قۇتادغۇ بىلىك (16-18باپ)

يوللىغۇچى : QaraTun يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-19 17:54:00

ئون ئالتىنچى باپئايتولدىنىڭ ئېلىككە بەخت – دەۋلەتنىڭ سۇپىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى 657 كۇلۇپ دېدى ئايتولدى : ئۇقتۇم ئوزۇم ، بۇنى سەن دېدىڭ ، ئەمدى ئاڭلا سوزۇم .658 بىلىپ قىلغان ئەردىم بۇ ئىشلارن...

    ئون ئالتىنچى باپ
     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە بەخت – دەۋلەتنىڭ سۇپىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

     657 كۇلۇپ دېدى ئايتولدى : ئۇقتۇم ئوزۇم ، بۇنى سەن دېدىڭ ، ئەمدى ئاڭلا سوزۇم .
     658 بىلىپ قىلغان ئەردىم بۇ ئىشلارنى مەن ، كېرەك ئەردى بىلسەڭ بۇ ئىشلارنى سەن .
     659 مانا ئەمدى مېنىڭ ساڭا كەلمىشىم ، ئىدى خۇي ۋە پەيلىمنى كۆرسىتىشىم .
     660 ئورۇن بەردىڭ ئاۋۋال مەن ئولتۇرمىدىم ، ئورۇن يوق ماڭا ، ئۇق دېمەكچىدىم .
     661 بۇ توپ يەرگە قويدۇم سوزۇم بېكىتىپ ، ئوزۇمنىڭ ئوخشىشىنى ساڭا كۆرسىتىپ.
     662 نىچۇككىم دومۇلار ئوزىچە بۇ توپ ، بۇ دەۋلەتمۇ شۇنداق كېتەر سۇرۇلۇپ .
     663 سويۇپ باققىنىڭدا كوزۇم يۇممۇغۇم ، ساڭا كورسىتىشتۇر نىمە مەن ئوزۇم .
    664 بۇ كۇن مەنمۇ دەۋلەت ، دىگىن كور مېنى ، ماڭا كىم ئىلىنسا تۇتارمەن ئۇنى .
     665 يەنە سوزلىدىڭ سەن ، مەنمۇ سورىدىم ، خۇشال باققىنىڭدا ، يۇزۇم ئورىدىم .
    666 بۇ ئەردى كورسۇتمەك ئوزۇمنى ساڭا ، دىمەك مەن تۇراقسىز ، ئىشەنمە ماڭا .
     667 نىمە دەر ، ئىشىت ئەمدى تۇركچە ماقال ، كوپ ئىشلار بېشىدىن كەچكەن ئاقساقال .
     668 گۇۋەنمە بۇ بوش بەختكە ، قۇتلۇق كىشى ، ئىشنمە بۇ بەختكە ئاتاقلىق كىشى .
     669 ئاقار سۇ ، گۇزەل سوز ، بۇ بەخت توختىماي – كېرەرلەر جاھاننى ، يۇرۇپ تىنمىغاي .
     670 ئىشەنچىسىز ، ۋاپاسىز بەخت بىقارار ، يۇرەر ھەم ئۇچار تېز ، ئاياغى تايار .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
    671 ئېلىگ ئېيتتى : ئۇقتۇم ئېچىلدى سوزۇڭ ، گۇنا ئوزرىن ئېيتتىڭ ، قۇتۇلدۇڭ ئوزۇڭ .
     672 ماڭا ئېيتقىن ئەمدى نەدۇر ئەردىمىڭ ، يوغان سوزنى قىلدى بۇ ئوكتەم تىلىڭ .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
     673 دىدى ئەردىمىم كوپ ، - بۇ ئايتولدى كور ، كىشىلەرگە مەندىن نەسىبە تېگۇر .
     674 خۇيۇمدۇر مۇلايىم ،يېشىمدۇر كىچىك ، پۇتۇن بەگ ، بۇيۇككە ئېرۇرمەن كېچىك .
     675 يۇزۇم كوركەم مېنىڭ ، مۇلايىم خۇيۇم ، تىلەگەن تىلەكلەرگە يەتتى قولۇم .
     676 ئوزۇم قايدا بولسام ، پۇتۇن ئارزۇلار – يۇرەر مەن بىلەن ھەم ماڭا باغلىنار .
     677 ھوزۇر مەندە ، مېھنەت مېنىڭدىن قاچار ، سويۇنىچ مەندە ، قايغۇ مەندە يول ئازار .
     678 ماڭا كىم غادايسا يوقالۇر ، ئولۇر ، كىم ئەگسە بويۇن ، ئۇ ، ئۇمىدىن تاپۇر .
     679 ئۇرايمەن دىگۇچى ئوزى ئۇرىلۇر ، باسايمەن دىگۇچى ئوزى بېسىلۇر .
     680 بۇ سوز كەلدى ئەمدى بۇڭا ئوخشىشىپ ، بىلىملىك چۇشەنسۇن بۇنى ئىشتىپ :
     681 بۇ بەخت قايدا بولسا بويۇن ئەگ ، ياراش ، قېرىشساڭ ئۇنىڭلە قارار غەمدە باش .
     682 بۇ بەخت كەلسە ئىنسان كونى قۇتلىنىپ ، تۇمەن مىڭ تىلەككە يېتىپ ، يەيدۇ ئاش .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
     683 ئېلىگ ئېيتتى : ئۇقتۇم بۇ ئەردەملىرىڭ ، قۇسۇرۇڭ بارمۇ ، ئېيىت ، بىلەي مەن سېنىڭ .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
     684 دىدى ئايتولدى : توھمەت ماڭا قىلشتۇر ، قۇسۇرۇم يوق ، لېكىن بار دەپ ئېيتشتۇر .
     685 قۇسۇرۇم شۇدۇركى ، تۇراقسىز ئاتاپ ، يۇرەرلەر كىشىلەر ئارا يامانلاپ .
     686 تۇراقسىز بولۇشۇم ماڭا ئەيىپ ئەمەس ، تاللايمەن ئوزۇمگە يېڭى نەرسە ، بەس .
     687 پۇتۇن كونا نەرسە يېقىمسىز بولۇر ، يېقىمسىز يۇكى ، كور ، كوڭۇلسىز كېلۇر .
     688 يېڭى نەرسە بولسا ، كونا نە كېرەك ، سەرە نەرسە بولسا ، يامان نە كېرەك .
     689 پۇتۇن تەم ۋە لەززەت يېڭىدا بولۇر ، بۇ لەززەتنى ئىستەپ كىشى قىينىلۇر .
     690 تۇراقسىز دەپ ئېيتار بۇ قىلىغىم ئۈچۈن ، ماڭا ئەيىپ قويۇلەر شۇ ئاتىم ئۈچۈن .
     691 بۇڭا ئوخشىشىپ ئېيتتى بىر قەھرىمان ، بۇ سوزگە گۇۋادۇر مەنىسى ھامان .
     692 تورەلگەن نىمەلەر بارى يوقىلۇر ، تورەلىتكەن بىر ئاللا ، نە قىلسا قىلۇر .
     693 تىرىكلىك دىگەن ئۇ شامالدەك كېتەر ، قاچار ، تۇتسا تۇرماس ، ئاڭا كىم يېتەر ؟
     694 گۇۋەنمە بەختكە ، كېلەر ھەم كېتەر ، ئىشەنمە ، بۇ دەۋلەت ئالار ھەم بېرەر .
     695 تۇراقسىز ئەمەس بولسا دەۋلەت ئۆزى ، نە ياخشى ئىدى بۇ بەخت ئەي قوزى [82].
     696 كېلىپ كەتمەس ئولسا بۇ دەۋلەت يانا ، يورۇق كۇن قارايماس ئىدى ، كور ، مانا .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
     697 ئېلىگ دىدى : بىلدىم تۇراقسىزلىغىڭ ، بولۇرمۇ كېتىپ يەنە كەلمەكلىگىڭ .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىگگە جاۋابى
     698 بۇ ئايتولدى ئېيتتى : مېنىڭ بۇ ئوزۇم – قىلىغىم كىيكتەك ، قىلاي بەس سوزۇم .
     699 سويۇپ ئىستەگەن تېز تاپالماس مېنى ، قاچۇرسا ئەگەر ، تېز تۇتالماس مېنى.
     700 مېنى تۇتسا چىڭ گەر كىشىلەر تېپىپ ، سوزۇم شۇكى كەتمەيمەن ئۇندىن قېچىپ .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
     701 دىدى خان : نەدۇر سېنى باغلاش يولى ؟ كېرەك نە كىشەن سېنى چىڭ تۇتقىلى .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
     702 بۇ ئايتولدى ئېيتتى : ماڭا چىڭ كىشەن – ئېرۇر قانچە نەرسە ، بېرەيمەن نىشان :
    703 تاۋازۇلۇق ئولسۇن مېنى تاپقۇچى ، كىچىك پېئىل ھەم سوزنى يۇمشاق قىلغۇچى .
     704 ئوزىنى تۇتسا ئۇ ئاشماي ھەددىدىن ، يامان – ئەسكى ئىشلارغا بارماي يېقىن .
    705 يىغىلغان مېلىنى بۇزۇپ چاچمىسا تۇزەپ خۇلقىنى ئۇ ، پەيلىن بۇزمىسا .
    706 ئوزىدىن ئۇلۇققا خىزمەت قىلسا ئۇز ، ئوزىدىن كىچىككە چۇچۇك قىلسا سوز .
     707 كىشىنى كىبىر بىرلە رەنجىتمىسە ، كىچىكلەر كۇلۇپ ھەم بوزەك ئەتمىسە .
     708 بىكاردىن ھاراققا بېشىن تىقمىسا ، بىكاردىن – بىكارغا مېلىن چاچمىسا .
     709 ئويۇنغا بەرمىسە تىلۇ – قولىنى ، دۇرۇس قىلسا دائىم خۇي – پەيلىنى .
     710 تۇراقسىز بەختكە شۇلادۇر كىشەن ، مۇشۇ خىلدا باغلانسا ، قاچماس ، چۇشەن .
     711 بۇ سوزنىڭ گۇۋاسى شائىرنىڭ سوزى ، شائىرنىڭ سوزىدۇر بۇ سوزنىڭ تۇزى :
    712 سائادەت كشىگە ھۇرككەك كىيىكتەك ، ئەگەر كەلسە ساقلا چۇشەپ تېز ۋە بەك .
     713 تۇتۇشنى بىلسە دەۋلەت قاچماي تۇرۇر ، قېچىپ كەتسە كەلمەس يېنىپ تېز گېزەك .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     714 ئېلىگ ئېيتتى : ئەي بەخت ئۇقتۇم سېنى ، سېنى بەك سويۇپتىم ، تاشلارسەن مېنى .
     715 ئەگەر بولمىسا بۇ تۇراقسىزلىغىڭ ، نە ياخشى ئىش ئىدى سېنىڭ كەلمىگىڭ .
     716 لېكىن سەن تۇراقسىز ، ئوزۇڭ بىۋاپا ، ۋاپا كورسىتىپ ، قىلىسەنكەن جاپا .
     717 ئاتادىن ، ئانادىن بولۇپ مېھرىۋان ، ئالقاندا كوتەرىپ ، كۇلۇپ باقىبان ؛
     718 گەھى كورمىگەندەك ئورۇيسەن يۇزۇڭ ، بولەكچە بولۇپ ھەر قىلىغىڭ ، سوزۇڭ .
     719 تېرەرسەن ، يىغارسەن ، يەنە چاچارسەن ، ھەم چىللاپ ، يۇزىگە ئىشىك ياپارسەن.

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    720 ئايتولدى ئېيتتى :ئەي ، ئېلىگ بەختىيار ، دىگەنتىم مېنىڭ پەزلىل ، قۇسۇرۇممۇ بار .
     721 مېنى كىم تېپىپ چىڭ تۇتايىن دىسە، ئېيتتىم چىڭ تۇتۇشنىىڭ يولىنى ،بىلسە .
    722 مېنى تۇتقۇچى گەر يۇگەن سالمىسا ، كىيىكتەك قاچارمەن ، يېتەر كىم ماڭا ؟
     723 نىمە دەر ئىشىت ، كوپنى كۆرگەن قېرى ، قېرىلار سوزىدۇر ، ئۇ سوز گوھىرى :
     724 كېلۇر بەخت ، تۇتۇشنى بىلمىسەڭ ، كېتۇر ، بېرۇر مال، يىيىشنى بىلمىسەڭ ئالۇر .
     725 تۇراقسىز بەختنى تاپساڭ مەھكەم تۇت ، تۇتمىساڭ ئەگەر چىڭ ، كېتەر يەنە ، پۇت .
     726 بەختلىك كىشى ئوزنى ساقلاش كېرەك ، پۇتۇن ئەسكى ئىشتىن يىراقلاش كېرەك .
    727 ئوزى پاكىزە ، توغرا بولسا ئىشى ، بەختنىڭ باغى[83] شۇدۇر ، بىلە كىشى .

    ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
     728 ئېلىگ ئېيتتى : ئۇقتۇم قۇسۇر ئەردەمىڭ ، بۇ ئايتولدى ئىسمىڭ نەدىمەك سېنىڭ ؟
     729 نىمەدۇر مەنىسى بۇنىڭ ، ئېيت ماڭا ، بىلەي مەن ، ئۇقاي ھەم پۇتەي مەن ساڭا .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىگكە جاۋابى
     730 بۇ ئايتولدى ئېيتتى :مېنىڭ بۇ ئېتىم ، خۇيۇپ ئوخشىتىپ ئايغا قويمىش ھېكىم .
     731 ئاي ئاۋۋال تولامۇ كىچىك توغۇلۇر ، كۇندىن – كۇن چوڭىيىپ يۇقىرى چىقۇر .
     732 تولۇن بولسا تولۇپ ، جاھان يورۇتار ، جاھان خەلقى ئۇندىن يورۇقلۇق ئالار .
     733 تولۇپ ئاي ئىگىزگە ئورلىگەچ ،كېيىن – كېمىپ ئاستا ، كوركى كېتەر يۇزىدىن .
     734 يورۇغى ئاز – ئازدىن يەنە يوقىلۇر ، تۇغۇلۇپ كىچىك ئۇ ، قايتىدىن تولۇر .
     735 مېنىڭ بۇ ئوزۇممۇ شۇنداق ئېرۇرمەن ، بەزى بار ، بەزىدە يوقاپ كېتۇرمەن .
     736 ھەر قانچە ئاجىزغا قاراتسام يۇزۇم ، ئاشار كوركى ئۇنىڭ ، قىلاي بەس سوزۇم[84] .
     737 بېيىسا ، چوڭايسا ، ئاشسا شوھرىتى ، كېتەرمەن ئۇنىڭدىن تۇگەر ھورمىتى .
     738 ئۇ يىققان جىمى مال چېچىلىپ كېتەر ، ئوزىمۇ بۇرۇنقى ھالىغا چۇشەر .
     739 بۇڭا ئوخشۇشۇپ كەلدى شائىر سوزى ، بۇ شائىر سوزىدۇر بىلىمسىز كوزى .
     740 بەخىت كەلسە ئەرگە ، ئېتى يېيىلۇر ، يېڭى ئايدەك ئېشىپ يورۇغى تولۇر .
     741 تۇراقسىز تەلۋىدۇر بەخىت ، بەرمە دىل ، بۇ دەۋلەت تولۇنئاي كەبى كېمىيۇر .
     742 يەنە بىر مەنىنى مەن ئېيتاي ساڭا ، بۇنى سەن ئاڭلىغىن ، ئىشەنگىن ماڭا .
     743 بۇ ئاينىڭ ئويى ھەم ئورنى مۇنقەلىپ[85] ، مۇنقەلىپ قالۇر ئويسىز ئاخىرى بېرىپ .
     744 بۇ ئاي بۇرجى سەرتان ، بۇ بۇرج ئوزگىرۇر ، ئويى ئوزگىرۇر ھەم ئوزى چورگىلۇر .
     745 قايۇ ئويگە كىرسە بۇ ئاي تېز چىقار ، چىقىشقا ئالدىراپ ئويىن تېز بۇرار .
     746 ئوزۇممۇ ئاڭا ئوخشىشۇرمەن ، قارا ، گەھى مەن ئىگىزدە ، توۋەندە ئارا .
    747 كېلۇرمەن ، كېتەرمەن ، يۇرۇرمەن بۇرۇن ، كېرەرمەن جاھاننى ماڭا يوق ئورۇن .
     748 شۇ مەنا ئۈچۈن ئاتىم ئايتولدى دەپ ، ئاتادى بىلىملىك سوزىن ئىنچىكىلەپ .
     749 مانا مەنمۇ دەۋلەت ، پەزلىم ، قۇسۇرۇم ، كېسەلىم ، داۋايىمنى ئېيتتىم ئوزۇم .
     750 ئوچۇق ئېيتتىم سوزۇم ، ماڭا ئەمدى پۇت ، قاچۇرساڭ قاچۇر ، گەر توتاي دىسەڭ تۇت .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     751 ئېلىگ ئېيتتى : بارچە ئشىتتىم سوزۇڭ ، يورۇتتى سوزۇڭ ھەم يارادىڭ ئوزۇڭ .
     752 تىلەر ئەردىم ئەمدى سېنىڭدەك كىشى ، خۇدا بەردى ئارزۇ ، ئەي ئەرلەر بېشى .
     753 خۇدا كىمگە بەرسە تىلەك – ئارزۇنى ، كېرەكتۇر جاۋابەن دىمەك شۇكرىنى .
     754 بۇ كۇندىن كېيىن مەن ئوزۇم تىنمايىن ، زېرىكمەي ئۇنىڭكىم شۇكرىن ئېيتايىن .
     755 نىمە دەر ئىشىت ئەمدى ئالىم تىتىك ، ئوزى كەتتى ، قويدى ئۇ بىزگە بىتىك .
     756 ئەي نېمەت ئىگىسى سەن قىلغىن شۇكۇر ، شۇكۇر قىلسا نېمەتنى ھەق ئارتتۇرۇر .
     757 بۇ نېمەت ئىگىسى ئۇنىتۇر ئوزىن ، شۇكۇر قىلسا نېمەت ئورىمەس يۇزىن .
     758 كىچىك ياخىشلىققا تولا شۇكۇر قىل ، تولا بولسا نېمەت ، ئۇنىڭ قەدرىن بىل.
     759 شۇكۇر قىلسا ، نېمەت بىرى ئون بولۇر ، بىرى ئون بولۇپ ھەم ئوي مالغا تولۇر .
     760 كور ، ئايتولدىنى ئېلىگ ئالقىشلىدى ، ماڭا قارىغىن كېچە – كۇندۇز ، دېدى .
     761 تولا مال – تاۋار بەردى ماختاپ ئۇنى ، ھەم ئالتۇن – كۇمۇش بەردى ، قەدىرلەپ ئۇنى .
     762 ئاڭا ئېيتتى ھەممە سوزىنى ئېلىگ ، ئۇنىڭدىن سورادى ئەقىل ھەم بىلىك .
     763 بۇ ئايتولدى بۇ قەدىر – ھورمەتنى كورۇپ ، خىزمەت قىلدى ئۇ چىن كويۇمچان بولۇپ .
     764 ئېلىگ بىر نەچچە ۋاق سىناپ كوردى ئۇ ، تېپىلغان كىشىنى كامىل تاپتى ئۇ.

     ئون يەتتىنچى باپ
    كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا ئادالەت سۇپەتلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

     765 ئېلىگ ئولتۇرۇپ يالغۇز بىر كۇنى ، زېرىكتى ۋە قىلدى خالى ئويىنى .
     766 بۇ ئايتولدىنى قىچقىرىپ بەردى يول ، بۇ ئايتولدى كىردى ، قوۋۇشتى قول .
     767 ئۇ تۇردى ئېلىگنىڭ ئۇدۇلىدا تىك ، ئولتۇردى سوزلىمەي بىر مەھەل ئېلىگ .
     768 قاراپ بىر دەم ئېلىگ ، كوزىن ئىملىدى ، ئىشارەت بىلە كەلگىن ، ئولتۇر دېدى .
     769 بۇ ئايتولدى ئولتۇردى تىپ – تىنىچ ، كېلىپ ، يورۇپ كوڭلى ، كوزنى يەرگە تىكىپ .
     770 ئېلىككە يۇگۇرتتى يوشۇرۇنچە كوز ، تۇرۇلگەن قاش – قاپاق ، پۇرۇشتۇرمە يۇز .
     771 كۇمۇش كۇرسى ئۇستىدە جىم ئولتۇرۇر ، بۇ كۇرسىنىڭ پۇتى ئۇچ ، چېتىقسىز تۇرۇر .
     772 قولىدا تۇتۇغلۇق يوغان بىر پىچاق ، شېكەر ئۇڭدا ، سولدا ئۇراغۇن[86] بىراق .
     773 كورۇپ قورقتى ئايتولدى ، ئاشتى غېمى ، ئۇنى باستى تىتىرەك ، كېسىلدى دېمى .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
     774 ئېلىگ باش كوتەردى بىر ئازدىن كېيىن ، دىدى ئايتولدىغا : قېنى سوزلىگىن .
     775 نىچۇك سوزلىمەيسەن گاچادەك بولۇپ ، مېنى مۇندا يالغۇز بۇ ياڭلىغ كورۇپ ؟

    ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
     776 بۇ ئايتولدى ئېيتتى : ئەي ساھىپقىران ، سوزلەشكە مادار يوق مەندە بۇ زامان .
     777 كورەرمەن بۇ كۇن سەندە يات ھال ئوزۇم ، ئەيمەندىم ئەي ئاقىل ، شۇڭا يوق سوزۇم .
     778 بىر ئالىم خەلققە بېرىپ بىر ساۋاق ، دەپتۇ بەگ غەزەپلىك چاغدا بول يىراق .
     779 بىلىملىك بىر دانا خوپ ئېيتىمىش تېخى ، بولۇر بەگ زەھەر ، ئوت – غەزەپلىك چېغى .
     780 غەزەپتە قىزىشسا ئەگەر ھوكۇمدار ، ئۇنىڭغا سەن يېقىن بارما ، ئەي ھۇشيار .
     781 غەزەپكە كېلىپ بەگ كايىغان زامان ، يىراق تۇر ئۇنىڭدىن ، تېگۇر كۆپ زىيان .
     782 بۇ سوز كەلدى ئەمدى بۇڭا ئوخشۇشۇپ ، كۇزەت بەك ئوزۇڭنى ، كوڭۇلدە تۇتۇپ .
    783 يېقىن بارما بەككە غەزەپلەنسە گەر ، ئېنىق خارلىنۇرسەن ، بارۇرسەن ئەگەر .
     784 بۇ بەگلەر خۇددى بىر ئارسىلان ئۆزى ، ئەي ئالىم ، غەزەپلەنسە باشنى كېسەر !

    ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
     785 ئېلىگ ئېيتتى : كەلگىن ماڭا ئېيت سوزۇڭ ، نىمىشقا تېڭىرقاپ تۇرۇرسەن ئۆزۈڭ ؟

    ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
     786 بۇ ئايتولدى ئېيتتىكى : ھەيرىتىم مېنىڭ ، نىچۇندۇر كۇمۇش كۇرسى ئورنۇڭ سېنىڭ ؟
     787 بۇ كۇرستا ئولتۇرۇش نە لايىق ساڭا ، ئۇنىڭ مەنىسىنى دېگىن سەن ماڭا .
    788 ئىككىنچى ، قولۇڭدا پىچاق نە دىمەك ، بۇنى ھەم ياخشىراق بىلىشىم كېرەك .
     789 ئۇچىنچى ، ئوڭۇڭدا نىمىشقا شېكەر ، سولۇڭدا ئۇراغۇن ، نە مەنا بېرەر ؟
     790 سېنى مەن غەزەپلىك شۇ ھالدا كۆرۈپ ، يۇتتۇردۇم بىلگىنىم تامام ئۇنۇتۇپ .
    791 بۇ ھالنى كۆرۈپ مەن ئوزۇم ئەيمىنىپ ، ئوتۇنچ قىلمىدىم مەن تىلىمنى يېرىپ .

     ئون سەككىزىنچى باپ

    كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا ئادالەت سۈپىتىنىڭ قانداقلىغىنى ئېيتقانلىقى بايانىدا

    792 ئېلىگ ئېيتتى : ئۇقتۇم سوزۇڭ بىر – بىرلەپ ، ئاچايمەن سوزۇمنى ساڭا شەرھىلەپ .
     793 قىچقىردىم سېنى مەن ئەڭ ئاۋۋالقى كۈن ، قەدىرلەپ شۇ كۈن ھەم بەردىم مەن ئورۇن .
     794 ئەجەپ تاڭسۇق ئىشلار ماڭا كۆرسىتىپ ، كايتتىڭ مېنى سەن ، ئوزۇڭ نەك تۇرۇپ .
     795 كوپ قەھرىلەنسەم ، رەنجىتتىڭ ئوزۇڭ ، چىداپ تۇرسام يەنە تۈرۈلدى يۇزۇڭ .
     796 دىدىڭ سەن ماڭا : مەن بەخت ، بىل مېنى ، ئۇقتۇراي دەپ قىلدىم ، سەن ئۇققىن بۇنى .
     797 نىمە قىلغىنىڭنى سەن ئايرىم يېشىپ ، دىدىڭ ماڭا ، مەنمۇ چۈشەندىم يېتىپ .
     798 كەچۈردۈم ئاشۇ چاغدا ئوزۇڭنى مەن ، قەدىرلەپ بۇ پەزلىڭنى ھورمەت بىلەن .
     799 بۇگۇن كورستەي مەنمۇ ئەمدى ساڭا – قىلىق ، ئەردىمىمنى ، قاراپ تۇر ماڭا .
     800 ئادالەت ۋە قانۇن ئوزۇم مەن ، قارا ، قانۇننىڭ ۋەسپىنى بۇلاردىن سورا؛
     801 مۇنۇ مەن ئولتۇرغان بۇ كۇرسىغا باق، ئەي كوڭلۇم توقى ، بار ئۇندا ئۈچ ئاياق .
     802 پۇتۇن ئۇچ ئاياقلىق قىڭغايماس بولۇر ، تۇرۇر ئۇچ پۇتى تۇز ھەم قايماس بولۇر .
     803 قىڭغايسا بىرى ئۈچ ئاياغنىڭ ئەگەر ، قايار ئىككىسى ، ئولتۇرۇچى چۇشەر .
     804 پۇتۇن ئۈچ ئاياقلىق توغرا ، تۇز تۇرۇر ، ئەگەر بولسا تۆت ، كور ،بىرى ئەگرى بولۇر .
     805 نىمىكى تۇز ئولسا ، پۇتۇن ئۇز بولۇر ، نىمىكى ئۇز ئولسا ، دىمەك تۇز بولۇر .
     806 نىمىكى ئېگىلسە ، ئۇ ئەگرى بولۇر ، پۇتۇن ئەگرى ، يامانلىق ئۇرۇغى بولۇر .
     807 قايسى تۇز ئېگىلسە ، تۇرماس ، يىقىلار ، نىمىكى تۇز ئولسا ، يېقىلماي تۇرار .
     808 مېنىڭ ھەم قىلىغىم ئېگىلمەس ئېرۇر ، ئېگىلسە دۇرۇسلۇق ، قىيامەت بولۇر .
     809 قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن ، ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ ئىشىن .
     810 بۇ خەنجەر – پىچاقكىم ، قولۇمدا تۇرۇر ، پىچار ھەم كېسەر بىر قورال ، ئەي غەيۇر .
     811 پىچاقتەك كېسەرمەن ، پىچىپ ئىشىنى ، ساقلاتماي دەۋاغا كەلگەن كىشىنى .
     812 شېكەر شۇكى ، بىركىم زۇلۇم يەتتى دەپ – ئىشىگىمگە كەلسە ئادالەت تىلەپ .
     813 شېكەردەك لەزەتلە يانۇر ئۇ كىشى ، سويۇنۇپ ئېچىلۇر يۇزى ھەم قېشى .
     814 بۇ تۇرغان ئۇراغۇن شۇنداقلار ئىچەر ، كى زورلۇق ئىشلىتىپ ، ئەدىلدىن كېچەر .
     815 تۇتۇشۇپ ماڭا كەلسە قىلسام ھوكۇم ، ئۇراغۇن ئىچكەندەك بولۇرلەر چوقۇم .
     816 بۇ قاشىم تۇرۇگى ، بۇ كوركسىزلىگىم ، زۇلۇم قىلغۇچىغا بۇ يۇزسىزلىكىم .
     817 كېرەك ئوغلۇم ئولسۇن ، يېقىن تۇققىنىم ، يولۇچى ، ئوتكۇنچى ، بىرەر قونىغىم .
     818 ماڭا كەلسە ئىككىسى قانۇن ئالدىدا ، بولەكچە بولماسمەن ھوكۇم ۋاقتىدا .
     819 بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت ئېرۇر ، ئادىل ئولسا بەگلەر ، تىرىكلىك بولۇر .
     820 مۇنىڭدەك دىدى سوز ئەقىللىق كىشى ، كىم ئاقىل سوزىن تۇتسا تۇزىلەر ئىشى .
     821 ئادالەت ئۇستىدە بۇ بەگلىك ئۇلى ، بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت يولى .
     822 ھوكۇم قىلسا ئەلگە ئەدىل بىرلە بەگ ، تىلەك – ئارزۇسىغا بولۇر يەتكىلى .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە سوئالى
    823 يەنە ئېيتتى ئايتولدى : ئېلىگ قۇتى ، نىچۇن بولدى كۇنتۇغدى ئېلىگ ئېتى ؟

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     824 ئېلىگ دىدى : ئالىم بۇ قىلغىنىم كۆرۈپ ، قويدى بۇ ئېتىمنى كۇنگە ئوخشۇتۇپ .
     825 قارا ، كۇن ئۇۋالماس – ھەمىشە پۇتۇن ، يورۇغى بىردەكلا ۋە پارلاق تولۇن .
     826 مېنىڭمۇ قىلىغىم ئاڭا ئوخشىدى ، ئادالەت بىلەن تولدى ، كەم بولمىدى .
     827 ئىككىنچى ، تۇرغار كۇن ، يورۇر بۇ جاھان ، ئومۇمغا چاچار نۇر ، كېمەيمەس ھامان .
     828 مېنىڭمۇ ھوكمۇم شۇ ، يوقالماس ئوزۇم ، پۇتۇن خەلققە بىردەك قىلىغىم سوزۇم .
     829 ئۇچىنچى ، ئىسسىيدۇ يەر ، تۇققاندا كۇن ، چىچەك ئاچىلۇر ئاندا تۇمەن مىڭ تۇسۇن .
     830 قايۇ ئەلگە كىرسە ، مېنىڭ قانۇنۇم ، ئۇ ئەل تۇزىلەر بولسا تاش يا قۇرۇم[87] .
    831 تۇغار كۇن ئېرىغ يا ئېرىغسىز دىمەس ، ئومۇمغا يورۇقلۇق بېرەر كېمەيمەس .
     832 مېنىڭمۇ قىلىغىم مۇشۇنداق بولۇش ، مېنىڭدىن جىمىگە تېگەر تەڭ ئۆلۈش .
     833 يەنە بۇرچى كۇننىڭ ئۇ سابىت[88] ئېرۇر ، بۇ سابىت دىگەنىم تېگى چىڭ بولۇر .
     834 بۇ كۇن بۇرچى ئارسىلان ، ئۇ تەۋرىمەس ، تەۋرىمەس بولغاچ ئويى ھەم بۇزۇلماس .
     835 مېنىڭمۇ قىلىغىم ، تۇرقۇمغا قارا ، يۇرۇغۇم مېنىڭ ئۆزگىرىشسىز بارا .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە سوئالى
     836 بۇ ئايتولدى ئېيتتى : ئەي ساھىپقىران ، يېيىلسۇن ئېتىڭ ھەمدە تۇتقىن جاھان .
     837 ئوزۇممۇ بۇ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ، ساڭا ئەمگىنىپ كەلدىم ئارتۇق ھېرىپ .
     838 شۇ خۇلقۇڭ ، بۇ ئەردەملىرىڭ بار ئۇچۇن ، ئۇمىت بىرلە خىزمەتكە كەلدىم كۇچۇن [89] .
     839 دىگىىن خىزمىتىڭنى نىچۇك مەن قىلاي ، سويۇنچۇڭ سېنىڭ قايسى . شۇنى مەن تۇتاي .
     840 خىزمەت بولمىغاندا ، بۇ بەگ مەيلىچە ، ئىشى يورىماس ئىشلەسىمۇ نىچە .
     841 ئىشىتىكىن ، نىمە دەر ئىلا ئاتلىغى[90] ، ئىش ئىشلەپ چوڭايغان كىشى قۇتلۇغى .
     842 خادىم بەگ ئىشىگە باغلاركەن بېلىن ، قاتتىق تۇتقۇلۇق بەگ سويۇنچى يولىن .
     843 بۇ بەگلەر ئۇمىدىچە قىلىغىن تاپۇغ ، رىزا بولسا بەگلەر ئاچار بەخت قۇۋۇغ .
     844 تاپۇغچى تاپۇغ بىلسە تورگە چىقۇر ، تاپۇغ بىلمىسە توردىن پەسكە چۇشۇر .
     845 سويۇلدۇرسە خىزمەتتە بەگ قۇلى ، ئېچىلار ئۇڭا قەدىر – ھورمەت يولى .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     846 ئېلىگ ئېيتتى : ئۇقتۇم مەن ئەمدى سوزۇڭ ، سويۇنچۇم تىلە ، بەك كۇزەتكىن ئوزۇڭ .
     847 مەن ئېيتاي يارامسىز نىمەنى ساڭا ، ئوزەڭ پاكىزە يۇر ، يولۇما ئاڭا .
     848 ئوزۇم خالىماسنىڭ بىرى يالغان ئول ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى زۇلۇم قىلغان ئول .
     849 بىرى ئاچكۆز ، تاماخور ۋە تويماس ئوزى ، بىرى ئالدىراڭغۇ ، ئۇياتسىز كوزى .
     850 ھەر ئىشتا غەزەپكار ، ئاچچىغى يامان ، قول ئەگرى ،ھاراققا بېرىلسە ھەر ئان .
     851 بۇ ياڭلىغ كىشىلەر ياراماس ماڭا ، بۇنى ئېيتتىم ئەمدى ئوچۇقلا ساڭا .
     852 يارايمەن دىسەڭ سەن ماڭا بەلگۇلۇك ، ئەي نامدار بۇلاردىن يىراق يۇرگۇلۇك .
     853 بولۇرسەن كۇنۇ – كۇن يېقىن سەن ماڭا ، ئاشار قەدىر – ئېھسان مېنىڭدىن ساڭا .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە سوئالى
     854 بۇ ئايتولدى ئېيتتى : ئىشىتتىم بۇنى ، يەنە بىر سوزۇم بار يېشىپ بەر ئۇنى .
     855 نەدۇر ھەم نەخىلدا ئېرۇر ياخشىلىق ، نىچۇكتۇر ئۇنىڭدا تەبىئەت – قىلىق .

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     856 ئېلىگ ئېيتتى : ياخشىلىق سۇپاتى شۇدۇر ، كى خەلققە ئۇنىڭدىن پايدىلار يېتۇر .
    857 قىلۇر ياخشىلىق ئۇ پۇتۇن ئېلىگە ، يەنە مىننەت ئۇرماس كىشى يۇزىگە .
     858 تىلەر نەپ ئۇ ئەلگە ئوز نەئىپىن دىمەس ، يەتكۇزگەن نەپئىچۇن بەدەل كوزلىمەس .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە سوئالى
     859 يەنە ئېيتتى ئايتولدى : ئۇقتۇم بۇنى ، تېخى بىر تىلەك باركى ، ئېيتاي ئۇنى .
     860 ماڭا ئېيت ، دۇرۇسلۇق نىچۇك نەرسىدۇر ، ئۇنىڭدىن كىشى كۇنى قانداق يورۇر ؟
    861 قايۇ نەرسىنى دەر دۇرۇسلۇق يولى ، نىمەدەك بولۇر بۇ دۇرۇسلۇق ئۇلى ؟

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     862 ئېلىگ ئېيتتى : شۇدۇر دۇرۇس ئەر ئۆزى ، تىلى ، كوڭلى بىرلە بىرىكەر سوزى .
     863 تېشىدەك ئىچىمۇ ، ئىچىدەك تېشى ، بۇ ياڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى .
     864 چىقارتىپ يۇرەكنى ئالقاندا تۇتۇپ ، ئۇياتماي يۇرەلسە ئەلنى كورۇپ.
     865 بەختلىك ياشاشقا دۇرۇسلۇق كېرەك ، كىشىلىك ئېرىدۇر دۇرۇسلۇق دىمەك .
     866 كىشى قىس ئەمەستۇر ، كىشىلىك قىس ئول ، ئەمەس ئاز بۇ ئىنسان ،دۇرۇسلۇق ئاز ئول .
     867 بۇ ھەقتە شائىرنىڭ دىگەن بۇ سوزى ، ئوخشايدۇ مەن ئېيتقان سوزۇمگە ئوزى .
     868 مېڭىپ يۇرگەن ئىنسان بەكمۇ كوپ ئېرۇر ، دۇرۇس ، چىن ، پۇتۇن ئەر ماڭا خوپ ئېرۇر .
     869 كىشى قىس ئەمەستۇر ، كىشىلىك قىس ئول ، دۇرۇس ، چىن كىشى ئۇ ، تولا ماختىلۇر .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە سوئالى
     870 يەنە ئېيتتى ئايتولدى : بەختىيار خان ، بۇ سوزنىڭ سىرىنى ماڭا قىل ئايان .
     871 بۇ ياخشى كىشىلەر بولۇرمۇ يامان ، يامانلار بولۇرمۇ ياخشى بىر زامان .

    ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     872 ئېلىگ ئېيتتى : ياخشى ئىككى تۈرلۈك ئول ، بۇنىڭدىن بىرى چىن ، تۇتار ياخشى يول .
     873 بىرىدۇر ئانادىن ياخشى تۇغۇلۇپ ، يۇرەر ئۇ دۇرۇس ۋە ياخشى بولۇپ .
     874 بىرى دورىماق بىرلە ياخشى بولۇر ، يامانغا قوشۇلسا ، يامانلىق قىلۇر .
     875 يامانمۇ ئىككى خىل بولۇر دائىما ، ئىككى خىل ياماننى بىردەك سانىما .
     876 يامان بوپ تۇغۇلۇر ئۇنىڭدىن بىرى ، بۇ ئەر ئولمىگۈچە ئېرىمەس كىرى . 877
     يەنە بىرسى دوراپ يامانلىق قىلۇر ، ئەشى ياخشى بولسا ، ئۇ ياخشى بولۇر .
     878 كېلۇر تۇغما ياخشىدىن دائىم ياخشىلىق ، جاھان خەلقى ئالۇر ئۇندىن پايدىلىق .
     879 يامان بولسا تۇغما ، ئاڭا يوق داۋا ، خەلققە ئاپەتتۇر ، جاھانغا بالا .
     880 كېلۇر بۇڭا ئوخشاپ تۇركچە مىسال ، ئىشىتكىن بۇنى سەن ، ئۇقۇپ ئۈلگە ئال :
    881 ئەگەر كىرسە ئاق سۇت بىلەن ياخشى خۇلق ، ئولۇم تۇتمىغۇچە ئوزگەرمەس قىلىق .
     882 قىلىقكىم تەبىئى تورەلگەن ئىكەن ، ئولۇم بۇزمىغۇنچە بۇزۇلمايدىكەن . 883
     قوساقتا تورەلمىش خۇلقى ، ئەي چىۋەر ، قوڭۇر يەر قېتىغا كىرگەندە تۇگەر .
     884 ئەگەر ياخشىغا بولسا ھەمرا يامان ، يامان بولدى قىلىغى يامانلارسىمان .
     885 يامانمۇ قوشۇلسا ياخشىغا بىراق ، پۇتۇن ياخىشلىققا تاپار ئۇ چىراق .
     886 يەنە بىر سەۋەپ شۇ بۇ ياخشى - يامان ، يېقىنلىق يولىدىن تاپار ئىز ھامان .
     887 بېگى ياخشى بولسا ، پۇتۇن خەلقى تۇز – بولۇر ھەم قىلىغى ، يۇرۇشلىرى ئۇز .
     888 يېقىن تۇتسا، بەگلەر قارا ، ياخشىنى يامانلارمۇ ياخشى قىلار ئىشىنى .
    889 ئەگەردە يېقىن بولسا بەككە يامان ، يامان قولى ئەلگە بولۇر ھوكۇمران .
     890 يامان باش كوتەرسە ، ياخشىلار تۇگەر ، گەر ياخشى بەگ ئولسا ، يامانلار يىتەر .
     891 ئەگەر بولسا بەگ ياخشى ھەمدە قۇتۇن [91]، تامام ياخشى بولغاي ئاۋام خەلق پۇتۇن .
     892 يامان بولمىغۇچە بۇ بەگلەر ئوزى ، ئۇ ئەلدە ياماننىڭ سويۇنمەس يۇزى .
     893 نە ياخشى نىزام قويدى بەگلەر بېگى ، يامانغا جازا بەردى زىندان تېگى .
    894 ئەگەر ياخشى بولسا خەلق باشچىسى ، پۇتۇن ياخشى بولۇر ئۇنىڭ ئىشچىسى .
     895 ئوزى ياخشى بولسا بۇ بەگلەر ئەگەر ، بېيىپ ھەممە خەلقى ، جاھان تۇزىلەر .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە سوئالى
     896 يەنە ئېيتتى ئايتولدى : ئۇقتۇم بۇنى ، ئېلىگ ئېيتتى سوزنىڭ توغرىسىنى .
     897 بۇ ياخشىنى كىشى بىلۇر ياخشى دەپ ، تونۇپ پايدىسىنى ھەم ئەيلەر تەلەپ .
     898 سويۇپ ھەممە ئادەم ئۇنى ئارزۇلار ، لېكىن ئىستىگەنلەر نىچۇكمۇ تاپار ؟

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     899 ئېلىگ ئېيتتى : ياخشى – ئۇ نادىر ئېرۇر ، نادىرنى نادىرلارلا ئۇمىت قىلۇر .
     900 نىمىكى نادىر بولسا ، ئۇ خىل بولۇر ، ئۇنى قىلماقمۇ ئانچە مۇشكۇل تۇرۇر .
    901 يامانلىق قەدىرسىز ، قىلغان خار ھامان ، يامان ئىشنى قىلغان ھەمىشە يامان .
     902 نىمىكى قەدىرسىز ئۇ ، يەردە ياتۇر ، ئاغى[92] – چۇز[93] قىممەتلىك ئۇ تورنى ئالۇر .
     903 ئېرۇر ياخشىلىق ئورلىگەندەك ئېغىر ، يامان ئىش چۇشۇشتەك ، ئاساساندۇر ئاخىر .
     904 ئەقىل ئېيتتى بىر سوز ئۇڭا ئوخشۇتۇپ ، ئەقىلنىڭ سوزىن تۇت ، ئۇنىڭ نەپئى كۆپ .
     905 ياخشىلىق ئورلەشتەك چىقالماس كىشى ، قىلالمايدۇ ھەركىم بۇ ئورلەش ئىشى .
     906 قەدىرلىك ئىشلارنى قىلماقلىق قىيىن ، قىلالماس بۇ ئىشنى بىلىمسىز كىشى .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە سوئالى
    907 بۇ ئايتولدى ئېيتتى : ئەي ئېلىگ قۇتى ، ئىكەن شۇنچە ماختاشتا ياخشىلىق ئېتى .
     908 قۇسۇرى بارمىكىن كىشى دەيدىغان ؟ ئاقىللار بىلىپ بايقىيالايدىغان ؟

     ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
     909 ئېلىگ ئېيتتى : ياخشى ھامان ماختىلۇر ، يامانلار بۇنى بىر قۇسۇر دەپ بىلۇر .
     910 يېقىندۇر كىشىگە كىشى ھەر زامان ، ئىش يوقتۇر ياخشىغا ، بولمىسا زىيان .
     911 يامانلار كۇرەشتە يېڭلغان ئۇچۇن ، قىلار قەست يورۇتماسقا ياخشىغا كۇن .
     912 ياخشىلىق تىلەگەن ياخشىلىق كورۇر ، زەئىپ ، پەس – خۇنۇكلەرگە باقماس بولۇر .
     913 كىمكى تىلەسە بۇ كۇن خوشلىغىن ، يامانلىق قىلىپ تاڭنا يەر قايغۇسىن ،
     914 نىمە دەر ياخشىلىق تىلەگەن كىشى ، پۇتۇن ياخشلىقنى قىل ئوزنىڭ ئەشى :
     915 زىيان يوق بۇگۇن ياخشىلىقتىن ساڭا ، بولۇر تاڭنا پايدا، بۇگۇن پۇت بۇڭا .
     916 كورۇنسە يامانلىق بۇگۇن پايدىلىق ، ئۇ تاڭنا زىياندۇر ، بۇنى ئۇق ئېنىق .
     917 ئېرۇر ياخشىلىق ئوڭ ، يامانلىق ئۇ سول ، جەھەننەم سولىڭدا ، بىيىش ئوڭدا ئول .
     918 ھوزۇرلانسا قانچە يامانلار بۈگۈن ، قىينىلار پۇشايمان بىلەن تاڭنا كۇن .
     919 خار ئولسا نىچەكىم ، بۇ ياخشى كىشى ، ئوكۇنمەس ، تاڭنا كۇن بولۇر ھەر ئىشىن .
     920 بۇنى بىل ھەقىقەت ، ئەي ئايتولدى سەن، ئوكۇنچسىز مەن ئولسەم ياخشى ئات بىلەن .
     921 نە ياخشى دىدى توغرا ئەرنىڭ تىلى ، دۇرۇس ئەر تىلىدۇر ئۇ ، سوزنىڭ ئۇلى :
     922 كىمىكى يامانلاپ خارلار ياخشىنى ، ئەي ياخشى ، مەن خالاپ ئىستەيمەن سېنى .
     923 ئى ياخشى ساڭا كىم تويار ، ئېيىت ماڭا ، يېقىن كەل ، مەن ئەمدى خالاپ ئىستەيمەن سېنى .
     924 ھەر قانچە خارلانسا ئۇ ياخشى كىشى ، رىزا مەن بولايىن ئۇنىڭ يولدىشى .
     925 يامانلىق بىلە كەلسە بەگلىك ماڭا ، كېرەكمەس بۇ بەگلىك ، قويارمەن ساڭا .
     926 كورەرمەن كىىشنىڭ قىلىقى گەر يامان ، ھوزۇرى ئېرۇر ئاز ، كوپى پۇشايمان .
     927 بۇڭا ئوخشىشىپ ئېيتتى شائىر بۇ سوز ، چوڭايغاي ئوقىساڭ ، ئىتتىكلىنىپ كوز .
     928 ياخشىلىق قىلىپ كىم ئۇندىن ئوكىنۇر ، يامان مىڭ ئاتانسا ، پۇشايمان قىلۇر .
     929 يامانلىققا مۇمكىنچە قىل ياخشىلىق ، يامان قىلسا يامانلىق، پۇشايمان يانۇر .
     930 نىچۇكمۇ مەدھىيلەي يامان كىشىنى ، نىچۇكمۇ تىلەيىن يامان ئىشىنى .
     931 قوپاللىق ،گۇستاخلىق ، تەتۈرلۈك بولار ، ئى ئۇلۇغ ، يامانلار ئىشىدۇر ئۇلار .
     932 بالا ، مىھنەت ، پۇشايمان ، زەخمەت ، يىغا ، يامانلىق جاۋابى بولۇر ، ئەي توڭا
    . 933 شۇڭا ياخشىنى مەن نىچۇك سويمەيىن ؟ نىچۇن ياخشى ئىشنى مەدھى ئەتمەيىن ؟
     934 سېخىلىق ، كىشىلىك پايدا ، ئەزگۈلۈك – كېلۇرلەر ياخشىدىن بۇلار بەلگۈلۈك .
     935 بۇ ياخشى كىشى بارچە ئەش ياخشىسى ، ئېرۇر ياخشى ئىشى ھەممە ئىش ياخشىسى .
     936 ھەمراھ ياخشى بولسا نىمە كۈتسەڭ كۈت ، تاپايىن دېسەڭ يول ، ھەمراھ ياخشى تۇت .
    937 راھەت ، نېمەت ، ئارزۇ ، قۇۋانىچ ھەم ھوزۇر ، بۇلارغا جاۋاپ شۇ ، خۇشاللىق بولۇر .
     938 ئېلىگ ئېيتتى : ئايتولدى ئۇققىن سوزۇم، جاۋاپ قىلدىم ئېيتقان سوزۇڭگە ئوزۇم .

     ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
     939 يەر ئۇچتى ئايتولدى ، تىك تۇردى شۇئان ، دىدى : ئەي ياخشى قانۇن ، ساھىپقىران .
     940 جاھان قۇدرىتىن تاپتىڭ ، ئۇزارسۇن يېشىڭ ، ھوزۇر ياخشىلىقتا تېچ ئوتسۇن بېشىڭ .
     941 ساق ئولسۇن بەگلىكىڭ بۇيۇكلۇك بىلە ، ياشا سەن ھوزۇردا سۇيۇنۇپ كۇلە .
     942 ئۇلۇغلۇق بىلەن بول تولا ئەلگە بەگ ، بۇ كۇچ بىرلە بەگلىك ئۇلى بولسۇن بەك .
     943 ئېقىپ كەتسۇن ئارزۇ قۇرۇماس بولۇپ ، تۇرسۇن ئىشكتە دەۋلەت قېرىماس بولۇپ .
     944 يېغىلسۇن ساڭا ھەممە خوشلۇق كېلىپ، ئەلەم ئىچرە دۇشمەنلەر ئولسۇن سىزىپ.
     945 لايىقتۇر خىزمىتىڭ كىم قىلسا ساڭا ، ئېچىلۇر بەختنىڭ ئىشىگى ئاڭا .
     946 نىمە دەيدۇ ، ئاڭلا ، خىزمەت قىلغان ئەر ، خىزمەت بىرلە ئارزۇ – تىلەك تاپقان ئەر .
     947 خىزمەت قىلما ،قىلساڭ لايىق بەگكە قىل ، لايىق بەگ بىلۇر ئۇ خادىم ھەققىن ، بىل .
     948 خىزمەت قىلما ، قىلساڭ سېخىلەرگە قىل ، سېخى ئويى ئالتۇن ، كۇمۇش ئىشىگى بىل .
     949 بېخىل خىزمەتىن قىلما سەن ھىچ زامان ، ھاياتىڭ كېتەر بوش ، بولۇرسەن يامان .
     950 بېخىل ئوز مېلىدىن ئوزى قىزغىنار ، قاچان كىشى ھەققىن بېرىشكە ئۇنار ؟!
     951 سوزىن كەستى ئايتولدى چىقتى تۇرۇپ، ئويىگە يۇرۇپ كەتتى ، خۇشال بولۇپ .
     952 قۇسۇرسىز خىزمەت قىلدى شۇندىن بېرى ، يېتىپ كەچ ، تۇرۇپ ئورە كۇندۇزلىرى .
     953 كويۇمچان بولۇپ قىلدى ئۇ ئىشنى چىن ، ئېلىگ كۇنسايىن تۇتتى ئوزگە يېقىن .
     954 ئوتۇپ كەتتى بىرقانچە ۋاقىت ئۇشبۇ خىل ، ئىشى قىلدى ئايتولدىنى مەڭزى قىزىل.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 11:18:22]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.