سۇلتان سەئىدخان غەزەللىرى(ketmenbay)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-17 19:16:00

كىلاسسىك ئەدەبىيات سۇلتان سەئىدخان غەزەللىرى سۇلتان سەئىدخان غەزەللىرى (1) قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەئناسى بار؟ قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار؟ ھۆر بىرلە جەننەتۇل مەئۋ...


    كىلاسسىك ئەدەبىيات

    سۇلتان سەئىدخان غەزەللىرى

         سۇلتان سەئىدخان غەزەللىرى

     

     (1) قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەئناسى بار؟
    قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار؟

     

    ھۆر بىرلە جەننەتۇل مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلىسۇن.
    يارنىڭ كويىدا يۈزمىڭ جەننەتۇل مەئۋاسى بار.

     

     لەئلىدىن خەتتى بۇدۇر ھەردەم تىرىكلىككە نىشان،
    خۇش نىشانىدۇركى ئىككى قاشىدىن توغراسى بار.

     

    بىر سۈچۈك سۆز بىرلە ئۆلگەن جىسمىمە بەردىڭ ھايات،
    لەئلى جانبەخشىڭدە گوياكىم مەسىھ ئەنفاسى بار.

     

     يۈزى ئۆزرە كاكۇلۇ زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى،
    ئەي سەئىد، ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار.

     

    (2) شۇكرى لىللاھ ھالەتىم زاھىر بولۇپتۇر يارغە.
    ئەمدى يار ئالدىدا ئۆزنى كۆرسىتەي ئەغيارغە.

     

     سەير ئۈچۈن كىرسە گۈلىستان ئىچرە ئول سەرۋى رەۋان،
    بەندە ئولسۇن سەرۋى ئازاد ئول قەدى رەفتارغە.

     

     ناز ئىلە تا ئاتلانىپ شەھر ئىچرە سالدى رۇستەخىز،
    جان بىلە بەردىم كۆڭۈل ئول دىلبەرى ئەييارغە.

     

    دوستلار، ئەيىب ئەتمەڭىز قان يىغلاسام مەن زارنى،
    بەس كىلە ئالمام نىتەي بۇ دىيدەئى خۇنبارغە.

     

    ئەي سەئىد، ئول ياردىن تاپدىڭ مۇرادىڭنى تەمام.
    بارچەسى بولدى مۇيەسسەر، شۇكرى بىرۇ بارغە.

     

     (مەنبە: «باياز»{1} شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىل 9-ئاي نەشرى.

    تەييارلىغۇچى: ketmenbay) (بۇ ماتىرىيالنى باشقا تور بىكەتكە يوللىسىڭىز، مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ قويۇڭ.)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سۇلتان سەئىدخان