نەزەر مۇپتىغا سالام(ئەھمەد شاھ قارىقاش)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-19 10:43:00

نەزەر مۇپتىغا سالام(ئەھمەد شاھ قارىقاش)دۇئايى بىئەدەت غۇجام نەزەر مۇپتىغا ئەلۋەتتە،تەھىياتۇ سالامىم ئەنچۈمەن ئاھۇ نادامەتتە.ۋىسال بولغاي دۇئا بىرلە سالامىم ياخشى سائەتتە،سىنى ياد ئەيلىدىم ھە...

    نەزەر مۇپتىغا سالام

    (ئەھمەد شاھ قارىقاش)

     

    دۇئايى بىئەدەت غۇجام نەزەر مۇپتىغا ئەلۋەتتە،
    تەھىياتۇ سالامىم ئەنچۈمەن ئاھۇ نادامەتتە.
    ۋىسال بولغاي دۇئا بىرلە سالامىم ياخشى سائەتتە،
    سىنى ياد ئەيلىدىم  ھەركۈن سەھەرۋاقتىدا تائەتتە.
    كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە،

     

    ساڭا مەن نامە يازدىم نامۇناسىپ لەۋزىدىن ئەي يار،
    بىھەمدۇللا تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار.
    بىلىشنى ئىستىسەڭ مۇندا شۈكرىكىم بىز ئەمەس بىمار،
     تىنىڭ ساقمۇ بۇكۈنلەردە سىنىڭ ئاندا نە ھالىڭ بار.
    مۇشەققەتلىكمۇ سەن يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ پاراغەتتە.

     

    قېرىلىق ھالىدىن سورىسام يىتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،
    سىنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ؟
    ئايال ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ يەنە قەۋمى قېرىنداشىڭ؟
    قانداقتۇر ئىشتىھايىڭ سىڭەمدۇ ھەرۋاق يەم ئاشىڭ؟
    تەنلىرىڭ ساق، ھۆسنىڭ تازىمۇ ھۆسنى مالاھەتتە؟

     

    ئاڭلىغىن ئەي رەپىقا سۆزنى ئەخمەتشاھ قاراقاشتىن،
    بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يىڭى باشتىن.
    ئەقىدەم بارئىدى سەنگە يېقىن تۇققان قېرىنداشتىن،
    نىتەي كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن،
    كۆرۈپ مەن بىلگىنىم يوق ئۇنى ئەينى زۆرۈرىيەتتە.

     

    سىنى مەن دوستى يارىم دەپ كۆڭۈلدە ئىتقاد ئەتكەچ،
    مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەرزامان كۆڭلۈمدە شاد ئەتكەچ.
    سۈپىتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە ياد ئەتكەچ،
    ئەۋەتتىم ساڭا ئاەللىك تەڭگە پۇلنى ئېتىماد ئەتكەچ.
    ئەۋەتكەي بىر ياخشى ئات دەپ ھامان ئۆتتۈم خىيالەتتە.

     

    پۇلۇمنى توختۇتۇپ بىريىل ئەۋەتىپسەن ماڭا بىر ئات،
    ئىشەكچە يوقتۇر ئەپتارى بۇ ئاتنىڭ ھەر نە پەيلى يات،
    كى يولدا توختىۋالدى قامچا بىلەن ئۇرمىسام پات-پات،
    كۇلا ئارغامچىنى ئۈزدى قۇزۇققا باغلىسام قات-قات.
    ئۇلاپ ئارغامچىنى ھاردىم كۈنى قالدىم مالامەتتە.

     

    بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇئاتنىڭ ئەيىبىنى ئاڭقا،
    قېڭىر قۇيرۇق، ساڭا سۆڭگەچ،پۇتى مايماق، بۇيى لاڭقا،
    بىرى تەپكەك، بىرى مۈڭگەك بۇ ئەيىبلەر ئۈستىگە ماڭقا،
    ساماندىن بەش كۈشۈك يەپ ھەر قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
    تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەت ئىچرە بۇنىڭدەك بىر ئات بۇ قىياپەتتە.

     

    مىنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى يېقىلدىم نەچچە كۈن ياتتىم،
    قۇيپ بەرسەم بۇزۇپ باغنى ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم،
    سوغارغاندا قېچىپ سۆرەپ ھەمىشە ھارغاندا توختاتتىم،
    تىگىشتىم ئۆي بىلەن بەش-ئالتە نۆۋەت ئون قېتىم ساتتىم،
    قىلىپ دەۋا كىلىۋەردى ماڭا ياندى شەرىئەتتە.

     

    ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام تۈزۈك يۈگۈرۈپ چاپالمايدۇ،
    ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىلەن باراۋەرمۇ ماڭالمايدۇ،
    مۇبادا توختىۋالغاندا ئۇرۇپ قويسام چىچاڭلايدۇ،
    مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بېرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،
    خەتەرلىكتىن بۈلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاساپەتتە.

     

    ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام سوكۇلدايدۇ ئىشەك ئوخشاش،
    قۇرساق سانجىپ بەللەر ئاغرىپ كىتەر گويا زىڭىلداپ باش،
    يەنە بىر ئەيىبى شۇدۇر-چىرقىراپ سەت يولدا توم توختاش،
    زىرىكمەس مىنسە بىرسائەت زىرىكمەي ھېچ كىشى بەرداش،
    شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەپەر سەيلە ساياھەتتە.

     

    ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا ئۆتمىدى ئاتلاپ،
    ئەگرى يولغا كىرىپ قالسا ئەگەر كىم ھارمىدى قاتراپ،
    غۇلاپ بوينىدىن چۈشتۈم قاترىغاننىڭ زەربىدىن چاچراپ،
    ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى قۇۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ،
    ساقايدىم ھەرزامان كارپى يالاپ مەجۈنى شەربەتتە.

     

     جاھان بازارىدا ھېچكىم بۇئاتقا تەڭنى تاپالماسلەر،
    يېقىلسا گاھىدا مۈدرۈپ تىپىپ ئۇرمىسا قوپماسلەر،
    زورىدىن بىر يۈگۈرسۇن دەپ ھەرنىمە قىلسا چاپماسلەر،
    سالاملاشسام تۇرىۋىرىپ تاياقسىز زادى ماڭماسلەر،
    ئۇسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مىنى شۇنچە  قېتىم خىجالەتتە.

     

    ئېغىلنى كۆپ قېتىم بۇزدى ئىشىكنى كۆپ قېتىم چاقتى،
    بۇغۇپ تەخەينى ئۆلتۈردى مۇزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى،
    قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي تالاي كۈن باشقىلار باقتى،
    تۈلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ ھامان ھەركىمگە خوش ياقتى،
    تالاپەتتىن بۆلەكنى كۆرمىدىم قايغۇ نادامەتتە.

     

    مىنى زاڭلىق ئىتىشتى خەلق بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،
    تىرىك چىقماسقا ئەھد قىلدىم ئۇنى تۈرۈككە چىڭ باغلاپ،
    قۇمۇردى يۇلدى تۈۋرۈكنى كەچ كىرسەم مۆڭرەپ قۇتراپ،
    كاساپەتنى ئېغىل باققاچ تۇكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ،
    دىدىم مەن «ئۆلسىمۇ ئۆلسۇن خۇدا قىلغان ئىرادەتتە».

     

    ئۇرۇق-تۇققانلىرىم قانچە قېشىمغا ئات سوراپ كەلدى،
    بۇ ئاتنىڭ ئەسلى خۇي-پەيلى مىنى غەمگە ئۇراپ كەلدى،
    باھانە ئەيلىسەم مەن نەچچە ئۇلار يامان قاراپ كەلدى،
    ئىلاجىم يوق بىرىپ تۇردۇم مىنەلمەي ياندۇرۇپ  كەلدى،
    بۇ جېنىم چىققىلى تۇردى كۈنى يۈزمىڭ خىجالەتتە.

     

    ئەۋەتكەن بۇ ئېتىڭغا ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس،
    قەلەندەر بىلەن ئابدالدىن بۆلەكلەرگە ھۇلى ياقماس،
    كۈتۈرۈپ گەز بۇيى ھېچ ئات ساغرىنى ئۇنىڭدەك  چاقماس،
    كىشىكىم ئات بالاسىدىن بۇنىڭدەك بىھىساب قورقماس،
    پېلىشتىم غەم بىلەن قايغۇ بېسىپ تائەت-ئىبادەتتە.

     

    قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خېرىدارنى ئاقتۇردۇم،
    بىدىكنى ھەرقاچان كۆرسەم چۈچۈك تىل بىلەن يالۋۇردۇم،
    قېرى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيىگە كۆپ بېرىپ ھاردىم،
    يىيىشلىك ھەم كۈچى بار دەپ ئۇنى مەن شۇنچە ماختادىم،
    بازاردا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھەتتە.

     

    ساتالمىدىم بۇ ئاتنى مەن سېلىپ ھەر ھەپتە بازارى،
    بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى،
    يامانلىق شۆھرىتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى،
    بىراۋ كۆرسە ئۇنى قاچتى  ئېلىپ بارغىن دەپلا نېرى،
    قانداق قىلاي بۇ كۈن دوست-يار ئارا كۆپ-كۆپ مالامەتتە.

     

    بىزار بولغاچ يەنا كۈن-تۈن بازارغا ئېلىپ چىقتىم،
    تىلىگەنگە ساتايچۇ دەپ بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم،
    يېپىپ جۇل-جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئىگەر سېلىپ چىقتىم،
    سېتىلماي قالمىغىيدى دەپ تۈمەنمىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،
    نادامەت ئەيلىدىم قالدىم ئەجەپ بىچاغ زالالەتتە.

     

    كى ئاندى ئىككى ئاي باقتىم پىچانغا كۈن-تۈن باغلاپ،
    سىلاپ جىسمىنى ھەركۈندە كۈنجۈت يېغىدا ياغلاپ،
    بۇغۇزنى قاينىتىپ بەردىم يىدى ھەرچاغ ئۈزى چاغلاپ،
    بىدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئېيتىپ بەكمۇ جىق داڭلاپ،
    ئاخىرى ساتتىم نىسىگە بىر قەلەمدار ئالدى مۆھلەتتە.

     

    چۈشۈپتۇر ئاسماندىن ئون تۇلۇمدا لاپ بىلەن يالغان،
    بىرى ئالەمگە تارقاپ توققۇزى مۇپتۇمغىلا قالغان،
    پۈتۈن يالغان ئەمەسمۇ ئاتمىش تەڭگىگە ئالغان،
    بۇ ئاتمىش تەڭگىدىن ئىنىقكى ئوتتۇش تەڭگىنى سالغان،
    بېيىپ كەتكەن ئىكەنسەن ئەسلىدە شۇنداق خىيانەتتە.

     

    ئۈزۈڭ موللا بۇرادەر ئەجەپكى نەپسىڭىز غالىپ،
    چىرىيىڭ خوپ سالاپەتلىك بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىپ،
    بۇلۇپتۇرسەن سەن بېرىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىگە تالىپ،
    كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر ھەييار مىنىڭ ھەققىمنى ئەپ قالىپ،
    كۆچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ ھالاۋەتتە.

     

    سىنى مۇفتى دىگەن بىلەن تۈزۈك ئانچە ساۋادىڭ يوق،
    سىنىڭ ھەق بىلەن ناھەق بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق،
    ساداقەت يارى دوستلارغا ئۈمىد ۋە ئىتىقادىڭ يوق،
    قېرىنداش، ئەلگە، تۇققانغا تېرىقچە ئىتىقادىڭ يوق،
    ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى بۇرادەر ئۇشبۇ ھالەتتە.

     

    نۇمۇس قىل خەلقى ئالەمدىن سالامەتسەن ئەمەس بىمار،
    خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە خىجىللىق ئەيلىمەك دەرھال،
    مىنىڭ ھەققىمنى يەپسەن ئۆزگىنىڭ ھەققىنى يىمە زىنھار،
    كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ مىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭ بىكار،
    سەئى بىرلە كۈنى تۈن ئۇخلىماي تۇرساڭمۇ ئىبادەتتە.

     

     ماڭا ئۇ ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۈندە مالامەتتۇر،
    يىمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگىنى قانداق قىيامەتتۇر؟
    يېقىنلاشقاچ قىيمەت بەددىيانەتلىك ئالامەتتۇر،
    مىنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سەندە ئامانەتتۇر،
    بىرەردۇرسەن ئۇنى تاغلار تۇلۇق رۇزى قىيامەتتە.

     


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.