پارھاد-شېرىن(ئەلىشىر ناۋايى)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-11 21:16:20

پەرھاد -شېرىن نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى(15-ئەسىر) پەرھاد -شىرىن ئىسلام شەرقىدىكى مەشھۇر ئاشىق-مەشۇقلار قىسسى بولۇپ، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مەشھۇر «خەمسە» (بەش داستان) سىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. مەزكۇر ئەس...

    پەرھاد -شېرىن
      نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى(15-ئەسىر)

       پەرھاد -شىرىن ئىسلام شەرقىدىكى مەشھۇر ئاشىق-مەشۇقلار قىسسى بولۇپ، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مەشھۇر «خەمسە» (بەش داستان)  سىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. مەزكۇر ئەسەرنى ۋايىغا يەتكۈزگەن. گەرچە كېيىن يېقىنقى زاماندىكى ئارمىيە ئېلى نىمشېھىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شائىرلار مەزكۇر تېمىدا ئەسەر يازغان.

        ئەلىشىر ناۋايى يازغان پەرھاد -شىرىن داستانىنىڭ ئاساسى ۋەقەىكى مۇنداق:
      بۇرۇن چىندا پەرھاد ئىسىملىك بىر شاھزادە ئۆتىدۇ. ئۇ ئەقىللىق، باتۇر ۋە بەكمۇ بىلىملىك  بولۇپ، پادىشاھ ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن باھار، ياز، كۈز ۋە قىشلىق تۆت ئوردا ياسىتىپ بېرىدۇ. كۈلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئوغلىنى غەمكىن، پەرىشان ھالدا كۆرۈپ، ئىنتايىن تىت ـ تىت بولىدۇ. ئۇ خەزىنىسىدىكى ئالتۇن ـ كۈمۈشلىرىنى ئوغلىنىڭ ئالدىغا قويۇپ باقسىمۇ، پەرھادنىڭ قاپىقى ئېچىلمايدۇ. ئۇ دەرھال پادىاھلىق ئورنىنى ئۆتۈنمەكچى بولىدۇ، لېكىن پادىشاھلىق ئورنىمۇ پەرھادنىڭ ئارزۇسى ئەمەس. «ئالتۇن قەپەستە نۇرلار چاقناپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى قۇش يەنىلا غەمكىن، دەرد ـ ھەسرەت ئىچىدە تۇرىدۇ». پەرھاد ئاخىر ئاتىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن دۇنيانى ساياھەت قىلىشقا چىقىدۇ.
      پەرھات سەپەر جەريانىدا، دەھشەتلىك بوران ـ چاپقۇنلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ياۋۇز ئەجدىھار ۋە قورقۇنۇچلۇق ياۋايى ھايۋنلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاخىر گرېتسىيىدىكى بىر غاردا روھى ھايات پەيلاسوپ سوقراتنى كۆرىدۇ ۋە ئەقىل پاراسىتىنى تېخىۇ ئاشۇرىدۇ. كېيىن ئۇ جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، ئاتىسىنىڭ خەزىنىسىدىن ئىسكەندەرنىڭ بىر خاسىيەتلىك ئەينىكىنى تېپىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭدا ۇرۇن يۈز بەرگەن ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلارنى كۆرىدۇ.
      پەرھات ئەينەكتىن تەڭداشسىز ئادىل بولغان بىر دۆلەتنى ۋە ئۇ دۆلەتتىكى پەرىزاتقا ئوخشاش بىر گۈزەل قىزنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭ خىيالى كۆلەڭگۈسىگە مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بۇ گۈزەل قىزنى ئىزدەش ئۈچۈن، تاغ ـ دەريالاردىن ئۆتۈپ، غايىۋى دۆلەت ئەرمەنىستانغا كېلىدۇ. بۇ يەردىكى ئايال پادىشاھ دۆلەتنى دانىشمەنلىك بىلەن ئىدارە قىلغاچقا، خەلق ھىمايە قىلىدۇ. پەرھاد ئىككى يۈز تاشچىنىڭ تاغ ئۈستىدىن قانال قېزىپ، سۈزۈك بۇلاق سۈيىنى شەھەرگە باشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. پەرھاد تاغ كېسىش قورالى ياساپ، بىر كۈندە ھەرقانداق كىشىمۇ ئۈچ يىلدا قىلىپ بولالمايدىغان ئىشنى قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەمگەكتىكى مۆجىزىلىرى تارقىلىپ دەرھال پادىشاھ ۋە مەلىكە شېرىنگە يەتكەچكە، ئۇلار «خۇدا » ئەۋەتكەن بۇ مېھماننى كۆرۈشنى  قارار قىلىدۇ. پەرھاد شېرىننىڭ ھېلىقى خاسىيەتلىك ئەينەكتە كۆرگەن گۈزەل قىز ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. شېرىنمۇ مۆجىزە ياراتقان بۇ مېھماننى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. پەرھاد شېرىن ئۈچۈن رىۋايەتتىكىدەك قەلئە ياساپ، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئۈچۈن بىر سۇ ئامبىرى قۇرۇپ بېرىدۇ. سۇ قويۇش مۇراسسىمىدا، كىشىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ئۈزلۈكسىز تەنتەنە قىلىشىدۇ.
       شۇ چاغدا، ئىران پادىشاھ خۇسراۋ شېرىن ئالدىغا كېلىپ توي قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەت قىلىنىدۇ. شۇۇنىڭ بىلەن خۇسراۋ ئۇرۇش قوزغايدۇ. پەرھاد ئەرمەنىستاننى ۋە شېرىننى قوغداش جېڭىگە ئاتلىنىدۇ، خۇسراۋ پەرھادنى يېڭىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، خائىنلارنى سېتىۋېلىش ۋە بارقاتار سۈيىقەستلىك ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پەرھادنى ئەسىرگە ئالىدۇ. پەرھاد تۈرمىگە تاشلىنىپ بارلىق قاتتىق ئازاپ ـ ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن شېرىننىڭ مۇھەببىتى مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلمەيدۇ. بىر ئايال ئېرىخۇننى تۈرمىگە ئەۋەتىپ، يالغاندىن شېرىن خۇسراۋغا تۇرمۇشقا چىقىشقا قوشۇلدى، دېگۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرھاد ئالدىنىپ، دەرد ـ ھەسرەت ئىچىدە ئۆلىدۇ.
        خۇسراۋنىڭ ئوغلى شرۇيا شېرىننى ئىگىلەش ۋە پادىشاھلىق ئورنىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇ شېرىننىڭ تەكلىپىگە قوشۇلۇپ، پەرھادنىڭ جەسىتىنى ئۆز قەلئەسىگە ئەكەلدۈرىدۇ. شېرىن پەرھادنىڭ جەسىتى يېنىدا ئۈندىمەي ئۆلىدۇ.
       پەرھادنىڭ بىر قورساق ئىنىسى بەھرەم چوڭ قوشۇنغان يېتەكچىلىك قىلىپ يېتىپ كېلىدۇ ـ دە، پەرھاد ۋە شېرىن ئۈچۈن ئۆچ ئېلىپ، ئىرانلىق تاجاۋۇزچىلارنى ئەرمەىستاندىن قوغلاپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئەڭ ئاقىل ـ پاراسەتلىك بىر كىشىنى تاللاپ تەختكە چىقىرىپ پادىشاھلىق ئورنىغا ئولتۇرغۇزىدۇ. دانىشمەن پادىشاھنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا ئەرمەنىستان خەلقى يەنە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدۇ.

       ياقۇپ قۇربان تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ناۋايى ياقۇپ قۇربان