھىم تىل بار، بۇلارنىڭ شاخلىرى ۋە تارماقلىرى ئىنتايىن كۆپ.ئاساسلىق تىللارنىڭ مەنبەسى مۇشۇ ئۈچ خىل تىل يەنى تۈرك، فارس ۋە ھىندى تىللىرىدۇر. بۇ تىللارنىڭ مەنبەسى نوھ ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولمىش يافەس، سام ۋە ھاملارغا بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇنىڭ قىسقىچە بايانى مۇنداق:
     
     
    نوھ ئەلەيھىسسەلام توپان ئاپىتىدىن نىجات تېپىپ قۇرۇقلۇققا چىققاندا، بۇ ئالەمدە ئىنسان جىنسىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى. نوھ ئەلەيھىسسەلام تارىخچىلار تەرىپىدىن «ئەبۇتتۈرك» دەپ ئاتالغان يافەسنى خەتا مەملىكىتىگە ئەۋەتتى، «ئەبۇلفارس» دەپ ئاتالغان سامنى ئىران ۋە تۇران مەملىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاكىم قىلدى، «ئەبۇلھىند» دەپ ئاتالغان ھامنى بولسا ھىند يۇرتىغا ئەۋەتتى. بۇ ئۈچ پەيغەمبەرزادەنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى شۇ يەرلەردە ئاينىپ كۆپەيدى. يافەسنىڭ ئوغلى تۈركلەرنىڭ بوۋىسىدۇر، ئۇنى تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىك تاجى بىلەن ھەممىدىن يۈكسەك بولدى، رىسالەت مەنسەبى بىلەن قېرىنداشلىرىدىن ئۈستۈن تۇردى، دەيدۇ. دېمەك تۈرك، فارس ۋە ھىندى تىللىرى يافەسنىڭ، سامنىڭ ۋە ھامنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ نەۋرىلىرى ئارىسىدا مانا شۇ يوسۇندا يېيىلدى... بۇ يەردە ئەرەب تىلى بەك يۇقىرى شەرەف ۋە ئالىي مەرتىۋىگە ئىگە بولغانلىقى، ھىندى تىلى بولسا تولىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك ئارىدىن چىقىرىلىپ، پەقەت تۈركىي تىل بىلەن فارس تىلىلا مۇھاكىمىگە قويۇلىدۇ.
     
     
    شۇ نەرسە مەلۇمكى، تۈركلەر سارتلارغا① قارىغاندا ئۆتكۈر ۋە ئىدراكلىق، يارىتىلىش جەھەتتىن ساپ خەلقتۇر. سارتلار بولسا، چۈشەنچە، ئىلىم ۋە پىكىر قىلىشتا تۈركلەرگە قارىغاندا مۇپەسسەل ۋە چوڭقۇردۇر. بۇ ھال تۈركلەرنىڭ تۈركلەرنىڭ توغرىلىقى ۋە تۈز كۆڭۈللۈكىدىن، سارتلارنىڭ ئىلىم ۋە ھۈنەرلىرىدىن ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئەمما تىللىرىدا ئۈستۈنلۈك ۋە ئۆكسۈكلۈك جەھەتتىن پەرق بەك چوڭ. سۆز-ئىبارە يارىتىشتا تۈركلەر سارتلاردىن ئىلگىرى تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز تىلىدا مەنالارنى پەرقلەندۈرۈدىغان سۆزلەر جەھەتتىن شۇ قەدەر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانكى، خۇدا خاھلىسا، ئۆز مۆرىتىدە بايان قىلىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ سارتلارنىڭكىدىن ئارتۇقلۇقىغا دەلىل-ئىسپات بۇنىڭدىن لايىق بولمايدۇكى، تۈركلەر بىلەن سارتلاردا ياشلارنىڭ، قېرىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، كىچىكلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىدۇ، گەپلىشىدۇ، يەنە كېلىپ سارتلاردا بىلىم ۋە زېھىن ئەھلى كۆپرەك، تۈركلەردە بولسا بىلىمسىز ۋە ساددا كىشىلەر سارتلارغا قارىغاندا كۆپرەك. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تۈركلەرنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە، پۇقراسىدىن بېگىگىچە دېگۈدەك فارس تىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەممىسى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا سۆزلىيەلەيدۇ، بەزىلىرى ئىنتايىن كېلىشتۈرۈپ سۆزلەيدۇ، ھەتتا تۈرك شائىرلىرى فارس تىلىدا گۈزەل شېئىر ۋە شېرىن ماقالىلەرنىمۇ يازالايدۇ. لېكىن سارت ئۇلۇسىنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدىن ئەڭ يۇقىرىسىغىچە، ئاممىسىدىن دانىشمىنىگىچە ھېچقايسىسى تۈركچە سۆزلىيەلمەيدۇ ھەم تۈركچە سۆزنى چۈشىنەلمەيدۇ. يۈزدىن بەلكى مىڭدىن بىرى تۈركچە ئۆگىنىپ سۆزلىسىمۇ ئاڭلىغان ئادەم ئۇنىڭ سارت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ، نەتىجىدە، سۆزلىگۈچى ئۆز سۆزى بىلەن ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك بولىدۇ. تۈركلەرنىڭ سارتلارغا قارىغاندا ماسلىشىشچان ئىكەنلىكىگە بۇنىڭدىن كۈچلۈك دەلىل يوقكى، سارتلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنى ئىنكار قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. تۈركىي تىلدا پىكىرنى مۇبالىغە يولى بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىرمۇنچە نازۇك ئۇقۇملۇق سۆزلەر يارىتىلغانكى، بۇنى شۇ تىلنىڭ ئالىملىرى چۈشەندۈرۈپ بەرمىگۈچە باشقىلار ئۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدۇ. مەسىلەن:
     
     
    ئەسلىي تەلەپپۇزى، تىرناق ئىچىدە ھازىرقى تەلەپپۇزى ۋە مەناسى [ ئەركمان ]
     
     
    قورۇقشاماق
     
    (قۇرۇشماق)
     
    ئۆڭدەيمەك
     
    (ئوڭلانماق)
     
    چېكرىمەك
     
    (ئۇيقۇسىزلانماق)
     
    دومسايماق
     
    ئۇمۇنماق
     
    (ئۈمتەلمەك، تەمە قىلماق)
     
    ئوسانماق
     
    (بەزمەك)
     
    ئىگىرمەك
     
    ئىگەرمەك
     
    ئۆخرەنمەك
     
    (باتۇر بولۇۋالماق)
     
    تارىقماق
     
    (سىقىلماق)
     
    ئالداماق
     
    ئارغاداماق
     
    (ھىيلە بىلەن يەڭمەك)
     
    ئىشەنمەك
     
    ئىگلەنمەك
     
    (يارالانماق)
     
    ئايلانماق
     
    ئىگرەنمەك
     
    (ئىڭرىماق)
     
    ئاۋۇنماق
     
    قىستاماق
     
    (قىستىماق)
     
    قىيناماق
     
     
    (ئەيىبلىمەك)
     
    قوزغالماق
     
    ساۋرۇلماق
     
    (سورۇلماق)
     
    چايقالماق
     
    قىزغانماق
     
    نىكەمەك
     
    (تەڭلىمەك)
     
    سىيلانماق
     
    (ئىززەتلەنمەك)
     
    تانلاماق
     
    (تاللىماق)
     
    قىمىرداماق
     
    (قىمىرلىماق)
     
    سېرپمەك
     
    (سەپمەك، چاچماق)
     
    سىرمەمەك
     
    (سيرىپ ئالماق، يۇلۇپ ئالماق)
     
    سىغرىقماق
     
    (سىغماق)
     
    سىغىنماق
     
    (پاناھ قىلماق)
     
    قىلىماق
    (قىلماق)
     
    يالىنماق
    (يېلىنماق، يېلىنجىماق)
     
    مۇڭلانماق
     
    ئىندەمەك
    (ئۈندىمەك)
     
    تېرگەمەك
    (تەرگىمەك، سۈرۈشتۈرمەك)
     
    تېۋرەمەك
    (سانجىماق، تىكمەك)
     
    قىڭغايماق
     
    سىڭرەمەك
    (يۇمۇلداپ يىغلىماق)
     
    ياشقاماق
    (ياشىماق)
     
    ئېسقارماق
    (خىيال قىلماق)
     
    كۆڭرەنمەك
    (ئۆزىچە غەزەبلىنىپ سۆزلىمەك)
     
    سىپاماق
    (سىپىماق)
     
    قارالاماق
    (قارىلىماق)
     
    سۈركەنمەك
     
    كۆيمەنمەك
    (باھانە قىلماق)
     
    ئىڭرانماق
    (ئىڭرىماق)
     
    تۆشەلمەك
    (يېيىلماق)
     
    مۇنغايماق
    (مۇڭلانماق)
     
    كۆرۈكسەمەك
    (كۆرگۈسى كەلمەك، سېغىنماق)
     
    بۇشۇرغانماق
    (ئىچى پۇشماق، ئازابلانماق)
     
    بۇخساماق
    (نالە قىلماق، بوغۇلماق)
     
     
    كىركىنمەك
    (چايقالماق، پۇلاڭلىماق)
     
    بۇسماق
    (مۆكمەك)
     
    بۈرمەك
    (پۈرمەك)
     
    تۈرمەك
     
    تامشىماق
     
    سىپقارماق
    (شورىماق، سۈمۈرمەك)
     
    چۆركەنمەك
    (كۆيمەك)
     
    ئۆرتەنمەك
     
    سىزغۇرماق
     
    (سىزدۇرماق، سىزغۇزماق)
     
    چوپرۇتماق
     
    (تۈزلىمەك)
     
    جىرغاماق
     
    (زوقلانماق)
     
    بىچىماق
    (پىچماق، كەسمەك)
     
    سىڭۈرمەك
    (سىڭىرمەك)
     
    كۆندەلەتمەك
    (ئەگمەك)
     
    كۆمۈرمەك
    (غاجىماق)
     
     
    بېكىرمەك
    (چىڭىتماق)
     
    گۆڭۈردەمەك
    (گۇدۇڭلىماق، كۇسۇلدىماق، پەس ئاۋازدا سۆزلىمەك)
     
    كېنەرگەمەك
    (كېڭەيمەك، يېيىلماق)
     
    گېزەرمەك
    (ئۆڭمەك)
     
    دوپتولماق
    (توپلانماق)
     
    چىداماق
    (چىدىماق)
     
     
    تۈزمەك
     
    قازغانماق
    (قازانماق)
     
    قىچىغلاماق
    (قىچىغلىماق)
     
    كەڭىرەمەك
    (كېڭەيمەك)
     
    ياداماق
    (يادىماق، جۈدىمەك، ئورۇقلىماق)
     
    قاداماق
    (قادىماق)
     
    چىقانماق
    (يانماق، چاپچىماق، شوخشىماق)
     
    كۆندۈرمەك
     
    سۆندۈرمەك
    (ئۆچۈرمەك)
     
    سۇقلاتماق
    (شەيدا قىلماق)
     
    بۇ يۈز سۆزنىڭ② ھېچقايسىسىغا فارس تىلىدىن لايىق سۆز تېپىلمايدۇ. سارتلار ھەتتا بۇ سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ مەناسىنى چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ ئۇقۇملارنىڭ بەزىلىرىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا بىرنەچچە سۆزدىن تەركىب تاپقان ئىبارىلەرنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، شۇنىڭدىمۇ ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. تۈركىي تىلدا بۇ خىلدىكى سۆزلەر ناھايىتى كۆپ، بىز قارىشى پىكىردە بولغۇچىلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئېيتىلغان يۈز سكزدىن بىرنەچچىسىنىڭ قانداق ئىشلىنىشىنى مىسال تەرىقىسىدە كۆرسىتىپ ئۆتەيلى:
     
    كاتتا شائىرلارنىڭ مەي تەسۋىرىدە مۇبالىغە قىلىشىنى بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان دېسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا مەي ئىچىشنىڭ ئۇسۇلىنى نازۇك جەھەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ قوللىنىلغان. بۇ سۆزلەرنىڭ بىرى «سىپقارماق» بولۇپ، بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇبالىغىنى تېپىش تەس. تۈركىي شېئىردا مۇنداق بىر باشلانما بېيىت بار:
     
    بېيىت
     
    ساقىيا تۇت بادە كىم بىرلەھزە ئۆزۈمدىن باراي،
     
    شەرت بۇكىم، ھەر نېچە تۇتساڭ لەبالەب سىپقاراي③.
     
    بۇ «سىپقاراي» سۆزى ئىپادىلىگەن ئۇقۇمنى فارسچە شېئىردا ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، نېمە ئىلاج قىلغىلى بولسۇن؟ تۈركىي تىلدىكى شۇ خىل سۆزلەرنىڭ يەنە بىرى «تامشىماق» بولۇپ، بۇ سۆز مەينى بىراقلا ئىچىۋەتمەي ئاز-ئازدىن ئىچىپ لەززەتلىنىش مەناسىنى بىلدۈرۈدۇ. بۇ نازۇك ئۇقۇمنىڭ تۈركىي شېئىردا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى مۇنۇ باشلانما بېيىتتىن كۆرۈشكە بولىدۇ:
     
    بېيىت
     
    ساقى چۇ ئىچىپ ماڭا تۇتار قوش،
     
    تامشى-تامشى ئانى قىلاي نوش④.
    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    بۇ ئەسەردە تۈركىي تىللىق خەلقلەر «تۈرك»، فارسىي تىللىق خەلقلەر «سارت» دەپ ئاتالغان.
    بىز ئاساسلانغان مەتندە توقسان سەككىز سۆز بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى ھازىرچە ئېنىقلاپ چىقالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرگۈزمىدۇق.
    ئەي ساقى، ماڭا مەي تۇت، مەن ئۇنى ئىچىپ بىردەم ئۆز خۇدۇمنى يوقىتاي.شۇنى شەرت قىلىمەنكى، ھەرقانچە تولدۇرۇپ قۇيساڭمۇ بىراقلا سۈمۈرمەيمەن.
    ساقى ئۆزى ئىچىپ، ماڭا قوش قەدەھ تۇتتى، مەن ئۇنى تامشىپ-تامشىپ ئىچىمەن.
     
    «بۇخساماق» سۆزى بىر تۈركىي شېئىرنىڭ باشلانما بېيتىدا مۇنداق قوللىنىلغان:
     
             بېيىت
             ھىجر ئەندۇھىدە بۇخسابمېن بىلە ئالمان نېتەي،
             مەي ئىلاجىمدۇر قوپۇپ دەيرىفەناغە ئەزم ئىتەي①.
     
       فارسىيگۇي تۈرك بەگلەر ۋە بەگزادىلەر «بۇخساماق» ئۇقۇمىنى فارس تىلى بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولسا، قايسى سۆزنى قوللىنار؟
       شېئىرنىڭ ئاساسى ۋە مەركىزى ئىشققا باغلىنىدۇ. ئاشقلىقتا يىغلاشتىن تولاراق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھالەت يوق، لېكىن يىغلاش ھەر خىل بولىدۇ. «يىغلامسىنماق» سۆزى تۈركىي شېئىردا مانا مۇنداق قوللىنىلغان:
     
             بېيىت
             زاھىد ئىشقىن دېسەكى قىلغاي فاش،
             يىغلامسىنۇرۇ كۆزىگە كېلمەس ياش②.
       «ئىڭراماق» بىلەن «سىڭرەمەك» دەرد بىلەن يوشۇرۇنچە ئاستا يىغلاش مەناسىدا بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق يوق. تۈركچىدە مانا مۇنداق بىر باشلانما بېيىت بار:
     
             بېيىت
             ئىستەسەم دەۋر ئەھلىدىن ئىشقىڭنى پىنھان ئەيلەمەك،
             كېچەلەر گاھ ئىڭراماقدۇر ئادەتىم گاھ سىڭرەمەك ③.
       فارس تىلىدا بۇ سۆزلەرگە لايىق سۆز يوق. ئۇ ھالدا شائىر نېمە قىلالىسۇن؟ «سىقتاماق» سۆزى «يىغلاماق»نىڭ مۇبالىغە بىلەن ئېيتىلىشى بولۇپ، تۈركىي شېئىردا مۇنداق قوللىنىلغان:
     
             بېيىت
             ئول ئايكى كۈلە-كۈلە قىراغلاتتى مېنى،
             يىغلاتتى مېنى دېمەيكى سىقتاتتى مېنى④.
       ئۈن سېلىپ يىغلاش مەناسىنى بىلدۈرۈدىغان «ئۆكۈرمەك» سۆزى بىر تۈركىي شېئىرنىڭ باشلانما بېيتىدا مۇنداق قوللىنىلغان:
     
             بېيىت
             ئىشىم تاغ ئۆزرە ھەريان ئەشىك سەيلابىنى سۈرمەكدۇر،
             فىراق ئاشۇبىدىن ھەردەم بۇلۇت ياڭلىغ ئۆكۈرمەكدۇر⑤.
       فارس تىلىدا «ئۆكۈرمەك» بىلەن باراۋەر كېلىدىغان سۆز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، فارسىيگۇي شائىر مانا مۇشۇنداق بىر نازۇك ئۇقۇمنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. يەنە «يىغلاماق» نىڭ «ئۆكۈرمەك» تۈرى بىلەن قاتارداش «ئىنچىكىرمەك» تۈرىمۇ بولۇپ، ئىنچىكە ئاۋازدا يىغلاشقا قارىتىلىدۇ. بۇ سۆز تۈركىي تىلدا مانا مۇنداق قۇرۇلمىنىڭ تەركىبىدە كەلگەن:
     
             بېيىت
             چەرخ زۇلمىداكىم بوغزۇمنى قىرىپ يىغلارمېن،
             ئىگىرۇر چەرخ ئۇرۇر ئىنچىكىرىپ  يىغلارمېن⑥.
       «يىغلاماق» نىڭ يەنە بىر خىلىنى بىلدۈرىدىغان «ھاي-ھاي» سۆزىنى ئىشلىتىشتە فارسىيگۇيلار ئۆزلىرىنى تۈركىيگۇيلارغا شېرىك قىلىدۇ. بىراق بۇ سۆزمۇ تۈركىيدۇر. پەقىرنىڭ مۇنۇ چۈشۈرگە بېيىتى ھەممىگە مەلۇم:
     
             بېيىت
             نەۋائىي ئول گۈل ئۈچۈن ھاي-ھاي يىغلاما كۆپ،
             كى ھەي دېگۈنچە نى گۈلبۇن، نى غۇنچە، نى گۈل بار⑦.
     
    ___________________
    ①        جۇدالىق دەردىدە تۇنجۇقۇپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم، قوپۇپ مەيخانىغا ماڭماقتىن باشقا نېمە ئىلاجىم بولسۇن؟
    ②        زاھىد ئىشقىنى ئاشكارا قىلماقچى بولسا، كۆزىدىن ياش چىقارماي يىغلامسىرايدۇ.
    ③        ئىشقىڭنى خەقتىن يوشۇرماقچى بولسام، ئادىتىم كېچىچە گاھى ئىڭراپ، گاھى ئۆكسۈپ يىغلاشتۇر.
    ④        ئۇ گۈزەل كۈلە-كۈلە مېنى چەتلەتتى، مېنى مۇنداقلا يىغلاتمىدى، بەلكى زار-زار يىغلاتتى.
    ⑤        مېنىڭ ئىشىم تاغلاردا كۆز يېشىمنى ھەريانغا سەلدەك ئاققۇزۇش، پىراق دەردىدىن ھەردائىم بۇلۇتتەك ھۆڭگىرەپ يىغلاش بولۇپ قالدى.
    ⑥        پەلەك زۇلمىدىن بوغۇزۇمنى قىرىپ يىغلايمەن، ئىگىرىلگەن چاق ئاۋازىدەك چىرقىراق ئۈن بىلەن يىغلايمەن.
    ⑦        ئەي نەۋائىي، ئۇ گۈل ئۈچۈن ئانچە بەك يىغلاپ كەتمە، چۈنكى، ھەدېگۈچە گۈل تۈپى بولسۇن، گۈلنىڭ ئۆزى بولسۇن، ھەممىسى تۈگەيدۇ.
     
     
    تۈركىي تىلدا نازۇك مەنالىق سۆزلەردىن «قىمسانماق» بىلەن «قىزغانماق» تۆۋەندىكى بېيتتا مۇنداق قوللىنىلغان:
     
             بېيىت
             ئىزارىڭنى ئاچارغا قىمسانۇرمېن،
             ۋەلى ئېل كۆرمەكىگە قىزغانۇرمېن①.
       فارسىيگۇي شائىرلار مۇنداق نازۇك مەنالارنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇمدۇر.
       ئاشق ئايىغىغا تىكەن سانجىلماقنى ئىپادىلەشتە فارسىيگۇيلار«خار» سۆزى بىلەن ئاۋارە بولۇشىدۇ. جاننى بەك قاقشىتىدىغان «چۆكۈر» سۆزىگە لايىق كېلىدىغان سۆز ئۇلاردا يوق. بۇ سۆز تۈركىي شېئىردا مۇنداق قوللىنىلغان:
     
             بېيىت
             چۆكۈرلەركىم سېنىڭ يولۇڭدا تۈيۈرۈلمىش ئاياغىمغا،
             چېكىپ ئول كوي گەردىن سۈرمە تارتارمېن قاراغىمغا②.
       ئىشق يولىدا ئۆز مەھبۇبىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ئاشقنىڭ ئۇنىڭ يۈزىگە ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈشى ناھايىتى تەبىئىي بىر ئەھۋال. لېكىن سارتلاردا بۇ ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆز يوق، ھەتتا شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان سۆزمۇ يوق. بۇ سۆز تۈركىي تىلدا مۇنداق قوللىنىلغان:
     
             بېيىت
             تۆكەدۇر قانىمنى ھەردەم كۆزلەرىڭ باقىپ تۇرۇپ،
             كىم نېچە يۈزۈمگە باققايسېن يىراقتىن تەلمۈرۈپ③.
       تۈركىي تىلدىكى «ياسانماق» سۆزى فارس تىلىدا «ئارەستە» ياكى ئارايىش» سۆزى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن لېكىن «ياسانماق» سۆزىنىڭ مۇبالىغە تۈرى بولسان «بېزەنمەك» سۆزى ئۈچۈن ئۇلاردا سۆز يوق. بۇ سۆز تۈركىي تىلدا مۇنداق كېلىدۇ:
     
             بېيىت
             ئېرۇر بەس چۇ ھۇسنۇ مەلاھەت ساڭا،
             ياسانماق، بېزەنمەك نې ھاجەت ساڭا④.
       تۈركىي تىلدا كۆز بىلەن قاشنىڭ ئارىلىقى «قاباغ» دېيىلىدۇ. لېكىن سارتلاردا بۇ ئەزانىڭ نامى يوق. گۈزەللەر تەسۋىرلەنگەن بىر مەسنەۋىدە بۇ سۆز مۇنداق قوللىنىلغان:
     
             بېيىت
             مەڭىزلەرى گۈل، گۈل، مۇژەلەرى خار⑤،
             قاباغلارى كېڭ-كېڭ ئاغىزلارى تار.
       ئاشقلارنىڭ يىغلاپ ياش تۆكۈشلىرى ئاھ ئۇرۇش ۋە ئۇلۇغ-كىچىك تىنىش ئاساسىدا روي بېرىدۇ. تۈركىي شائىرلار ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشنى چېقىنغا، ئاھ ئۇرۇشنى ئىلدىرىم (گۈلدۈرماما) غا ئوخشىتىدۇ:
     
             بېيىت
             فىراقىڭ ئىچىدە ئۇلۇس ئۆرتەمەككە ئەي ماھىم،
             چاقىندۇرۇر دەمىمۇ ئىلدىرىمدۇرۇر ئاھىم⑥.
       فارس تىلىدا چېقىن ۋە ئىلدىرىمدەك ئېنىق ۋە گەۋدىلىك ئىككى نەرسىگە ئات قويۇلمىغان بولۇپ، بۇ ئۇقۇملار «بەرق» ۋە «سائىقە» دېگەن ئەرەبچە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
       گۈزەللەرنىڭ ھۆسنى تەسۋىرلەنگەندە، تۈركىي شائىرلار چوڭراق خالنى «مېڭ» دەپ ئاتايدۇ، ئەمما فارس تىلىدا بۇنىڭ ئېتى يوق. بۇ سۆز تۈركىي شېئىردا مۇنداق قوللىنىلغان:
     
             بېيىت
             ئانىڭكىم ئال ئېڭىندە مېڭ ياراتتى،
             بويى بىرلە ساچىنى تېڭ ياراتتى⑦.
       فارس تىلىدا سۆز يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنى بىر-بىردىن ئېيتىشقا توغرا كەلسە، گەپ بەك ئۇزىراپ كېتىدۇ.
    _____________________
    ①        يۈزۈڭنى ئېچىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، لېكىن باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قىزغىنىمەن.
    ②        سېنىڭ يولۇڭدا پۇتۇمغا سانجىلغان چېقىر تىكەنلەرنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا شۇ يەرنىڭ توپىسىنى يېقىپ، كۆزۈمگە سۈرمە قىلىپ سۈرىمەن.
    ③        «قاچانغىچە ماڭا يىراقتىن تەلمۈرىسەن» دەپ تىكىلگەن كۆزلىرىڭ مېنىڭ قېنىمنى تۆكۈدۇ.
    ④        گۈزەللىكىڭ يېتەرلىك تۇرسا ساڭا ياسىنىش، بېزىنىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
    ⑤        مۇژەلەرى خار ـــ كىرپىكلىرى خۇددى تىكەن.
    ⑥        پىراق ئوتى بىلەن كىشىلەرنى كۆيدۈرۈشتە، دىمىم چېقىن، ئاھىم گۈلدۈرمامىدۇر.
    ⑦        ئۇنىڭ قىزىل مەڭزىدە مەڭ ياراتتى، ئۇنىڭ بويى بىلەن چېچىنى تەڭ ياراتتى.
     «تەجنىس»① ۋە «ئىيھام»②دىن پايدىلىنىش شائىر-ئەدىبلەر ئىچىدە ناھايىتى ئومۇمىي بىر ئەھۋال. شېئىرگە ئالاھىدە رەڭ بېرىدىغان بۇ خىل سۆز سەنئىتى ئۈچۈن فارس تىلىغا قارىغاندا تۈركىي تىلدا ئىمكانىيەت تېخخمۇ كۆپ. مەسىلەن، «ئات» سۆزىنى بىرىنچىدىن «نام» مەناسىدا، ئىككىنچىدىن «مىنىدىغان ئات» مەناسىدا، ئۈچىنچىدىن تاشنى ياكى ئوقنى ئېتىشقا بۇيرۇغاندىكى «ئات» مەناسىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇ سۆز شېئىردا مانا مۇنداق قوللىنىلغان:
     
          نەزم
          چۈن پەرىيۇ   ھۈردۇر ئاتىڭ بېگىم،
          سۈرئەت ئىچرە دىۋ ئېرۇر ئاتىڭ بېگىم.
          ھەر خەدەنگىكىم ئۇلۇس ئاندىن قاچار،
          ناتەۋان جانىم سارى ئاتىڭ بېگىم③.
    بۇ ئىككى بېيىت تولۇق تەجنىس بولۇپ، بۇنى پەقەت تۈركىي شائىرلارلا يازالايدۇكى، سارتلار يازالمايدۇ. بۇ خىل شېئىر شەكلى «تۇيۇغ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئارۇز توغرىسىدىكى «مىزانۇل ئەۋزان» ناملىق كىتابتا چۈشەنچە بېرىلگەن.
    جۈملىدىن «ئىت» سۆزىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۈچ خخل مەنادا كېلىدۇ، مەسىلەن:
     
    ئەي رەقىب، ئۆزنى ئاڭا تۇتساڭ ھەم ئىت،
    بىزگە رەھىم ئەيلەپ ئانىڭ كويىدىن ئىت.
    گەرچە بار دەۋزەخچە ئىشقنىڭ شولىسى،
    بىزنى ئۆز ئىلكىڭ بىلە ئول سارى ئىت④.
     
    «تۈش»، «يان»، «ياق» سۆزلىرىنىمۇ شۇنداق ئۈچ خىل مەنادا قوللانغىلى بولىدۇ. ئۈچ خىل مەنادا قوللانغىلى بولىدىغان مۇنداق سۆزلەر تولىمۇ كۆپ. بىرمۇنچە سۆزلەرنى تۆت خىل مەنادا قوللانغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: «بار» سۆزىنى بىرىنچىدىن مەۋجۇدلۇق مەناسىدا، ئىككىنچىدىن بارماققا (بېرىشقا) قىلىنغان بۇيرۇق مەناسىدا، ئۈچىنچىدىن «يۈك» مەناسىدا، تۆتىنچىدىن «مېۋە» مەناسىدا قوللانغىلى بولىدۇ. بەزى سۆزلەر ھەتتا بەش خىل مەنادا قوللىنىلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، «ساغىن» سۆزى بىر يەردە ياد قىلماققا (ئەتمەككە) قىلىنغان بۇيرۇقنى بىلدۈرسە، بىر يەردە «سۈتلۈك قوي» مەناسىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ سۆزنى ئىشق يولىدىكى مەس، مەجنۇن ۋە بىمار سۆزلىرىنىڭ ھەربىرى ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. بەزى سۆزلەرگە ئۇنىڭدىن كۆپ مەنالارنى يۈكلەشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: «تۈز» سۆزى بىلەن ئوق ياكى نەيزىگە ئوخشاش تۈز نەرسىلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ، تۈپتۈز دالا مەناسىنى ئىپادىلەشكىمۇ، «تۈز كىشى» دىكى «تۈز»نى ئىپادىلەشكىمۇ، سازنى تۈزمەككە «تەڭشەشكە) قىلىنغان بۇيرۇقنى ئىپادىلەشكىمۇ، ئىككى كىشىنى ياراشتۇرۇش مەناسىنى ئىپادىلەشكىمۇ، بىر ئولتۇرۇشنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەناسىنى ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ. «كۆك» سۆزىمۇ شۇنداق كۆپ مەنادا ئىستېمال قىلىنىدىغان سۆزلەردىن بولۇپ، «ئاسمان» مەناسىدا، «ئاھاڭ» مەناسىدا، تىككەن ئۆسۈملۈكنىڭ كۆكلىشى مەناسىدا، «قاداق» مەناسىدا، «كۆك ئوت» مەناسىدا قوللىنىلىشىمۇ مۇمكىن. مۇنداق ئۈچ خىل، تۆت خىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەنالاردا قوللىنىشقا بولىدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالنى فارس تىلىدا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
     
    «ۋاۋ» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنى⑤، «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنى⑥ بىر-بىرىگە قاپىيە قىلىش فارسچە شېئىرلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئىككى خىلدىن ئاشمايدۇ، «ۋاۋ» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار «خود» ـــ «دۇد»، «زور» ـــ «نۇر» شەكلىدە، «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار «بىر» ـــ «شىر» شەكلىدە قاپىيەلىشىدۇ. تۈركىي شېئىرلاردا بۇخىل قاپىيە تۆت خىلغا يېتىپ بارىدۇ. مەسىلەن:
     
    «ئوت» ـــ كۆيىدىغان ئوت.
    «ئۆت» ـــ ئۆتمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلى.
    «ئۇت» ـــ ئۇتماق (يەڭمەك) نىڭ بۇيرۇق شەكلى.
    «ئۈت» ـــ تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ئۈتلىمەك (قۇيقىلىماق) تىكى «ئۈت» مەناسىنى بىلدۈرىدۇ.
    يەنە مەسىلەن:
    «تور» ـــ «تورغا چۈشمەك» تىكى تور.
    «تۇر» ـــ تەلەپپۇزى يۇقىرىقى سۆزدىن تارراق بولۇپ، قۇش ئۆلتۈرىدىغان ياغاچنى بىلدۈرىدۇ.
    «تۆر» ـــ تەلەپپۇزى يۇقىرىقى سۆزدىن تارراق بولۇپ، ئۆينىڭ تۆرى، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
    «تۈر» ـــ تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، تۈرمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلىدۇر.
    «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنىڭ قاپىيەلىشىشىگە كەلسەك، بۇلار ئۈچ خىلدىن ئاشمايدۇ، مەسىلەن:
    «بېز» ـــ بۇنى سارتلار «قۇدۇد» (بەز ـــ گۆشنىڭ بېزى) دەيدۇ.
    «بىز» ـــ «ما» ياكى «نەھنۇ» (بىرىنچى شەخس كۆپلۈك ئالماش) مەناسىدا.
    «بىز» ـــ «دەرەفىش» (بىگىز) مەناسىدا.
    يەنە مەسىلەن:
    «تېر» ـــ تەرمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلى.
    «تېر» ـــ تەلەپپۇزى يۇقىرىقى سۆزدىن تارراق بولۇپ، سارتلار ئۇنى «ئەرەق» ياكى «خوي» (تەر) دەيدۇ.
    «تىر» ـــ تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ئوق مەناسىنى بىلدۈرىدۇ.
    سۆز تاللاشقا كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىش ۋە قاپىيەگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچە ھەرپنى بىر-بىرىگە جورلاشتۇرۇشقا يول قويۇلىدۇ. جۈملىدىن ئەلف («ا» ـــ ئېلىپ) بىلەن ھا (ە) بىر-بىرىگە قاپىيە بولالايدۇ. مەسىلەن: «ئەرا» سۆزىنى «سەرا» ۋە «دەرا» بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ. «سەرە»، «دەرە» بىلەن قاپىيە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. «يەدا» سۆزىنى «سەدا» بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ، «بادە» بىلەن قاپىيە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ۋاۋ(و) بىلەن زەممە (ـــ نىڭ ئۈستىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا بىر , كەلگەن ھەرپنىڭ تەلەپپۇزى يەنى ئوقۇلۇشى) بىر-بىرىگە جور بولالايدۇ. مەسىلەن، «ئىرۇر» سۆزىنى «ھۈر»، «دۇر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ. «غۇرۇر»، «زۆرۈر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلسىمۇ بولىدۇ. يا(ي) بىلەن كەسرە(زىر بەلگىسى) مۇ بىر-بىرىگە جور بولالايدۇ. مەسىلەن، «ئاغىر»، «باغىر» سۆزلىرىنى «سادىر»، «قادىر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ. «تەئخىر»، «تەغيىر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ھالبۇكى، فارس تىلىدا بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يوق.
    بۇ تىلنىڭ (تۈركىي تىلنىڭ) ياسىغۇچىلىرى كۆپ نەرسىلەردە ئۇششاق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، نازۇك مەزمۇن ۋە مەنالار ئۈچۈن سۆزلەرنى ياسىغانكى، بۇنىڭ ئىسپاتلىرى بىرمۇنچە مىساللاردا كۆرسىتىلدى.
     
    _____________________
    ①        تەجنىس ـــ ئاھاڭداش سۆزلەردىن پايدىلىنىش سەنئىتى.
    ②        ئىيھام ـــ ئىككى بىسلىق سۆزلەردىن پايدىلىنىش سەنئىتى.
    ③        خېنىم، سېنىڭ ئېتىڭ ھۈر-پەرىدۇر، سېنىڭ ئېتىڭ سۈرئەتتە دىۋىگە ئوخشايدۇ، سەن كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئوقلىرىڭنى مېنىڭ زەئىب جېنىمغا قارىتىپ ئاتىۋەرگىن.
    ④        ھەي رەقىب، سەن ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئېتى ھېسابلىساڭمۇ، ماڭا رەھىم قىلىپ ئۇنىڭ كوچىسىدىن ئىت (يىت ، يوقال)، ئىشق ئوتى دەۋزەخ ئوتىدەك بولسىمۇ مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن شۇ تەرەپكە ئىت (ئىتتەر).
    ⑤        «ۋاۋ» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار ـــ «و‹ۋ›» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن تاۋۇشلار.
    ⑥        «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار ـــ «ي» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن تاۋۇشلار.
    تۈركلەر غىزا ۋە يېگىلى بولىدىغان ھەر خىل نەرسىلەرنى «يېگۈلۈك» دەيدۇ، سارتلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەتتا ھەممىسى يېمەكنىمۇ، ئىچمەكنىمۇ «خوردەنى» سۆزى بىلەنلا ئىپادىلەيدۇ. سارتلار چوڭ قېرىندىشى بىلەن كىچىك قېرىندىشىنىڭ ئىككىلىسىنى «بەرادەر» دەيدۇ، تۈركلەر بولسا چوڭىنى «ئاغا». كىچىكىنى «ئىنى» دەيدۇ. سارتلار چوڭ-كىچىك قىز قېرىنداشلىرىنى ئوخشاشلا «خاھەر» دەيدۇ. تۈركلەر بولسا چوڭىنى «ئىگىچە»، كىچىكىنى «سىڭىل» دەيدۇ. تۈركلەر ئاتىسىنىڭ ئاغا-ئىنىلىرىنى «ئاپاغا» دەيدۇ، ئانىسىنىڭ ئاغا-ئىنىلىرىنى «تاغايى» دەيدۇ. سارتلار بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئات قويمىغان بولۇپ، ئەرەبچە «ئەمم» ۋە «خال» سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ، شۇنىڭدەك «كۈكۈلتاش»، «ئەتەكە»، «ئىنىگە» لەرنى تۈركچە سۆز بىلەن ئېيتىدۇ. ئۇلار ھەممىگە ئايان بولغان «ئاق ئۆي» گە «خەرگاھ» دەپ ئات قويغان بولسىمۇ لېكىن ئاق ئۆينىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى، مەسىلەن، «تۈنلۈك»، «ئۈزۈك»، «تورلۇق»، «باسرۇق»، «چىغ»، «قانات»، «كۆزنەك»، ئۇغ»، «باغىش»، «بۇساغا»، «ئېركېنە» قاتارلىقلارنى تۈركچە سۆز بىلەن ئاتايدۇ. «ئاۋ» بىلەن «قۇش»نىڭ پادشاھلار رەسم-يوسۇنى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئىش ئىكەنلىكىگە قارىماي ئىككىلىسىنى «شىكار» دەيدۇ. ئوۋدا ئاساسىي كۆزلەنگەن نەرسە كىيىك بولۇپ، تۈركلەر ئۇنىڭ ئەركىكىنى «ھۈنە»، چىشىسىنى «قۇلچاقچى» دەيدۇ، سۇيقۇننىڭ ئەركىكىنى «بۇغۇ»، چىشىسىنى «مارال» دەيدۇ، سارتلاردا بولسا «ئاھۇ» ۋە «گەۋەزەن» دىن باشقا نام يوق. غەۋغەلىق ۋە جاپالىق ئوۋلارنىڭ بىرى توڭگۇز ئوۋى بولۇپ، تۈركلەر ئۇنىڭ ئەركىكىنى «قابان»، چىشىسىنى «مىكىجىن»، كۈچۈكىنى «چۈرپە» دەيدۇ. سارتلار بولسا ھەممىسىنى «خوك» ياكى «گوراز» سۆزى بىلەن ئاتايدۇ. ئەمدى قۇشقا كەلسەك، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىلباسۇن يەنى ئۆردەكتۇر. سارتلار «ئىلباسۇن»نى بىلمەيدۇ. تۈركلەر ئۆردەكنىڭ خورىزىنى «سۈنە»، مىكىيىنىنى «بۇرچىن» دەيدۇ. سارتلار بولسا بۇنىڭغىمۇ ئات قويمىغان بولۇپ، ئىككىلىسىنى «مۇرغابى» دەيدۇ. ئۆردەكنىڭ ھەر خىل تۈرىنى بىلىدىغان قۇشچىلار ئۇلارنى «چۆركە»، «ئىركەسوقتۇر»، «ئالمە باش»، «چاقىرقانات»، «تېمۇرقانات»، «ئالەلەدغە»، «ئالەپەكە»، «باغچال» قاتارلىق يەتمىش خىلغا يەتكۈزىدۇ، سارتلار بولسا ھەممىسىنى «مۇرغابى» دەپلا تۈگىشىدۇ، ئەگەر ئايرىش زۆرۈر بولسا تۈركچە ئېتى بىلەن ئاتايدۇ. ئاتنىڭ تۈرىنى بىلدۈرىدىغان «توبۇچاق»، «ئارغۇماق»، «يەكە»، «يابۇ»، «تاتۇ» قاتارلىقلارنىمۇ تۈركچە دەيدۇ. ئاتنىڭ يېشىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىمۇ تۈركچە ئېيتىدۇ، بۇلاردىن بىرلا «قۇلۇن»نى «كۇررە» دەيدۇ، قالغان «تاي»، «غونان»، «دۆنەن»، «تولان»، «چىرغا»، «لانغە» قاتارلىقلارنى سۆزگە ئۇستاراقلىرى تۈركچە دەيدۇ، كۆپچىلىكى بولسا بۇلارنىمۇ بىلمەيدۇ. ئاتنىڭ ئىگىرىنى «زىن» دېسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «جىبىلكەر»، «ھەنا»، «توقۇم»، «جارلىغ»، «ئۇلارچاغ»، «غانجۇغە»، «چىلبۇر»، «قۇشقۇن»، «قانتار»، «تۆفەك»، «توقا» قاتارلىق قىسىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى تۈركچە ئېيتىدۇ. قامچىنى «تازيانە» دېسىمۇ، لېكىن بۆلدۈرگە»، «چوپچۇرغە»لىرىنى تۈركچە دەيدۇ. «جېبە»، «جەۋشەن»، «كۆھە»، «قالقاندۇرۇق»، «قاربىچى»، «كىجىم»، «ئاھە» قاتارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنىمۇ تۈرك تىلى بىلەن ئېيتىدۇ. ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكلەردىن «دەستار»، «قالپاق»، «نەۋرۇزى»، «تۆپى»، «شىرداغ»، «دەكلە»، «يىلەك»، «ياغلىغ»، «تېرلىك»، «قۇر» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تۈركچە ئېيتىدۇ. يېمەكلىكلەردىن قوينىڭ بەزى ئەزالىرىغا ئات قويغان بولسىمۇ لېكىن «ئارقە»، «ئاشۇغلۇق ئىلىك»، «يان سۆڭەك»، «قابۇرغا»، «ئىگىك»، «ئورتا ئىلىك»، «بوغۇزلاغۇ» قاتارلىق ئەزالىرىنى تۈركچە ئاتايدۇ. شۇنىڭدەك «قايماغ»، «قاتلامە»، «بۇلاماغ»، «قۇرۇت»، «ئولابە»، «مانتۇ»، «قۇيماغ»، «ئۆركەمەچ»، «قىمىز»، «سۈرمە»، «باخسۇم»، «بوزە»، «تۇتماچ»، «ئۇماچ»، «كۆمەچ»، «تالقان» قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك ناملىرىنىمۇ تۈركچە ئاتايدۇ. مۇنداق ئۇششاق-چۈششەك تەرەپلەرنى كۆرسەتكىلى تۇرساق بەك كۆپ، گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ.
    ئەمدى سۆزلەردىكى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە توختىلايلى. ئەرەب تىلى سەرفىدە "مۇفائەلە" دەپ ئاتىلىدىغان "مۇئارەزە"، "مۇقابەلە"، "مۇشائەرە"، "مۇكالەمە" دېگەنگە ئوخشاش ئۆزى بىر سۆز سۈپىتىدە ئىككى كىشى ئورتاسىداكى ھەرىكەتنى بىلدۈرىدىغان ئىنتايىن پايدىلىق بىر پېئىل شەكلى باركى، ئۆزلىرىنى سۆز ئۇستىسى، دەپ دەۋا قىلغان فارسىيگويلار بۇ خىل پايدىلىق ئىمكانىيەتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، لېكىن تۈرركىي تىلنىڭ ئۇستىلىرى پېئىل تومۇرىغا بىر "ش" تاۋۇشىنى قوشۇپ، "چاپشىماق"، "تاپشىماق"، "قۇچۇشماق"، "ئۆپۈشمەك" دېگەنگە ئوخشاش شەكىلگگ كىرگۈزۈش ئارقىلىق شۇ خخل ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەن. بۇ ئۇسۇل شۇنداق جايىدا بولغانكى، ئۇنىڭ ئىجادچىلىرىغا قايىل بولۇش ۋە ئاپىرىن ئوقۇش كېرەك. دېمەك، تۈركلەر ئۆزىنىڭ بۇ ئۇستىلىقى بىلەن يەنە فارس تىلى ئۇستىلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن.
     
        بۇندىن باشقا، سارتلار ئەرەب تىلىنىڭ سەرفى بويىچە ياسىلىدىغان ئىككى مەفئۇللۇق پېئىللار ئىپادىلىگەندەك مەنانى ئىپادىلەش ئىمكانىيەتىدىن مەھرۇم قالغان. تۈركلەر بولسا ئىنتايىن ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن شۇنىڭغا تەڭ پېئىل شەكلىنى ياسىيالايدۇ. ئەرەبچىدە "ئەئتەيتۇ زەيىدەن دىرھەمەن" (زەيدكە پۇل بەردىم)دېگگن جۈملە ئۈچ سۆزدىن تەركىب تاپقان. تۈركلەر ناھايىتى ئىخچام ۋە ئۈنۈملىك ئۇۇسۇلدا پېئىلغا بىر تاۋۇشنى قوشۇپ، ئۇنى "يۈگۈرت"، "قىلدۇرت"، "ياشۇرت"، "چىقارت" قا ئوخشاش شەكىلگگ كىرگۈزۈش ئارقىلىقلا بۇ مەنانى ئىپادىلىيەلەيدۇ.
     
        تۈركلەر يەنە بەزى سۆزلەرگە "چى" قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق "قۇرچى"، "سۇچى"، "خەزىنىچى"، "كېرەك ياراقچى"، "چۆكەنچى"، نەيزەچى"، "شۆكۈرچى"، "يۇرتچى"، "شەيلانچى"، "ئاختاچى" قاتارلىق مەنسەپ ناملىرىنى ۋە "قۇشچى"، "بارسىچى"، "قۇرۇقچى"، "تامغاچى"، "جىبەچى"، "يورغەچى"، "ھەلۋاچى"، "كېمەچى"، "قويچى" قاتارلىق ھۈنەر-كەسپ ناملىرىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. قۇشچىلىق ھۈنىرىدە يەنە "قازچى"، "قۇچى"، "تۇرناچى"، "كېيىكچى"، "توشقانچى" قاتارلىق سۆزلەرنى ياسىيالايدۇ، لېكىن سارتلاردا بۇ خىل ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى يوق. ئۇلار بۇ خىل مەنسەپ، ھۈنەر ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنى تۈركچە ئاتايدۇ.
     
       يەنە تۈركىي تىلدا بىر ئىشنى تەھقىقلەشتۈرۈپ ئەمەس، بەلكى گۇمان بىلەن بىر كىشىگە باغلايدىغان "بارغۇدېك"، "يارغۇدېك"، "كېلگۈدېك"، "بىلگۈدېك"، "ئايتقۇدېك"، "قايتقۇدېك"، "ئۇرغۇدېك"، "سورغۇدېك" شەكلىدىكى ئىنتايىن نازۇك بىر خىل ئىپادىلەش شەكلى باركى، بۇمۇ فارس تىلىدا يوق.
     
    __________________
    قىسقىغىنە تۆت ئايدا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم مۇسىبەت قاينىمىنىڭ قىيامەتلىرىگە دۇچار بولۇپ مۇسىبەت ئىكەكلىرىنىڭ ئازابلىرىدا قالغاندا ئازابنى مۇشۇ كىتابنى بىر-بىرلەپ ئۇرۇپ چىقىشقا بەل باغلىدىم ، بۇ كىتابنىڭ تور دۇنياسىدىكى نۇسخىسىنى 75 ياشىدا ھەق رەھمىتىگە كەتكەن ئاتام بىلەن 34 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە ھەق رەھمىتىگە كەتكەن ئىنىمنىڭ روھىغا بېغىشلايمەن!
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.