نەسرىدىن رابغۇزى ۋە «قىسسەئى رابغۇزى »

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-08 17:12:00

نەسرىدىن رابغۇزى ۋە «قىسسەئى رابغۇزى » نەسرىدىن رابغۇزى ۋە ئۇنىڭ "قىسسەئى رابغۇزى" ئەسىرى ئۇيغۇر پىروزىسىنىڭ ئىپتىخارى نەسرىدىن بۇرھانىدىن ئوغلى رابغۇزى 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 14-ئەسىرنىڭ ئالدىن...

    نەسرىدىن رابغۇزى ۋە   «قىسسەئى رابغۇزى »

    نەسرىدىن رابغۇزى ۋە ئۇنىڭ "قىسسەئى رابغۇزى"  ئەسىرى

               ئۇيغۇر پىروزىسىنىڭ ئىپتىخارى نەسرىدىن بۇرھانىدىن ئوغلى رابغۇزى 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 14-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئەينى دەۋىردىكى قەشقەرگە تەۋە بولغان ئۇلۇغ يوللۇق رابات دىگەن جايدىن .نەسرىدىن رابغۇزى يالغۇز مەشھۇر يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس ،بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ يېتىلگەن مۇتەپپەكۈرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەنمۇ پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىغا تونۇلغان ئىدى .ئۇ قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ ياخشى ئەنئەنىلىرىنى ئۈگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەقىقى ۋارىسلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ جاھانغا مەشھۇر رومانى "قىسسەئى رابغۇزى"نى يېزىپ قالدۇردى. ئۇنىڭ بۇ روماندىكى ئۈستۈن بەدىئى ماھارەتكە ،ئۇنىڭدا خاتىرلەنگەن تارىخىي ۋەقەلەرگە، شۇنىڭدەك روماندا ئورۇن ئالغان چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە قاراپ ، رابغۇزىنىڭ ئەرەپ ،پارىس تىلى ئەدىبىياتىنى پۇختا ئۈگەنگەن ،تارىخ ،پەلسەپە ۋە دىنىي ئىلىملەرنى پىششىق ئىگەللىگەن قابىليەتلىك ئالىم ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ .
           رابغۇزى شەرق دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەردىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىققان "قىسسەئى رابغۇزى"ياكى "قىسسەسۇل ئەنبىيا "(پەيغەمبەرلەر قىسسىسى)سەرلەۋھىلىك بۇ رومان  ھىجىرىيە 710-يىلى، ھۇت ئېيىدا (مىلادى 1310-يىلى 3-ئايدا ) يازغۇچىنىڭ يۇرتى رابات ئوغۇزدا مەيدانغا كەلدى ،بۇ ھەقتە روماننىڭ ئۆزىدە مۇنداق مەلۇمات بار :

                   يەتتە يۈز ئون ئېردى يىلغا كىم بىتىلدى بۇ كىتاپ ،  
                  تۇغمىش ئېردى ئول ئوغۇزدە ھۇت سائادەت يۇلدۇزى.        

     "قىسسەئى رابغۇزى" رومانىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ساقلانمىغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق