تائام بىلەن گال ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-18 14:35:38

ئەلقىسسە، تائام لەشكەرلىرى مەيدان تەييار قىلدۇرۇپ، قىزىل، يېشىل بىساتلىرىنى سالدۇرۇپ، قازان شەھىرىدىن چىقىپ، ھەر قايسسى ئۆزىگە لايىق تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى تەخت بىلەن كۆتەرتىپ مەيدانغا كېلىپ، قىزىل، يېشىل بىساتلارنىڭ ئۈستىدە ئۆز توپى بىلەن سەپراسىت

    تائام بىلەن گال ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە

    مامۇتجان ئىمىن تەييارلىغان

     

    نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن: «تائام بىلەن گال ئوتتۇرىسىدكى مۇنازىرە» The Contest) (between Foodand Throat دېگەن كونا ئۇيغۇرچە قوليازما ھازىر شىۋېتسىيە لۇند ئۇنۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى شەرقشۇناسلىق قوليازما توپلىمى(CollectionofOriental manuscriptsin the University Libraryof Lund) دا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ كىتابنى شىۋېتسىيەلىك مىسسىيۇنېر گۇستاف ئالبېرت (Gustav Ahlbert) 1929 - يىلى قەشقەردىن قولغا چۈشۈرگەن. كېيىن گۇننار ياررىڭ  (Gunnar Jarring)       تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئوغرىسىز شەھەر، تائام بىلەن گال ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە» (The Thiefless City, TheContest betweenFoodand Throat)دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتاب، لۇند ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1989- يىلى ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان. بۇ توپلامغا ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردىن تېپىلغان جەمئىي تۆت پارچە كونا ئۇيغۇرچە قوليازما كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «تائام بىلەن گال ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە» دېگەن ئەسەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىنغان. مەن ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە فرانكفۇرت ئۇنۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇش جەرياندا فاكۇلتېت كۇتۇپخانىسىدىن گۇننار ياررىڭنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش جەريانىدا بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم، خەلقئاراغا داڭلىق تۈركولوگ، پىروفېسسور، دوكتور مارسېل ئېردال (Marcel Erdal) نىڭ تەۋسىيەسى ۋە ھاۋالىسى بويىچە بۇ ئەسەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم. كېيىن بۇ ئەسەرنىڭ ھەقىقەتەن كونا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىنقى زاماندىن ھازىرقى زامانغا بۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى تىل ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، گۇننار ياررىڭنىڭ كىتابى ئاساسىدا بۇ ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلىدىم.
    ئەسەرنىڭ قوليازمىسىنىڭ1-بېتىنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسى :\
     

       يەشمىسى:

       داستان پەسلىدە: ھېكايەت (سۆز) ئېشىتمەك كېرەككى، يەككە-يېگانە، شانۇ شەۋكەتلىك، زاۋال تاپماس پادىشاھ، قۇدرەتلىك كامال ئېگىسى، يوقلۇق ئالىمىدىن ۋۇجۇد كۆچەتخانىسىغا قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، بارلىق مەۋجۇداتنى پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تائام خەلىقنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا جىدەل-ماجرا، جەڭ تولا بولدى. ئۆز ئارىسىدا سۈلھى-سالا بىلەن مەنسەپ تەيىن قىلىشتى. ئۇلار گۈرۈچ ئاشنى (پولۇنى) پادىشاھ، چۆچۈرىنى ھاكىم، چۆپنى ئىشىكئاغىسى، ھېسىپنى ياساۋۇل، نولۇتنى قاراۋۇل، چۈلىنى پاششاپ، شاھ تالىپنى توپ بېگى، ئۈگرىنى غەزىنىچى، سىنچاينى دورغا بېگى قىلدى. ئاندىن كېيىن ھەممىسى ئۆ‍ز ئورنىدا تەييار تۇرۇشتى. بۇلاردىن بالدۇرراق كېكىردەك لەشكەرلىرى تائام لەشكەرلىرىگە كۆز تىكىپ، ئۇلارنى ماراپ، بالىلىرىنى قازاننىڭ بېشىدىن نېرى قوغلاپ، چوڭلىرى كېلىپ:

       - دەرھال بولۇڭلار، كۈن چۈش بولدى، تائام لەشكەرلىرى تەييار بولمىدىمۇ؟- دەپ ئالدىرىشىپ، قازان شەھىرىنىڭ چۆرىسىنى قورشاپ تۇردى. كېكىردەكنىڭ لەشكەرلىرى مەسلىھەت قىلىشتى:

       - مۇبادا، تائام لەشكەرلىرى غالىب كېلىپ بىزنى شېھىت قىلسا، تاھارەتسىز ئۆلۈپ كەتمەيلى،- دەپ بەش يۈزدىن مىڭ كىشى يالىڭاچ بولۇپ، بېشىنى مىس نوغا تۇتۇپ، ئالدىرىشىپ غۇسۇل قىلىپ، بەش يۈزدىن چاپان شەھىرىنىڭ يەڭ دەرۋازىسى ئاغزىغا بۆكتۈرمە قويۇپ تۇردى.

       ئەلقىسسە، تائام لەشكەرلىرى مەيدان تەييار قىلدۇرۇپ، قىزىل، يېشىل بىساتلىرىنى سالدۇرۇپ، قازان شەھىرىدىن چىقىپ، ھەر قايسسى ئۆزىگە لايىق تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى تەخت بىلەن كۆتەرتىپ مەيدانغا كېلىپ، قىزىل، يېشىل بىساتلارنىڭ ئۈستىدە ئۆز توپى بىلەن سەپراسىت بولۇپ، كېكىردەك لەشكەرلىرىگە ئەلچى ئەۋەتتى. ئاڭغىچە، تائام لەشكىرى ئۆز توپىغا قاراپ، ئۆزىنى جەڭگە تەييار قىلىپ تۇردى. شۇ ۋاقىتتا، «كېكىردەك لەشكەرلىېرى تەرىپىدىن بەش يۈز كىشى تەييار بوپتۇ» دەپ تائام لەشكەرلىرىگە خەۋەر يەتتى. تائام خەلقى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بىر-بىرىگە خەۋەر بېرىشىپ، شۇنداق كېڭەش ئۆتكۈزدى، (ئۇلار) مەيدان تەرەپكە كۆزلىرىنى تىكىپ، چېپىشماقنىڭ، ئېتىشماقنىڭ، ئاشقازان زىندانىنىڭ دەرۋازىسىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، تەڭ-تار (قىزىلئۆڭگەچ) دا بۆكتۈرمە قويۇپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنىڭ پىكىرىنى قىلىشىپ ھەر قايسسى ئۆزلىرىنىڭ قۇرال-ياراغلىرىنى ئېلىپ، ئۇرۇشقا لازىملىق ھەممە نەرسىلىرىنى تەييار قىلىشىپ، بىر-بىرى بىلەن قىزىق سۆزگە چۈشۈشتى. تائام لەشكەرلىرى بۇس-ھورلىرىنى ئۆرلىتىپ ئايۋانلارغا چىقىپ، سەپراست بولۇپ تۇرۇشتى.

       ئەلقىسسە، كېكىردەك لەشكەرلىرى تەرىپىدىن شۇنداق ئاۋازلار كەلدىكى، ئۇلار «خوش-خوش، پوش-پوش، ئات سېلىڭلار» دەپ نەرە پەيدا قىلدى. ئەلقىسسە، تائام لەشكىرى تەرىپىدىن پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ) قاراۋۇل بېگى نوقۇتقا ئەمىر قىلدى.

       - ئېگىز بىر جايغا چىقىپ قاراپ باققىن، بۇ نېمە غوۋغا؟- قاراۋۇل بېگى نوقۇت قاراپ باقسا، كېكىردەك لەشكىرى تەرىپىدىن بەش يۈز كىشى ئات سېلىپ كېلىۋاتقانىكەن. نوقۇت پالۋان قېچىپ كېلىپ، خەۋەر يەتكۈزدى:

       - ئەي پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ)، كېكىردەك لەشكىرى تەرىپىدىن بەش يۈزدىن، بەش يۈزدىن ئات سېلىپ كەلدى،- پادىشاھ بۇ خەرۋەرنى ئاڭلاپ «ئاھ تارتىپ، مۇنۇ بىيىتنى ئوقۇدى:

       يۈرىكىمدە بىر دەرد بار، ئېيتاەم تىلىم كۆيىدۇ.

       پىنھان تۇتسام دىلىمدا، ئۇستىخانلىرىم كۆيىدۇ.

       ئۇ باھار بۇلۇتلىرىدەك زار-زار يىغلىدى، تائام لەشكەرلىرى ئېيتىشتى:

       - ئەي پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ)، غەم يېمەڭ، جېنىمىزنىڭ بارىچە جەڭ قىلىمىز. ئۇلار غالىب كەلسە، بىز ھەممىمىز مەسلىھەت بىلەن بىر تەڭگۇ تار يەر «قىزىلئۆڭگەچ» دە توساپ، كۆزلىرىنى ئالايتتۇرۇپ، ھېق تۇتۇرۇپ جەڭ قىلىمىز.

       ئەلقىسسە،پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ) يارلىق قىلىدى:

       -تائام لەشكىرىمۇ سەپلىرىنى راسىت قىلسۇن،- شاھ ئۆزىمۇ گۆشنى ئۈمۈد قىلىپ، نوقۇتنى قاراۋۇل قويۇپ، ساۋۇت دۇبۇلغىلىرىنى كىيىپ، دەبدەبە بىلەن كېلىپ تۇردى. ئاندىن كېيىن، ئۆپكە پالۋانغا خەۋەر يەتتى. ئۆپكە پالۋانغا تۇغ بېگىلىك مەنسەپ تەكەنىدى.

       چىقتى قازان قەلئەسىدىن بىر تۇمان،

       كىمدۇر دېسە ئۆپكە دېگەن پەھلىۋان.

       ئەلقىسسە، ئۆپكە پالۋان قىزىرىپ، تاتىرىپ، ئېسىلىپ، ئۆزىنى سۆرەپ كېلىپ، پادىشاھ گۈرۈچ  (پولۇ) نىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى؛ ئۇنىڭو ئارقىسىدىن چۆچۈرە پالۋانغا خەۋەر يەتتى، چۆچۈرە پالۋانغا ھاكىملىق مەنسىپى تەگكەنىدى. چۆچۈرە پالۋانمۇ بېشىغا سېرىق، يېشىل ئەلەملەرنى كۆتەرتىپ، ئۆزىنى شۇنداق ياسىدىكى، ەۆشلىرىنىي ئىچىگە يۇشۇرۇپ، ئۆزىنى رۇستەم پالۋاندىن زىيادە چاغلاپ، بېلىنى يەتمىش ئىككىيەردىن باغلاپ، بېشىغا كىيگەن قالپاقلىرنى قىرلاپ، ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، چامغۇرنى ئېغىر ئۇمۇد قىلىپ، چىنە كاسا شەھىرىگە كىرىپ، پادىشاھ گۈرۈچ «پولۇ» نىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئورۇن ئالدى؛ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چۆپ پالۋانغا خەۋەر يەتتى. چۆپ پالۋانغا ئىشىكئاغىلىق مەنسىپى بېرىلگەنىدى.

       ئەلىقىسسە، چۆپ پالۋان ئۆزىگە زىبۇ-زىننەت بېرىپ، چامغۇرنى ئۇمۇد قىلىپ، پادىشاھ گۈرۈچ(پولۇ)ىڭ ئوڭ تەرپىدىن جاي ئالدى؛ ئۇنىڭ ئارقىدىن ئۈگرە پالۋانغا خەۋەر يەتتى. ئۈگرە پالۋانغا خەزىنىچىلىك مەنسىپى بېرىلگەنىدى. ئۈگرە پالۋانمۇ ئۆزىنى زىننەتلەپ، يىپتەك سوزۇلۇپ، بېشىغا يېشىل بايراق كۆتەرتىپ، زەبەرجەدتىن كۆز قويغان تونلىرىنى كىيىپ، قەدەھ شەھەرلىرىدە ئولتۇرۇپ، پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ)نىڭ سول تەرىپىدىن ئورۇن ئالدى؛ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چۈلە پالۋانغا خەۋەر يەتتى. چۈلە پالۋانغا پاششاپلىق مەنسىپى تەگكەنىدى. چۈلە پالۋانمۇ كوچىلارنى كېڭەيتىپ، دۇمناقچىلارنى يىغىپ دۇمباقچىلارنى چالغۇزۇپ، بىرىنى ئالدىدا، بىرىنى ئارقىسىدىن ماڭدۇرۇپقىزىل ياقۇتتىن قالقان كۆتەرتىپ، پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ) نىڭ سول تەرىپىدىن جاي ئالدى؛ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن شاتەلەپ پالۋانغا خەۋەر يەتتى. ئۇنىڭغا توپ بېگىلىك مەنسىپى بېرىلگەنىدى. ئۇ ھەم توپ زەمبىرەكلىرىنى راسلاپ، پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ) نىڭ سول تەرىپىدىن جاي ئالدى؛ ئۇنىڭ ئارقىسدىن شورپا گۈرۈچ پالۋانغا خەۋەر يەتتى. شورپا گۈرۈچ پالۋانغا ئەئلەملىك مەنسىپى بېرىلگەنىدى. شورپا گۈرۈچ پالۋانمۇ بېشىغا يېشىل دەستار يۆگەپ، قىزىل ياقىتلار بىلەن ئۆزىنى زىننەتلەپ، خەسە رەختلەرنى بېشىغا تۇتۇپ، پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ) نىڭ ئوڭ تەرىپىدىن جاي ئالدى؛ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھېسىپ پالۋانغا خەۋەر يەتتى. ھېسىپ پالۋانغا كاناي بېگىلىك مەنسىپى بېرىلگەنىدى. ئۇمۇ كانيچىلارنى يىغىپ، كانايلارنى «پات-پۇت» تارتىپ، ئېسىلىپ، يىلاندەك تولغىنىپ، قەددىنى توغرىلاپ، پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ) نىڭ ئوڭ يېنىدىن جاي ئالدى؛ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن زاڭ پالۋانغا خەۋەر يەتتى. پالۋان زاڭغا دىۋان بېگىلىك مەنسىپى تەگكەنىدى. ئۇ سېرىق تەتىللادىن تون كىيىپ، قىزىل لەئلدىن ئۆزىگە زىننەت بېرىپ، پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ) نىڭ سول تەرىپىدىن جاي ئالدى؛ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چافاتە پالۋانغا خەۋەر يەتتى. چافاتە پالۋان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، شۇنداق قاتتىق يىغلاپ كەتتى: «مەن بىر ئاجىز، ئورۇق، تەبىئىيتىم نازۇك، ھېچقانداق پايدام يوق. قانداق قىلارمەن؟ مەن بىر ئۇرسا پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدىغان ئادەم تۇرسام» دېدى. شۇ زامان توقاچ پالۋان ھازىر بولۇپ دېدى: «ھەي، چافاتە، ساڭا نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن يىغلايسەن؟ قورقما، بالا كەلسە ئاۋۋال ماڭا، ئاندىن ساڭا كېلىدۇ». چافاتەگە جان كىردى.

       ئەلقىسسە، تائام لەشكەرلىرى بىر-بىردىن، توپ-توپتىن، گۇرۇھ-گۇرۇھتىن بولۇپ كېلىپ، سەپلىرىنى راسلاپ تۇرۇشتى، شۇ چاغدا كېكىردەك لەشكەرلىرىدىن مىڭ بەش يۈز كىشى ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ جەڭگە ئاتلاندى. شۇنداق قاتتىق جەڭ بولدىكى، بۆرە قويغا ئېتىلغانداك، قۇمۇشقا ئوت تۇتاشقاندەك، ئۇلۇغ دەريا مەۋج ئۇرغاندەك، رۇستەم پالۋان مازاندىراندا جەڭ قىلغاندەك جەڭ بولدى.

       ئاقىۋەت كېكىردەك لەشكەرلىرى غالىپ كېلىپ، قەلئەلەرنى بۇزۇپ، دەرۋازىلەرنى سۇندۇرۇپ، تائام لەشكەرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى ئاشقازان زىندانىغا نەزەربەند قىلدى. تائام لەشكەرلىرى يەنە ئۆزلىرىگە تەمەننا قويۇپ «تەڭ- تار يەر (قىزىلئۆڭگەچ) نى توسۇپ بىر ئىش قىلورمىز» دەپ مەسلىھەتلىشىپ تۇراتتى، ئارقىسىدىن سىنچاي پالۋاننى تۇتتى. سىنچاي پالۋان ئاشقازان دەرۋازىسىنىڭ تۈۋىگە تائام لەشكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدىن يېتىپ كېلىپ، ھەر قايسىسىنى ئۆزىگە لايىق جايغا جايلاشتۇرۇپ، توپلىشىپ قالغان لەشكەرلەرنى، پادىشاھ گۈرۈچ (پولۇ) باشلىق ھەممىسىنى رەتمۇرەت ئۆز جايلىرىغا ئولتۇرغۇزدى. تاكى شۇ زاماندىن تارتىپ ھازىرغىچە تائام لەشكەرلىرىنىڭ كېكىردەك لەشكەرلىرىگە ئەسىر بولۇشى شۇنىڭدىن قالدى. ئەمما تائام لەشكەرلىرى نەچچە زامان ئاشقازان زىندانىدا يېتىپ، بەك زېرىلىپ، چىدىماي بىر-بىرىگە دېيىشتى:

       - ئەمدى بىر ئامال قىلىپ، بۇ زىنداندىن چىقىپ كېتىشنىڭ چارىسىنى قىلايلى،- دېيىشتى. شاھ تالىپ توپ بېگى بىلەن چۈلە پاششاپ ئىككەيلەن مۇنداق دېيىشتى:

       - مەن بىر مەسلىھەت بېرەي، بۇ زىنداندىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئامالى شۇكى، بىز بۇ زىنداننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى مەسخرە دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، توپ-زەمبىرەكلىرىمىزنى تەييارلاپ، بىر-بىردىن قويۇپ بېرەيلى، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن كېكىردەك چىقىدۇ. دەرۋازا يوغان ئېچىلىدۇ، ئاندىن كېيىن، جېنىمىزنىڭ بارىچە ئۆزىمىزنى بىر ياقىغا ئالايلى.بۇ زىنداندىن قۇتۇلۇپ كۈن كۆرەيلى.

       بۇ سۆزنى تائام لەشكەرلىرى ماقۇل كۆرۈشتى. تائام لەشكەرلىرى دېيىشكىنى بويىچە ئاشقازان دەرۋازىسىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىگە كېلىپ، توپ-زەمبىرەكلىرىنى چەنلەپ شۇنداق قويۇپ بەردىكى، بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان كېكىردەك لەشكەرلىرى: «ۋاي، يامان بولدى، دىمىقىمىز يوق بولدى، ئىشتىنىمىز پوق بولدى. ھېلى ئوق تېگىدۇ، بۈگۈن قاچمىساق قاچان قاچىمىز» دەپ ئالدىرىشىپ، بېشىدىن دوپپىسىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا قارىماي، سۆڭگىچىنى قاشلاپ، ئىشتان بېغىنى ئەتكىلى ئالدىرىشىپ، بىرى ئۇنداق، بىرى مۇنداق ھالەتتە ھەر قايسسى ئۆزلىرى خالىغان يەرگە بېرىپ قويۇپ بەردى. تائام لەشكەرلىرى قارىسا، كېكىردەك لەشكەرلىرى بىخۇد-مەست بولۇپ، بۇرۇنلىرىنى تۇتۇشۇپ ھەيران بولۇپ ۋە سەراسىمگە چۈشۈپ ئاشقازان دەرۋازىسىنىڭ تۆۋەنكى دەرۋازىسىنى چوڭ ئېچىپ، تائام لەشكەرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆز جانلىرىنى ئاران بىر چەتكە ئېلىۋالدى.

       ئەلقىسسە، بىچارە تائام لەشكەرلىرى نەچچە ۋاقىت قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇپ، يورۇق جاھاننى كۆرگىنىگە ناھايىتى خۇشال بولدى، باشقا ياققا بارايلى دېسە، پۇت قوللىرىنىڭ ماغدۇرى يوق. تام تۈۋىدە بوينىنى قىسىپ، ئاپتاپ سۇنۇپ، پاشىلار ۋە قۇرت قوڭغۇزلارغا يەم بولۇپ تۇراتتى. سەھرالىقلار بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ «سەھراغا ئېلىپ چىقىپ قويايلى، شامالداپ تاماشا قىلسۇن» دەپ، ئۇلاغ، تاغار ئېلىپ كېلىپ، بۇ بىچارىلەرنى تاغارغا سولاپ، ئېشەكلىرىگە يۈكلەپ سەھراغا ئېلىپ چىقىپ، كەڭرى يەرلەرنى تەييارلاپ، بۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىدى، سەھرانىڭ ھاۋاسى ئۇلارغا ياراشماي ھەممىسى ئۆلۈپ، توپىغا ئېلىشىپ كەتتى. شۇنداق دەپ، تەسەۋۋۇپ ئەھلىلىرى بۇ سۆزنى تامام قىلدى.  

    نەشىرگە تەييارلىغۇچى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستى ئۇيغۇر تىلى پاكولتىتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى

     بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق1-سانىدىن ئېلىندى. ئەزىزە كىرگۈزدى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.