گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 20:37:45

گەپ ئاڭلىمايدىغان بالايۈسۈف ئەھمەد جون ناھايتى كەپسىز بالا ئىدى، «مەكتەپ» دىسە بېشى ئاغرىيتى ئۇ ئانىسىغا مەن مەكتەپكە بارىمەن دەپ قۇيۇپ ئوينىغىلى باراتتى. دەرس نەتىجىسىمۇ بەك تۆۋەن ئىدى. ئۇ...

    گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا
    يۈسۈف ئەھمەد

       جون ناھايتى كەپسىز بالا ئىدى، «مەكتەپ» دىسە بېشى ئاغرىيتى ئۇ ئانىسىغا مەن مەكتەپكە بارىمەن دەپ قۇيۇپ ئوينىغىلى باراتتى. دەرس نەتىجىسىمۇ بەك تۆۋەن ئىدى. ئۇ ئەسكى بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ھەرخىل ئەسكى ئىشلارنى قىلاتتى. ئىشى پۇشۇپ قالسا باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىپ قېچىپ كېتەتتى. يەنە تېخى چوڭلارنى ھۆرمەتلەيشنىمۇ بىلمەيتتى. ئۆزىدىن چوڭلارنى كۆرسە ئۇلارغا سالام بېرىپ ئۈتۈشنى بىلمەيتتى.
       بىر كۈنى جون مەكتەپتىن قايتىپ كىتىۋىتىپ يولدا جىق ـ جىق بالىلار بىلەن ئويناپ ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز بىر ئادەم يولدىن ئۈتۈپ قالدى، جون دوسلىرىغا.
       ـ قاراپ تۇرۇڭلار مەن ئاۋۇ ئادەمنىڭ بېشىغا تاش ئېتىپ قېچىپ كېتەلەيمەن. ـ دەپ پوچىلىق قىلدى.
       بىر بالا قۇپۇپ، ـ سەن ئاشۇ ئادەمنىڭ بېشىغا تاش ئېتىپ قېچىپ كەتسەڭ مەن ساڭا ئۇيۇنچۇق ماشىنامنى بېرىمەن. ـ دېدى جوننىڭ دوستى.
       جون ئۇيۇنچۇقنىڭ قىزىقتۇرىشىدا شۇنداق قىلىشقا بەل باغلىدى. ئۇ ئاستا بېرىپ.
       ـ تاغا ، ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم، ـ دېدى.
       ـ ۋەلەيكۇم ئەسسىلام، ـ دېدى.
       ـ نەگە كىتىپ بارىسىز دېدى، ـ جون
       ـ تۇققىنىمنىڭ ئۆيىگە ـ دېدى.
       ھېلىقى ئادەم ئۇدۇلدىكى بىر ئۆينى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقاندا جون قۇلىدىكى تاش بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرۇپ قېچىپ كېتىدۇ. ھېلىقى ئادەمنىڭ بېشىدىن قان بىر ھازاغىچە چىقىپ توختاپ قالدى. 
       ئەسلى ئۇ ئادەم جوننىڭ تاغىسى بۇلۇپ جون ئۇنى كۈرۈپ باقمىغان ئىدى، ئۇ جون تۇغۇلماستىن ئىلگىرى چەتئەلگە كەتكەن ئىدى.
        ھېلىقى ئادەم بېشىنى تۇتقان پېتى ئۇدۇلدىكى ئۆيگە كىتىپ باراتتى. جون بۇنىڭغا زەن سالمىدى. جون ئۇيۇنچۇق ماشىنىنى ئۇتۇۋالدى.
        جوننى دوسلىرى «بەك يامانكەنسەن»دەپ ماختاشتى. جون ماشىنىنى دوسلىرى بىلەن بىردەم ئوينىغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتتى ئۇ چاغدا كۈن ئولتۇراي دىگەن ئىدى.
       ئۆيگە كىرسە ئانىسى بىر ئادەمنىڭ بېشىنى تېڭىۋاتقاننىدى.
        ـ كىلىۋاتسام بىر كەپسىز بالا مەندىن ھال ئەكۋال سورىدى. مەن تۇيۇقسىز تۇرغاندا بېشىمغا تاش بىلەن ئۇرۇپ قېچىپ كەتتى. ـ دېدى.
        ئانىسى جوننى تاغىسى بىلەن كۈرۈشۈشكە چاقىردى. جون خىجىل بولغان ھالدا چىقتى، جوننىڭ تاغىسى.
        ـ مۇشۇ بالا شۇ مىنىڭ كاللامغا تاشنى ئېتىپ قېچىپ كەتكەن بالا، ـ دېدى ئاچچىقى كەلگەن ھالدا.
        جوننىڭ ئانىسى جونغا تاغىسىدىن كەچۈرۈم سوراشقا ئۈندىدى.
        جون باياتىن ئۈزى ئۇرغان ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئۈزىنىڭ تاغىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىسۇن.
       جون خىجىل بولغان ھالدا،
       ـ كەچۈرۈڭ تاغا مەن ئۇقماي سىزنى يارلاندۇرۇپ قۇيۇپتىمەن. كەچۈرۈڭ، دەپلا ، تەرسىرلەنگەن ھالدا يىغلىۋەتتى.
       تاغىسى جونغا قاراپ تۇرۇپ،
       ـ جون سەن كىچىكىڭدىن كەپسىز چوڭ بۇلۇپ قاپسەن ئەمدىن بۇندىنكىن تۈزەتكىن ، ـ دەپ نەسىھەت قىلدى.
       جون شۇ قېتىمقى ئىشتىن قاتتىق تەسىرلەندىن بولغاي مەكتەپكىمۇ تۇلۇق بارىدىغان، ئەسكى بالىلار بىلەن ئارلاشمايدىغاندىغان بولدى.
       جوننىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بۇرۇنقىدىن تېزلا ئىلگىرلىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جون