پىرچەڭگى توغرىسىدا رىۋايەت

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-03 12:40:00

قەدىمقى زاماندا پىرچەڭگى ئىسىملىك بىر ناخشا-قوشاق پىرى ئۆتكەن ئىكەن .ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئىنسانلار ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ ،مۇزىكا چېلىپ بېرىشكە بەخش قىلىۋەتكەن ئىكەن .پىرچەڭگى ئۆزى ئىجات ...

     

     

     

         قەدىمقى زاماندا پىرچەڭگى ئىسىملىك بىر ناخشا-قوشاق پىرى ئۆتكەن ئىكەن .ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئىنسانلار ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ ،مۇزىكا چېلىپ بېرىشكە بەخش قىلىۋەتكەن ئىكەن .پىرچەڭگى ئۆزى ئىجات قىلغان يېقىملىق ناخشا-قوشاق،مۇزىكىلار ئارقىلىق ئنسانلارغا شاتلىق ھەم ھوزۇر بەخش قىلغىنى ئۈچۈن ،تەڭرى ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى نېسىپ قىلىپتۇ. كۈنلەردىن بىركۈنى پىرچەڭگى قەۋرىستانلىققا زىيارەتكە چىقىپ ،بىر قەبرە ئالدىدا سۈكۈتتە ئولتۇرسا ، قاياقتىندۇر بىر ياقتىن دات-پەريات سادالىرى ئاڭلىنىپتۇ. پىرچەڭگى بىر ھازا دىققەت بىلەن تىڭشىغاندىن كېيىن بۇ سادالارنىڭ پەرىشتىلەر ئازابىغا چىدىيالمىغان گۆردىكى ئۆلۈكلەر تەرىپىدىن كۆتىرىلگەن دات-پەريات ئاۋازى ئىكەنلىگىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.ئۆلۈكلەرنىڭ بۇخىل دات-پەرياتلىرى پىرچەڭگىنىڭ قەلبىنى ئازاپلاپتۇ.بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئاستا-ئاستا ناخشا ئېيتىشقا كىرىشىپتۇ.ناخشا سادالىرىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ھىلىقى دات-پەريات ئاۋازلىرى جىمىپلا كېتىپتۇ.چۈنكى، پەرىشتىلەر ناخشا ئاۋازى ياڭرىغان جايدا تۇرالمايدىكەن،پىرچەڭگىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغان پەرىشتىلەر شۇ ھامان قەبرىستانلىقنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشىپتۇ. گۆردىكى ئۆلۈكلەر پىرچەڭگى ئېيتقان ناخشا- قوشاقلارنىڭ شاراپىتىدىن پەرىشتىلەرنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ،ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئىزھار قىلىشىپتۇ  ۋە ھوزۇرلانغانلىغىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پىرچەڭگى شاگىرتلىرىنى بۇ دۇنيادىكى ھايات كىشىلەرگە ناخشا-قوشاق ئېيتىپ بېرىشكە قالدۇرۇپ،ئۆزى قەۋرىستانلىقلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ناخشا ئېيتىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. بىراق يۇقۇرقى كەسپى بىلەن لوقماندىنمۇ ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن پىرچەڭگىگە ئازاپ پەرىشتىلىرىنىڭ ئۆچلىگى قوزغىلىپتۇ. چۈنكى، بۇ پەرىشتىلەر ئۆلگەن ئادەملەرنى ئازاپلاشتىن ھوزۇر ئالىدىكەن ، پىرچەڭگىنىڭ ناخشا-قوشاقلىرى ئۇلارنى بۇنداق ھوزۇرلىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەڭرىگە پىرچەڭگىنىڭ جېنىنى ئېلىش توغرىسىدا قەتئى تەلەپ قويۇپتۇ .نەتىجىدە تەڭرىمۇ    پىرچەڭگىنىڭ جېنىنى ئېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ.-- 

     مەنبە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىيات تىزىسلىرى»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق