بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى

يوللىغۇچى : ئىلتەبىر يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-07 02:59:00

بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئابىدىلىرى. بىلگە قاغان قۇتلۇق قاغاننىڭ ئوغلى . ئۇ تاغىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن 716 - يىلىدىن 734 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . بى...

         بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى

          موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئابىدىلىرى.
      بىلگە قاغان قۇتلۇق قاغاننىڭ ئوغلى . ئۇ تاغىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن 716 - يىلىدىن 734 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . بىلگە خاقان تەختكە چىقىپلا دانىشمەن مەسلىھەتچىسى تۇنيۇقۇق بىلەن ئىنىسى كۆل تېكىننىڭ ياردىمى ئاستىدا تۈركىي خەلقىگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن .تاڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغان تۈرك قەبىلىلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ~ تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن . تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن شىمالغا قوغلانغان تۈرك خەلقىنى ئۆتۈكەن تېغىدا قىزغىن قارشى ئالغان . 718 - يىلى قۇمۇقلارغا زەربە بەرگەن .719 - يىلى قارلۇقلارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان .720 - يىلى بېشبالىقتىكى باسمىل قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغان . شۇ يىلى يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاڭ جۈن باشچىلىقىدىكى 300 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ، گەنسۇغىچە يېتىپ كەلگەن . 722 - يىلى تاتابىلارنىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ ، پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرك خانلىقىنى ساقلاپ قالغان . 734 - يىلى بىلگە قاغان قول ئاستىدىكى ۋەزىرى بۇيرۇق چۇر تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن .    بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر جايدىن تېپىلغان . قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان . بۇ چوڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ ، جەمىئىي 80 قۇر خەت يېزىلغان . بۇ تاش مىلادى 735 - يىلى بىلگە خاقاننىڭ ئىش ئىزلىرىغا مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن ئورنىتىلغان .
         مەڭگۈ تاش تىكسىت تەرجمىسى :   1 . تەڭرىدەك تەڭرى يارالغان تۈرك بىلگە خاقان ، مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام بىلگە خاقان ....نى سىر توققۇز ئوغۇز ئىككى ئەدىر مۇھىم بەگلىرى ۋە خەلقىنى ... تۈرك تەڭرىسى ....
      2 . ئۈستىدە مەن خاقان بولۇپ ئولتۇردۇم . مەن تەختتە ئولتۇرغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈمنى تىلەپ يۈرگەن تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى ئىنتايىن خوشاللىنىپ ، ئۇلارنىڭ جانسىز كۆزلىرىگە جان كىردى . ئۆزەم تەختكە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم قانۇنى تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ بەردىم .   3 . ( 3 -
    23 - كول تېكىن ئابىدىسى شەرق تەرەپ (1) - (30) غا ئوخشاش ) 
     24 . ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم ، (ئۇلارنى) قۇدرەتلىك دۆلىتى بار كۈچلۈك خانلىغى بارلاردىن ياخشى ياشايدىغان قىلدىم . تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇردۇم . (ئۇلارنى) دۈشمەنسىز قىلدىم . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىدى . ئون يەتتە يېشىمدا تاڭغۇتتا ئەسكەر چىقاردىم ، تاڭغۇت خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . ئاشۇنداق قىلىپ ( ئۇلارنىڭ ) ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىلىرى ۋە مال - مۈلكىنى قولغا چۈشۈردۈم . ئون سەككىز يېشىمدا ئالتە جۈپ سوغداتقا
       25 . ئەسكەر چىقاردىم . شۇنداق قىلىپ ( ساغراق ) خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . تابغاچنىڭ تۇتۇقى ۋاڭ بەش تۈمەن ئەسكەر (باشلاپ) كەلدى . بىر مۇقەددەس بۇلاقتا ( ئۇلار بىلەن ) ئۇرۇش قىلدۇق . ئۇ قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە يېشىمدا ، باسمىل ئىدۇقۇت ئۆز ئۇرۇقىمىزدىن ئىدى . ئۇلار تارتۇقچىلاردىن ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن ئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . ق ...(ب) ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . نۇرغۇنلىغان ( ئولجىلارنى ) ئۆيگە يۆتكەتتىم . يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تابغاچقا
      26 . يۈرۈش قىلدىم . چاچا سانغۇننڭ سەككىز تۈمەن لەشكىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىمدا ، جىق خەلقى قىرغىزلار بىلەن بىرگە بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى ، كەم دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . ئورپەندە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئاز خەلقنى قولغا چۈشۈردۈم .... ھەمدە ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . يىگىرمە يەتتە يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم .
     27 .نەيزە قارنى بېسىپ كۆكمەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . خاقانى بىلەن سوڭدا تېغىدا ئۇرۇش قىلدىم . خاقاننى ئۆلتۈردۈم ، شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم . شۇ يىلى تۈركەش خەلقىغە ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . تۈركەشلەرنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . تۈركەش خاقان قوشۇنى شىددەت بىلەن كەلدى .
      28 . بولجۇدا ئۇرۇشتۇق ، خاقاننى ، بۇيرۇقنى ، شادىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردۈم ..... ئوتتۇز يېشىمدا بەشبالىققا يۈرۈش قىلدىم ، ئالتە قېتىم ئۇرۇشتۇق ... قوشۇننى پۈتۈنلەي يوقاتتىم ... ئۇ يەردىكى كىشىلەر يوقىتىلاتتى ... ئۇلار بىزنى تەكلىپ قىلغىلى كەلدى . بۇنىڭ بىلەن بەشبالىق ئاپەتتىن قۇتۇلدى .
       29 .ئوتتۇز بىر يېشىمدا قارلۇقلار غەم - ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولغاندا بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . مەن تاماغ دىگەن مۇقەددەس بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . قارلۇقلارنى ئۆلتۈردۈم . شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم ( ئوتتۇز ئىككى ) يېشىمدا قارلۇقلار يىغىلىپ ( بىزگە قارشى تۇردى ) ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈم . توققۇز ئوغۇز ئۆز خەلقىم ئىدى . جاھان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن ، 
     30 .ئىچىدە  غۇم ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . بىر يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇرۇش قىلدىم . دەسلەپتە توغۇ شەھرىدە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇنۇم توغلا دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى . ئىككىنچى قېتىم ئاندارغۇدا ئۇرۇش قىلدىم ... قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئۈچىنچى قېتىم چۇش دىگەن بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . تۈرك خەلقى ئىككىلىنىپ قالدى .
       31 . ..  32 . ئەھۋال يامانلاشقان ئىدى . بىر قوشۇنى ئۇرۇشقا چىققان ئىدى . يەنە بىر قوشۇنى خان ئوردىسىدا قالدۇرۇلغان ئىدى . ئۈچ ئوغۇز قوشۇنى بېسىپ كەلدى . ئۇلار (بىزنى) ھۇجۇم بىلەن ئالغىلى كەلدى . سىڭار قوشۇنى ئۇرۇشقىلى كەلدى ... بىز ئاز ئىدۇق . قىيىن ئەھۋالدا ئىدۇق . ئوغۇز .... تەڭرى كۈچ - قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ( ئۇلارنى ) ئاشۇ يەردە تارمار قىلدىم .
       33 . تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن تۈرك خەلقى غەلىبە قازاندى . مەن ۋە ئىنىم باشلامچىلىق بىلەن تىرىشمىغان بولساق تۈرك خەلقى ئۆلگەن بولاتتى . تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى سىلەر ئاشۇنداق ئويلاڭلار ۋە ئاشۇنداق بىلىڭلار !ئوغۇزلار تارتۇقچىلارنى (؟) ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا ئەسكەر چىقاردىم .
      34 . ئوردا ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم . ئوغۇزلار توقۇز تاتارلار بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى . ئاغۇ دىگەن جايدا ئىككى چوڭ ئۇرۇش قىلدىم .قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم ، ئېلىنى ئالدىم . مەن ئاشۇنداق تىرىشىپ ، تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزەم ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا .... ئۇلار ئۈستىگە ئوتولوگ.....
      35 . بېقىۋاتقان باتۇر خاقان ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى مۇقەددەس يەر ، سۇ (ئىلاھى) ۋە ئەجدادىم خاقاننىڭ روھى خوشال بولمىغان بولسا كېرەك . توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر - سۈيىنى تاشلاپ تابغاچقا باردى . ئۇلار تابغاچ ، يەنە بۇ يەرگە قايتىپ كەلدى . مەن ئۇلارنى باقاي دەپ ئويلاپ ..... خەلق ... 
     36 . جىنايەت ئۆتكۈز .... جەنۇب تابغاچقا ئۇلارنىڭ ئاتاق - ئابرويى قالمىدى . بۇ يەردە ماڭا قۇل بولدى . مەن ئۆزەم خاقانلىققا ئولتۇرغۇنۇم ئۈچۈن ، تۈرك خەلقىنى قىلمىدىم . مەن دۆلەتنى قانۇن - تۈزۈمنى ياخشى (باشقۇرۇشقا) تىرىشتىم ... بىرلىشىپ   37 . ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . بوي سۇنغانلىرى بوي سۇندى (مېنىڭ) خەلقىم بولدى . ئۆلگەنلىرى ئۆلدى . سېلىنگا دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ ، قاراغىن دىگەن قىساڭدا ئوردىسى ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم ...ئۇلار تاغقا چىقتى. ئۇيغۇر ئىلتەبىر يۈزچە ئەر بىلەن شەرققە قېچىپ كەتتى .... 
     38 . ... تۈرك خەلقى ئاچ قالغان ئىدى . مەن ئۇلارنىڭ يىلقىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنى باقتىم . ئوتتۇز تۆت يېشىمدا ئوغۇزلار قېچىپ كېتىپ .... تابغاچقا قوشۇلدى . مەن ئۇلۇنۇپ ئەسكەر چىقاردىم .... ئوغۇللىرىنى ، قىزلىرىنى قولغا چۈشۈردۈم . 
      39 .ئىككى ئىلتەبىرنىڭ خەلقى ..... تاتاس خەلقى خاقانىغا بېقىندى . ئەلچى ئەۋەتمىگەنلىكى ۋە ھال - ئەھۋال سورىمىغانلىقى ئۈچۈن مەن يازدا ئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . خەلقنى ئۇيەردىن مەغلۇب قىلدىم . يىلقىسىنى ... قوشۇنى يىغىلىپ كەلدى .
      40 ...... تېغىدا ...  بۇرۇنقى يۇرتىدا ئولتۇراقلاشتى . جەنۇبتىكى قارلۇق خەلقلەرگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ، يامتاردوننى ئەۋەتتىم . ئۇ باردى .... (قارلۇق) ئىلتەبەر يوقىتىلىپتىمىش ، ئىنىسى بىر قورغانغا ( قېچىپ كەتكەنمىش )  
    41 . تارتۇقچىلار كەلمىدى . ئۇلارنى جازالاي دەپ يۈرۈش قىلدىم . مۇھاپىزەتچىلەر باشلىغى ئىككى ، ئۈچ كىشىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى . ئاددى خەلق خاقانىمىز كەلدى دەپ مەدھىيە ئوقۇدى . ( ؟ ) ... غا ئۇنۋان بەردىم . ئەمىلى كىچىكلەرنى

    مەڭگۈ تاشنىڭ جەنۇب تەرىپى
        1 . تابغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى بىرىنچى كۈنى يوقاتتىم . ئىككىنچى كۈنى پىيادە ئەسكەرلەرنى يوقاتتىم . بىز ... ئېشىپ باردى
       2 . ..... قېتىم ئەسكەر چىقاردىم . ئوتتۇز سەككىز يېشىمدا ئەتىيازدا قىتانغا يۈرۈش قىلدىم ....
      3 . ..... مەن ... يوقاتتىم . ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىسى ۋە مال - مۈلكىنى 
     4 . بۇ .... ئاياللارغا ئۆلۈم جازاسى بەردىم ....   5 . بار ....   6 . ئۇرۇش قىلدىم ......   7 . .... بەردىم (؟) باتۇرلى ئولتۇرۇپ بالبال قىلىپ بەردىم . يېشىمدا تاتابى خەلقى قىتاندىن ئايرىلىپ چىقتى ..... تۇڭكەر ....
      8 . قۇغ سانغۇن ئون تۈمەن ئەسكەر باشلاپ كەلدى . تۇڭكەر تېغىدا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدىم . ئۈچ تۈمەن ئەسكەرنى ئۆلتۈردۈم . بىر تۈمەن ئەسكىرى ...
      9 .  تاتابىيوقىتىلدى . چوڭ ئوغلۇم ئاغرىپ ئۆلگەندە قۇغ سانغۇننى بالبال قىلىپ تىكلىدىم . مەن ئون توققۇز يىل شار بولدۇم ، ئون توققۇز يىل خاقان بولدۇم . دۆلەتنى باشقۇردۇم ئوتتۇز بىر .... 
     10 . تۈركلىرىمگە ، خەلقىمگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردىم . مۇشۇنداق تىرىشىۋېرىپ ئاتام خاقان شۇ يىلى ئونىنچى ئاينىڭ 26 - كۈنى قازا تاپتى . توڭگۇز يىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى قىلدۇردۇم .  11 . بۇقاق تۇتۇق  دادىسى لىسۇن دىگەن چوڭ سانغۇن بەش يۈز ئەرنى باشلاپ كەلدى . مەززىلىك ... ئالتۇن كۈمۈشلەردىن ناھايىتى كۆپ كەلتۈردى . ئۆلۈم رەسمىيىتى ئۈچۈن ( ئىشلىتىشكە) ئىرىق ۋە شاملارنى كەلتۈرۈپ تىكىپ بەردۇق . سەندەل ياغىچىدىن كەلتۈرۈپ ئۆز ....
      12 . مۇنچىۋالا كۆپ خەلق چېچىنى كەستى . قۇلىغى ۋە يۈزىنى قىيما - قىيما قىلىۋەتتى . ئۇلار مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان نەسىللىك ئات ، قارا بولغۇت ، كۆك تىيىنلەردىن ھىسابسىز كەلتۈرۈپ ، ھەممىسىنى ئۆلۈم رەسمىيىتىگە تەقدىم قىلدى .
      13 . تەڭرىدەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە (خاقان) نى مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام تۈرك بىلگە خاقان تەختتە ئولتۇرغىنىدا ، تۈرك ھازىرقى بەگلىرى ، شىمال تەرەپتىكى كولچوڭ باشچىلىغىدىكى تولىس بەگلەر  
    14 . ۋە شاداپىق بەگلەر ، ئوڭ تەرەپ (جەنۇب) تەرەپتىكى تامان تارخان تۇنيۇقۇق بويلا پاغاتارقان ۋە بويورۇق ... ئىچ بۇيرۇق سەپەگ كۆل تېكىن باشچىلىقىدىكى ھەرقايسى بۇيرۇقلار ، مۇشۇنداق كۆپ ھازىرقى بەگلەر ئاتام خاقانغا ئىنتايىن ....
       15 . ئىنتايىن ماختىدى . (؟) .... تۈرك بەگلىرى بىلەن خەلقى بىلەن بىرگە ئىنتايىن ماختىدى . ئاتام خاقان ( قازا تاپقاندا ) تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقلىرى ئېغىر تاش ۋە يوغان ياغاچلارنى ئەكەلدى ، ئۆزەم ئۈچۈن مۇنداق ..... 

    مەڭگۈ تاشنىڭ شىمال تەرىپى ( ب )    ( 1-8- قۇرلىرى كۆل تېكىن ئابىدىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى 1 - 11 - قۇرلىرى بىلەن ئوخشاش )
       8 . ( ئاتام ) 
     9 . خاقان ، تاغام خاقان تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى شۇنچىلا كۆپ خەلقلەرنى تەشكىللىگەنمىش .... تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى خەلقلەرنى تەشكىللىدىم . تەرتىپكە سالدىم .... قىلدىم ..... ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ ، قىزىمنى تۈركەش خاقانغا ياتلىق قىلدىم .  
    10 . يەنە ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ تۈركەش خاقاننىڭ قىزىنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەردىم .... بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇم ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى ئاستىمىزدىكى يەر - زېمىن ساقلىغانلىغى ئۈچۈن .
      11 . كۆرۈپ باقمىغان ، ئاڭلاپ باقمىغان خەلقلەر شەرقتە كۈن چىقىشقىچە ، جەنۇبتا تابغاچقىچە ، غەربتە كۈن پېتىشقىچە ، شىمالدا ، ئوتتۇرىسىغىچە بولغان شۇنداق كەڭ زېمىندا ئولتۇراقلاشتى . تۈركلىرىم ئۈچۈن ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەشۈتلۈك يىپەك ، ئاشلىقتىن چىقىرىلغان ئىچىملىك ، مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان ئات ۋە ئايغىر قارا بولغۇن . 
     12 . كۆك تىيىنلەرنى تېپىپ بەردىم .... ئۇلارنى غەم - ئەندىشىسىز قىلدىم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى كۈچلۈك .... 
     13 . ئۇلارنى بېقىڭلار ..... قالدۇرماڭلار ! ..... تۈرك بەگلىرى ، تۈرك خەلقىم .... سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ خاقانىدىن ، بېگىڭلاردىن . 
     14 . يەر - سۈيۈڭلاردىن ئايرىلماڭلار ، بەخت كۆرىسىلەر ، غەم - ئەندىشىسىز ئۆتىسىلەر ! جاپا چەكمەيسىلەر .... ( شۇندىن ) كېيىن تابغاچ خاقانىدىن كۆپ مۇسۇنكارلارنى كەلتۈردۈم . ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ياندۇرمىدى . ئوردا مۇسۇنكالىرىنى ئەۋەتتى . ئۇلارغا ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالدۇردۇم . ئىچى - تېشىنى نەقىشلەتتىم . تاش ياساتتىم . كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .
      15 . ئون ئوق ئەۋلاتلىرىدىن تارتىپ يات ئۇرۇقلارغىچە بۇنى كۆرۈپ بىلگەيسىلەر ! مەڭگۈ تاش ياساتتۇردۇم .... سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .... ئۇ تاش قۇرۇلۇشىنى .... . 
      
        غەربىي جەنۇب تەرەپ ( ن. ش )  
        بىلگە خاقان (ئابىدى) تېكىستىنى مەنكى يوللۇغ تېكىن : يازدىم . بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش ، نەققاش ۋە سەنئەت بويۇملىرىنى (؟) بىلگە خاقاننىڭ جيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىن بىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم . زىننەتلىدىم ....     شەرقىي جەنۇب تەرەپ    كۆك ئوڭىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىپ ، كېچە - كۈندۈزلەپ يەتتە كېچە - كۈندۈزدە مەن سۇسىز (چۆللەرنى) كېسىپ ئۆتۈپ چوراققا يېتىپ باردىم . (بۇلاڭچىلارغا) كەچكە تېگىپ ....     غەرب تەرەپ (ش)    1 . تۈرك ئۈستىدە ( ئولتۇرغان ئانام )   2 . بىلگە خاقان ( قازا تاپتى ) (؟)   3 . ياز بولسا ئۈستىمىزدىكى ( تەڭرى )   4 . دۇمبىغى ( ياكى تۈۋرىكى ) نىڭ داراڭلىشى (ياكى قارسىلدىشى)   5 . تاغدىكى بۇغىنىڭ چىقىرىشىدەك   6 . ھەسرەتلىنىمەن . ئاتام خاقان   7 . قېشىنى ئۆزەم ئورناتتىم .    ( تۈگىدى ) 

      مەنبە : « ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار » ناملىق كىتاب ؛ لىن گەن تۈزگەن « تۈرك تارىخى »، « تاڭ سۇلالىسى . ھۇنلار تەزكىرىسى » نىڭ خەنزۇچە نەشرى  

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 19:50:17]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق