ئادەم ئەلەيھىسالام

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 00:54:41

ئادەم ئەلەيھسالام ئاللا ئىككى كۈن ئىچىدە زېمىننى ياراتتى. ئۇ زېمىن ئۈستىگە تاغلارنى پەيدا قىلدى ۋە زېمىنغا بەخت-سائادەت ئاتا قىلدى. ئاللا يەنە تۆت كۈن ئىچىدە بەندىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ...

      ئادەم ئەلەيھسالام     

           ئاللا ئىككى كۈن ئىچىدە زېمىننى ياراتتى. ئۇ زېمىن ئۈستىگە تاغلارنى پەيدا قىلدى ۋە زېمىنغا بەخت-سائادەت ئاتا قىلدى. ئاللا يەنە تۆت كۈن ئىچىدە بەندىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك نازۇنېمەتلەرنى تەيىنلىدى . ئۇ پۈتۈنلەي تۇمان بىلەن قاپلانغان پايانسىز ئەرشتە تۇتۇپ، زېمىن بىلەن ئاسمانغا:
      - سىلەر ئىككىڭلار ، مەيلى خالاڭلار ياكى خالىماڭلار ، ئالدىمغا كېلىپ ئەمرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! - دەپ خىتاپ قىلدى .
      زېمىن بىلەن ئاسماندىن:
      -بىز ھۇزۇرۇڭغا كېلىشنى خالايمىز، - دەپ جاۋاپ كەلدى .
      ئاللا ئەرش كۇرسىدا ئولتۇردى . ئۇ كۈن بىلەن ئاينى ئۆز ئوقىدا مۇئەييەن ۋاقت  بويىچە ئايلىنىشقا بۇيرۇدى ، ئاندىن پەرىشتىلەرنى ياراتتى . پەرىشتىلەر ئاللاغا ھەمدۇسانا ئوقۇدى ، سەجدە قىلدى ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئېتىكاپتا تۇرۇپ ئىبادەت قىلدى .
      ئاندىن ، ئاللا يەنە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى يارىتىپ ، ئۇنى زېمىندا تۇرۇشقا بۇيرۇماقچى بولدى . ئاللا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دېدى : مەن شۇنداق بىرخىل ئىنسان يارىتايكى ، ئۇلار كەڭ زېمىندا تۇرۇپ ئەمگەك بىلەن تېرىكچىلىك قىلسۇن ، زىرائەت-ئۆسۈملۈكلەرندىن نېمەتلەر تېپىپ ئوزۇقلانسۇن ، زېمىن ئاستىدىكى بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلانسۇن ۋە ئۆز ئەۋلادلىرىنى يىتىشتۈرۈپ ئاۋۇتسۇن.
      ئاللا پەرىشتىلەرنى ياراتتى ھەمدە ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇڭا ، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سېغىتاتتى ۋە ئۇنىڭغا بۇيسۇناتتى ، پەرىشتىلەر ئاللانىڭ ئىنسان ياراتماقچى بولغانلىقىدىن ئاللا ئىبلىسنى ئاسىيلىق گۇناھى ئۈچۈن جازالىدى ، ئاللا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن خىتاب قىلىپ :
      - سەن جەننەتتىن يوقال ! ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ. ساڭا ئاخىر زامانغىچە لەنەت بولسۇن ! -دېدى .
      ئىبلىس ئاللادىن كەڭچىلىق قىلىشنى ،  ئىنسانلارنى قايتا تىرىلگۈچە ئۆزىنىڭ ھايات تۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىشنى تىلىدى . ئاللا ئۇنىڭ تەلىپىنى مەقبۇل كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا :
      - ساڭا ئاخىرزامانغىچە كەڭچىلىك قىلدىم ، - دېدى .
      ئىبلىس ئاللانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ  ئۆز ئارزۈيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاللا نىڭ قىلغان مەرھەمەتلىرىدىن تەسىرلەنمىدى ، ئەكسىچە ، ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قىلدى . ئۇ ئاللاغا :
      سەن مېنى غاپىللىقتا قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن ، سېنىڭ ئادەملەرگە كۆرسەتكەن توغرا يوللىرىڭدا پايلاپ تۇرۇپ ، ئۇلارغا ئاندىن ، كەينىدىن ، ئوڭدىن ۋە سولدىن ھۇجۇم قىلىمەن  ، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ساڭا تەشەككۈر ئېتىمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسەن ، - دېدى .
      سەن ئۆزۈڭنىڭ تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر ! تۇيۇق يولۇڭغا كېتىۋەر ! - دەپ ئەيىپلىدى ئاللا ئىبلىسنى ، - سەن ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن ئادەمزاتقا ھەيۋە قىلىۋەر ، ئۇلارغا زورلۇق بىلەن قارشى تۇرىۋەر ، ئۇلارنىڭ پۇل - مال ۋە پەرزەنتلىرىنى تارتىۋال ،  ئۇلارغا ساختا ۋەدىلەرنى بېرىپ ، پايانى يوق  ئۈمىد بېغىشلاۋەر ! بېراق شەيتان دېگەننىڭ ۋەدىسى بەرىبىر ئالدامچىلىق ، مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بەندىلىرىمنى ھەرگىز سېنىڭ دامىڭغا چۈشۈرمەيمەن . سېنى ھەرگىز ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى قىلمايمەن . ئۇلارمۇ ساڭا بەيئەت قىلمايدۇ ياكى سېنىڭ ھەىيلە-مىكىرلىرىڭگە قۇلاي سالمايدۇ . سەن كىشىلەرنىڭ ھىدايەتتىن ئازدۇرۇش نىيىتىگە كەلگەنىكەنسەن ، چوقۇم ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىسدەن . مەن سېنى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭنى چوقۇم دوزاخقا تاشلايمەن .
    پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلدى ، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىسىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ،  ئۆزلىرىگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئاللانىڭ مەرھەمەت ئىلتىپاتىغىمۇ تېخىمۇ بەك سازاۋەر ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدى . لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە ، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى ، كۆرگەن -بىلگەنلىرىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭكىدىن كۆپ ، دەپ ، چاغلايتتى . شۇڭا ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىلىم -مەرىپەت ئاتا قىلىپ ، ئۇنىڭ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتتى ، ئۇنىڭغا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ نامىلىرىنى ئۆگەتتى . ئۇنىڭدىن كىيىن ، ئاللا پەرىشتىلەرنى چاقىرىپ ، ئۇلارغا :
      - راستچىل بولساڭلار ، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار ، -دېدى . ئاللانىڭ بۇنداق قىلىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئىقتىدارسىز ، كەم ئەقىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، ئۇلارغا ئادەم ئەلەيھسىسالامنىڭ تۇتقان ئورنىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئىدى . 


      پەرىشتىلەر دۇدۇقلاپ ، ئاللانىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمەي قالدى . ئۇلار مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىشكە شۇنچە تىرشىپ كۆرگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئامالسىز قالدى  - دە . ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارسىز ، كەم ئەقىل ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشتى ، ئۇلار ئاللاغا :
      - ئى پەرۋەردىگار ساڭا تۈمەن مىڭ تەشەككۈر ، بىز دەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز ، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن ۋە ھېمەكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن ، - دېدى .
      ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەم - مەرىپەتنى ئىگىلەپ ، نەزەر دائىرسىنى كەڭ ئاچقاچقا ، ئاللا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە ئۈستۈنلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ، ئۇنى پەرىشتىلەر جاۋاب بېرەلمىگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئۈندىدى . ئادەم ئەلەيھىسسالام جاۋاب بەردى . ئاندىن ئاللا پەرىشتىلەرگە :
      - مەن سىلەرگە ، ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۈرىمەن ، ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن ، دېمىگنمىدىم ؟ - دېدى .
      پەرىشتىلەر ئاللا نىڭ ئىلتىپاتىنى چۈشەندى ، ئۇنىڭ ئادەمنى يارىتىشتىكى سىرى ۋە مەقسىتىدىنى بىلدى.
      ئاللا ئىبلىس ئەلەيھىلەنىنى ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن  مەھرۇم قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسەتتى . ئاللا ئادەم ئەلەيھىسىسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا جەننەتتىن ماكان بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا شۇنداق بىشارەت بەردى :
      -سەن مېنىڭ قىلغان شەپقىتىمنى ئېسىڭدە مەھكەم ساقلا ، مەن سېنى ئۆز كارامىتىم بىلەن يارىتىپ ، ئۆز ئىرادەم بويىچە ئادەمگە ئايلاندۇردۇم ؛ مەن سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا ئۆز روھىمنى سىڭدۈردۈم ، پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلدۇردۇم ؛ مەن يەنە ساڭا ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم-مەرىپەت ئاتا قىلدىم . مەن ئىبلىس ئەلەيھىلەنىگە شەپقەت قىلىشنى توختاتتىم . ئۇ ماڭا بويسۇنمىغاندا ، مەن ئۇنى يەنە ئەيىنلىدىم . ئەبەدلىك جەننەتنى سىلەرگە ماكان قىلىپ بەردىم . ئەگەر سەن ماڭا بويسۇنساڭ ، مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا مۇشەررەپ بولۇپ بۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىۋېرىسەن ، مۇبادا سەن ۋەدەڭگە بىۋاپالىق قىلساڭ ، مەن سېنى جەننەتتىن ھەيدەپ چىقىرىپ دوزاختا ئازابلايمەن . شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى ، ئىبلىس ئەلەيھىلەنە سېنىڭ ۋە خوتۇنۇڭنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ، ئۇ بىر ئامال قىلىپ سىلەرنى جەننەتتىن ھەيدەپ چىقارمىغۇچە ئەمىن تاپمايدۇ .
      ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسىالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا جەننەتتنىڭ نازۇنېمەت ، مېۋە-چىۋىلىرىنى خالىغانچە ئېلىپ يىيىشكە رۇخسەت قىلدى ، لېكىن ئۇلارنى بىر تۈپ مېۋە دەرىخىگە يېقىنلىشىشتىن چەكلىدى . ئۇلارنى ئۇقالماي قالمىسۇن دەپ ، ئۇلارغا يەنە بۇ دەرەخنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى . ئاللا ئۇلارنىڭ بارلىق شەك-شۈبھىدىن خالىي قىلىش ئۈچۈن ، ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : ئەگەر سىلەر بۇ دەرەخكە يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈپ يەيدىغان بولساڭلار ، ئاسىي - گۇناھكار بولۇپ ، كېتىسىلەر ، ئاللا ئۇلارغا يەنە ۋەدە قىلدى : سىلەر ئۆزۈڭلەرنى مۇشۇ دەرەختىن نېرى تۇتىدىغانلا بولساڭلار ، مەن ئاتا قىلغان ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن بەھرىمەن بولىۋېرىسىلەر ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ۋە ھېرىش-چارچاشنىڭ ئازابىنىمۇ ھەرگىز تارتمايسىلەر .
      ئاللا ئادەم ئەلەيھسىىسالامغا :
      - ئى ئادەم ! سەن خوتۇنۇو (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار ! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغانچە كەڭتاشا يەپ -ئىچىڭلار ، لېكىن بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار ، بولمىسا ، بىۋاپالىق قىلغان بولىسىلەر ، - دېدى .
      ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتكە كىردى  ، جەننەتتە ئۇنىڭغا نېمە كېرەك بولسا بۇنىڭ ھەممىسى بار ئىدى . جەننەتتنىڭ گۈزەللىكىدىن كىشىنىڭ ئەقلى لال بولاتتى . ئادەم ئەلەيھىسسالام ھەممە نازۇنېمەتتىن خالىغانچە بەھرىمان بولاتتى . جەننەتتىكى دەل-دەرەخلەر ئارىسىدا ئۇيان - بۇيان ئايلىنىپ تاماشا قىلاتتى ، دەرەخلەر سايىسىدە سەگىدەپ ھۇزۇرلىناتتى ، گۈللەرنى ئۈزۈۋىلىپ پۇرايتتى ، شېرىن مىۋىلەرنى تېتىپ كۆېەتتى ، كەۋسەردىن ئىچەتتى . ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ تەڭ ھوزۇرلىنىپ كۆڭۈللۈك ھەم بەختلىك ئۆتتى .
      ئىبلىس ئەلەيھىلەنىنى ئاللا ئۆز شەپقىتىدىن مەھرۇم قىلغاچقا ، ئۇ جەننەتكە كىرەلمەي ، يۈرىكى پىچاقتا تىلغاندەك بولۇپ كەتتى . ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتە خوتۇنى بىلەن بىللە راھەت-پاراغەتتە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئازابلاندى . ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ بەخت -سائادىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرمەسلىك قارارىغا كەلدى . ئۇ ئۆزىنىڭ جەننەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ئاللانىڭ شەپقىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئادەم ئەلەيھىسسىالامدىن كۆرگەنىدى . ئۇ ، مەن خۇدانىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىش توغرىسىدىكى ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم ، دەپ قارىدى ، ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىنتىقام ئېلىپ دەردىنى چىقارماقچى بولۇپ جەننەتكە كىردى ، ئۆزىنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئاق كۆڭۈل ، ساداقەتمەن كۆرسىتىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا خۇش چىراي سالام-سەھەت قىلدى . ئۇ ھەرخىل ھىيلە-مىكىر بىلەن ئەدەم  ئەلەيھىسسالامغا يىقىنلاشتى . ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ بەخت -سائادىتىنى قوغدىغۇچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇپ :
      - خۇدا سىلەرنى پەرىشتىلەرگە ئايلىنىپ قالمىسۇن ، جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇپ قالمىسۇن دېگەنلىكتىن ، سىلەرنى ھېلىقى دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن چەكلىدى ، - دېدى .
      ئىبلىس ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئۆزىگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىپ ، ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، مېنىڭ نىيىتىم سەمىمىي ، مەن سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم . مەن سىلەرگە ھەرگىز زىيان يەتكۈزمەيمەن، دەپ قەسەم قىلدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئازدۇرۇش ، قۇترىتىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ ، ھېلىقى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى خۇش پۇراق ، لەززەتلىك ، رەڭگى كۆركەم دەپ ماختاپ ، ئۇلارنى ئالدىدى . ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئاخىر ئۇنىڭ ساختا ، شېرىن شۇخەنلىرىگە ئالدىنىپ كەتتى .
      ئادەم ئەلەيھسسىالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغاچقا ، جەننەتتە داۋاملىق تۇرۇشتىن چەكلىدى . ئاللا ئۇلارغا :
      -مەن ئىككىڭلارنى ئاشۇ دەرەخكە يېقىن يولاشتىن چەكلىگەن ئەمەسمىدىم ؟ مەن ئىككىڭلارغا شەيتان سىلەرنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىڭلار دېمىگنمىدىم ؟ - دېدى .
      ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمەن يېدى ۋە ئاللاغا توۋا-ئىستىغپار ئېيتىپ شۇنداق دېيىشتى :
      - ئى رەببىمىز ! دەرۋەقە ، بىز ۋەدىمىزگە خىلاپلىق قىلىپ ئىشەنچەڭنى يەردە قويدۇق . ئەگەر شەن گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە رەھىم قىلمىساڭ ، بىز چوقۇم يامان كۈنگە قالىمىز.
      ئاللا ئۇلارغا :
      - سىلەر بىر -بىرىڭلار بىلەن ئۆچەشكەن ھالدا جەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈڭلار ، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق يەرلىشىڭلار ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار ، - دېدى .
      ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا كەڭچىلىك قىلىپ ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدى . شۇھامان ئۇلارنىڭ غەم-قايغۇسى كۆتۈرلۈپ ، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا جەننەتتە قېپقېلىپ ھوزۇر-ھالاۋەت كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىشاتتى . ئاللا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ، ئۇلارنى جەننەتتىن ئايرىلىشقا ئەمىر قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىبلىس بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يەنىلا دۈشمەنلىك مەۋجۇت ، ئەمدى ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماڭلار ، ئۇنىڭ ئېزىتقۇلۇق ۋە قۇتراتقۇلۇقىغا بېرىلىپ كەتمەڭلار ، دەپ ئاگاھلاندۇردى . ئارقىنلا ئاللا يەنە مۇنداق دېدى :
      - سىلەر جەننەتتىن بىللە چىقىپ كېتىڭلار ! سىلەر بىر-بىرىڭلار بىلەن  دۈشمەن . ئەگەر مېنىڭ كۆرسەتمىلىرىم سىلەرنىڭ ئۇيقۇڭلارنى ئاچالىغان بولسا ، ئۇھالدا بىلىپ قويۇڭلاركى ، كىمكى مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىدىكەن ، ئۇ ئازمايدۇ ھەم غەم-قايغۇغىمۇ قالمايدي .
      ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تىرىكچىلىكنى مەقسىتىنى ۋە تىرىشىش نىشانىسىنى كۆرسىتىپ بەردى ، يەنە ھوزۇر -ھالاۋەت كۆرىدىغان دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ، جەننەتتىن ئايرىلغان ھامان باشقىچە تىرىكچىلىكنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا توغرا يول بىلەن تۇيۇق يول ، ئېتىقاد بىلەن ئاسىيلىق ، مۇۋەپىقىقەت بىلەن مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت ئىككى يول تۇراتتى... كىمكى ئاللا كۆرسەتكەن ھىدايەت يولىغا مېڭىپ ئاللانىڭ كۆرسەتكىنىگە ئىتائەت قىلىدىكەن ، ئۇ شەيتان ئەلەيھىلەنىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن قورقمايدۇ ، كىمكى ھىدايەت يولىدىن چەتنەيدىكەن ، ئۇ تۇرمۇشتا غۇربەتچىلىككە قالىدۇ ۋە تۇيۇق يولغا كىېرىپ قالىدۇ .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئادەم ئەلەيھسالام