قۇتادغۇبىلىك(20-باپ)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-04 10:28:46

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} يىگىرمىنچى باپ بەختنىڭ داۋامسىزلىغى ۋە دەۋلەتنىڭ تۇراقسىزلىغى بايانىدا1045 تولۇق قۇچ

    يىگىرمىنچى باپ بەختنىڭ داۋامسىزلىغى ۋە دەۋلەتنىڭ  تۇراقسىزلىغى بايانىدا
    1045  تولۇق قۇچقاندا ئايتولدى ئارزۇ -تىلەك،
         قېرىپ بىۋاپا بەخت ،يىقىلدى يۆلەك.
    1046 ئەجەپ ياخشى ئېيتمىش دانا بىلگۈچى:
        تەل بولغاندا نىمەت،يوقار يىگۈچى.
    1047 بىر ئالىم بۇندىنمۇ ياخشىراق دىمىش:
       تولۇق بولغاندا نىمەت، ئۆمۈر تۈگەرمىش.
    1048 ئەجەپ خوش دىيىلمىش بىلىملىك سۆزى،
         بىلىملىك سۆزىدۇر بىلىمسىز كۆزى:
     1049 ئۆرلىگەن چۈشەر ھەم چۈشكەنلەر چىقار،
          يورىغان ئۆچەر ھەم يۈرگەنلەر تىنار.
    1050 نەئىشكىم قىلىنسا تولۇقلۇق كۈتەر،
         تولۇقلۇققا يەتسە چۈشۈشكە يانار.
    1051 بۇ ئايتولدى يەتكەندە تىلەككە تۈگەل،
         تۈگەدى تىرىكلىك،قېلىپ قالدى مال.
    1052 كىچىكلەپ قايتىدىن ئۇ تولغان ئايى،
        قەھىرلىك قىشقا ياندى يورىغان يايى.[96]
    1053 جىدەل باستى يارىشىق تادۇ ئىچىنى،
         يېڭىپ بىرى باستى كېلىپ ئۇچىنى.
    1054 مىزاجى ئۆزگەردى ،تاماق بى تېتىق،
         كۆڭۈل بولدى غەش،تۇتۇپ بەك ئاغرىق.
    1055 مىزاجى بۇزۇلغاچ كۈچى كەملىدى،
         چىۋىقتەك ئېگىلدى قەددى قامىتى.
    1056 ئېغىر بىر كېسەللىك يىقىتتى كېلىپ،
         ئۇ ياتتى مۇڭ ئىچرە تۆشەككە كىرىپ.
    1057 تىۋىپلار يىغىلىپ تۇتۇشتى تومۇر ،
         دىيىشتى ئۇلار: بۇ كېسەل نىمەدۇر ؟
    1058 بىرى دىدى: قانى تۇتۇلمىش بۇنىڭ،
        ئېلىپ قان،تومۇرىن ئاچايلى ئۇنىڭ.
    1059 بىرى دىدى:سۈرگە ئىچۈرمەك كېرەك،
         ئىچى قاتقان ئەمدى بوشاتماق كېرەك.
    1060 بىرى شەرۋەت ئەتتى ۋە قوشتى جولاپ،
        ياساپ بەردى بىرسى كېرەكلىك شاراپ.
    1061 داۋا -دورا قالماي،بارىن قىلدىلەر،
         نىمىكى ياراشسا ئۇنى بەردىلەر.
    1062 ئېشىۋەردى ئاغرىق ،پايدا قىلمىدى،
         خوراپ كۈچ كۈندىن-كۈن،ھۇشى قالمىدى.
    1063 نىمە دەيدۇ ئاڭلا ئۆزى پاك كىشى،
         ئۆزى پاك كىشى ئۇ كىشىلەر بېشى:
    1064 تەرياك [97] بەر ۋە مەيلى قات شەلىسە[98]
         قوشۇپ ماترىدۇس [99]يا سۈرگە ئىچۈرسە؛
    1065 تىۋىپنى قىچقىرغىن ۋە خاھى داخان،
         ئۆلۈمگە داۋا نەپئى بەرمەس ھامان.
    1066 غاپىل بولمىغىن ئەي تىرىك يۈرگۈچى،
         ئەگەرچە تىرىكسەن ئۆزۈڭ ئۆلگۈچى.
         *     *      *
    1067  بۇ ئايتولدى ھالىن ئىشىتتى ئېلىگ ،
         ئۆلۈم خەۋەرچىسى سۇنۇپتۇ ئېلىگ.
    1068 سوراشقا ئېلىگ كەلدى ئايتولدىنى،
         كېلىپ كۆردى ئۇنىڭ ياتۇر ھالىنى.
    ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى
    1069 ئېلىگ ئېيتتى :ئەمدى ئەي ھالىڭ نىچۈك،
         نىچۈكتۇر كېسەلىڭ ھەم ئۇيقۇڭ نىچۈك؟
    ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1070 بۇ ئايتولدى ئېيتتى :ئېلىگ دەي ساڭا،
         مېنى تۇتتى ئاغرىق،داۋا يوق ئۇڭا.
    1071 ئايىم تولغان ئەردى،كىچىكلىدى ئۇ،
         ئىسىل ئەردى خۇلقۇم،كېتەر بولدى ئۇ.
    1072 خوشال تۇققان ئەردى بۇ تۇققان كۈنۈم،
         كۈنۈم پاتقان كەبى يورۇماس يۈنۈم.
    1073 ئېلىپ قاچتى قۇۋانچلىق ،تىرىكلىك ئۆزىن،
         ۋاپاسىز جاھان ئۆرۆپ مەندىن يۈزىن.
    1074  سۆيۈنچ،ئارزۇ،نېمەت قويۇپ كەتكىدەك،
          ئەلەم -قايغۇ،مېھنەت ماڭا كەلگىدەك.
    1075 سېنىڭدىن بۇ كۈن ئايرىلۇرمەن مانا،
         كېتەرمەن ئىڭىراپ،ئۆكۈنچتە يانا.
    1076 ئىشىت ، ئەل بېگى بىر ئالىم نىمە دەر،
         كىشى ياخشىسى،خەلقنى باشلار ئەر:
    1077 ئەجەپ ياخشى ئەردى بۇ دەۋلەت كېلىپ،
         يەنە كەتمىسە ئۇ ئۆزىچە يېنىپ.
    1078 ئەجەپ ياخشى ئەردى بۇ بەگلىك ئىشى،
        ئۆلۈم تۇتمىغان بولسا ،يۈرسە كىشى.
    1079 نە كۆركەم كۈن ئەردى يىگىتلىك كۈنى ،
         قېرىلىق يوق ئولسا ،يورىسا كۈنى .
    ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
    1080 ئېلىگ ئېيتتى :ئايتولدى قويغىن بۇ سۆز،
         بۇ سۆزنى دىمەگىن ئايا كۆڭلى تۈز.
    1081 كىشى بارچە ئاغرىپ،ساقايغۇسى، بەس ،
        ئەي قابىل،بۇ ئاغرىق ساڭىلا ئەمەس.
    1082 نىچۈك تىلغا ئالدىڭ بۇ كۆركسىز سۆزۈڭ،
         نىمىشقا كۆڭۈلنى بۇزارسەن ئۆزۈڭ؟
    1083 يۈرەتتىم ئۆزۈم سەن بىلەن ئاۋۇنۇپ،
         مېنى قايغۇرىتتى ،سۆزۈڭ ئۆزگۈرۈپ.
    1084 خۇدا ياخشى ئەيلەر ،بۇ سۆز سۆزلىمە ،
         تۈگۈن چەكمە ئوتتىن مېنىڭ كۆڭلىمە.
    ئايتولدىنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1085 بۇ ئايتولدى ئېيتتى :ھەي ساھىبقىران،
         بۇ ئاغرىققا ھىچكىم داۋا تاپمىغان .
    1086 نىمەكىم تۇغۇلار ھەم ئۆلمەك كېرەك،
         نىمە ئۆرلىسە ، پەسكە چۈشمەك كېرەك.
    1087 چىقىشقا چۈشۈش بار ، ئىگىزگە باتىق[100]،
         سۆيۈنچكە قايغۇ -غەم، ئاچچىققا تاتىق[101]
    1088 دىگەنتىم يەنە مەن ساڭا شۇ سۆزۈم،
        خۇيۇم ئۆزگىرشچان، تۇراقسىز ئۆزۈم.
    1089 خۇيۇم ئېيتقان ئەردىم ئۆزۈم مەن ساڭا،
         بولاتتى كۆڭۈل بەرمىسەڭ سەن ماڭا.
    1090 كېتۇرمەن،بۇڭا سەن شۈبھە قىلمىغىن،
         تۇغۇلغانكىم ،ئۆلمەس دىسە پۈتمىگىن.
    1091 ئىشەنچسىز دىمە ئەمدى سۆكمە مېنى،
        ئىشەنمە جاھانغا ، ئۇ تاشلار سېنى.
    1092 جاپا قىلدى دەپ ئەيىپ قويما ماڭا،
         جاپاچى مېنىڭدىنمۇ دۇنيا ساڭا.
    1093 ئۆلەرسەن،غاپىل ئولما مەندىن كېيىن،
        ئىشەنمە جاھانغا ھەم گول بولمىغىن.
    1094 قەدىرلەپ ئىدىڭسەن خىزمەتسىز مېنى،
         ئەي ئېلىگ ،بېجىرگەن خىزمىتىم قېنى؟
    1095 تىلەگىم ئەمەس بۇ مېنىڭ ئۆلمىگىم،
        بۈگۈنلا ئەمەستۇر كېلىپ-كەتمىگىم.
    1096 ئىلاجىسىز كېتۇرمەن ئېرىكسىز بولۇپ،
         قۇتۇلۇر يېرىم يوق ھاياتتا تۇرۇپ.
    1097 يوق ئەردىم ياراتتى،ئۆستۈردى مېنى،
         كىچىك ئوغلان ئەردىم بۇيۇتتى مېنى.
    1098 يېلىڭ يۈزلۈك ئەردىم،چىقاردى ساقال،
        قارا قۇزغۇن ئەردىم ، ئاققۇ قىلدى چال.
    1099 بويۇم ئەردى ئوقتەك،ېگىلدى بويۇم،
         تىرىكلىك تۈگۈدى،يېتىلدى كۈنۈم.
    1100 ئەجەپ ياخشى دەپتۇ ئالىم،ئىلمى چوڭ،
         ئىشىتكىن بۇنى سەن ،ئايا قىزىل ئوڭ:
    1101 ئاقارسا ئاققۇدەك كىشىنىڭ بېشى ،
         دىلىن ئاققۇ كەبى ئاقارتسۇن كىشى.
    1102 ئېگىلسە كىشىنىڭ تۈز تالدەك بويى،
         تۈزەتسۇن دىلىنى ،يېتىلدى چېغى.
    1103 قاراچاچ ،ساقاللار ئاقارسا تولۇق،
         مۆكۈنگەن ئۆلۈمگە تەييار تۇرغۇلۇق.
    1104 بۇڭا ئوخشىتىپ ئېيتتى شائىر بۇ سۆز ،
        ئىشىتكىن  بۇنى سەن ، ئايا ياخشى ئۆز:
    1105 قارا چاچنىڭ ئېقى --ئۆلۈم بەلگىسى،
         تىرىككە ھاياتنى ئەزىز قىلغۇسى.
    1106 يىدىڭ قانچە نىمەت،تېتىدىڭ ھايات،
         غاپىل ئولما ،سېنى ئۆلۈم يىگۈسى.
    ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا جاۋابى
    1107  ئېلىگ ئېيتتى :ئايتولدى سەۋر قىل،چىدا،
         كېسەلدۇر گۇنالىققا تاڭنا پىدا[102].
    1108 ئۆلەر بولسا گەر ئۇ پۈتۈن ئاغرىغان،
         بولاتتى رىزىق يەر كىشى قالمىغان.
    1109  كېسەلدىن سېنى ياجشى قىلسۇن بايات،
         يېرىم قىلما كۆڭلۈڭ،تېچ-راھەتتە يات.
         *     *     *
    1110 دۇئا قىلدى ئېلىگ ئېچىپ تىلىن ئول،
         شىپا تىلەپ ھەقتىن ،كۆتەردى ئۇ قول.
    1111 ئېلىگ چىقتى ئاندىن بەك غەمكىن بولۇپ،
         كېلىپ قەسىرگە كىردى كۆڭلى سۇنۇپ.
    1112 تاراتتى پېقىرلەرگە كۆپ مال-تاۋار،
         ئاڭا قايغۇرۇپ،دەپ پايدىسى بولار.
    1113 ئۆلۈمگە كۈمۈشتىن پايدا يەتسە گەر ،
         قىلاتتى كۈمۈشنى پىدا ئۆزگە ئەر.
    1114 ئۆلۈمگە پىدا تاپقان ئولسا كىشى،
        پىدا بىرلە ئۆلمەيتتى ئەللەر بېشى.
        *      *      *
    1115 بۇ ئايتولدى  بەكمۇ قاتتىق ئاغرىدى،
         ئۈمىتسىز بولۇپ قولنى جاندىن يۇدى.
    1116 دىدى ئۇ ئۆكۈنۈپ:ھاياتىم ئىسىت،
         بىكارغا ئۆتتى- كەتتى كۆركۈم ،ئىسىت.
    1117 تىرىكلىك كەچۈردۈم غاپىللىق بىلە ،
         يىگىتلىك تۈگەتتىم زايەلىق بىلە.
    1118  ئىدىم بىر قاچاقكىم ،قاچاتتىم ئۆزۈم،
          ئەجەل تۇتتى ،توستى،نەپايدا سۆزۈم؟
    1119  جاھان مالى يىغدىم بېخىللىق بىلە،
          قالۇر مال،كېتەرمەن بۇ يوقلۇق بىلە.
    1120 ئۇزارتقان ئىدىم كۆپ تىلىم ھەم قولۇم،
          تىنىقنى مانا قىستى،تۇتتى ئۆلۈم.
          *      *      *
    1121  شۇ ياڭلىغ ئۆكۈندى ،تولا يىغلىدى،
         ئۆلۈمگە ئۆكۈنچى پايدا قىلمىدى.
    1122  نە مۇھتاج ئېرۇر بۇ ئادەم ئوغلانى،
         تىلەگىدەك ئولماس تىرىكلىك كۈنى.
    1123  تىلەككە يېتىشسە ياشالماس كىشى،
         ھاياتتا تىلەككە يېتەلمەس كىشى.
    1124  بىر ئاز ياخشىلىق كۆرسە ئۇنتار ئۆزىن،
         يېشىل كۆكتىن ئۈستۈن يۇرۇتەر سۆزىن.
    1125  قەدىرلەنسە مەغرۇر،كۆرەڭ ھەم بولۇر،
         ئۆلۈم تۇتسا پۈكۈلۈپ ئۆكۈنچتە ئۆلۇر .
    1126  يىسە،تويسا بولۇر قىلىغى بۇغرا،
         ئەگەر قارنى ئاچسا،بىلىپ يەر ئوغا.
    1127 راھەتتە زېرىكەر ،غەم ئىچرە سېزەر،
         سۆيگۈنىن تاپسا تېزلا ئاندىن بېزەر.
        *      *      *
    1128 ئۇلۇق تىندى ئايتولدى،پۇشمان يىدى،
         دۇرۇسلۇق يولىنى يوقاتتىم ،دىدى.
    1129 نىچۈن توپلىدىمكىن مەن ئالتۇن-كۈمۈش ،
        نىچۈن بەرمىدىم مەن يوقسۇلغا ئۈلۈش؟
    1130 نىچۈن ياخشى ئىشنى مەن قويغاندىمەن،
         نىمىشقا گۇناسىزنى سۆككەندىمەن.
    1131  ئەۋەتسەم ئىدىم مەن بۇرۇن ئەزگۈلۈك،
         قىلۇر ئەردى پايدا تاڭنا بەلگۈلۈك.
    1132 نە پايدا بېرەر بۇ ئۆكۈنچىم بۈگۈن،
        ئۆلۈم تۇتتى ،كېسىلدى سۆز ھەمدە بۇ ئۈن.
    1133 نىمە دەيدۇ ئاڭلا  ئىتتىك كۆزلۈك ئەر،
         كىشىگە كۆيۈمچان دۇرس سۆزلۈك ئەر:
    1134 پۈتۈن جانى بارغا ئۆلۈم بىر ئىشىك،
         ئۇنىڭدىن كىرەرلەر جىمى يۈرۈگلۈك[103].
    1135 نىمە بۇ تىرىكلىك،نىمە بۇ ئۆلۈم؟
        قەيەردىن كېلىپمەن ،قەيەرگە يولۇم؟
    1136 ئۆلەر جانغا نىچۈك تۇغۇلغاندىمەن،
         يىغا بار ئىكەن،نىچۈن كۈلگەندىمەن؟!
    1137 جاھاندا ئۆلۈمدىن نە باردۇر يامان؟
        تۇغۇلغان كىشى ئۆلدى شۇنداق دىبان.
    1138 كېلۇر بۇڭا ئوخشاپ شائىرنىڭ سۆزى،
         كىم ئۇقسا مەنىسىن ئېچىلۇر كۆزى.
    1139 نىمە بار جاھاندا ئۆلۈمدىن قاتتىق؟
        ئۆلۈمنى ياد ئەتسە كېتەر مىڭ تاتىق.
    1140 ئۆلۈم بىر دېڭىزدۇر ،ۇچى يوق تۈۋى،
        قاراپ كۆرسە ياخشى ،تۈۋى يوق پېتىق.
    1141 ئۆلۈمنى بىلىپمۇ گەر ئولسا غاپىل،
        ئۆلۈم تۇتسا سۆز قىلماغاي پايدا،بىل.
    1142 ھوزۇرغا ئاۋۇنۇپ غاپىل يۈرگۈچى،
        ئويغىنار ئۆلۈم تۇتسا ،يەتمەس كۈچى.
    1143 تولا مالغا تويماس كۆزى ئاچ كىشى،
        ئەجەل تۇتسا ئۆكۈنۇر ،يۈرۈشمەس ئىشى.
    1144 تۇراقسىز بەختكە ئاۋىنغان مەغرۇر،
         قوڭۇر يەر قېتىدا يۈرەكەن يارۇر.
    1145 سۆيۈنچكە ئاۋۇنۇپ تولا كۈلگۈچى،
        يىغىغا تەييار ئول ،ئايا ئۆلگۈچى.
    1146 ئىشىتكىن ،ئەقىللىق ئالىم نىمە دەر،
         بۇ سۆزگە ئەمەل كىم قىلسا نەپ كۆرەر:
    1147 ئەگر كىم تاڭنا كۈتسە ياخشى ئورۇن ،
         ھەر ئىككى جاھاننى يامان قىلمىسۇن.
    1148 ئەي خۇلقى مۇلايىم ،يامان قىلمىغىل،
         قىلىقىڭ ،سۆزۈڭنى بۇ كۈن ياخشى قىل.
         *      *     *
    1149  ئۆكۈندى بۇ ئايتولدى كۆپ يىغلىدى ،
         ئۆكۈنچى بۇ يەردە پايدا قىلمىدى.
    1150 ئۈلەشتۈردى يوقسۇلغا ئالتۇن-كۈمۈش،
        قاياشلارغا قىلدى نەسىھەت ئۈلۈش.
    1151 كۆزىن كۆككە تىكىپ،دىدى:ئەي ئىگەم،
         سېنىڭدىن بۆلەك يوق ئىگە ھەم ماڭا.
    1152 تۆرەتتىڭ  ،ئۆستۈردىڭ  ،بۇيۇتتىڭ مېنى،
         سېنىڭ پەزلىڭ ئەردى ،بىلۇرمەن بۇنى.
    1153 تىۋىنغان ئىدىم مەن ساڭىلا ئۆزۈم،
         مانا بۇ ئەجەل تۇتتى ،كەستىم سۆزۈم .
    1154 قۇتۇلار يېرىم يوق،يوقالدى ھۇشۇم،
         سېنىڭ رەھمىتىڭ تۇتسۇن ئەمدى قولۇم .
    1155 بولۇپ گۇستاخ،ئەتتىم يامانلىق تولا،
         كەچۈر رەھمىتىڭ بىرلە سەن ئەي ئىلاھ!
    1156 بىھۇدە ئۆتتى بۇ تىرىكلىك ئىسىت،
         بىكار كەتتى ئاي -كۈن،بۇ بەگلىك ئىسىت.
         *      *     *
    1157  سۆزىن كەستى ،ئويلاندى بىر ئاز تۇرۇپ،
          كۆزىدىن ياش ئاققۇزدى ئوغلىن كۆرۈپ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قۇتادغۇبىلىك