ئانارخان

يوللىغۇچى : gulsum يوللىغان ۋاقىت : 2013-05-21 17:45:20

مىلادىيە 1911 - يىلى شۈن جۇڭشەن جانابلىرى رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەملىكىتىمىزدە پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاخىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى يولغا ق

    ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى

    (ئىمىر ھۆسىيىن قازىھاجىم)
    كىرىش سۆزى
    مىلادىيە 1911 - يىلى شۈن جۇڭشەن جانابلىرى رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەملىكىتىمىزدە پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاخىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى بولغان يۈەن داخۇا 1912 - يىل 6 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئورنىنى ياڭ زىڭشىنغا بوشاتتى. ئۇ ، 1914 - يىلى مافۇشىڭنى قەشقەرگە تىتەي قىلىپ بەلگىلىدى. مافۇشىڭنىڭ قەشقەرگە تىتەي قىلىپ تەيىنلىنىشىدىكى سەۋەبلەر بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ ، ئاسالىقى شۇكى ، ئۇ ياڭ زىڭشىن بىلەن يۇرتداش ،  ئۇنىڭدىن قالسا ، ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭنىڭ باش ھەربىي - مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇشىغا مافۇشىڭ ئۈچۈرۈمچىدە تۇرۇپ تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ ، جامائەت پىكرى تەييارلاپ ئاكتىپ خىزمەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ياڭ زىڭشىننىڭ قارىشىشىچە ، ما فۇشىڭ ۋەزىيەتكە قىزىقمايدىغان سىياسىي كور، كونىلىققا مەھكەم ئېسىلىۋالدىغان قالاق، بىلىمسىز ۋە نادان خاراكتېرلىك شەخسىيەتچى ئادەم ئىدى.
    ئاڭلىشىمچە ، مافۇشىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ خۇاپىڭ ناھىيىسىىدىن بولۇپ ، 1866 - يىلى خۇيزۇ دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ،  بالا ۋاقتىدا چامباشچىلىق ماھارىتى ئۆگىنىپ، يۈننەندە تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېر بولغان، كېيىن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مەسلىھەتچى سانغۇنلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ شىنجاڭغا پالانغان . ما فۇشىڭنىڭ 1914 - يىلىدىن 1924 - يىلىغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلىقىغە سالغان زۇلۇملىرى توغرىسىدا ئۆز دەۋرىدىكى قەشقەر خەلىقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تارىخىي خاتىرىلەر قالغان. كىشىلەر ئۇنى 《يۈننەن ما تىتەي》 دەپ ئاتاشقان.
    مەن بۇ ئەسكەرگە كىرگۈزگەن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ، بىر قىسمىنى ئاشۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ۋە شېڭ شىسەي دەۋرىدە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، يېڭىشەھەر قىچچىلىق مۇھەممەتبەگ دېگەن كىشى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن. ما تىتەي ئوردىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن ئانارقىزنىڭ پاجىئەسىنى ئۆز  ۋاقتىدا ما تىتەي ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان ، ھازىر قەشقەر شەھىرى ئەبرىشىمكا كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق كىيىم تىككۈچى كېرەم مەككە دېگەن كاسىپنىڭ سىڭلىسىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان ئىدىم، بۇ ۋاقىت 1929 - 1931 - يىللار ئىدى. بۇ ئەسەردە بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقە ۋە كەمىنە مۇئەللىپ تۈزۈپ ، كىرگۈزۈلگەن نەزملەرەد يېتەرسىزلىك ھېس قىلىنغان مەزمۇنلار بولسا، جامائەتنىڭ ئەپۇ نەزىرىدە تولۇقلاپ كېتىشىنى سورايمەن.
    بىرىنچى باب ما فۇشىڭنىڭ قەشقەرگە تىتەي بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى ۋە مەنسەپكە ئولتۇلغانلىقىنىڭ بايانى
     مىلادىيە 1914 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى ياڭ زېڭشىن ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان خۇيزۇ باتالىيون باشلىقى ما فۇشىڭ ئىسىملىك كىسىنى چاقىرتىپ ، ئۇنى قەشقەر ۋىلايىتىگە تىتەي قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئاندىن ما فۇشىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسىي قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ، مۇشۇ بويىچە ئىش كۆرۈشىنى قاتتىق جېكىلەپ، ئۇنى قەشقەرگە يولغا سالغان.
    مافۇشىڭ قەشقەرگە كەلگەندىن  كېيىن، چېڭسەن دارىن دېگەن كىشىدىن تىتەيلىك تامغىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، رەسمىي تىتەيلىك مەنسىپى بىلەن يېڭىشەھەردىكى ئوردىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۆزىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كىيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى ، قەشقەردە تۇرۇشلۇق چاررۇسىيە ، ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى چاقىرىپ، كاتتا زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالدى. ئۇ ، زىياپەتتە سۆز قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن قەشقەرگە 《تىتەي 》 لىككە بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى سىياسىي كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ ، بۇرۇنقىلار ماڭغان يولدا ماڭىدىغانلىقى ، ياڭ زېڭشىننىڭ سىياسىتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ توختىلىپ ئۆتتى. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ماتىتەي قەشقەر شەھىرىدىن نوپۇزلۇق ئاخۇن، ئىشان، باي، سودىگەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى باشلىقلىرىنى يېڭىشەھەردىكى ئوردىسىغا چايغا چاقىردى ۋە كاتتا زىياپەت بەردى. ما تىتەي خۇيزۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بېشىغا ئاق داكا سەللەپ يۆگەپ ، ئۇچىسىغا قەدىمكى ئۇزۇن چاپوزە كەڭرى چاپان، پۇتىغا مەسە - كالاچ كىيىپ، يەنە سەككىز نەپەر مۇھاپىزەتچىگە سەللە ئوراتقۇزۇپ ۋە ئۇلارنى قوراللاندۇرۇپ ، زىياپەتتىكى كىشىلەر ئالدىغا 《ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم》 دەپ كىرىپ كەلدى. ئۇ، قەشقەر شەھىرىدىن چىققان ئاخۇنلار بىلەن قول بېرىپ كۆرۈشتى، ئارقىدىن باي ، سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىپ، كۆپچىلىككە قاراپ: 《ئارىڭىزلاردا قارىي بولسا قۇرئان تىلاۋەت قىلسۇن》 دېدى. ئاپپاق خوجا جامەسىنىڭ قارىيىسى مىرزا قارىي يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قىرائەت قىلغاندىن كېيىن ، ما تىتەي ئورنىدىن تۇرۇپ ئاخۇنلاردىن دۇئا ئالدى.
    --  ھەربىرلىرىگە ئۆلكە باشلىقى ياڭ دارىن جياڭجۈن جانابلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن ھەربىرلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى سوراپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، - دېدى ما تىتەي مېھمانلارغا قاراپ، - مېنىڭ ئىسمىم يۈننەن ما فۇشىڭ ، ئەرەبچە ئېيتقاندا مۇھەممەد يۈنۈس ، مىللىتىم خۇيزۇ ، ئىسلام دىنىدىكى ھەنەپىل مەزھىبىدە ، چوڭ مەسچىت خۇيزۇ ئېتىقادچىلىرىدىن بولىمەن . ئۇلۇغ ئىلتىپاتلىق ياڭ جياڭجۈن دارىن جانابلىرى مېنى ھەربىر پۇقرا - خەلىقنىڭ تىنىچلىق ئىچىدە تۇرمۇشلىرىنىڭ پاراغەتتە ئۆتۈشى ئۈچۈن خىزمەتكە ئەۋەتتى.
    ماتىتەي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
    -- قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قايسى رايونىدىكى دوتەي ، شەنگەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان بولسا، ئېغىر ئالۋان - ياساق سالسا ، ساڭلاردىكى ئاشلىقلارغا خىيانەت قىلدىغان بولسا ، سىلەر ئۆز ۋاقتىدا كېلىپ ماڭا ئەھۋالنى ئېيتىپ قويۇڭلار . ھەممە ئىشنى ئادالەت بىلەن سورايمەن. قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق، پارىخوزلۇق، مۇشتۇمزورلۇق ئىشلارغا يول قويمايمەن؛ ئەپيۇن ، نەشە چەككۈچىلەرنى قاتتىق جازالايمەن.
    زىياپەت زالىدا ئولتۇرغانلار بىردەك : 《ئۇلۇغ ئىلتىپاتلىق جياڭجۈن دارىننىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن، دۆلەت - ھۆرمىتى زىيادە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۆمرى ئۇزاق ، ئىقباللىرى يۇقىرى بولسۇن》 دەپ توۋلىشىپ ، مۇبارەكلەش تەنتەنىسى باشلىنىپ كەتتى.
    ما تىتەي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە شۇنداق دېدى:
    -- مەن ئۈچ خىل ئىشنى قىلماقچىمەن. بىرىنچى ،مەسچىت ياسايمەن، ئىككىنچى، كۆۋرۈك سالىمەن، ئۈچىنچى ، چۆل - باياۋان ، بىنەم يەرلەرگە دەرەخ تىكىپ ، پۇقرالارغا ئاسان بولۇش ئۈچۈن تۈگمەن - سوقىلارنى قۇرۇپ چىقىمەن.
    بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان يۇقىرى ئەمەللىك ئالۋان - ياساق چاپقۇچىلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ : 《بىزلەر ھەممىمىز ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ دانا ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەمدە بولىمىز》 دەپ ۋەدە قىلىشتى.
    سۆز تۈگىگەندىن كېيىن كەڭرى داستىخان سېلىنىپ، قۇيماق بىلەن چاي قويۇلۇپ، ھەر خىل يېمەكلىك بىلەن زىياپەت بېرىلدى. زىياپەت ئاخىرىدا ئاخۇنۇملارغا بىر قىشتىن قارىچاي، بايلارغا بىر كىيىملىكتىن ماسكا تاۋار رەخت قويۇلدى.
    زىياپەت ئاخىرلاشقاندا ، ما تىتەي : 《مەن بۇ ھەپتە ئاپپاق خوجا مازىرى بىلەن ھېيتگاھ جامەسىنى كۆرۈپ چىقىمەن》 دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان قەشقەردىكى كاتتا باي -- ئۆمەرباي دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ : 《مېنىڭ ئۆيۈم ئاپپاق خوجامغا بارىدىغان يول ئۈستىدە . شۇڭا، جانابلىرىغا مالا كەلمىسە ، ئۆيۈمگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئۆتسىلە ، كۆپ خۇرسەن بولار ئىدىم》 دەپ ماتىتەينى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىياپەت ئاخىرلىشىپ مېھمانلار ئۇزاپ چىقتى.
    مېھمانلار يېڭىشەھەردىن يانغۇچە ئۆزئارا : 《 ماتىتەي ناھايىتى ياخشى مەنسەپدار ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇشۇنداق ئەمەلدارنىڭ كېلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى》 دېيىشىپ ، خۇشال ھالدا قەشقەر شەھىرىگە قايتىپ كىرىشتى.
    يېڭىشەھەر تىتەي ئوردىسىدىكى زىياپەتتىن قايتقان قەشقەر شەھىرىدىكى يۇقىرى قاتلام ھەر ساھە كىشىلىرى ما تىتەينىڭ قەشقەر شەھىرىگە كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىغان بولدى. ئارىدا بەش كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ما تىتەينىڭ ئاپپاق خوجا مازىرىغا كېلىش خەۋىرى ئاڭلاندى. بارلىق باي، سودىگەرلەر ، ئاخۇنلار ئۆمەرباينىڭ چايخانىسىغا يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىپ ، ماتىتەينى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، قىزىل دەرياسىنىڭ بويىدىكى 《سەككىز تاش》 دېگەن يەرگە كېلىپ ، ماتىتەينىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. بىر ھازادىن كېيىن، ما تىتەي نۇرغۇن ھەربىي قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە كاناي چېلىپ ، جاراڭ - جۇرۇڭ ئاۋاز بىلەن سېرىق ماكازا تاۋار چاپان  كىيگەن ھالدا تەيفۇنجا(بىخەتەر قومۇش مەپە) مەپىدە ئولتۇرۇپ يېتىپ كەلدى. باي ، ئاخۇنلار ماتىتەينىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام  قىلىپ ، ھۆرمەت بىلدۈرگەن ھالدا ، بىرلىكتە قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ ، ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا توختىدى.
    ما تىتەي باشلىق بارلىق كىشىلەر ھېيتگاھ جامەسىگە كىرىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بولغاندا ، ما تىتەي ئۆمەربايدىن : 《 بۇ جامەنى كىم ياسىغان؟》 دەپ سورىدى. ئۆمەرباي ھېيتگاھ جامەسىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ياسىلىش تارىخىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، ما تىتەي : 《بۇ جامەنىڭ ياسىلىشىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مەن يېڭىشەھەردىمۇ چوڭ جامەدىن بىرنى ياسىتىمەن》 دېگەندە ، ئەتراپىدا تۇرغان باي - ئاخۇنلار ما تىتەينىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ ، 《بىزمۇ ياردەم قىلىمىز》 دەپ ۋەدە بېرىشكەن بولدى.
    ما تىتەي ھېيتگاھ جامەسىدىن يېنىپ ئاپپاق خوجا مازىرىغا راۋان بولدى. ئاپپاق خوجا مازىرىغا بارغاندا ، مازار قارىغۇچىسىغا ئىشىكنى ئاچقۇزۇپ ، مازار ئىچىدىكى قەبرىلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، مازار شەيخلىرى بىلەن مازاردىكى تىلەمچىلگەرگە 50 سەر داچەننى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ قايتتى.
    ماتىتەي ئاپپاق خوجا مازىرىدىن قايتىپ، يول ئۈستىدە ئۆمەر باينىڭ نەزەرباغدىكى تۈمەن دەريا بويىغا سېلىنغان باغ گويلىسىغا كېلىپ چۈشتى. ما تىتەي ئۆمەرباينىڭ باغ ھويلا گۈلزارلىقىنى ئايلىنىپ چىقتى. ئۆمەرباي باشلىق قەشقەر شەھىرىدىكى بارلىق بايلار، ئاخۇنلار ما تىتەينىڭ شەنىگە كاتتا زىياپەت ئۇيۇشتۇردى. ما تىتەي كېتەر ۋاقتىدا ئۆمەرباي 15 پارچە چوڭ قىزىل گۈللۈك خوتەن گېلىمى ، 100 جۈپ بېيجىڭ خەيۋەن چىنىسى قاتارلىق ئېسىل بۇيۇملارنى ماتىتەيگە سوۋغا قىلدى.
    ئىككىنچى باب ماتىتەينىڭ ئوردا - راۋاق سالدۇرغانلىقى ۋە سوخو قەلئەسىنى بىنا قىلدۇرغانلىقىنىڭ بايانى
    ماتىتەي بارلىق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ ، بۇ ئورۇنلارغا ئۆزىگە سادىق، ئىشەنچلىك ئادەملەرنى بەلگىلىپ، بۇرۇنقى ئەمەلدارلارنى ئورنىدىن ئېلىپ تاشلىدى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەربىر ئورۇنغا يېڭىدىن ئەمەلدار تەيىنلىدى. بۇلار بەگ، يۈز بېشى ، پاششاپ، چەكادە (ئامانلىق - تازىلىق خادىمى) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. مەسىلەن، شاپى موللا، فەن لۇڭگەن ، لۇ شىجاڭ ، نۇجيا ، ما پىلاڭ، ھاۋاخان بەگ … قاتارلىقلار. ئۇلار ئالدى بىلەن يېڭىشەھەر ئەتراپىدىك خۇيزۇ دېھقانلارنىڭ مال - مۈلۈكىنى 《دارىنغا لازىم》 دەپ تارتىپ ئالدى. بۇندىن باشقا ، دېھقان - چارۋىچىلارغا ئالۋان - ياساق قويدى، بېرەلمىگەنلەرنى ئۇرۇپ قامىدى. ئېغىر ئالۋان - ياساق دەستىدىن نۇرغۇنلىغان كەمبەغەللەر ئۆي - ماكانىنى تاشلاپ، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ كەتتى. بەزى قېرى، مېيىپ كىشىلەرنىڭ ئالۋان - سېلىققا بەرگۈدەك ھېچ نەرسىسى قالمىغاچقا ، نارەسىدە قىز - ئوغۇللىرىنى ھىندىستانلىق جازانىخورلارغا سېتىپ، ئالۋان - سېلىقنى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ كشىلەرنىڭ بالىلىرىنى سېتىۋالغانلاردىن قەشقەر كونىشەھەر بورا خىلتاي(ھازىرقى بۇلاقسۇ يېزىسى) رايونىدا بىر قانچە ھىندى خازانىخور بولۇپ، بۇلار سوپى باي ھىندى، باي موللا ھىندى، پارس باي، چەندان باي ، جەندىرالى باي ھىندى دېگەنلەردىن ئىبارەت. 70 ياشقا كىرگەن باي موللا ھىندى بورا خىلتاي رايونىنىڭ چارەك كەنتىدىكى كەمبەغەل دېھقان سالماق دېگەن كىشىنىڭ سۇلتانخان ئىسىملىك 12 ياشلىق قىزىنى 25 سەر كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ نارىسىدە قىزنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ بىر قانچە پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سۇلتانخاندىن تۇغۇلغان دەۋلان، مۇتىرام ئىسىملىك بالىلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن . ئاشۇ ھىندىلار ئېلىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ بار.
    ماتىتەينىڭ ئەمەلدارلىرى خەلققە سالغان ئالۋان - ياساق ھېسابىغا بېيىپ كەتتى. ما تىتەي قول ئاستىدىكى ھەربىر چېرىك باشلىقى بەش - ئالتىدىن قىز - ئاياللارنى نىكاھىغا كىرگۈزۈپ خوتۇن قىلىش بىلەن ئۇلارنى خارلاپ، قىمار ، نەشە، ئەپيۈن چېكىشتەك يامان ئادەتلەرگە ئۆگەتتى، كېچىلىرى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوغرىلىققا چۈشۈشكە مەجبۇرلىدى.  مەسىلەن ، ماتىتەينىڭ چېرىكلىرىدىن 50 چېرىكنىڭ باشلىقى بولۇۋالغان نامەت شىجاڭ سەككىز ئايالنى يۇقىرىقىدەك ناشايان ئىشلارغا سالغان . ئۇنىڭ روزىۋانەك ، ھەمرا بارماق دېگەن خوتۇنلىرى بىرقانچە ئوغرىلار بىلەن بىرلىشىپ ئەسكى ئىشلارنى قىلغان. ما تىتەينىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق چېرىك ۋە كۇۋەندەيلەر ( نازارەتچى ) پۇقرالارنى ئۆزى خالىغانچە ئۇرۇپ - سوقۇپ، قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق، ئەپيۈنكەشلىك ، پارىخورلۇق، ئوغرىلىق قاتارلىق ناشايان ئىشلار ئەۋجىگە چىققان. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىچە نەزم توقۇلغان: 
    چېرىك يېتىلەپ يۈرگەن بەش - ئالتىدىن ياڭگاڭزە (خوتۇن)،
    نان دېسە سۈرۈپ قوغلاپ ئۆلگۈچە ئۇرۇپ گاڭزە (جازا قورالى)،
    سوغۇقتا توڭۇپ ئۆلگەن جۇگان بالا باڭگازە(پەتەك ، كىچىك ئايال)،
    سوپاڭدا ئىچىپ ياتقان كۇبرۇسى بىلەن لاڭگازە (ھاراقنى تۇڭى بىلەن كۆتۈرۈپ ئىچىپ، يۆلىنىپ ئولتۇرۇش)،
    ھەر كۈندە چېكەر ئەپيۈن خوتۇنى بىلەن بەش باڭزە(چېكىشكە تەيارلىغان بەش پىلتە ئەپيۈن).
    بۇ خىلدىكى ھايات ئەندىزىسىدىن خاتىرجەم بولغان ماتىتەي ئۈرۈمدىكى ئوغلى ما جىۋونى قەشقەرگە يۆتكەپ كىلىپ، 1918 − 1919 - يىللىرى ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىچكى تىنچلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىقىغا نىتەي(برىگادا قوماندانى دەرىجىلىك ئەمەل) قىلىپ بەلگىلىدى . ما تىتەي يەنە ئۆز قىزى داشۇجيانى يۇقىرى مەمۇرىي مەنسەپكە بەلگىلىدى.
    ما تىتەي ھېچقانداق ئەمەلدارغا ئەمەلىي ھوقۇق بەرمەي، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يەرلىك مەئەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنىمۇ ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالدى. ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان دېھقان، تىجارەتچى، چارۋىچى ، ئاخۇنۇم ۋە ئىشانلارغا 100 − 200 يامبۇ (50 سەر كۈمۈشكە تەڭ) غىچە پۇلنى مەجبۇرىي بېرىشنى بۇيرۇپ، بۇ پۇللارنى يىغىۋالدى. پۇل بېرەلمىگەن ياكى ئارقىغا سوزغان كىشىلەرنى قامىدى. مەسىلەن، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى بارىن يېزىسىنىڭ موللىسى ئەمەت ئاخۇن خەلپىتىمنى قاماپ، 100 يامبۇ، 5000 سەر كۈمۈش تەڭگە ئالغاندىن تاشقىرى، ماتىتەينىڭ قىزى داشۇجيا 1000 سەر كۈمۈش ، 20 يامبۇ ئېلىپ ، ئاندىن قاماقتىن چىقاردى. بۇ خىلدىكى ئەھۋاللار كۆپ بولغان ئىدى.
    بۇ ئىشلاردىن سىرت، ماتىتەي ئۆزىگە تەۋە ناھايىتى كاتتا، ھەشەمەتلىك ئوردا - ساراي سالدۇرۇشقا پەرمان ئېلان قىلغان. ئۇ ، يېڭىشەھەرگە ئوردا - ساراي سالدۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق ھۈنەرۋەن - كاسىپلارنى يىغىپ، ئوردىغا كېرەكلىك ياغاچ - تاشلارنى خەلققە سېلىق قىلىپ چېچىپ، ئوردا سېلىشقا كىرىشكەن. ئوردا غايەت زور  ۋە كاتتا بولۇپ، ئوردا ئىچىگە راۋاق ياسىتىپ چىققان. بۇ ئوردىغا تىتەي يامۇلىدىن كەلگۈچە 1500 مېتىر ئارىلىققا كۆۋۈرۈكلۈك يول ياساپ شەھەر ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ ئاسمان كۆۋۈرۈككە غايەت زور تۈۋرۈكلەرنى ئىشلەتكەن. كۆۋۈرۈكلۈك يولدا ما تىتەي ئوردىسىدىن يامۇلغا، يالمۇلدىن ئوردىغا قايتقۇچە تۆت چاقلىق ئورۇس ھارۋىسىغا چىقىپ كەلگەن ۋە كەتكەن. بۇ ئوردىغا 《لۇ》(قەيتۇر ، راۋاق) دەپ نام بەرگەن. ئوردا ئچىىدە ئالىي دەرىجىلىك يەتتە ئۆي بولۇپ، ھەممىسى ھەشەمەتلىك ياسالغان.
    ماتىتەي 500 تۈگمەن ياساتقۇزغان، تۈگمەن تاشلىرىنى نەچچە مىڭ ئادەم تاغدىن توشۇپ ئېلىپ كەلگەن. تۈگمەن ياساش چىقىمىنى خەلقتىن ئالغان. نامرات خەلق ياتىتەينىڭ ھاشار - سېلىقلىرىغا تۇتۇلۇپ، ئىشلەش جەريانىدا مۇنداق قوشاقلارنى توقۇغان: 
    ئىشلە ، بالىلار ئىشلە ، جاننىڭ بارىچە ئىشلە،
    ئىشلەپ ئاشنى بىز تاپساق ، داشۇجيا خېنىم چىشلە.
     
    يىللار بويى ئىشلەيمىز سوقا بىلەن تۈگمەنگە ،
    بىر ئاز ئارام ئالساق بىز، ئۇرىدۇ چېرىك - بەڭگە(ئەپيۈنكەش چېرىك).
     
    كېچىلەردە يول يۈردۇق، قار - يامغۇر، شىۋىرغاندا ،
    ئانام كۆرۈپ يىغلايدۇ پۇتلىرىم قاپارغاندا.
     
    تۈگمەن تېشى كۆتۈرۈپ، ھاردۇق يەتسە چوڭ سايدا(يېڭىسارنىڭ غەربىدىكى چوڭ ساي)،
    ھامان ئۇرغىنى ئۇرغان پۇت - قولۇمغا بازغاندا(كالتەك).
     
    بۇرنۇم قانىدى دوستلار خا ياغاچ كۆتۈرگەنچە،
    ھەيدەپ ئۇرار كۇۋەندەي قوۋۇرغام كۆكۈرگۈنچە.
     
    يىغلاپ يالۋۇرۇپ تۇرساق 《ئۇششۇق - مۇتتەھەم》 دەيدۇ،
    رەھمە ئەتكىلى چېچكىم يوق، بېگىم پارىنى يەيدۇ.
     
    ئىشلە ، بالىلار ئىشلە يىغلىغان بىكار ئىكەن.
    ئانىسى تۇغۇپ  قويسا ، تىتەيگە چاكار ئىكەن.
    ماتىتەي ئۆزىنىڭ نام - شۆھرىتىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈش ئۈچۈن، قەلئەلىك شەھەر سېلىش نىيىتىگە كەلدى. بۇشەھەرگە  زۇلۇم بىلەن ئۇل سېلىش، ئادەم قېنى بىلەن لاي ئېتىش ، ئادەم جەسىتى بىلەن سېپىل قوپۇرۇشتەك دەھشەتلىك ئىش ئىدى. ما تىتەي قەلئەلىك شەھەرنى سېلىشقا قارار قىلىپ، شەھەر سېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق  كېلىدىغان يەر ئىزدەتتى. ئۇ، چاپارمەنلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تازغۇن جاڭگىلىنىڭ جەنۇبىدىكى پاقىلىق دېگەن كەڭرى جاڭگالنى كۆرۈپ كەلدى. ماتىتەي قەلئەلىك شەھەر سېلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى ئۆز كاتىپىغا يازدۇرۇپ پەرمان ئېلان قىلدى. قەلئەلىك شەھەرنىڭ سېپىل قورۇلۇشىغا ، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ھەر كۈنى 60 مىڭ كىشى قاتناشتى. سېپىل قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش جەريانىدا، كېسەللىك ۋە ئاچلىق تۈپەيلى بىرقانچە يۈز كىشى ئۆلۈپ كەتتى.
    قەلئەلىك شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئالۋان - سېلىق سېلىش جەريانىدا ما تىتەينىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى شاپى موللا ماتۇڭ يېزىسىدىن 500 چارەكلىك يەر - زېمىن ئالدى، باغ - ھويلا ياساتتى. فەن لۇڭگەنمۇ بۇ جەرياندا بېيىپ كەتتى.  ماتىتەي سوخو قەلئەسىنىڭ سېپىللىرىنى بىر ئايدا پۈتكۈزۈپ، سېپىل ئىچىگە بىرقانچە رەت ئىمارەتلەرنى سالرۇرۇپ ، قەلئە ئىچى - سىرتىغا بىرقانچە يۈزمىڭ تۈپ مېۋىلىك ۋە مېۋىسىز دەرەخ تىككۈزدى . بۇنىڭغا 《تىتەي پاشا بېغى》 دەپ نام بەردى.
    ما تىتەي سوخو قەلئەسىنى كۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن 《سوخو قەلئەسىنىڭ كۈتكەنلىكىنى مۇبارەكلەش》 دېگەن نام ئاستىدا ، پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پۇقرا ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارغا سېلىق چاچتى. بۇ سېلىقنى چېچىش ھارپىسىدا ما تىتەينىڭ بالىلىرى، فەن لۇڭگەن ، شاپى موللا ، ھاكىم مىراقبەگ ، يۈز بېشىلار جامائەتچىلىك ئىچىدە : 《سوخو قەلئەسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى مۇبارەكلەش لازىم》 دېگەن سۆزى تارقاتتى. ھەرقايسى ناھىيىلەرنىڭ ھاكىم ، مىراببەگ ، يۈزبېشى ، قازى ، ئەلەملىرى ھەركەتكە كېلىپ ، ھەركىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا سوۋغا تەييارلاپ، ما تىتەينىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ قويدى. بۇ سوۋغىلار ئىچىدە تىللا ، يۇمبۇ، زىلچا - گىلەم ، تاۋار - دۇردۇن، زەرباب ، تەتىللا ، كەمچەت ؛ تۆگە، ئات ، قېچىر ، ئېشەك، ئۆكۈز ، سېغىنلىق ئىنەك ، چوڭ قوي؛ تاغ ھايۋانلىرىدىن بۇغا، مارال ، شىر ، يولۋاس، ئېيىق، كىيىك؛ قۇشلاردىن قارا قۇش، لاچىن ، قارچىغا، بۇلبۇل، شاتۇتى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇ سوۋغىلارنى قىسمەن يۈزبېشىلار، بەگلەر خۇشامەت يۈزىدىسىدن ، بەزىلىرى قورقۇنچ يۈزىسىدىن، بەردى. ئالتە ئاي ئىچىدە كېلىپ بولغان بۇ سوۋغىلارنىڭ ھەممىسى كەڭ كەمبەغەللەرگە چاچقان سېلىقتىن يىغىلغان ئىقتىسادقا كەلگەن ئىدى. ماتىتەي بۇ سوۋغىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدى.
    ئۈچۈنچى باب يېڭىسارلىق بەگنىڭ ئانارقىزنى ئۆيىدىن ئالداپ ئېلىپ چىققانلىقى ۋە ماتىتەيگە سوۋغا قىلغانلىقىنىڭ بايانى ماتىتەي ياش قىزلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۆز غالچىلىرى ئارقىلىق : 《تىتەي پاشانىڭ ئوردىسىغا بىر قانچە كېنىزەك لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، تىتەي پاشاغا يارىغۇدەك ساھىبجامال قىزلارنى ئېلىپ كېلىپ، تىتەي پاشاغا تۆھپە قىلىپ خىزمەت كۆرسىتىش كېرەك》 دېگەن گەپنى تارقاتتى.  بۇ رەزىل تەشۋىقاتتىن خەۋەردار بولغان ئاۋام خەلىق ئەندىشە ئىچىدە غەمگە پاتتى. بەزىلەر قىزلىرىنى ئېلىپ ھەر تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. قىسمەن ۋىجدانسىز يۇرت باشلىقلىرى ماتىتەيگە ياخشى كۆرۈنۈش ۋە ئۆز ئەمىلىنىڭ تېخىمۇ ئۆستۈرۈلۈشىنى ئويلاپ، تەرەپ − تەرەپكە قاتراپ، كىملەرنىڭ چىرايلىق، ساھىبجامال قىزى بارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدى.
    قەشقەر  ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ مەلۇم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئانارقىز ئىسىملىك بىر يېتىم بالا بار ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى بەختىۋاي ئىككى يىل بۇرۇن ماتىتەينىڭ خانئېرىق دەرياسىغا ياساتقان تۈگمەنلىرىگە تاش كەلتۈرۈش سېلىقىغا ھەيدىلىپ ، 《ئېتىم چاغرى》(يېڭىسارنىڭ ئوچا يېزا تەۋەسىدىكى كەنت بولۇپ، شۇ كەنتنىڭ غەربىدىكى تاغدىن تۈگمەن تېشى چىقىدۇ) نىڭ تېغىدا تۈگمەن تېشى قومارغىچىلىك، تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ۋاپات بولغان ۋە شۇ ئورۇنغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئايالى سارىخان يېتىم قالغان ئانارقىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان. ئانارقىز بەكمۇ ساھىبجامال ، قارا قاشلىق، قارا چاچلىق ، چولپان كۆزلۈك ، بو قەدرى نازىنىن ، سۆزى چۈچۈك ،ئەقىللىق ، ئۆزى يېقىملىق، ئىشچان، ھوشيار بولغاچقا، يۇرتتىكى نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ كۆزى چۈشكەن ئىدى. ئانارقىز ئۆز يۇرتىدىكى ئۆزى بىلەن تەڭدېمەتلىك روزى باتۇر ئىسىملىك ئەمگەكچان ، زېرەك يىگىت بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، توي قىلىشقا سەككىز كۈن قالغان ئىدى. ئانارقىز 17 ياشتا بولۇپ، كېچە - كۈندۈز تۇل ئانىسى سارىخاندىن ئايرىلمايدىغان بالا ئىدى. بۇ ئىككى ئاجىزە بىر - بىرى بىلەن مۇڭدىشىپ، بىر - بىرىگە تويماي، غۇربەتچىلىك بىلىنمەي ھايات كەچۈرۈپ كېتىپ باراتتى.
    ئانارقىز گۈزەلدۇر جامالىدە نۇر،    
    ھايالىق، ۋاپادار، ساداقەت زوھۇر(قوزغىلىپ چىققۇچى).
     
    ئانىسىغا مۇشفىق ئانارقىز ئەجەب،  
    خۇي - خۇلقى ، ئەخلاقى تامامى ئەدەپ.
     
    يۈزى قىپقىزىل ئەتىرگۈلىدۇر پورەك،
    چېچەن ، كۆڭلى نزۇك ، ئاجايىپ زېرەك.
     
    بويى تال چىۋىقتۇر يېشىل نوتىدەك،
    چىشى ئۈنچىدۇر، لېۋى شاتۇتىدەك.
     
    ئوماق يۈز، خۇمار كۆز، قارا قاشلىرى،
    يېيىلغان مۈرىسىگە ئۇزۇن چاچلىرى.
        
    بېشى چىلگىگە ئوخشاش ، كېلىشكەن بۇرۇن،
    قىلار ئىشنى ئويلاپ، سۆزىدۇر ئورۇن.
     
    قولىدۇر مىسالى يىپەكتىن سىلىق،  
    بېلى بىر سىقىمچە، تېنىدۇر بېلىق.
     
    ئەگەر كۈلسە خۇش خۇلقىدىن نازلىنىپ،
    ئۇنى كۆرسە كىم بولار مۇھەببەتكە غەرق.
    بۇ رايوندىكى بەگ ئۆز كۆڭلىدە 《ئانارقىزنى ماتىتەيگە تۆھپە قىلسام، بۇ تۆھپەم بەدىلىگە مېنىڭ مەنسىپىم تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى تۇرغان گەپ》 دەپ ئويلاپ، خوتۇنى بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ، قىزى ئارقىلىق ئانارقىزنى ئۆيىدىن ئالداپ ئەكېلىش قاپقىنىنى قۇرۇپ چىقتى. بەگنىڭ ئايالى قىزىغا: 《قىزىم، ئىچىڭ پۇشۇپ زېرىكىپ قالدىڭ، باغدا مېۋىلەرمۇ پىشىپ كەتتى. سەن ئانارقىزنى چاقىرىپ كېلىپ، باغدا بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىڭلار، مەن مانتا ئېتىپ تۇراي》 دېگەن ھىيلە گەپ بىلەن قىزىنى يولغا سالدى. بەگ ئاقتۇ (‪ئاقتۇ 1955 - يىلىغىچە يېڭىسار ناھىيىسىگە قاراشلىق بولۇپ، ھازىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىغا تەۋە ناھىيە ) بازىرىدىن ئۈچ جىڭ گۆش كەلتۈردى. بەگنىڭ قىزى سارىخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، ئانارقىزغا : 《جۈرۈڭ، بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ باغدىكى مېۋىلەرنى يەپ ، ئويناپ كېلىڭ. ئانام ئۆز ئاغزى بىلەن سىزنى باشلاپ كېلىشنى ئېيتتى》 دەپ ، ئانارقىزنى باشلاپ كەلدى. ئانارقىز بگنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ، بەگنىڭ خوتۇنى دەرھال خۇش تەبەسسۇم بىلەن :
    — ۋاي بالام ئانارقىز، كېلىڭ قىزىم، تازا ياخشى ۋاقتىدا كېلىپسىز. مېنىڭ قىزىم زېرىكىپ، بىرگە ئوينايدىغان كىشى بولمىغاچقا، سىزنى چاقىرتىپ كەلگەن ئىدىم. سىلەر باغدا سەيلە قىلغاچ ئويناپ تۇرۇڭلار، مەن سىلىگە غىزا قىلىپ بېرەي، — دەپ مانتا ئېتىشكە قوپۇپ ، ناماز شامدىن ئۆتكەندە مانتىنى پىشۇرۇپ داستىخانغا قويدى. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ئانارقىز: 《كەچ بولۇپ كەتتى، ئانام ئەنسىرىمىسۇن، مەن كېتەي》 دەپ ئورنىدىن قوپتى. ھىيلىگەر بەگنىڭ خوتۇنى : 《خاتىرجەم بولۇڭ ، بىز سىلەرنىڭ ئۆيگە كىشى ئەۋەتتۇق، سىلىنى قىزىم بىلەن قونۇپ قالىدۇ، خاتىرجەم بولسۇن دەپ》 دېگەن ياغلىما گەپلەر بىلەن ئۇنى قوندۇرۇپ قالدى. يېرىم كېچە بولغاندا ، بەگ ئۆيىدىكى يىللىقچىغا ھارۋىنى قوشتۇرۇپ، ئانارقىز بىلەن قىزىنى ئويغىتىپ ھارۋىغا چىقىشنى بۇيرۇدى. ئانارقىز:《 بۇ كېچىدە قەيەرگە بارىمىز》 دەپ ھەيران قالدى. بەگ مۇغەمبەرلىك بىلەن : 《بىزنىڭ تۇغقانلار ئىچىدە توي بولىتى، قىزىم بىلەن ئىككىڭلارنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىمەن》 دېدى. ئانارقىز: 《مېنىڭ كىيىمىم مۇشۇنداق تۇرسا، قانداق بارىمەن، ئۆيگە بېرىپ كىيىم يەڭگۈشلەپ كېلەي》 دېگەندە ، بەگنىڭ خوتۇنى : 《غەم قىلمىسىلا بالام، قىزىمنىڭ كىيىملىرى كۆپ》 دەپ ئانارقىزغا ئۆز قىزىنىڭ ئېسىل كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ قويدى. ئانارقىز:《بۇ كېچىدە ماڭغۇچە ، تاڭ ئاتقاندا بارساق بولمامدۇ》 دېگەندە، بەگ:《 ھازىر ھاۋا ياخشى، ئەتە ماڭساق بەك ئىسسىققا قالىمىز》 دەپ جاۋاپ بەردى.
    بەگ ئۆز قىزى بىلەن ئانارزقىنى ھارۋىدا ئولتۇرغۇزۇپ، سوخو يولىغا راۋان بولدى. ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە يوپۇرغا دەرياسىنىڭ بويىدىكى 《يېڭىئېرىق ئاغزى》 دېگەن يەردە ئولتۇرۇشلۇق بىر كاززاپ دوستىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. بەگ بۇ دوستىغا پىچىرلاپ بىرنېمىلەرنى دېدى. بەگنىڭ دوستى بۇلارنى مېھمان قىلغان بولدى. ئانارقىز بىر مۇدھىش ۋەقەنىڭ ئۆز بېشىدا سادىر بولىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ قارىسا ، تويدىن ھېچقانداق ئەسەر يوق. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ:《 مەن كېتەي، ئانام ئەنسىرەپ قالمىسۇن》 دەپ ، ئۆينىڭ دەرۋازىسى تېشىغا چىقىۋالدى. بەگ شۇملۇق ئىشلىتىپ: 《سىز كەتسىڭىز بولىدۇ، مېنىڭ قىزىم 3 − 4 كۈن بۇ دوستۇمنىڭ تويىدا ئويناپ كەتسۇن، مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي》 دەپ ، يول بىلمەيدىغان ئانارقىزنى ھارۋىدا ئولتۇرغۇزۇپ، سوخو قەلئەسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
    بەگ ئالدى بىلەن ئانارقىزنى شاپى موللىغا كۆرسەتتى. شاپى موللا ئانارقىزنىڭ ھۆسن - جامالى، قەددى - قامىتىگە قاراپ ھەيران قالدى - دە، بەگ بىلەن ئانارقىزنى دەرھال ماتىتەينىڭ قېشىغا باشلاپ كىردى. يېڭىسار بېگى ماتىتەيگە سالام قىلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇردى، ئاندىن ئانارقىزنى كۆرسىتىپ: 《جانابىي پاشا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى ماقۇل بولسىلا، بۇ قىزنى ئۆزلىرىگە تەقدىم قىلدىم》 دەپ قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇردى. ما تىتەي ئانارقىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، يېڭىسار بېگىگە قوشۇمچە ئۆز يۇرتىنىڭ پاششاپلىق ئەمىلىنى ئاتا قىلدى.
    تۆتىنچى باب ئانارقىزنىڭ ماتىتەي ئوردىسىدىكى كەچۈرمىشى ۋە ئۇنىڭ سۆيگىنى روزى باتۇر قىساس يولىدا قۇربان بولغانلىقىنىڭ بايانى ماتىتەي ئوردىسىغا كىرىپ كالغان ئانارقىز ئوردا ھاياتىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە قورقۇنچلۇق گۇمان - ئەندىشىلىرىنى مەيۈسلەنگەن ھالدا ئويلاپ، چوڭقۇر ئازاب بىلەن ھەسرەت چېكىشكە باشلىدى. يەنە ئانىسى سارىخاننىڭ سەرسان - سەرگەردان بولۇپ، ئۆزىنى ئىزدەۋاتقانلىقى؛ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت سۆيگۈسى بولغان روزى باتۇر ئانارقىزنىڭ غايىب بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مۇھەببەت ئوتىدا قانداق ئازابلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىرمۇبىر كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىنى تۆكتى.
    ماتىتەي كەچ كىرىش بىلەن ئۆز ياتىقىغا ئانارقىزنى چاقىرتىپ كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئانارقىزنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ھۆسن - جامالى تولىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ نەپسى تاقىلدىدى. ئۇ ، ئانارقىزنىڭ تېنىنى سىلىغان بولۇپ ئۆزىگە تارتىپ، شالداما كالپۇكىنى ئانارقىزنىڭ يۈزىگە مايىل قىلدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئانارقىزنىڭ ۋۇجۇدىغا تىترەك ئولىشىپ، زار - زار يىغلىدى. ئانارقىزنىڭ پاك جىسمى بۇ بەتبەخ تەرەپكە مايىل بولماي، يورۇق دۇنيا كۆزىگە قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ، يېتىمچىلىكىنىڭ ، جۇدالىقىنىڭ دەرد - پىراقىدا: 《 بۇ ئازابقا قالغۇچە خۇمدانغا تاشلىنىپ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلسەم رازى ئىدىم. ئاھ ، دەردىم!》 دەپ يىغلاپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ما تىتەي 《 ئانارقىز بۈگۈن كەلدى، مېنىڭ شارائىتىم بىلەن 2  - 3 كۈن تونۇشسۇن》 دەپ ئويلاپ، شۇ كۈنى كېچىسى ئۆز نەپسىنى باشقا خوتۇنلىرى بىلەن قاندۇرغان بولدى.
    ماتىتەينىڭ قىياپىتى تۇلۇم چاشقاندەك سەت ، كۆزلىرى جۇۋالدۇرۇز تۆشۈكىدە ئىدى.     
    قېرى، پاسكىنا ، كۆكيۆتەل ، سەت ، رەزىل،
    تۈگىمەس  يامانلىق قىلىپ نەچچە يىل.
     
    يۈزىدە قېنى يوق بوغۇملۇق چايان،
    ئىچىدە زەھىرى كۆپ، بېشى تاز يىلان.
     
    ئېڭەكلىرى ئۇنىڭ يۈزىدىن ئېگىز،
    بۇ تازنىڭ كۆزى يا چېكىت ، يا بىگىز.
     
    سېسىق ياغدا پىشقان مونەك باشلىرى،
    كى بىر يەردە تۇرغان كۆزى ، قاشلىرى.
     
    بېشى يالتىراقتەك قىلۇر قار ياغار،
    تۇلۇم گەردىنىدە يىرىك تۈكمۇ بار.
     
    تاماق يېسە ماكماك ئاقىدۇ شالى،
    ماغزاپقا تولىدۇ چاشكا ، پىيالى.
     
    پاناق بۇرنىدىن پوتلا ، زەرداپ ئاقار،
    كۆزىدىن داۋاملىق چاپاقلار چىقار.
     
    چىشى يوق بۇنىڭ ئېيىق ئاغزىدەك،
    قاپاق ، مەڭزى ئۇششۇق قاپاق لازىدەك.
     
    ئەگەر ماڭسا مايمۇن سۈپەت دوڭغىيار،
    قاچان ماڭسا مەلئۇن سۈرەت قىڭغىيار.
     
    ھاياتى بۇنىڭكى داۋاملىق ھاراق،
    ھاراق ئىچمىسە كۆزىدىن يوقىلار قاراق.
    ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ماتىتەي ئوردىدا خىزمەت قىلىۋاتقان دەڭسەيچى (ماتىتەينىڭ ئوردىسىدىكى ئايال خىزمەتكار) ئايالغا: 《بۈگۈن ئانارقىزنى يوتقانغا ھازىرلاش ئۈچۈن تەييارگەرلىك قىلىشقا سەن مەسئۇل》 دېدى. دەڭسەيچى ئايال ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ، تىتەي يېنىدىن چىقتى. ئۇ دەرھال ئانارقىزنى يۇيۇندۇرۇپ - تازىلاپ ، بەدىنىگە خۇش پۇراق ئەتىر چېچىپ، يېڭى كىيىم كىيدۈرۈپ تەييارلىدى. بۇ خىل ھالەتنى كۆرگەن ئانارقىز ئۆزى ئۈچۈن  چوڭ بالا - قازانىڭ يۈزلەنگەنلىكىنى، بۇ زۇلمەتلىك كېچىنى ئويلاپ ، بارلىق ئەزالىرىغا  تىترەك ئولىشىپ، ھېچ ئىلاجىنى قىلالماي ھەسرەت ئىچىدە قالدى.
    كەچ سائەت يەتتىلەردە ماتىتەينىڭ شۇم نەپسى تاقىلداپ، كۆپ ھاراق ئىچىپ مسەت ھالىتىدە ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، دەڭسەيچى ئايالغا ئانارقىزنى كەلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. دەڭسەيچى ئايال ئالدىراپ - تەمتىرەپ ئانارقىزنى يېتىلەپ تىتەي قېشىغا كەلتۈردى. ئانارقىزنىڭ كۆزىدىن ئوت يېنىپ، ئۆزىنى بىلەلمەي ھالى خاراپ، ھەرىكەتلىرى سۇسلىشىپ، قورققىنىدىن تىنىق چىقىرىشقا قادىر بولالماي قالدى. قېرى تىتەي دەڭسەيچى ئايالغا ئىشارەت قىلىپ، ئانارقىزنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئانارقىز بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاپالمىغان ھالەتتە پەرىشان بولدى. دەڭسەيچى ئايال ئانارقىزنى قېرى تىتەيگە قوشۇپ، ئۆينىڭ مىلەڭزىسى تېشىدا ئۇخلىماي ئولتۇردى. بۇ، تىتەي ئوردىسىنىڭ ئادىتىئىدى. مەسىلەن، كېچىدە تىتەي بىر ئايال بىلەن بىرگە ياتقاندا ، ئىككى نەپەر دەڭسەيچى ئايال مىلەڭزە تېشىدا ئۇخلىماي ئولتۇراتتى. ما تىتەي ھاراق مەستلىكى بىلەن ئانارقىزنى مۇباششىرەتكە (ئەيش  - ئىشرەت) يۈز كەلتۈرۈپ، بىچارە ئانارقىزنىڭ نازۇك تېنىنى مەجرۇھ قىلدى.
    شۇنىڭدىن كېيىن، بىچارە ئانارقىز ئەلەم - ھەسرەت ئىچىدە كېسەل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ماتىتەي ھەر كېچە شۇم نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، بۇ خىل ئىپلاس ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى. بىچارە ئانارقىز ئۆلۈمگە رازى بولۇپ، بۇ ۋەھشىي چىلبۆرىگە يېقىن يولاشقا ئۇنىماي، ئۆز دەردى بىلەن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى. ئانارقىزنىڭ كېچىلىك ئىسيانىدىن غەزەپلەنگەن ما تىتەي ئانارقىزنى يالىڭاچلاپ، ئىككى تىللىق ئىنچىكە سىم قامچا بىلەن ئۇرۇپ نازۇك بەدىنىنى قانغا بويىدى. ئانارقىزنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىغا ھەمدەم بولغۇدەك ھېچ كىشى چىقمىدى.
    ئانارقىز ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئەتىسى سارىخان ئانا قىزىنىڭ كەلمەيۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەپ، بەگنىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ دەرۋازىنى قاقتى. بەگ خوتۇنى دەرۋازىنى ئاچتى. سارىخان :《 ئۆزلىرىنىڭ قىزى مېنىڭ قىزىمنى بۇ ئۆيگە ئېلىپ كەتكەن. شۇڭا، قىزىمنىڭ دېرىكىنى ئالاي دەپ كەلدىم》 دېدى. بەگنىڭ خوتۇنى سارىخانغا قاراپ: 《قىزلىرى ئاخشام بۇ ئۆيدىن ئۇزاپ چىقىپ كەتكەن》 دەپ جاۋاب بەردى. بىچارە سارىىان بۇ مۇدھىش جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، پۇت - قوللىرىدا قان يوق، نەگە بېرىشىنى بىلەلمەي، ئۆز يېزىسىنى ئايلىنىپ: 《 كۆز نۇرۇم ئانارقىز قايدىسەن؟ 》 دەپ توۋلاپ، يىغلاپ سەرسان بولدى.
    ئانارقىزنى ماتىتەيگە تۆھپە قىلغان يېڭىسار بېگى قوش ئەمەللىك بولۇپ، خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، بۇ ئەھۋاللارنى خوتۇنىغا مەلۇم قىلىپ كۆڭلىنى تىندۇرغان بولدى. ئۇ ، ئەتىسى يۇرتقا ئۆزىنىڭ قوشۇمچە پاششاپلىق مەنسىپىنى ئېلان  قىلدى. بۇ قارا يۈرەك بەگ تېخىمۇ ھەددىدىن  ئېشىپ ، ئالۋان - سېلىقنى بىرگە ئون قىلىپ خەلقتىن يىغدى ھەم ئۆز تەۋەسىدىكى ئوغرىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خەلقنىڭ مال - مۈلىكىنى ئوغرىلىتىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى. خەلق بۇ مۇناپىق بەگدىن بىزار بولۇپ، نېمە قىلىشنى بىلمەي قېلىشتى.
    ئانارقىزنىڭ مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈپ سەرسان بولغان روزى باتۇر 《 ئانارقىزنىڭ يېتىپ كېتىشىگە مۇشۇ مۇناپىق بەگ سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن، بۇ بەگ ناھايىتى زومىگەر بولۇپ كەتتى. خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلاپ - تالىدى. شۇڭا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەي》 دېگەن قارارغا كەلدى. ئۇ، مەلۇم بىر كېچىسى بەگنىڭ ئۆگزىسى ئارقىلىق ئۆيىگە چۈشۈپ ، كارۋات ئۈستىدە ياتقان ئادەمنى كالتەك بىلەن ئۇرۇۋاتقاندا ، يان ئۆيدىكى باشقا كىشىلەر تۇيۇپ قېلىپ، روزى باتۇرنى تۇتۇپ باغلىدى. روزى باتۇر كالتەك بىلەن ئۇرغان ئادەم مۇناپىق بەگ بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئوغلى ئىكەن. ئەسلىدە بەگ باشقا ئۆيدە ياتقان بولۇپ، روزى باتۇرنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ساقلىنىپ قالغان ئىدى.
    ئەتىسى بەگنىڭ غالچىلىرى روزى باتۇرنى تىتەي يامۇلىغا ئېلىپ كېلىپ سولاتقۇزدى. روزى باتۇر 《 ئىسىت! بۇ مۇناپىق بەگ نېمىشقا مەن كىرگەن ئۆيدە يوق بولغىيتتى. بولغان بولسا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەم، ئاندىن مېنىڭ دەردىم ۋە خەلقنىڭ دەردى چىقار ئىدى》 دەپ ئويلىدى. بەگنىڭ بالىلىرى روزى باتۇر ئۈستىدىن تىتەي يامۇلىغا ئەرز سۇنۇپ: 《بىزنىڭ قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈۋەتتى》 دەپ شىكايەت قىلدى. تىتەي يامۇلى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، روزى باتۇرنى 《 ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل》 دەپ ھۆكۈم قىلىپ، جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ، مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ، روزى باتۇر قىساس يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلدى. بەشىنچى باب ئانارقىزنىڭ ماتىتەي ئوردىسىدىن بىرىنچى قېتىم قاچقانلىقى ۋە تۇتۇلۇپ قېلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ بايانى
    ماتىتەينىڭ 40 خوتۇنى بار ئىدى. بۇ 40 خوتۇنغا مەسئۇل بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جېدەل - ماجىرالارنى سۈلھى - سالا بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ ئەپلەشتۈرۈپ قويىدىغان ۋە ماتىتەينىڭ بالىلىرىغا پەند - نەسىھەت قىلىپ تۇرىدىغان ئايالىنىڭ ئىسمى لەيلىخان ھاجى ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى خۇيزۇ، ئانىسى ئۇيغۇر ئىدى.
    ئاڭلىشىمىزچە ، لەيلىخان ھاجىنىڭ دادىسى ماتىتەي بىلەن بىر جەمەت بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھەر ئەتراپىدىكى جياسەن ناھىيىسىدىن ئىدى. ئۇ كىشى تېۋىپلىق كەسپى بىلەن 19 ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭغا چىقىپ، ئاۋۋال قەشقەر شەھىرىدە تۇرغان ، كېيىنرەك يېڭىشەھەرگە چىقىپ ئورۇنلىشىپ قالغان. ئۇنىڭ ئايالى زۇمۇرە خېنىم قەشقەر شەھەر ئىچى يۇمىلاقشەھەر كۆلبېشى مەھەللىسىدىن بولۇپ ، تۇنجى قىزى لەلە خېنىمنى كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى تەربىيىلەپ قۇرئان ساۋاتىنى چىقارغان. ئۇنى ئۆي ئىشلىرىغا پىشۇرغاندىن باشقا ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ھەق - ناھەقنى كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشقا يېتەكلىگەن. ئۇ قىز رەسىدە بولغاندا ، سابىرھاجىم باجگىر دېگەن كىشىگە كىچىك خوتۇنلۇققا بەرگەن . سابىر ھاجىم باجگىرنىڭ ئۆيى قەشقەر شەھەر ئىچى ئېگىز ئېرىق مەھەللىسىدە ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن ئالانۇر خېنىم، نەبىجان ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى بولغان؛ لەلە خېنىمدىن تۇرسۇن خېنىم، تۇ خېنىم، تۇنىسا خېنىم ئىسىملىك ئۈچ پەرزەنت تۇغۇلغان. تۇرسۇن خېنىم رەسىدە بولغاندا ، ئىسھاقجان دېگەن كىشىگە ياتلىق بولۇپ، نۇرىمان خېنىم ، ئەسقەرجان ۋە ئەختەرجان دېگەن ئۈچ پەرزەنت كۆرگەن.()
    ماتىتەي قەشقەرگە كەلگەن يىلى لەلە خېنىم 33 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، مەھەللىدە ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدا زور شۆھرەت تېپىپ 《گۇناھدىن پاك، دىيانەتلىك ئايال》 دېگەن مەنىدە 《لەيلىخان ھاجى》 دەپ ئاتالغان. ماتىتەي جەمەت سۈرۈشتۈرۈپ، لەيلىخان ھاجىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى سوخودىكى ئوردىا خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن لەيلىخان ھاجى پەيزى - پەيزى پەيتۇنغا ئولتۇرۇپ، سوخودىكى ماتىتەينىڭ ئوردىسىغا چىقىپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ۋە كەسكىن بىر تەرەپ قىلغان. ئۇ سېمىز، ئوتتۇرا بوي، پېشانىسىدە بىر تال مەڭ بار، چىرايلىق، ئاق كۆڭۈل ۋە ئىنسانپەرۋەر ئايال ئىدى. يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئۇ ، ماتىتەينىڭ بۇزۇق ئەخلاقىدىن بىزار بولۇپ يۈرەتتى. ئانارقىز كەلگەندىن كېيىن، نىكاھ ئاخشىمى ئۇنىڭ يېنىدا بولدى ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتى.  لېكىن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا ، ماتىتەينىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى، كۆڭلىدە ئانارقىزغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلاتتى.
    لەيلىخان ھاجى بىر كۈنى پۇرسەت تېپىپ ئانارقىزنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى - دە، ئۇنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سورىدى، ئانارقىز لەيلىخان ھاجىدىن ۋاپانىڭ ھىدى كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، يىغلاپ تۇرۇپ ئۆز دەردىنى تۆتى.
    ۋاي ئانارقىز كېچە - كۈندۈز غەم بىلەن ئاۋارىكەن،
    روھىي زەربە، تەن خاراب، باشىدا مىڭ دىشۋارىكەن.
     
    سارغىيىپ گۈلى يۈزلىرى، قەلبى ئۇنىڭ يۈز پارىكەن،
    مېھرىبان ئاناسىنى ياد ئېتىپ بىچارىكەن.
     
    لەيلىخان ھاجىغا يىغلاپ دەرد تۆكۈپ ھەم يالۋۇرۇپ،
    دېدى ئۇ :《جانىم ئانا غۇربەتتە مەن ياتتىم غېرىب.
     
    بۇ مېىڭ مۈشكۈللىرىمنى قىل ئاسان، سەن يول تېپىپ،
    بۇ دوزاختىن قۇتقۇزۇپ قويغىن ، كېتەي تېزراق قېچىپ》.
     
    رەھىم قىلدى لەيلىخان ھاجى مۇنىڭكى ھالىغا،
    سارغىيىپ سولغان قىزىلگۈلدەك ھۆسن - جامالىغا.
     
    دەل جاۋاب بەرمەك ئۈچۈن قىزنىڭ تىلەك - سۇئالىغا،
    ئويلىنىپ كەلتۈردى بىر پۇرسەتنى ئۇ خىيالىغا.
    لەيلىخان ھاجى ئانارقىزنىڭ دەردلىك ، ئوتلۇق يىغىسىغا بىتاقەت بولۇپ، رەھىم - سەپقەت ھېسسىياتى قوزغىلىپ، ئانارقىزنى قاچۇرۇۋېتىشنى قارار قىلدى. ئەگەردە ئانارقىز ماتىتەي ئوردىسىدىن سالامەت قېچىپ قۇتۇلسا: 《ئۇلۇغ تىتەي ، ئۆزلىرىگە خوتۇن كەم ئەمەس…》 دېگەنگە ئوخشاش تىتەينىڭ كۆڭلىنى ئانارخاندىن سوۋۇتىدىغان سۆزلەرنى قىلاي، دەپ پىلان تۈزدى. ئۇ ، 《تىتەينىڭ ئانارقىزدىن كۆڭلى سوۋۇپ، ئانارقىزنى ئىزدىمىسە ئەجەب ئەمەس》 دېگەن خىيال بىلەن كۆڭلىنى توختىتىپ، كەچقۇرۇنلىقى ماتىتەينىڭ مىخازە خېنىم دېگەن خوتۇنىنى دەڭسەيچى ئاياللار ئارقىلىق راسا يۇيۇپ - تاراپ، ئەتىر چاچتۇرۇپ، تىتەي بىلەن بىرگە بولۇشقا تىتەينىڭ ھۇجرىسىغا كىرگۈزدى.
    شۇ كۈنى يېرىم كېچە بولغاندا ، لەيلىخان ھاجى ئانارقىزنى ماتىتەينىڭ زۇلۇم ئوردىسىدىن قاچۇرۇۋەتتى.بىچارە ئانارقىز شۇ قاچقىنىچە قايسى تەرەپكە مېڭىشىنى بولمەي، يېقىلىپ - قوپۇپ بىرھازا ماڭغاندىن كېيىن ، سوخونىڭ شىمال تەرىپىدىكى دەرەخ كۆرۈنگەن تەرەپنى كۆردى - دە، شۇ تامان قېچىپ تۇغچى يولىغا كىردى. ئانارقىز قېچىپ كېتىۋېتىپ غېرىب ئانىسى سارىخاننى ياد قىلىپ ئەسلىدى ۋە ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئەلەم - ھەسرەتلىرىنى  تۆكۈشنى ئويلىدى. شۇ مېڭىشى بىلەن ناماز بامدات ۋاقتىدا چۆلنىڭ بىر تەرىپىگە چىقىپ، قەيەرگە بېرىشنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرغان ھالەتتە، جاڭگالنىڭ بىر تەرىپىدىكى جىگدىلىكنىڭ ئىچىدىن تۈتۈن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. يېقىن كېلىپ قارىسا ، يالغۇز ئكينىڭ مورىسىدىن چىقىۋاتقان تۈتۈن ئىكەن. ئانارقىز ئىككىلەنگەن ھالدا ئاستا قەدەم  بىلەن ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئۆي ئىچىگە سەپسېلىپ قارىسا ، ئۆيدە بىر بوۋاي بىلەن بىر موماينىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ، ئۆيگە كىرىپ بوۋاي بىلەن مومايغا سالام بەردى. بوۋاي بىلەن موماي :《كېلىڭ بالام》 دەپ ئوچاق ئالدىدىن ئورۇن بوشىتىپ ئانارقىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئانارقىز بوۋاي بىلەن موماينىڭ قولىدىكى سايمان ئارقىلىق قوي يۇڭىدىن يىپ چىقىرىپ، قۇ (ئىشتانباغ) توقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
    بۇ ئەر - خوتۇن چارۋا بېقىش بىلەن ھايات كەچۈرۈۋاتقان كەمبەغەل چارۋىچىلار بولۇپ، بوۋاينىڭ ئىسمى غازىۋاي ، ئايالىنىڭ ئىسمى شەرىخان ئىدى. ئانارقىز ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن، موماي ھال - ئەھۋال سوراپ مېھرىبانلىق كۆرسەتتى ۋە دەرھال چاي قاينىتىپ ، داستىخان سېلىپ تائام بەردى. ئانارقىزنىڭ سۇنۇق كۆڭلى بىر ئاز ئېچىلىپ، بىچارىلىق بىلەن چولپان كۆزلىرىدىن باھار يامغۇرىدەك ياش ئاققۇزۇپ، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۆزىنىڭ يېڭىساردىن ئىكەنلىكى ، غېرىپ ئانىسى سارىخاندىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلىغان غازىۋاي بىلەن شەرىخانلارنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلىشىپ كەتتى. غازىۋاي ئانارقىزغا تەسەللى بېرىپ: 《مەن سىزنى ئۆيۈمدە ساقلاپ قالاي ، جاھان تىنجىغاندىن كېيىن ، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي》 دەپ ئۆيىدە ئېلىپ قالدى.
    ماتىتەي شۇ كېچىسىنى خوتۇنى مىخازە خېنىم بىلەن بىرگە بولۇپ، ئەتىسى كۈن يورۇغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ غاڭزىسىنى شورىغان ھالدا دەڭسەيچى ئاياللاردىن ئانارقىزنى سورىدى. دەڭسەيچى ئاياللار: 《ئانارقىز پەنجىرىلىك كاڭدا ئۇخلاپ قالدى》دەپ جاۋاب بېرىشتى. ماتىتەي دەرھال ئانارقىزنى يېنىغا كەلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. دەڭسەيچى ئاياللار پەنجىرىلىك كاڭغا يۈگۈرۈپ، ئۆيگە كىرسە ئانارقىز يوق، پەقەت ئۇنىڭ دوپپىسى چۈشۈپ قالغان ئىكەن. 《ئانارقىز خالا - جايدا بولسا كېرەك》 دەپ چىقىپ قارىسا ، ئۇ يەردىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. دەڭسەيچى ئاياللارنىڭ رەڭگىرويى ئۆچۈپ، ھاياتلىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ھالدا قېرى تىتەي قېشىغا كىرىپ ئەھۋالنى بايان قىلىپ ، ئانارقىزنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى.
    بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تىتەي پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ نۇجيانى(تىتەي يېنىدىكى ئىش باشقۇرغۇچى) چاقىرتىپ: 《بۇ ئىككى دەڭسەيچى ئايالنىڭ پۇتىغا جۇلۇزە(تاقاق) سېلىپ قاتتىق ئۇرۇپ، ئىشكەل بىلەن كىشەنلەپ سولاقخانا قازى ئۆيىگە قامايسەن》 دەپ ھۆكۈم قىلدى. ئارقىدىن ئۇ لەيلىخان ھاجىنى چاقىرتىپ، ئانارقىزنىڭ يوقالغانلىق ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغاندا ، لەيلىخان ھاجى : 《ئىلتىپاتلىق تىتەي دارىن ، ئانارقىز بولسا ئۆزلىرىدەك ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك پاشانىڭ قەدىرىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى ، ئۇ تۆۋەن ئائىلىدىن چىققان ئىشلەمچى بىر ئاددىي قىز  . بولمىسا ، بۇ خىلدىكى ئەقىلسىزلىقىنى قىلماس ئىدى. ئانارقىز ئۆزىنىڭ بەخت - تەلىيىگە ئۆزى نۇقسان يەتكۈزۈپ، بۇرۇنقى گادايلىق تۇرمۇش بىلەن ئۆتۈشنى خالاپتۇ. شۇڭا، ئانارقىز قەيەرگە بارسا، مەيلى بارسۇن. ئانارقىزنى ئىزدەش ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىرىگە لايىق كەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە ساھىبقامال قىزلار ئۆزلىرىگە نېسىپ بولماي تۇرىدىغۇ؟》 دېدى. ئۇ، مۇشۇ سۆز بىلەن تىتەينىڭ رايىنى ياندۇرغان بولسىمۇ، قارا دىلى ئانارقىزغا زىيادە مايىل بولغان ما تىتەي كۆڭلىدە 《 ئانارقىز مېنى خالىمىدى. بۇ ئىش مەن ئۈچۈن نومۇس》 دېگەن ۇددىئا بىلەن لەيلىخان ھاجىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، فەن لۇڭگەن بىلەن چىڭ كۇۋەندەينى چاقىرتىپ، بولغان ۋەقەنى بايان قىلىپ، ئانارقىزنى ئۈچ كۈن ئىچىدە تېپىپ كېلىش ئۈچۈن قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈردى ۋە : 《تېپىشمىساڭ بېشىڭنى ئالىمەن》 دەپ تەھدىت يۈرگۈزدى.
    فەن لۇڭگەن بىلەن چىڭ كۇۋەندەي ئوردىدىكى نۇرغۇن چېرىك ۋە يايى ، بەنتۇر ، شياڭيۇ ، خانتۇرلارنى ئەگەشتۈرۈپ، ئانارقىزنى جىددىي ئىزدەشكە ئاتلاندى. بۇ خىل قاتتىق ئىزدەش جەريانىدا ، سوخو ئەتراپىدىكى يېزىلار بىلەن يېڭىشەھەر ۋە يېڭىسار ناھىيىلىرى تەۋەسى يېزىمۇ يېزا ئاختۇرۇلۇپ، بىر قانچىلىغان بىگۇناھ كىشىلەر گۇمان بىلەن تۇتۇلۇپ، ئۇرۇپ قاماپ قويۇلدى. ئۇلار كەسكىن، دەھشەتلىك  ئىزدەش بىلەن ئاخىرى بىچارە ناتىۋان ئانارقىزنى تۇغچى جاڭگىلىدىكى ئۆيدىن تېپىپ، غازىۋاي بىلەن ئانارقىزنى زەنجىر بىلەن ماتاپ ئات ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ، ما تىتەينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى.
    تىتەي بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلىنىپ پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ، دەرھال : 《غازىۋاينىڭ قولىنى كەس!》 دەپ ھۆكۈم قىلدى. غازىۋاي بىچارە پەرياد چېكىپ يىغلاپ تۇرۇپ: تىتەي پاشىم، مەن بولسام غېرىب قۇلۇڭمەن، گۇناھىمنى تىلەيمەن》 دەپ تىتەينىڭ ئالدىدا يېتىۋالدى. ما تىتەينىڭ چاپارمەنلىرى: 《ھۆكۈم بىر》 دەپ، بىچارە غازىۋاينى سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، سوخو دەرۋازىسىنىڭ تېشىدا قولىنى بېغىشىدىن كېسىپ، سوخو دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويدى. بىچارە غازىۋاي قولىنىڭ كېسىلىشى بىلەن ھوشىدىن كېتىپ، بىرقانچە ۋاقىتتىن كېيىن جاراھەت تۈپەيلى ۋاپات بولدى. ئېرىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن شەرىىانمۇ ۋاپات بولدى.
    ماتىتەينىڭ غالچىلىرى ئانارقىزنى سولاقخانىغا كىرگۈزۈپ، نازۇك بەدىنىنى يالىڭاچلاپ، ئىككى تىللىق ئىنچىكە سىم قامچا بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ ، نارازەت ئاستىغا ئالدى. بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ماتىتەي ئانارخاننى ئۆز ھۇجرىسىغا كەلتۈرۈپ، يەنە زورلۇق قىلىپ بىرگە بولدى. ئانارقىز ئېغىر تاياق زەربىسى بىلەن ھەسرەتلىك يۈرگەن بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ گۈلدەك چىرايى سارغىيىپ، تولا يىغلاپ يۈزلىرى يېرىلىپ كەتتى. ما تىتەي ھەر كۈنى ئانارقىزنى زورلاۋەرگەنلىكتىن، بۇ بىچارە ئاخىرى ئۆلۈۋالماقچى بولدى. 
    بۇ قەپەس ئىچرە ئانارقىز زەپمۇ بولدى خار - زار،
    يىغلىدى قان - ياش بىلەن نازۇك بەدەن، كۆزى خۇمار.
     
    كەتتى ئاھ ، ھەسرەت بىلەن قىزنىڭ ئەجەب ئۆمرى باھار،
    ئاخىرى بىچارە قىز ئۆلمەكنى قىلدى ئىختىيار.
    ئالتىنچى باب ئانارقىزنىڭ ماتىتەي ئوردىسىدىن ئىككىنچى قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنۇپ جازالانغانلىقى ۋە ئانىسى سارىخاننىڭ قىزىنى ئەسلەپ، ھەسرەت چەككەنلىكىنىڭ بايانى ئانارقىزنىڭ گۈل يۈزلىرى سارغىيىپ ، ھەسرەت - نادامەتتە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ۋىجدان ئازابى ئىچىدە تەن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، لەيلىخان ھاجى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ھال ئەھۋالىنى سوراپ، غەملىك كۆڭلىگە تەسەللى بېرىپ، ئۇنى يەنە قاچۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئانارقىز لەيلىخان ھاجىغا كۆپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ كۆز يېشى قىلدى. ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ماتىتەيگە زۇكام تېگىپ تېنى ساقسىز بولۇپ قالدى. تېۋىپلار ماتىتەينىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ:《 جانابىي ئالىيلىرى ، بىر ھەپتە خوتۇندىن يىراق بولغانلىرى ياخشىدەك تۇرىدۇ، بۇ بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز》 دېيىشتى. ماتىتەي تېۋىپلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە بىر ھەپتە ياش خوتۇنلىرىنى ئۆزىدىن يىراق قىلدى. بۇ جەرياندا ئانارقىز 3 − 4 كۈن ئارام ئالدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئاق كۆڭۈل لەيلىخان ھاجى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئانارقىزنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ، بۈگۈن كېچە دەرھال ئوردىدىن قېچىشنى ئانارقىزغا ئېيتىپ، يول راسخوتى ئۈچۈن تۆت سەر خاپيۇ (قەشقەردە بېسىلغان پۇل) بىلەن بەش نان بېرىپ: 《سىز بۇرۇنقى يەرلەردە تۇرماڭ، يىراق يەرلەرگە قېچىپ كېىتپ، جېنىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ》 دەپ چىقىپ كەتتى.
    شۇ كېچىسى ئانارقىز ئوردا ئىچىدىن مېڭىپ ، دەرۋازىغا كەلسە، دەرۋازىغا قۇلۇپ سېلىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇ يەردىن يېنىپ، ئارقا شەرقىي تامدىكى پەنجىرىدىن بىر ئاماللارنى قىلىپ سىقىلىپ چىقىپ كېتىپ بارسا، ھاراق ئىچكەن بىر چېرىككە يولۇقۇپ قالدى. چېرىك دەرھال كېلىپ ئانارقىزنى تونۇۋالدى. ئۇنىڭ ئانارقىزنى تونۇۋېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى ، ئانارقىز بىرىنچى قېتىم قاچقاندا ، ئاختۇرۇشقا قاتناشقان ۋە مەرھۇم غازىۋاينىڭ ئۆيىدىن ئانارقىزنى تاپقانلار ئىچىدە بۇ چېرىكمۇ بار ئىدى. چېرىك ئانارقىزنى تۇتۇۋېلىپ، ۋارقىراپ - جارقىراپ، ئۇنى ئوردا دەرۋازىسىغا ئېلىپ كەلدى - دە، ئىچكىرىدىكىلەرنى توۋلاپ دەرۋازىنى ئاچقۇزدى. شىجاڭ پانۇس كۆتۈرگەن ھالدا چىقىپ ئانارقىزنى ياندۇرۇپ كىردى ۋە ئەھۋالنى يېرىم كېچىدە ماتىتەيگە مەلۇم قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ما تىتەي ئانارقىزنى كىشى كۆرمەيدىغان يەرگە تېرىك كۆمۈۋېتىشنى بۇيرۇق قىلدى. بىراق، شۇ كۈنى ماتىتەي يېنىدا قونغان فۇدى ما دارىن ئىسىملىك ئوتتۇرا ياشلىق  بىر ئەرباب بولۇپ، ما تىتەي ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى. فۇدى ما دارىن بۇ ئەھۋالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: 《 ھەي ماتىتەي، بۇ ئىشىڭ خاتا. چۈنكى، ئانارقىز كىچىك بالا ئىكەن، ئەقلى كەم، سېنىڭ قەدىڭنى بىلگۈدەك ئاڭ ئۇ قىزدا يوق. ئۇنى تېرىك كۆمۈۋېتىش سەن ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. شۇڭا، ئانارقىزنى بىرقانچە كۈن ئۆز مەيلىگە قويۇپ ئاسراش لازىم ئەمەسمۇ؟》 دېدى. بۇ مەسلىھەت ماتىتەينىڭ غەزىپىنى ياندۇردى. ئۇ، ئانارقىزنى ياتىقىغا قايتۇرۇپ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى بۇيرۇدى. ئانارقىزغا تىتەينىڭ خوتۇن - ئاياللىرى ۋە دەڭسەيچىلىرى قاتتىق دەشنام، ھاقارەت - سۆزلىرىنى ياغدۇردى. لەيلىخان ھاجىدىن باشقا ھېچ كىشى ئانارقىزغا ھېسداشلىق قىلمىدى. ئانارقىز كېچە - كۈندۈز يىغلاپ، يۈرەكلىرى سىقىلىش بىلەن ئۆتتى، ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ، بۇ زۇلمەتلىك كۈنلەردىن قاچان قۇتۇلارمەن دېگەن غەمكىن ئوي - خىيال بىلەن تۇردى.
    ئانارقىزغا بۇ ئۆي بولدى بىر دوزاخ،
    نازارەت ئاستىدا قويۇلدى توزاق.
     
    قىلدى ئۆلۈمنى ئانارقىز تەلەپ،
    قېچىشنىڭ يولى ئەمدى بەك ئۇزاق.
     
    كېچەيۇ كۈندۈز تەنە - دەشنام كۆپ،
    يىغلىتار ئۇنى مەسخىرە - مازاق.
     
    ئاسماقچى بولدى ئۆزىنى ئانار،
    چىقمىدى خالىي يەر ، يا بىرەر قازناق.
     
    زەھەر - زۇقۇمدۇر بۇنداق يېگەن قەنت،
    مەھكۇم ياشاشتىن ئۆلۈم ئەلاراق.
    سارىخان ئانا يالغۇز بالىسى ئانارقىزدىن ھايات تۇرۇپ ئايرىلغاندىن كېيى، ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي، سېغىنىش ئوت - پىراقىدا كېچە كۈندۈز تولا يىغلاپ، سەۋدا (نېرۋا كېسەللىكى) گە مۇپتىلا بولدى. ئۇ، يۇرتتىن چىقىپ، چۆل - باياۋانلارنى كېزىپ: 《جانىم بالام بارمۇ سەن، جانىم ئانارىم قايدىسەن؟》 دەپ يىغلاپ نالە - پەرياد قىلدى، بارا- بارا ئۆزىچە تولا سۆزلەيدىغان ، قوشاق توقۇپ يىغلايدىغان بولۇپ قالدى.       
    قايدىن تاپۇرمەن جانىم ئانارىم،
    نە بولدى ھالىڭ كۆزى خۇمارىم.
     
    سەندىن ئايرىلىپ چۈشتى جۇدالىق،
    ئەي مېھرىبانىم، جان غەمگۇزارىم.
     
    ھىجرىڭ پىراقى ئۆرتەر جېنىمنى،
    غۇنچە ئاچمىغان ئەي گۈل باھارىم.
     
    دەردىڭدە تارتتىم بىر يىل ئەلەمنى،
    يوقتۇر بۇنىڭغا سەبرۇقارارىم.
     
    يولۇڭغا تەلمۈرۈپ مەن كېچە - كۈندۈز،
    كۆزۈم تېشىلدى ئەي كۆز قاراقىم.
     
    مىسكىن تېنىمگە ئەردىڭ ھالاۋەت،
    سەن قايدا بولدۇڭ ئەي يادىكارىم.
     
    سەنسىز جاھاندا غۇربەت بىلەن خار،
    بولدۇم رەپىقسىز، يوق ئېتىبارىم.
     
    قايدىن تاپارمەن باسقان ئىزىڭنى، 
    شۇ يەردە ئۆلسەم كۆمسە مازارىم.  
     
    ئىزدەپ يۈرەرمەن قايدا ھاياتىڭ،
    يالغۇز قوزامسەن، ۋاي خاكسارىم.
     
    كەتتىڭمۇ ياكى دۇنيا يۈزىدىن،    
    جانىم ئانارقىز سەن تاجىدارىم.
     
    بولماس جاھاندا ھېچكىم مېنىڭدەك،    
    يادىم سېنىڭدە بۇ ئاھۇزارىم.
     
    خۇنىڭغا زامىن بولسا بالاخور،
    ئالغاي جېنىمنى ھەق، بېرەي بارىم.
     
    داداڭ غېرىبمۇ قەيەردە ئۆلگەن،
    ۋاي بەختىۋاي سەن، ۋاي روزىگارىم.
    يەتتىنچى باب ئانارقىزنىڭ ما تىتەي ئوردىسىدىن ئۈچۈنچى قېتىم قېچىپ، ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلگەنلىكى ۋە ئانىسى سارىخان قىزىنىڭ قەبرىسىدە جان ئۈزگەنلىكىنىڭ بايانى ئانارقىز غەمكىن، سولغۇن چىراي، ھەسرەتلىك كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، لايلىخان ھاجى ئانارقىزنىڭ يېنىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ: 《 قىزىم، كۆپ رىيازەت ، جاپا - مۇشەققەتلىك ئىشلار بېشىڭىزدىن ئۆتتى. سىزگە مەن بىر نىجاتلىق يولىنى تاپىمەن》 دېدى. ئانارقىز لەيلىخان ھاجىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ: 《سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى بۇ دۇنيادا ياندۇرالمىسام، ئۇ دۇنيادا ياندۇرىمەن》 دەپ يۈرەكنى ئېزىدىغان روھىي ھالەتتە لەيلىخان ھاجىنى قۇچاقلىۋالدى. ئۇ، لەيلىخان ھاجىنىڭ سۆزىدىن ئۆزىگە تەسەللى تاپتى.
    ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ، تۆتىنچى كۈنى ماتىتەي يېڭىشەھەر تىتەي يامۇلىغا بىر ئىش بىلەن كىرىپ كەتتى. لايلىخان ھاجى بۇ ئاسانغا چۈشمەيدىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئانارقىزنىڭ يېنىغا كىردى. قىسقىچە ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كېيىن:
    — ئانارقىزىم، سىزگە قېچىش پۇرسىتى كەلدى، بۈگۈن كېچىدە بۇ يەردىن چىقىپ كېتىپ، جاڭگال تەرەپكە تېز قېچىڭ. شۇ يەردە بىرەر رەھىمدىل كىشى يولۇقۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، ئاندىن سىز ئۆز يۇرتىڭىزغا بېرىپ، ئانىڭىز بىلەن دىدارلىشىپ، خەيرلىشىپ، مەخپىي ھالدا كىشىگە كۆرۈنمەي ئاقسۇ تەۋەسىگە ئۆتۈپ كېتىڭو، — دەپ ئانارقىزنىڭ قولىغا بەش سەر تەڭگە، بەش نان بېرىپ، — بۇ سىزگە يوللۇقۇم بولسۇن، — دېدى — دە ، ئۇنى ئوردا ئىشىكىدىن چىقىرىپ قاچۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭ قاچقانلىقىنى ھېچ كىشى تۇيماي قالدى.      ئانارقىز شۇ قاچقىنىچە سوخونىڭ جەنۇبىدىكى قومۇشلۇق ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئانارقىزغا ھەمدەم بولىدىغان ھېچ كىشى يوق ، قومۇشلۇقتا ماڭار يولىنى تاپالماستىن سەرگەردان بولۇپ تۇرغان چاغدا ، ما تىتەينىڭ قوي - كالىلىرىنى باقىدىغان پادىچىلارنىڭ ئىتلىرىنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئانارقىز دەرھال قومۇشلۇقنىڭ شەرقىي تەرىپىگە قاراپ مېڭىپ، تاكى  تاڭ ئاتقۇچە تىكەنلىك جاڭگالدا يۈرۈپ، ئەتىسى جاڭگالدا كىشى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ  قومۇشلۇق ئىچىدە ياتتى. شۇ ھالدا ئانارقىز ئىككى كېچە - كۈندۈز قومۇشلۇق ئىچىدە تۇردى. ئۈچۈنچى كۈنى كېچىسى قاتتىق بوران چىقىپ، يۈز - كۆزلىرىگە قۇم - تۇپراق كىرىپ، نازۇك جىسمى ۋە ھەممە ئەزاسى قۇم - ئەخلەتلەرگە كۆمۈلۈپ ، گۈل يۈزى قومۇش ياپرىقىدەك سارغىيىپ كەتتى.
    بۇ قىز ياتىدۇ غەمدە،
    قومۇش ئارىسى نەمدە.
     
    سۆزلەشكىلى ھەمدەم يوق،
    قايغۇ بىلەن ماتەمدە. 
    بىچارە ئانارقىز قومۇشلۇق ئىچىدە غەمدە يېتىپ ، ئۈچۈنچى كۈنى كۈندۈزدە ئادەملەرنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. بۇ سۆزلىشىۋاتقان كىشىلەر تازغۇندىن قومۇش ئورۇغىلى كەلگەن دېھقانلار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە مەزمۇندا سۆزلىشىۋاتاتتى: 《ما تىتەينىڭ كىچىك خوتۇنى قېچىپ كەتكىلى ئۈچ كۈن بولۇپتۇ. ما تىتەي ئېلان چىرىپتىمىش، ھەرقانداق كىشى ماتىتەينىڭ كىچىك خوتۇنىنى تېپىپ بەرسە مەنسەپ بېرىمىش، كىمدە كىم بولسۇن، بۇ ئايالنى ئۆيىدە يوشۇرۇپ قالسا ياكى كۆرۈپ خەۋەر قىلمىسا، ئۇنداق كىشىلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنارمىش، بارلىق مال - مۈلكى پادىشاھلىق مۈلكىگە ئايلاندۇرۇلارمىش. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق چېرىك باشلىقى ، شىجاڭلار ، بەگ ، مىراب، بەنتۇر، خانتۇر، بىرلىكتە تامامىي يۈزبېشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ، بارلىق يېزا - سەھرالارنى ئاختۇرۇپ، ما تىتەينىڭ بۇيرۇقىنى بازارمۇبازار جاكارلاپ يۈرۈپتۇ. بۇ جاكارنى ئاڭلىغان قىسمەن جارا كۆڭۈل كىشىلەر ما تىتەينىڭ قاچقان خوتۇنىنى تېپىپ مەنسەپكە ئېرىشىمىز دەپ يۇرتمۇيۇرت ئات چاپەتۇرۇپ يۈرۈپتۇ》ئ ئانارقىز قومۇشلۇق ئىچىدە تۇرۇپ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ، قازاغا رىزا بولۇپ، ھايتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بۇ دۇنيانى ئۆزىگە زىندان دەپ بىلدى.
    ما تىتەي يېڭىشەھەر تىتەي يامۇلىدا ئىش بېجىرىپ تۇرغان ھالەتتە، ئانارقىزنىڭ ئوردىدىن قېچىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ناھايىتى قاتتىق ئاچچىقلاپ، سوخودىكى ئوردىدا تۇرۇۋاتقان بىرقانچە دەڭسەيچى ، كۆزەتچىلەرنى قىسمەن چېرىك باشلىقلىرىنى ئىشكەل بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلغان ۋە ئانارقىزنى تېپىش ھەققىدە بۇيرۇق چىقارغان ئىدى.
    بىچارە ئانارقىز قومۇشچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھاياتىدىن كېچىپ غەم بىلەن بۇ كۈننى ئۆتكۈزدى. كەچ كىرىپ خۇپتەن نامىزى ۋاقتىدا ئاسماندىكى تولۇن ئاي نۇرى پۈتۈن جاڭگالنى يورۇتقان پەتتە، ئانارقىز بىچارە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ، غېرىپ ئانىسى بىلەن مەڭگگۈلۈككە ئايرىلىش جۇدالىق ھەسرىتى بىلەن ئاسماندىكى ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: 《ئەي ئاي، سەن مېنىڭ غېرىب ئانام بار ئۆينىڭ ئۆگىسىگە نۇرۇڭنى چاچقىن، مەن غېرىب ناتىۋان ئانارقىزدىن جاپاكەشتە بولغان، جۇدالىق ئەلەملىرى بىلەن  خۇن - زەرداپ يۇتقان يالغۇز ئانام سارىخانغا سالام يەتكۈز. مەن بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا كەتتىم. ئانام مېنىڭ روھىمغا دۇئا قىلسۇن. ۋاي ئانام سارىىان ، مەن سەندىن ئايرىلدىم، سەن مەندىن ئايرىلدىڭ. مەرھۇم دادام بەختىۋاي، سەنمۇ غېرىبلىق، جاپا - ئەلەم بىلەن جۇدالىق تېغىدا ۋاپات بولدۇڭ.  مەنمۇ ئەمدى جۇدالىق بايۋانىدا جۇدالىق ھادىسىسى بىلەن ئەجەل دەرياسىغا غەرق بولدۇق. ئاھ، قېنى مېنىڭ مېھرىبان ئانام! قېنى مېنىڭ غېرىب دادام! ئۇلار گۇۋاھ بولۇپ مېنىڭ تارتقان ئەلەملىرىمنى  كۆرسە ئىدى، قانچىلىك ئازابلىق ئەھۋالنى كۆرگەن بولاتتى. ئاھ، ئۇلار بۇ ئەلەملىرىمنى كۆرگەندىن كۆرمىگىنى ياخشىراق》.
    ئانار قىز شۇنداق دېگىنىچە، قومۇشلۇننىڭ جەنۇبىنى كېسىپ ئۆتىدىغان خان ئېرىق دەرياسى بويىغا قاراپ قۇيۇندەك تېز يۈگۈرۈپ كەتتى. ئانارقىز دەريا بويىغا كېلىپ، ئۆزىگە يۈزلەنگەن بالادىن ئۆلۈمنى ياخشى كۆرۈپ، پىغان - ھەسرەت بىلەن يىغلاپ: 《ئاھ ، يالغۇز ئانام! — دەپ ئانىسى بار تەرەپكە قاراپ تەلمۈرگەن ھالدا، — سېنى خۇداغا تاپشۇردۇم》 دېدى دە، قاتتىق بىر ئاھ - ھەسرەت بىلەن پاڭ تېنىنى خانئېرىق دەرياسىغا سىيىلدۇرۇپ قويۇپ بەردى.
    بۇ ۋاقىت كۈزنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتى، يەنى 12 - ئاينىڭ بېشى بولۇپ ، دەريا سۇلىرى قار مۇز بىلەن ئارىلىلشىپ ئېقىپ تۇرغان كۈنلەر ئىدى. يېزا - قىشلاقلار كۆكە تۇتىدىغان سۇلىرىنى دەرياغا قويۇپ بېرىدىغان ۋاقىت بولغاچقا، دەريادا سۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئانارقىز دەرياغا چۈشۈش بىلەن ئۇنىڭ تېنىنى قار - مۇزلار يۆگەپ يۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. بۇ دەھشەتلىك ۋەقەگە گۇۋاھ بولغۇچى ئۇچار قۇشلار دەريا بويلاپ قانات قېقىپ، تۈرلۈك ئاۋازلار بىلەن سايرىشىپ، ئانارقىزغا ماتەمدە بولدى. بۇ يەرگە قومۇش ئورۇش ئۈچۈن كېلىپ، قومۇشلۇقتا قونۇپ قومۇش ئورىدىغان دېھقانلار ئۇچار قۇشلارنىڭ كېچىدىكى غەلىتە ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، بىر خىل قورقۇنچلۇق ۋەقەنىڭ سادىر بولغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.
     
    بولدى ئاجايىپ سۈرلۈك قومۇشلۇق،
    قاتتىق سادالار ھەم قورقۇنچلۇق.
     
    جاڭگالدا تىترەر قومۇش چېقىنداق(بىر خىل ئۆسۈملۈك)،
    بۇلۇتلۇق كۆكتىن چۈشمەس يورۇقلۇق.
     
    بۇ دەشت - باياۋان تولغان ساداغا،
    تورغاي، قىرغاۋۇل پەريادى كۈچلۈك.
     
    توغراق بېشىدا قىقاسۇ پەرياد،     
    چۇغۇندەك، پاختەك، قارغا، ھۇۋقۇشلۇق.
     
    دەريا سۈيىمۇ ئۆركەشلىگەن ھال،
    جاڭگال - باياۋان ماتەم تۇتۇشلۇق.
     
    جاڭگالدا تۇرغان كالا ۋە قويلار،
    سەكرەپ ۋە ئىرغاپ مۆ دەپ بېھوشلۇق.
                   
    جاڭگالدا قونغان قومۇشچى دېھقان،
    قورقۇنچىدىن يوق كۆزى يۇمۇشلۇق.
     
    بۇنداق ۋەقە بولمىغاندۇر ھېچ،
    بۇ سىر ھېچكىمگە بولماس ئۇقۇشلۇق.
     
    كەتتى جاھاندىن ئەپسۇس ئانارقىز،
    دەريا بويىدا ماتەم تۇتۇشلۇق.
     
    ماتىتەينىڭ جاللاتلىرى ئانارقىزنى ئىزدەپ ھېچقانداق يەردىن تاپالماي، بىرقانچىلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنى گۇمان بىلەن تۇتۇپ قاماپ قويدى. ئانارقىزنى تاپالمىغىنىغا ئاچچىقلىنىپ ناھايىتى چېچىلغان ماتىتەي بۇ ئىشنى ناھايىتى مەخپىي تۇتتى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىرىنچىدىن قەشقەردىكى ئىككى خارجى كونسۇل (سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلى بىلەن ئەنگلىيە كونسۇلى) دىن نومۇس قىلدى؛ ئىككىنچىدىن ماتىتەيگە قارشى كىشىلەر ئانارقىزنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ، ياڭ زېڭشىن ئالدىدا مېنى ئەيىبلەپ ئوسال قىلارمۇ دېگەن ئەندىشىدە بولدى.
    مەرھۇم پاك جىسىملىق، ساپ كۆڭۈل ئانارقىزنىڭ قەسىتىنى خانئېرىق دەرياسىنىڭ سۈيى ئېقىتىپ، دەريانىڭ ئايىغىدىكى 《شاۋاز كۆۋۈرۈكى》 نىڭ قوزۇقلىرىغا چىرماشتۇرۇپ قويغان ئىدى. ئارىدا 2  - 3 ئاي ئۆتۈپ ھاۋا ئىسسىدى. جاھان سېرىق ئاپتاپ بولۇپ، دەريادىكى مۇزلار ئېرىپ، سۇلار ئۆز ھالى بىلەن ئېقىشقا باشلىغان مەزگىلدە ياپچان، يېڭىسارلىق يولۇچىلار كۆۋرۈك ئۈستىدىن ئۆتۈۋېتىپ، بىر ئايالنىڭ قوزۇققا چىرمىشىپ قالغان جەسىتىنى كۆرۈپ قالدى. بۇ جەسەتنىڭ چاچلىرى سۇدا لەرزان يەلپۈنۈپ، دەريانىڭ قىرغانلىرىغا ئۈنگەن قىياق مايسىسىدەك لەيلەپ تۇراتتى. بىرنەچچەيلەن كۆۋرۈك ئاستىغا چۈشۈپ، جەسەتنى قوزۇقتىن ئاجرىتىپ ئېلىپ، كۆتۈرۈپ قىرغاققا چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، بىر جۇۋان بالا ئىكەن. بۇنى كۆرگەن يولۇچىلار ئىچ ئاغرىتىپ: 《بۇ كىمدۇ؟》 دەپ تونۇيالماي ھەيران بولۇشتى.
     
    قاراپ باقسا تولۇن ئايدەك قىز يېتىپتۇ،
    ئۆزى نازۇك ، قىزىلگۈلدەك يۈز يېتىپتۇ.
     
    ۋۇجۇدىدا دەرد - ئەلەمنىڭ زەخمىتى كۆپ،
    سۈزۈك بەدەن ، قارا قاشۇ كۆز يېتىپتۇ.
     
    قوزۇققا چىرمىشىپتۇ بۇ ھۆرى تەلئەت،
    ئۇنىڭ جىسمىنى ئوراپ مۇز يېتىپتۇ.
     
    بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان مۇشۇ ئەتراپتىكى دېھقانلار كېلىپ، جەسەتنىڭ كىيىملىرى بىرئاز ئازادە تۇرغان ھالەتنى كۆرۈپ، يۈز بېشى، بەگلەرگە مەلۇم قىلىشتى. تازغۇنلۇق نىيازبەگ كېلىپ كۆرۈپ ۋە پەم پاراسەت بىلەن سېزىپ:《بۇ ، ماتىتەينىڭ قاچقان خوتۇنى بولسا كېرەك》 دەپ فەن لۇڭگەنگە مەلۇم قىلدى. فەن لۇڭگەن كېلىپ ئانارقىزنى تونۇپ، ماتىتەيگە خەۋەر قىلدى. ما تىتەي ئەھۋالنى ئۇقۇپ نومۇس قىلىپ، مەرھۇمە ئانارقىزنىڭ جەسىتىنى 《شاۋاز كۆۋرۈكى》 نىڭ شىمالىدىكى 《 جاڭگال مازار》 غا دەپنە قىلدۇرۇپ: 《 بۇ ھەقتە گەپ - سۆز تارقاتقانلارنى ئاڭلىسام تۇتۇپ تىلىنى كېسىمەن》 دەپ بەگ ، يۈزبېشىلەرگە قاتتىق تاپشۇرۇق قىلدى. مەرھۇمە ئانارقىزنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن ۋە ئۇنى سۇدىن چىقىرىپ ئالغان يولۇچىلارنىڭ قىسمەنلىرى يېڭىسارلىق ئىدى. ئۇلار يېڭىسارغا قايتقاندىن كېيىن، 《شاۋاز كۆۋرۈكى》 دە تېپىلغان جەسەت ۋەقەسىنى كىشىلەرگە سۆزلەپ تارقىتىۋەتتى. بۇ خەۋەر قۇلاقتىن - قۇلاققا ئاڭلاندى.
    سارىخان بىچارە ئانارقىزنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نالە - پەرياد قىلىپ يىغلىغانچە يۇرتىدىن چىقىپ پىيادە مېڭىپ 《شاۋاز كۆۋرۈكى》 گە يېتىپ كەلدى. بۇ جايدا كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ ۋە ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، يىغلىغانچە ئۆزىنى كاچاتلاپ پەرياد قىلىپ، مەرھۇمە ئانارقىز دەپنە قىلىنغان 《جاڭگال مازار》غا يېتىپ كەلدى. ئۇ، ئانار قىزنىڭ قەبرىسىنى قۇچاقلاپ پەرياد كۆتۈرۈپ، گاھى ھوشىدىن كېتىپ، گاھى ھوشىغا كېلىپ، بىر قانچە كۈن قەبرىستانلىقتا ياتتى. سارىخاننىڭ بۇ ھالىدىن شۇ ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر بىخەۋەر ئىدى. مازار ئارىلاپ ئۆتكەن قىسمەن يولۇچىلار سارىخانغا نان - پان بېرىشتى. بۇ جەرياندا سارىخاننىڭ تېنى زەئىپلىشىپ كەتتى.
    بىر كېچىسى سارىخان قىزىنىڭ قەبرىىسگە يۆلىنىپ ئۇيقۇغا كېتىپ، چۈشىدە ئانارقىزنى كۆردى. ئانارقىزنىڭ ھۆسن - جامالى ناھايىتى گۈزەل، چاچلىرى بېلىگە چۈشكەن، قولىدا بىر دەستە گۈل بار، ئۇ ئانىسى سارىخانغا قاراپ: 《 ھەي ئانا، سېنى تولا سېغىندىم. مەن يولۇڭغا ئىنتىزار، سەن پاتراق يېنىمغا كەل》 دەپلا غايىپ بولدى، سارىخان بۇ چۈشنى كۆرۈپ ئويغىنىپ ، يۈرەك - باغرى ئېرىپ سۇ بولدى، ئۆزى دەرمانسىزلىنىپ ئورنىدىن تۇرالماي قەبرىستانلىقتا يېتىپ قالدى.
    تاڭ ئېتىشى بىلەن بىر جۈپ ئەر - ئايال قەبرىستانلىققا كېلىپ، قۇرئان - تىلاۋەت قىلىپ دۇئا ياندۇرغاندىن كېيىن، بىر ئايالنىڭ قەبىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى. سارىخان بولغان ۋەقەلەرنى قىسقىچە سۆزلەپ كېلىپ ، بۈگۈن كۆرگەن چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاغزىدىن لەختە - لەختە قان كېلىپ، ئانارقىزنىڭ قەبرىسىگە بېشىنى قويۇپ جان ئۈزدى. بۇ ھالنى كۆرگەن ئەر - ئايال دەرھال يۇرتقا خەۋەر قىلدى. جاما.ەت يىغىلىپ، سارىخاننى يۇيۇپ - تاراپ ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈپ، مەرھۇمە ئانارقىزنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلدى. بۇ ئانا - بالا ئىككى دەردمەن قوش قەبرە ئىچىدە مەڭگۈلۈك ئۇيغۇغا كەتتى.
    ئاخىرقى سۆز
    دەريا سۈيىگە پاك تېنىنى ئېتىپ، ھەسرەتلىك ھاياتىنى ھەقىقىي مۇھەببەت ئۈچۈن بېغىشلاپ، فېئوداللىق جەمىيەتتىك قىز - ئاياللارنى خارلايدىغان يۇقىرى تەبىقە زالىم مۇستەبىتلەرگە قارشى ئۆز  ھاياتىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئىسيانكارلىق روھىنى ئىپادىلىگەن، ھەقىقەت يولىدا قۇربان بولغۇچى قىزلاردىن قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىككى نەپەر ۋاپادار ، پاك روھلۇق ئىنساق ئۆتكن. ئۇنىڭ بىرسى، يېڭىشەھەر ناھىيە باتوقايدىن  چىققان رابىيە ئۆز سۆيگىنى سەيدىنگە ۋاپادارلىقى بىلەن ئۆزىنى تەلۋىچۈك دەرياسىغا تاشلاپ ۋاپا يولىدا ۋاپات بولغان ئىدى. بۇ ۋەقە ئۆتمۈشتە ئابدۇرېھىم نىزارى قەلىمىنىڭ سايرىشى بىلەن يېزىلغان ۋە سەھنىلەشتۈرۈلگەن . ئىككىنچىسى ، مانا بۇ بۇ ئانارقىز پاجىئەسى بولۇپ، رابىيە - سەيدىدىن بىلەن ئانارخان پاجىئەسى بىر - بىرىدىن قېلىشمايدىغان ھەسرەتلىك ، يادىكارلىق ھېكايىلاردۇر.
    ئانارقىزنى ئالداپ، ماتىتەيگە سوۋغا قىلغان ھېلىقى يېڭىسارلىق بەگ ئۇزاق ئۆتمەي پارالىچ كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ، بىرقانچە يىل داۋالىنىپمۇ ساقىيالماي، خارلىق تارتىپ ئۆلدى. بۇ مۇناپىق بەگنىڭ جەسىتىگە يۇرت ئەھلى لەنەت - نەپرەت بىلەن قاراپ، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا خەلققە سالغان زۇلۇملىرىنى بىرمۇ بىر ئەسلەشتى.
    ئانارقىزنى مەجبۇرىي تۇتۇپ تۆھپىگە،  
    سولاپ بەردى مەلئۇن تاۋار كۆرپىگە.
     
    ئانارقىز قىساسى بۇ مەلئۇنغا ھەق،
    لەنەت قىلدى ئۇنىڭغا جىمىكى خەلق.
    مەرھۇمە ئانارقىز ئۆزىنى تاشلىغان دەريا بويىدىكى قومۇشلۇقتا بەش كۈن يېتىپ - قوپۇپ قومۇش ئورۇغان تازغۇن يېزا تار ئازاقلىق قەيسەر، ئۆستەڭبويىلىق سەلەي بوۋاي ئاشۇ كېچىدە يۈز بەرگەن پاجىئەنى كۆرگەن بولسىمۇ، ھېچبىر ئىلاجىنى قىلالمىغان. ئۇلار بۇ سىرنى ھېچ كىشىگە دېمەي، تاكى ماتىتەي ئۆلگەندىن كېيىن باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن.
    بۇ ۋەقەدىن 11 ئاي ئۆتكەندە ، ما تىتەيگە ئۆلۈم بۆھرانى يۈزلەندى . ماتىتەي ياڭ زېشىڭنغا بوسۇنماي، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن قەشقەردە ئۆزى بەگ - ئۆزى خان بولۇۋالغان ئىدى. ئەينى چاغدىكى قەشقەر ۋالىيسى جۇرۇيچى بىلەن قەشقەر كونىشەھەر ئامبىلى ما شاۋۋۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق زىددىيەت بولغاچقا ، ماتىتەي بۇ ئەھۋالنى ياڭ زېڭشىنغا مەلۇم قىلمايلا، ئۇلارنىڭ ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلاپ، تامغىسىنى تارتىۋېلىپ، قەشقەردىن ھەيدەپ چىقارغان. ياڭ زېڭشىن بۇ ئەھۋالنى ئۇققان بولسىمۇ، لېكىن ما تىتەيگە گېپىنى ئۆتكۈزەلمەي ئىلاجىسىز ھالدا جۇرۇيچىنى ئاقسۇنىڭ ۋالىيسى ، ما شاۋۋۇنى ئۇچتۇرپان ئامبىلى قىلىپ تەيىنلىگەن.
    ياڭ زېڭشىن بىر مەزگىلدىن كېيىن ، ماتىتەينى يوقىتىش ئۈچۈن ، ئۇچتۇرپان ئامبىلى ما شاۋۋۇغا مەخپىي بۇيرۇق بېرىپ، ئۇنى قوراللاندۇرۇپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدۇرغان ما شاۋۋۇ 1924 - يىل 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ماتىتەينى تۇتۇپ ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغان. ماتىتەينىڭ جەسىتىگە 18 پاي ئوق ئېتىلىپ، بىرقانچە كۈن دارغا ئېلسىلغان. ئۇنىڭ توپلىغان بارلىق مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ ، ۋەيران بولغان.
     
    قىلاي پاش ئەمدى ماتىتەي دېگەن زالىمنى مەككارنى،
    قىلىپ يالغان مۇسۇلمانلىق ، يوقاتقان ئۇ نومۇس - ئارنى.
     
    ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى ئون يىل بولۇپ پىرئەۋىن كەبى ياۋۇز،
    يالاپ قەشقەر ۋىلايەتنى ، يەنە ھەم تويمىغان قارنى.
     
    ھاشارغا تۇتۇلۇپ پۇقرا ياغاچ - تاشنى يۈدۈپ ھارماي،
    توشۇپ سوخۇغا يول ئالغان كېچىپ يامغۇر بىلەن قارنى.
     
    ئېرىق - ئۆستەڭ ئېلىپ سايدىن تۈگۈرمەن - سوقىلار چۆرۈپ،
    تىتەيگە ئىشلىگەن كۈن - تۈن توسۇپ ئۆستەڭ بىلەن يارنى.
     
    تولا ئالۋان كېلىپ پۇقرا تۇرالماي ئۆيىدە بىر كۈن،
    قېچىپ تاغۇ بايۋانغا، ماكان قىلغان يوچۇن غارنى.
     
    تىتەينىڭ نامىغا ئۆتكەن ھېسابسىز يەر - زېمىن ، ئۆي - جاي،
    كۈمۈش - ئالتۇنغا تولدۇرغان سېلىپ بىرقانچە ئامبارنى.
     
    كىشىنىڭ بىر چىرايلىق خاتۇنى  يا قىزىنى كۆرسە،
    ھايا قىلماي 《ماڭا بەر》 دەپ ئەۋەتكەن غالچا - ھەمكارنى.
     
    قارا لاينى 《 ئېسىل موم 》 دەپ ھۈنەرۋەنگە سېتىپ زورلاپ،
    ئامانلىق بەرمىگەن قاچ - قاچ قىلىپ ھەر ھەپتە بازارنى.
     
    زۇلۇم دەستىدە پۇقرالار ئېتىلغان، گۇندىغا چۈشكەن،
    كىشەن - زەنجىرگە بەنت بولۇپ گۇناھسىز يېگەن ئازارنى.
     
    كېسەل چاپلاشسا بۇ جانغا شەھەر سەھرادا دوختۇر يوق،
    كۆرۈڭلار ھەر تاماندا ئاۋۇغان قەبرىنى ، مازارنى.
     
    جاھالەت بىرلە تولغان يۇرت، مائارىپتىن ئەسەر يوقتۇر،
    ئوغۇل ياشلار كەسىپ ئەتكەن نەشە، ئەپيۈننى ، قىمارنى.
     
    مانا ئاخىر بۇ پەلىد ئىتنىڭ پەيمانى تولۇپ تاشتى،
    ئەجەل ئوقى كېلىپ تەگدى، ئاڭا تىكلەپ ئېگىز دارنى.   
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانارخان