لاغەرى ھەزرىتىم: ساقى نامە

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-24 13:47:56

ساقىنامەلاغەرىتەييارلىغۇچى: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىنىسارىڭ بولاي ساقى دىلرەباسۇن ئەندى شاراب كۇدۇرەت زۇدائەجەپ شەربەتكى ناۋا تاپقۇسىئەگەر قەترەئى تاتسا ھەر بىناۋا.ئەگەر غافىلى بى خەبەر...

    ساقىنامە

     

     لاغەرى

    تەييارلىغۇچى: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    نىسارىڭ بولاي ساقى دىلرەبا

    سۇن ئەندى شاراب كۇدۇرەت زۇدا

    ئەجەپ شەربەتكى ناۋا تاپقۇسى

    ئەگەر قەترەئى تاتسا ھەر بىناۋا.

    ئەگەر غافىلى بى خەبەر نۇش ئىتەر

    ھەمىشە دىگەي رەببەنا رەببەنا

    نە بولغاي قىيا باقساڭ ئى دەيرى پىر

    نەچچە زار ئىشكىڭدە بولمىش ئادا.

    يالىسا يۇقىن دەيرە خاكى بولۇر

    خىرەدمەندى بولسۇن ياكى پارسا.

    توزۇر بولسە دەير ئىسىدىن ھەر سارى

    ئۆچەر غەيرى مىھرى، قالۇر مۇددىئا.

    دېمە دەر ئەنى بەلكى توز مەئدەنى

    توشار بولسا ئۆزلىكى بولغاي پانا.

    ئەگەر سومىئەئىچرە بولسا بۇ ئىش

    ئەنى ھەم دىگىل دەيرىدەك كىميا.

    قەباتىئىتىڭدە ئىچەي، مۇندى قوي.

    ئۇشۇل شەھدە چەيقاقىدىن يوندى قوي.

     

    ئوشۇل موندىنى كۆزگە مىرئات ئىتەي،

    ئۆزۈمنى ئەسىرى خارابات ئىتەي.

    ئۇلاردىن مورۇۋەت كۆرۈپ ياكى كۆرمەي

    ئوشۇل كويىدە سەرپى ئەۋقاتئىتەي.

    بۇ ئىشكە خەلەلبەرگۈچىنى نەپىيئەيلەپ

    نە تەرغىپ گەر بولسا ئىسبات ئىتەي.

    قوشۇلسە نەچچە يات ساناي ئۇنى ئۆز دەپ

    كى ئۆزدىن مۇخىلدۇر ئەنى ياد ئىتەي.

    ئۇ ساراكى ئول كويدە ئۇپتادەدۇر

    ئولار خىزمەتىنى ئىبادەت ئىتەي.

    مېنى باشىمغە تەپسە ھەر قايسىسى

    قىلىپ شۇكرى ئۆزۈمگە سائادەت ئىتەي.

    ياراتقۇچىغا تەزەررۇئلار ئەيلەپ

    مېنى قوغلىما، دەپ مۇناجات ئىتەي.

    ياتىشسە باشىمغا ئايرۇغۇچىلار

    ئۇنىڭ لۇتپىدىن دەبئى ئابات ئىتەي.

    كاراماتلار زوھدى ئىلى ئەيلەمىشلار

    بۇ ئىشنى خاۋارىقى ئادات ئىتەي.

    قاباتى ئىتىڭدە ئىچاي مۇندى قۇي،

    ئوشۇل شەھدى چەيقاقىدىن مۇندى قۇي.

     

    تاپىپ قىززىشىپ مىھرى ئەنۋەر بولاي،

    ۋىسالىنى ئىزلەپ قەلەندەر بولاي.

    يېقىپ مىھرى ئەغيارلار ئوتىنى

    تۇتاشىپ يانىپ چۇن سەمەندەر بولاي.

    ياتاي پىر ئىشىكىدە گۈلخان سېلىپ،

    مۇھەببەت ئوچاقىدە ئەخكەر بولاي.

    ۋاپا ئەھلىنىڭ قورغانىن تۈۋىدە

    ياتىپ ئىتلارىگە بۇرادەر بولاي.

    خاراباتلارنىڭ يامانى بولۇپ

    ئاياغ گەردىبىرلە بارابەر بولاي.

    باناگاھمېنى يوقلىسا پىرى دەير

    نەچچە خاكىسارىغە سەرۋەر بولاي.

    جاھانىلەرنىڭ خام ساۋداسىغە

    نەزەر سالماي كور ھەم كەر بولاي.

    ناۋاسىزلەرنىڭ كىشۋەر تەكىيسىدە

    بولۇپ مۇستەقىم چوغزى بى پەر بولاي.

    تېمىتىپ قويسىلار ساغەرىن يۇقىدىن،

    شۇ ئاشىقلەرىڭغە ئىسكەندەر بولاي.

    قاباتى ئىتىڭدە ئىچەي مۇندى قۇي

    ئۇشۇل شەھدى چەيقاقىدىن يوندى قۇي.

     

    خارابەتلەرنىڭ خارابىدۇرمەن،

    ئوشۇل گۈلخانىنىڭ كابابىدۇرمەن.

    فانا ئەھلى ئۇلار، مەن ئانلار ئەسىرى

    ئۇلار ئوكيان، ئانلار ھۇبابىدۇرمەن.

    ئۇشتۇمتۇپ قاراپ قويسە پىرىم ماڭا

    يۇقارى پەلەك ئابتابىدۇرمەن.

    باشىم يارىق، دىلىم سۇنۇق، قول-پۇتۇم مەئيىپ

    ئۇلار ئېتى باسقان تۇرابىدۇرمەن.

    مېنى بۇ ئىشكىدىن يىراق سالماسۇن

    ئادا بۇ تىلەك مۇستەجابىدۇرمەن.

    سوراغىم سورماڭ خىرەد مۇلكىدىن

    كى دىل ۋادىسىنىڭ سارابىدۇرمەن.

    كى مەھرۇملۇق تاغىنىڭ ئەڭ چوقىسىدە

    كى تىنماس نەسىمى ئىزتىرابىدۇرمەن.

    باشىملە بېرىپ ئاياغىغە يىقىلدىم،

    گوياكى ئەينى ئىتابىدۇرمەن.

    بىلى خەمچە، پەم غۇنچە بوينىدە تۇمار

    ئەگەر تەگسە كۆز يارنى تاپالمايدۇرمەن.

    ئىتلارىڭ قاتارىدە ماڭا مۇندى قۇي

    مۇھەببەت شارابىدىن ماڭا يۇندى قۇي.

     

    ئوشۇل شارابىڭ ئۈچۈن خارلىق تارتايىن،

    پىرىم ئىشىكىدە زارلىق تارتايىن.

    خىرەد خەيلىدىن تەئنە گەر بولسىلەر

    گەرەن يار بى ئارلىق تارتايىن.

    بۇ ئىشتە ئەگەر بولسا تاق تاقىتىم

    تىلەپ سەبرە ناچارلىق تارتايىن.

    كېچىدە پىرىم ئۆيىنى كۆپ ئايلانىپ

    سەھەردە ئۇرۇپ ئاھ ۋاھ تارتايىن.

    كى سۇبھى دەم بوسۇغاڭ سۇپۇرۇپ

    قىچقىرغايمۇ دەپ ئىنتىزار تارتايىن.

    ئۇ بىزدىن دىگەيمۇ مېنى دەيرە پىرىم

    بۇ ئۈچۈن كۆپ ئازارلىق تارتايىن.

    جاھان ئەھلى ھەر بىرسىدۇر بىر ئىشدە

    كى مەن يۈكى بىكارلىق تارتايىن.

    سەھى قەد قارا كۆزلۈك ساغەرچىلار

    قاچانغىچە ئەپكارلىق تارتايىن.

    ئىتلارىڭ قاتارىدە ماڭا مۇندى قۇي

    شارابى مۇھەببەت يۇقىن زۇندى قوي.

     

    ئوشۇل شەھدى چەيقاقىدىن نۇش  ئىتىپ،

    غەمى ئىككى ئالەم پارامۇش ئىتىپ.

    ۋافا ئەھلىنى ئۆرگەتىپ ئىشق ئىلىگە

    خىرەد نۇكتەدانىنى خامۇش ئىتىپ.

    ئۇلارنىڭ بولۇپ خارەمى ئەدۋەنى

    ئوزۇم بىر ئەبىد ھەلقە بەرگۇش ئىتىپ.

    تۇبەن دۇنيا ئەھلىگە سالماي نەزەر

    نەچچە ئانلارىڭ دەلقە بەردۇش ئىتىپ.

    پىرىم باللىرى بارچەسى ناز ئەھلى،

    نىياز ئەھلى ئىتلارىن ئاغۇش ئىتىپ.

    ئىچىپ، مەسلىكىدە قىلىپ ئۇربەدە

    ئەقىل كىشۋەرىنى بۇزاي جۇش ئىتىپ.

    ھەر كىمەرسە ئول شارابتىن ئىچمە دېسە

    كى بىر ۋاقىراپ ئولنى بىھۇش ئىتىپ.

    پۇلى يوق بىر يالىڭاچ قەلەندەرمەن،

    تاش تون، ئىچ تونۇمنى گۆرەكەش ئىتىپ.

    شاراب سۇنغۇچى شوخ، مەڭلەي ياراشقان

    مېنى قوغلىماغىل قارا يۈز ئىتىپ.

    قابائى ئىتىڭدە ئىچەي مۇندى قۇي

    مۇھەببەت شارابىدىن ماڭا يۇندى قۇي.

     

    مۇغان بەزمىگاھى قەدەھچىلەرى،

    دىمەڭ چاڭقىغانلارنى بارىڭ نەرى.

    رەئۇپ ئەلئەتەشنى فىغانچىلەرى،

    دۇئالار ئەلىڭ سۇنىڭىز بىز سەرى.

    دۇئا بۇ كى بولسۇن قولىڭىز ئۇزۇن

    كى ھەر ئىشدە بولسۇن ئىشىڭىز ئىلگەرى.

    ئەجەب شەربەتكى ئىچكۈچى پەيزىدىن

    ئۆلۇم تۈشسە سەكرەپ ئۆتەر ئىلگەرى.

    پىر ئوغلانلارى كۆرۈنۇر كۆرۈنمەس

    ئادەم ئەۋلادى ھونەرلارىدۇر پەرى .

    ۋاپا ئەھلى ئۆيى پەيگاھلەرىدە،

     ياتار كېپشدەك شاھلارنىڭ سەرى.

    ئۆزىنى بىلىپ، بىلمىگەن باشقىنى

    مۇشۇنداق ئۆرگەتكەن ھادىس رەھبەرى.

    پىر كامىل تاپقان چاغىڭدە ھەقنى تاپىسەن

    بولساڭ يىگىت ياكى بولساڭ قەرى.

    ھاۋا ۋە ھەۋەس نەپسىنى يوقۇتۇر

    ئۇ شەربەتىنى ئىچكەن بولسىمۇ بەك قەرى.

    ئىتلارىڭ قاتارىدا ئىچەي مۇندا قۇي

    ئۇشۇل ئىشقى شارابىدىن ماڭا يۇندى قۇي.

     

    تىغلار ئۇرۇپ غەيرى، مەيلى كۆزە

    ۋىسال ئىزلە كۆز ياشىنى ئاققۇزە

    ئاڭا يالۋۇرۇپ ۋە ئەنى ياد ئىتىپ

    تىلەپ ۋەسلىنى نىيەتىڭنى تۈزە.

    قانداق ئىش قىلساڭ قىل رىزاسى ئۈچۈن

    تىلەپ بۆلەكنى كەتمىگەيسەن ئۈزە.

    رىيزاجۇيلارنىڭ مۇرادىنى تاپ

    يۇقارى تۈۋەن ئىلمىغايسەن كۆزە.

    ۋاپا تۇخمىن ئۈندۈر يېغى سۇيىدىن

    چۇ دىھقان كۆكەرتۇر سۇدىن تاربۇزە.

    زاھىدتەك تىلەمە ھەقنىڭ غەيرىنى

    ئىتىپ جەننەت ئۈچۈن نامازۇ رۇزە.

    كۆڭۈل ئارزۇ لايىدىن ئول تىزىسە

    كى ھىممەت مىتىنى بىلەن  ئول ئۆي بۇزە.

    ۋەپا گورۇھىنىڭ ئۇلۇغى سەبەق

    بۇ مەئنىدە بەردى شاگىرتلار ئۇزە.

    چىرايى ئۇچۇق سۆزلىرى بەك چۈچۈك

    مۇھەببەت شارابىن ئى پىرىم تامۇزە.

    ئىتلارىڭ قاتارىيلە ئىچەي مۇندى قۇي،

    مۇھەببەت شارابىدىن ماڭا يۇندى قۇي.

     

    مۇرۋۋەت ئەھلىنى يۇلىن تازىلە،

    پۇتۇۋۋەت رۇسۇمىنى ئەندازلە.

    كۆڭۈل مۇرغىنى قويمە ئۇسپۇرسۈپەت،

    قىلىپ تەربىيەت ئەنى شەھبازلە.

    تەلەبكارلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ

    بۇ ئىشدە قېلىپ قىش ھەم يازلە.

    كۆڭۈل باغلىرىغا قونسا قارغا غەيرى

    ئۇچۇر ئانى يادىدىن ئاۋازلە.

    پىرلار كوچاسىدا ياتقان سەرۋازلەر

    ئاياغىن يۈزۈڭ بىلەن پەردازلە.

    تىلىڭنى، دىلىڭنى يىغىپ خىزمەت ئەيلەپ

    تەئەررۇزنى قوي سۆزنى ھەم ئازلە.

    روسۇم ئەھلى سۆكسە سېنى ئەيپ ئىتىپ

    دەم ئۇرما ياراتقان بىلەن رازلە.

    پىرى كامىلدىن كۆرسەڭ ئەسرارلەر

    سۈكۈت مومىدىن لەبلەرىڭ مازلە.

    ھىلالى قەدەھتىن ئىچىپ ئەگرى قاش

    كى ئەشھەب مىنىپ بىز تەرەپ نازلە.

    قاتارى ئىتىڭدە ئىچەي مۇندى قۇي

    مۇھەببەت شارابى يۇقىدىن يۇندى قۇي.

     

    سۇن ئى سۇنغۇچى شارابىدىن بىر ئىچىم

    ئەنى نۇش ئىتەي، تازا بولسۇن ئىچىم.

    بەرئى پەك تەڭرىم ئۈچۈن ساقىيا

    ماڭە شەربەتى ساتىدىن بىر يۇتىم.

    دىمىقىم قۇدۇقى ھەۋەس تۈبىدە

    ئەمدى پىرىم باغىدىن كەلسۇن نەسىم.

    سۇغارسۇن سېنى ھەقكى ئى ساقىيا

    سۇغارساڭ ئىشكىڭدە بولاي مۇستەقىم.

    كۆزۈڭ ياشىدىن قىل دىھقانچىلىق

    كۆكەرسۇن يۈرەك ئاھىدىن مەزرەئىم.

    ساپا ھاسىل ئەيلەپ رىزاجۇي بولاي

    اللە ئىشىكىدە پۈتسۇن مېنىڭ ھەر ئىشىم.

    شارابىڭ يۇقىدىن ئۇلۇغلا مېنى

    مۇھەببەت ئۇرىغىدىن بەر بىر سىقىم.

    ئەگەر پىرى كامىل قاراپ قويسالەر

    تۈگەپتۇر كۆڭلۈمدە غەللۇ غەشىم.

    ساپاكەش بولۇر ھەم ئوچۇق قول سەخى

    قارا دىل ئىچىپ قالسا ھەم بىخىل ھەم لەئىم.

    قاتارى ئىتىڭدە ئىچەي مۇندى قۇي،

    شارابىڭ يۇقىدىن ماڭا يۇندى قۇي.

     

    سۇن ئى ساقى ساڭا بەك يېقىن يار بولاي،

    سەن ئالغان گەۋھەرگە خەرىدار بولاي.

    ئىچىپ ئۇل شارابتىن بولاي مەست ئەلەس،

    لاچىندەك ئېغىر يۈكىنى تاشلار بولاي.

    ئىشىق ئۆيىنىڭ تاشىدە قۇرۇپ ئولمايىن

    سەنىڭدەك تىلەرى ھەق دىدار بولاي.

    جاھانۇ جاھانى ۋەساۋىدىن،

    كى ئازاد يەنى بىكار بولاي.

    نەسىب ئەتسە ھەق، دىل تىرگۈچى مەيىدىن،

    غاز كەبى قاناتى يايىلار بولاي.

    تۈتەي سەمەندەر كەبى بەك كۆيۈپ

    قاچانغىچە تاشقارىدە زار بولاي.

    كۆيۈپ ۋەسلى مەزمىدە مەشئەل كەبى

    ھامان تۈن ئىچرە ئۇچقۇندار بولاي.

    ئۇنۇتۇپ ئۆزۈمنى يانا باشقىنى

    تەنۇ جان كۆڭلۈم بىلەن يار بولاي.

    ئۇشۇل شەربەت ئۈچۈن گادايلىق قىلاي

    پىرىم ئىشىكىدە بى ناۋالىق قىلاي.

     

    ناۋا قىل ئەي ناۋا قىلغۇچى دىل ناۋا،

    جېنىم نەقدىنى نەزىر ئەيلەيىن ساڭا.

    ناۋا قىل چىكەي يىغلاپ تۇرۇپ ئاھلەر

    كۆڭۈل گۈلشەنى تاپسۇن ئابى ھاۋا.

    كۆڭۈل دەردى بىرلە ناۋا ئەيلەگىل

    كى ئولسۇن كۆيۈپ پاجىرۇ پارىسا.

    پەرى يۈزلۈكلەر بىزگە ساغەر تۇتۇڭ،

    كى چىرماپ چىرايىغا گىيسۇ قارا.

    ئۇ يەردە ئاشىقلەر رەقسە ئىچسىلەر

    ئېيتار باش ئۆگرىگۈچى زاھىد رىدا.

    مۇكەللەب ئىتىپ چوغۇز بىلەن ئەندەلىب،

    بۇ ئىككى قوشۇلسا ئوقۇسا يانا.

    ئەقىللىق كىشى كەلسە ئول بەزمىگە

    ئىتەر نەزرە سەللە يەكتەك خۇبا.

    پىر ئەربابىنىڭ بەزمى مۇنداق قىزىق

    شۇنىڭچۈن راۋا ھەر نە دېسەڭ راۋا.

    ئوشۇل مەي ئۈچۈن مەن گادايلىق قىلاي

    پىرىم ئىشىكىدە بىناۋالىق قىلاي.

     

    ئوشۇل مەينى شىبلىيۇ ئەتتار ئىچىپ،

    يەنە بىر نەچچە ئاشىق زار ئىچىپ.

    جەرسۇ قاسسابۇ ئىمام مۇھەممەد

    ھەيكەل پەرى دار تۆپىسىدە ئىچىپ.

    تىلىندى ئۇنىڭ نۇشىدىن زەندە بىل

    ئۇنىڭ بىرلە نەچچە خەرىدار ئىچىپ.

    ئۇنىڭ كەيپىدىن ئۆلدى كۆپ ئاشىق ئىچىپ

    كى رەخسە ئەتتى شەمسىددىن تەبرىز ئىچىپ.

    ئۇنىڭ پەيزىدىن ئەھلى ئالەم ئېلىپ

    رۇم ئۇستازى ئاشىق بازاردا ئىچىپ.

    قىزىپ تاغ ھامۇن كىرىپ چۇن قۇيۇن،

    كى پەرھادى مەجنۇن بىر ئاز ئىچىپ.

    ئىشىقنىڭ چوغىدە كۆيۈپ ئۆلدى ئول

    غەمكىن خەستە ۋامۇقمۇ بىر ئاز ئىچىپ.

    چىكىپ نەئرە بىھۇش بولۇپ يىقىلىپ

    كى دەئلەب بەنەزدىكى كەنار ئىچىپ.

    قۇددۇس ئەھلىنىڭ ئىزىنى ئىزلادى

    گۇناھ پىشە قىلغان گورۇھلار ئىچىپ.

    ئوشۇل مەي ئۈچۈن مەن گادالىق قىلاي

    پىرىم ئىشىكىدە بىناۋالىق قىلاي.

     

    ئىچىپ كەھبى ئەسھابى غاردار بولۇپ،

    كى جەئفەر ئىچىپ تۇرفە تەييار بولۇپ.

    ئىچىپ ۋەھشى ھەم ھەشەمەت ئەلدىن قېچىپ،

    كى شاھى نە جايىش نىكۇكار بولۇپ.

    يەنە نەچچە گۈدەككە بولدى پىدا،

    كى ئاندىن ئىچىپ شوئلەئى نار بولۇپ.

    چۇ نەئمان ھەنبەل يەنە شافىئى،

    كى مالىك مۇھەببەتكە يار بولۇپ.

    بولۇپ مەست ئۆتتى ئاياغى يالاڭ،

    تېتىپ بىشىر ھافى مەيخۇمار بولۇپ.

    كى بولدى نەچە قۇتبىلەرگە ئىمام،

    دوقۇقى تارتىپ دوستقا يار بولۇپ.

    نەچچە قۇل تېتىپ تاپتى ئازاتلىق،

    خالايىق ئارا شاھى ئەھرار بولۇپ.

    پىغانلاپ يىقىلدى يانا بىر ياغاچ،

    تاتىپ جەننەت ئىچرە خۇش ئەسرار بولۇپ.

    ئوشۇل شەربەت ئۈچۈن گادايلىق قىلاي،

    پىرىم ئىشىكىدە بىناۋالىق قىلاي.

     

    سۇن ئى ساقى مەيدىن، دۇئا ئەيلەيلى،

    ساڭا جانۇ- دىلنى پىدا ئەيلەيلى.

    كۆڭۈل غەيرى مىھرى بىلەن دەرتلىك،

    ئوشۇل مەي يۇقىدىن داۋا ئەيلەيلى.

    بۇسۇغاڭ تۇبىدە ياتىپ باش قويۇپ،

    كى كەتمەي ئىتىڭدەك ۋاپا ئەيلەيلى.

    ئەجەپ قىسقا ھىممەت تەلەپ يولىدە

    ئىچىپ پەيزى تېپىپ تازا ئوينايلى.

    يۈرەك پارەسى تارى مۇھەببەت بىلەن

    مەيىڭ يۇقىدىن ئاشىنا ئەيلەيلى

    ساقى، تولدۇرۇپ ماڭا شەربەت ئۇزات

    ئىچىپ خۇشلۇقتا مۇرات تاپايلى.

    ئۇقۇسىلا پىرىم دۇئايى قەدەھ

    كى بىز زىكرى رەببى ئىھدىنا ئەيلەيلى.

    ئۆلۈك دىل تىرىلۇر ئوشۇل مەي بىلەن،

    تاتىپ زىكرى يا رەببەنا ئەيلەيلى.

    ناۋا قىل ناۋاچى خۇش ئاۋاز بىلەن،

    خۇشاللىق بىلەن ئۆمرۈم ئادا ئەيلەيلى.

    ئوشۇل مەي ئۈچۈن گادايلىق قىلاي،

    پىرىم ئىشىكىدە بى ناۋالىق قىلاي.

     

    ئەنىڭ نوشىدىن نەچچە بىگانەسى،

    گىرىپتار بولۇپ بولدى دىۋانەسى.

    بەرىش كىلىش ئەيلەپ ئاڭا ياخشىلار،

    خۇش ئاباد بولدى ئەنىڭ خاخەسى.

    ئەنىڭ قەترەسىن تاتسا نامەرت خۇمسىلار،

    بولۇر ئەر كىشىلەرنىڭ مەردانەسى.

    مۇغان پىرى بەزمە ۋەپا مەشئەلى،

    تەلەپكارلەر ئۇنىڭ پەرۋانەسى.

    ئۇلارنى دوست تۇتقان تاپار مۇددىئا،

    ئۇلار مىھرى سۇ مۇددەئا دانەسى.

    بىراۋ دىسە مەن ھەم ئۇلاردەك بولاي،

    ئوقۇسۇن تولا ئانلار ئەفسانەسى.

    قوشۇلمە يامانغا، يامانلار يامان

    ئىش قىلىپ بولغىل سەن ياخشى ھەمخانىسى.

    مۇھەببەت شارابى پىرلار جانىدۇر،

    مۇغان پىرى ئانلارنىڭ جانانەسى.

    قاچار بولسە ھەر كىم جاھان غەمىدىن

    پاناھدۇر ئاڭا ئۇلار خۇمخانەسى.

    ئوشۇل شەربەت ئۈچۈن گادالىق قىلاي،

    پىرىم ئىشىكىدە بى ناۋالىق قىلاي.

     

    ئۇ مەيدىن كىم ئىچسە تولا ياكى ئاز

    ئىككى ئالەمدە ئول مەنى ئاڭا دەستىگىر.

    ئەگەر كۆڭلى ئالۇدە غافىل ئىچەر،

    بەخت يۇلتۇزىدەك كۆڭلى مۇنىر.

    بۇلاغى ھايات بولغۇسى سىينەسى،

    ئۆلۈمدىن قۇتۇلغاي بولۇر زىندە شىر.

    ئۇنىڭ كۆڭلى ئەسرار قەندىگە مول،

    ئاتا قىلغۇسى خۇشلۇقنى سۆھبىتى دىل پەزىر.

    ئۇلەر بەدرەۋىشلارغا نا مىھرىبان،

    خۇداجۇيلارگە ئەسىردۇر ئەسىر.

    ئۇلەر بەك ئۇلۇغدۇر مەلائىك سۈپەت،

    ئوشۇل قەۋم تەلەپكار شاھۇ ۋەزىر.

    خاتا زۇلمەتىدىن چىقار ئۇشبۇ دەم

    ۋۇجۇدى ئۇلارنىڭ مەشئەل مۇنىر.

    ئوقۇتۇر ھەقىقەتنى ھېچ سۆز دىمەي

    ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىمۇ ھەم خۇش خەبىر.

    نەچچە نۇش ئىتىپ ئاھ پەرياد ئىتىپ

    ئاسماندىن ئاشۇردى پىغانۇ نەپىر.

    مۇھەببەت مەيىڭچۈن گادالىق قىلاي

    پىرىم ئىشىكىدە بى ناۋالىق قىلاي.

     

     

    ئول ئىلدىن بۇ ئالەمگە پانا كىلۇر،

    ئۇنىڭ سانى ئۆزىگە مەئلۇم ئىرۇر.

    پەرىشتە سۈپەت ئەرلەر يانا كىلۇر.

    ئۇلەر ۋەسلى ھەقنى ئىزلەپ يۈرۇر.

    خەبەر بار ئىمام مەھدى ئاخىر زامان،

    خۇدا پەيزى خارمىنىن سورۇر.

    قاراڭغۇلۇق ئالەم چىراغدەك يورۇر

    بۇرۇنقى پو يۈزلەر يانا قايرىلۇر.

    يىقىلۇر ئۇ پۇرسەتتە ياخشى ياران

    ئۇنىڭ رەھمەتى ئالەمگە ساچىلۇر.

    نەچچە سالىكۇ مەجزۇب ئەل ئىچىگە

    ئۇلارنىڭ تۈپەيلى بىلەن تارقىلۇر.

    ئۇلار قەبرەمىزنى بېسىپ ئۆتسىلەر

    خۇدا رەھمەتى ياغمۇردەك ياغىلۇر.

    اللەنىڭ قازاسى قەدەرى ئىلەن

    ۋاپا مىھرىنى سۆيگەن قۇلىغا بېرۇر.

    قەدەر باغبانى كوڭلۇم سەھنىدە

    ھاۋايۇ ھەۋەس تىكەنىن سۇغۇر.

    مەن ئازدىم ھاۋايۇ ھەۋەس كەينىدە

    كى دوستلۇق باغى تەرەپىگە سۈر.

    ئوشۇل مەيگە بىزنى چاڭقاتماغىل

    باشىمىز ئۈزە قۇي، بىزلەرنى قاندۇر.

    ۋەپا ئەھلىگە قىل بىزنى مۇپتىلا

    ئۇلارنىڭ سېپىدىن بىزنى قىلما دور.

    ئوشۇل شەربەت ئۈچۈن گادايلىق قىلاي

    پىرىم ئىشىكىدە بىناۋالىق قىلاي. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لاغەرى ساقىينامە