نۇزۇگۇم قوشاقلىرى

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-08 21:57:00

تۆگىلەر ئاغزى قامقاقتا،بىر ئاكام بار قالماقتا.قالماقنىڭ شۇم نىيىتى،مەن نوزۇكنى ئالماقتا. تۆگىلەر بېشى تاغ بېشى،بولجارىمىز يار قېشى.شۇ بولجارغا يەتكەندە،توختىمايدۇ كۆز يېشى. يالاڭ ئاياغ سۇ كەچت...

    تۆگىلەر ئاغزى قامقاقتا،
    بىر ئاكام بار قالماقتا.
    قالماقنىڭ شۇم نىيىتى،
    مەن نوزۇكنى ئالماقتا.

    تۆگىلەر بېشى تاغ بېشى،
    بولجارىمىز يار قېشى.
    شۇ بولجارغا يەتكەندە،
    توختىمايدۇ كۆز يېشى.

    يالاڭ ئاياغ سۇ كەچتىم،
    تاغنىڭ سۈيىنى ئىچتىم.
    چىدالماي قالماق زۇلۇمىغا،
    ئەزىز جېنىمدىن كەچتىم.

    تاغدىن چۈشكەن تۆت ئاتلىق،
    تۆتىلىسى بوز ئاتلىق.
    تۆتەيلەننىڭ ئىچىدە،
    مېنىڭ دادام سۇمباتلىق.

    دۇردۇن كىيگەن ئاياغقا،
    تۆمۈر كىشەن بوش كەلدى.
    جېنىم دادام قېشىدىن،
    بۇ يىللاردا كىم كەلدى.

    قۇمۇچ ئارىلاپ كۈن چۈشتى،
    يالغۇز باشقا مۇڭ چۈشتى.
    مەن نوزۇكنى تۇتقىلى،
    سولان چېرىكلەر چىقتى.

    خۇدا سالدى بۇ ئىشقا،
    مېنى تۇغمىشى بۇ ئىشقا.
    سولان چېرىكلەر يامان،
    ئوت قويمۇسۇن قومۇشقا.

    كىرسەم قەشقەر يولىغا،
    قەشقەر يولى يول بولغاي.
    نوزۇك ئاجىز بەندىنى،
    بىر خۇدايىم ساقلىغاي.

    قۇمۇچلارغا ئوت قويماس،
    مەن نوزۇكنى تاپالماس.
    مەن نوزۇكنى تۇتقاندا،
    خۇدا ساقلار، ئالالماس.

    قومۇشلۇققا ئوت قويسا،
    قېچىپ كىرەي دەرياغا.
    ھەرگىز خوتۇن بولماسمەن،
    سولان يۈزى قاراغا.

    مەن قەشقەردىن چىققىلى،
    تۆشەك سېلىپ ياتقان يوق.
    ئاتام قويغان چېچىمغا،
    تاغاق سېلىپ تارتقان يوق.

    جېنىم ئاتامنى كۆرمەي،
    جاڭگالدا ئۆلەر بولدۇق.
    مەن نوزۇكتەك قىز بالا،
    يالغۇز چۆلدە ياتقان يوق.


    ئاخىر ئاشكارە بولدۇم.
    يوشۇرۇنغىلى يەر بارمۇ؟
    ماڭا قاتتىق كۈن چۈشتى،
    ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟

    تاغدىن چۈشكەن لاي سۈنى،
    سۈزۈپ ئىچەر يەر قېنى.
    مېنى قەشقەر شەھرىگە،
    ئېلىپ قاچار ئەر قېنى؟

    كەپە قىلدىم ياۋانغا،
    چېرىك كەلدى داۋانغا.
    ئون ئىككى كۈن بولغاندا،
    تۇتۇلدۇم بۇ نادانغا.

    شىسەن مازا باخشىغا،
    ئاغىچىسى ياخشىغا.
    دەردنى ئېيتىپ يىغلارمىز،
    دالۇيى كەتسە ئالۋاڭغا.

    ئاتامنى مەن سېغىندىم،
    ئاكامنى مەن سېغىندىم
    تىرىكمىكىن شۇ دادام،
    خەۋىرىنى بىلمىدىم.
    ئاغامغا يېتەلمەسمەن،
    ئاتامنى كۆرەلمەسمەن.
    ئاتامنى كۆرۈپ قالسام،
    ھەرگىز ئارمان قىلماسمەن.

    ئاتام مۇندا كېلەرمۇ؟
    مېنى ئېلىپ كېتەرمۇ؟
    تىنچ قەشقەرگە يېتەرمۇ؟
    تىنىچ بارارنى بىلمەسمەن.

    ئالتاي ياتتىم خاماندا،
    نان پىشۇردۇم ساماندا.
    ئاجىز نوزۇك جاڭگالدا،
    ئاتام يۈرەر قاياندا؟

    سولان بېرىپ يامۇلغا،
    ئەرز قىپتۇ جاڭجۈنغا.
    جاڭجۇن يايى ئەۋەتتى،
    مەندەك ئاجىز خوتۇنغا.

    يايى چىقتى تۇتقىلى،
    ئەجدىھار بولۇپ يۇتقىلى.
    ئون بەش يايى كېلىپتۇ،
    نۇزۇگۈمنى تۇتقىلى.

    ھېچكىم مەندەك بولمىسۇن،
    بالالارغا قالمىسۇن.
    بىزگە كەلگەن بالالار،
    ھېچ بەندىگە كەلمىسۇن.
    ئالتاي بولدى يالغۇزمەن،
    قەشقەر يولىن بىلمەسمەن.
    خۇدا مېنى ساقلىسا،
    سولانلارنى كۆرمەسمەن.
    ئالمۇتۇ بولدى جايىم،
    بۆرە، تۈلكە ھەمرايىم.
    خۇدانىڭ ھۆكمى بىلەن،
    جاڭگال بولدى ماكانىم.

    ئامباللارنىڭ ياڭزىسى،
    غۇلاچچە بار غاڭزىسى.
    چاقاي دېسەم چېقىلماس،
    قولۇمدىكى كويزىسى.

    خۇدا بەرگەن غۇنچەمنى،
    سولان ياۋۇز ئۈزەلمەس.
    سولان ياۋۇز ئۆيىگە،
    نوزۇك جۇگان تۆزەلمەس.

    ئايىغىمدا ئىشكەل بار،
    بوينىمىزدا تىڭگاڭزا.
    ئېلىپ قاچسا نوزۇكنى،
    بولسا ياخشى خوخەنزە.

    يامۇلنىڭ بار ئۆگزىسى،
    ئون بەش غۇلاچ توغرىسى.
    كۆرسەم ئىككى كىگىزدۇر،
    سولانلارنىڭ موزىسى.

    ئەپيۇن تەرگەن سولاننىڭ،
    توڭغۇز يېغى جوزىسى.
    ئوڭ قولىدا دوزىسى،
    سول قولىدا خوۋزىسى،
    ئەپيۇن تەرگەن جاللاتلار،
    دۆڭ يامۇلدا تارتىدۇ.
    چۈچۈنلۈك–پەنلىك ئۆيدە،
    نوزۇك جۇگان ياتىدۇ.

    دوۋانخاندىن خەت كەلسە،
    نوزۇگۇمنى «چېپىڭ» دەپ.
    مۇسۇلمانلار ئېيتىدۇ،
    شېھىتلىقنى تېپىڭ، دەپ.

    مويتوڭزىدا چاپقاندا،
    مەن نۇزۇگۇم ئۆلۈرمەن.
    موللىلارنىڭ سۆزىچە،
    ئالىي شىھىت بولۇرمەن.


    نوزۇك بېلىڭ باغلاندى،
    ئۆلتۈرگىلى چاغلاندى.
    يالغۇز غېرىپ نوزۇگۇم ،
    شى يامۇلغا سولاندى.

    ئاتام قەشقەردە قالدى،
    نوزۇگۇم دەپ يىغلايدۇ.
    يالغۇز مېھرىبان ئاكام،
    قالماق ئىچىدە قالدى.

    يامۇل ماڭا قىيىندۇر،
    ئۆلۈم ۋاقتى يېقىندۇر.
    نوزۇگۇم يەككە–يالغۇز ،
    شى يامۇلغا سولاندى.

    كاشكى كۆرسەم ئاتامنى،
    قالماقتىكى ئاغامنى.
    كۆرمەي ئۆلۈپ كېتەرمەن،
    قەشقەردىكى ئاكامنى.

    مەن كۆرمىگەن مومامنى،
    مېنى تۇغقان ئانامنى.
    چەنفەن بېرىپ ئۆلتۈرگەن،
    ئۈچ ياشتىكى بالامنى.
    ئالدىمىزدا جاللاتلار،
    قىلىچىنى ئوينىتار،
    مېنى ئۇشبۇ ئۆلۈمدىن،
    قانداق كىشى ئاجرىتار!؟
    يوللارنى تولا مېڭىپ،
    ھالسىزلىنىپ تېلىقتىم.
    مەن بۇ يەرگە كېلىپلا،
    يامان كۆزگە چېلىقتىم.
    ئاسماندىكى سا بولدۇم،
    يوللار يۈرۈپ خار بولدۇم.
    ئاكام قالدى قالماقتا،
    بىر كۆرمەككە زار بولدۇم.

    ئالتە ئاي ياتتىم قومۇچتا،
    قومۇچ ئارىلاپ كۈن چۈشتى.
    مەن نوزۇكنىڭ بېشىغا،
    تاغدىن ئېغىر مۇڭ چۈشتى.
    ئۇنتالمايمەن باقەمنى،
    قۇمۇچلۇقتا ياتساممۇ.
    كۆڭلۈم ئۇندىن ئايرىلماس،
    ئەلەم–كۈلپەت تارتساممۇ.
    تۆگىلەر ياتۇر ئويماندا،
    باش بويلىسى بوينىدا.
    تۇتسا قالماق نوزۇكنى،
    پىچىقى بار قوينىدا.
    جان ئاتامنى كۆرەلمەي،
    ئۆلۈپ كېتەر بولدۇم مەن.
    قالماقلارغا تۇتۇلۇپ،
    سۇلۇپ كېتەر بولدۇم مەن.

    ماڭسام قەشقەر يولىغا،
    يولدا پۇتۇم توڭلىغاي.
    نوزۇك ئاجىز بەندىنى،
    بىر خۇدايىم ئوڭلىغاي.
    ھاۋانى بۇلۇت باستى،
    قار–يامغۇرلار ياققىلى.
    قانداق چاغدا تۆرەلدىم،
    دەرد–ئەلەملەر تارتقىلى؟

    خەيىر ئاتا مېھرىبانىم،
    غەمگۈزارىم ياخشى قال.
    كۆزلۈرۈم ئاقۇ–قاراسى،
    تەندە جانىم ياخشى قال.
    بىللە ئويناپ، بىللەن ئۆسكەن،
    يارى دوستلار ياخشى قال.
    كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن،
    قەشقەر شەھىرىم ياخشى قال!

    نوزۇگۇمنىڭ دادىسىنىڭ قوشىقى
    خەير قىزىم نوزۇگۇم،
    ئەقلى تازا قۇندۇزۇم.
    كۈلپەت چۈشتى بېشىڭغا،
    تۇتقۇن بولدۇڭ شورلۇغۇم.
    كۆيدۈرسەم كۆيمەس ئىدىم.
    ئەمدى كۆيدۈم كۈل بولدۇم.
    غازاڭ بولغان باغلاردەك،
    سارغىيىپ سامان بولدۇم.
    شېرىن قىزىم نوزۇكئاي،
    ئاكاڭدىنمۇ ئايرىلدىم.
    ھېچكىم مەندەك بولمىغاي،
    قاناتىمدىن قايرىلدىم.
    ––– تولۇقلاپ رەتلىگۈچى : ئا. ناسىرى
    (①چىڭ ھۆكۈمرانلىرى دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 19–ئەسرنىڭ 30–يىللىرىدا بۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى جەنۇبى شىنجاڭدىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە يۇرت–ماكانىدىن، ئاتا–ئانىسىدىن ئايرىلغان نوزۇگۇممۇ بارئىدى. چىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نوزۇگۇمغا كۆزى چۈشۈپ ئۇنى مەجبۇرلاپ ئالماقچى بولىدۇ. نوزۇگۇم ئەمەلدارغا يالغاندىن ماقۇل بولۇپ، توي كۈنى ئاخشىمى ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى يالغۇز قومۇشلۇققا قېچىپ كېتىدۇ، شۇ چاغدىكى ئەكىسيەتچى ھۆكۈمەت چېرىك چىقىرپ تىنتىپ، نوزۇگۇمنى تۇتۇپ كېلىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇقىرىقى قوشاقلارنى نوزۇگۇم ئەنە شۇ ئىچىنىشلىق كۈنلەردە ئۆزى توقىغان.)
    مەنبە: «غۇلجا خەلق قوشاقلىرى»، غۇلجا شەھەرلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىشخانىسى، 18–بەت

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 13:57:39]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق