قۇتادغۇبىلىك (26-27-28-باپلىرى)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-26 16:52:10

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} يىگىرمە ئالتىنچى باپ ئوگدۇلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئېلىگ خىزمىتىگە كىرگەنلىگى بايانىدا 1591

    يىگىرمە ئالتىنچى باپ
    ئوگدۇلمىشنىڭ كۈنتۇغدى ئېلىگ خىزمىتىگە كىرگەنلىگى بايانىدا
    1591 ئېلىگ ئېيتتى :مۇندى كېيىن ئەي ئوغۇل،
         خىزمەت قىل ماڭا ،سەن چۈشۈرمەي كۆڭۈل.
    1592 بار ئەردى ئاتاڭنىڭ تولا خىزمىتى ،
         ئۆتۈلمەي قالدى قەرز ھەققى شۇ پېتى .
    1593 بۇ ھەقنى ئۆتۈشۈم كېرەكتۇر ساڭا،
        كىشىلەر ئارا سۆز تەگمىسۇن ماڭا .
    1594 نەدەيدۇ ئۈچ ئوردۇ بېگى ئاڭلىغىل،
        بىلىپ سۆزلىمىش سۆز ،ىشلىتىپ ئەقىل:
    1595 كىشى ئەمگەك ئەتسە ساڭا بەلگۈلۈك،
         ئۇنۇتما ئول ئەمگەكنى بولما ئۆلۈك.
    1596 كىشىلىكنى قويما ،ئەي ئېسىل كىشى،
        كىشىگە كىشىلىك قىلغىن تەڭتۇشى.
    1597 بىرەرسى سىڭۈرسە گەر ئەمگەك ساڭا ،
        ئۇنىڭدىن تولاراق جاۋاپ قىل ئۇڭا .
    1598 كىشى ئەمگىگىنى بىلەلمەس كىشى،
         پۈتۈنلەي بولۇر ئۇي، ئەي بەگلەر بېشى .
    1599 يۈرى ، ئۇي ئاتانما ،كىشىلىك تىلە،
        كىشىگە كىشى بول كىشىلىك بىلە .
    1600 كىشىلىككە كىشى ئاتاندى كىشى،
        كىشىلىك بىلەن ئات كۆتەردى كىشى.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1601 سۆيۈپ يەرنى ئوگدۇلمىش دىدى:ئەي خان،
        ئېلىگ خوشلىغى خوپ ماڭا ھەر زامان .
    1602 ئۇلۇغۋار بېگىمسەن ،مەن خىزمەتچى قۇل،
        ئۇلۇغ بەگ قەدىرلەر خىزمەتچىنى ئول.
    1603 تىلەسەڭ قەدىرلە ۋە ياكى خار قىل ،
         پىدا قىلدىم ئۆزۈم ساڭا ئەمدى ،بىل.
         *      *      *
    1604 تۇرۇپ ئاستا ماڭدى ئىشىكتىن چىقىپ،
         بىر ئاز ئايلىنىپ ئۆيگە كەتتى يېنىپ .
    1605 باغلاپ بۇ ئوگدۇلمىش خىزمەت كەمىرىن ،
         دېدىل ئىشقا كىرىشتى شۇنىڭدىن كېيىن .
    1606 سەھەر -كەچ تەۋرىمەي راسا ئىشىلىدى،
         قىلىپ تۈن گۈزەت ،ئاندا يىدى.
    1607 ئېلىگ كۆڭلىگە ياقتى بەك خىزمىتى ،
         ئېچىلدى ئىشىك ،بەردى قول دەۋلىتى.
    1608 نىمە دەر ئىشىتكىن ،خىزمەت قىلغۇچى،
        خىزمەت بىرلە دەۋلەت ئېتىن مىنگۈچى:
    1609 ئەي بەگلەر سۆيۈنچىن تىلىگەن كىشى،
         پۈتۈن بەگ تىلەگى ئۇزە قىل ئىشى .
    1610 بېگى خالىماس ئىشنى قۇل ئىشلىسە ،
         گۇناسى ئۆزىگە ،زەبۇنلۇق يىسە .
    1611 بېگى خالىماس ئىشنى قىلسا ئەگەر ،
         قىلۇر زايە تاپقان تىرىكلىكنى ئەر.
         *     *     *
    1612 ئېلىگ ئوگدۇلمىشنى ،كۆر تۇتتى يېقىن،
          ئۇنىڭغا دىدى ئىشنىڭ قانداقلىغىن.
         *     *     *
    1613 ئېلىگ مۇڭلىنىپ ھەم دىدى بىر كۈنى،
         دەرىخا ! يوقاتتىم كامىل كىشىنى .
    1614 ئىشىكتە تولا خەلق يىغىلدى تولۇق،
         ئىشىمغا ياراملىق لېكىن بىرى يوق.
    1615 بۇزۇلدى ئىشىم ،يوق ئېرۇر بىلگۈچى،
        قېنى ئۇ كۆيۈنۈپ ئىشىم قىلغۇچى؟
    1616 نىمە دەر ،ئىشىتكىن ،سىنالغان كىشى،
         سىناپ ياخشى -ياماننى بىلگەن كىشى:
    1617 تىلەسە تاپار ھەممە ئارزۇ كىشى ،
        تېپىلماس تىلەكتەك ياخشىلار بېشى .
    1618 كۆرۈنەر خىزمەتچى توپى كىشىدەك ،
         كىشى يوق ئىشىنىپ كىشى دىگۈدەك .
    1619 كىشىنىڭ كېرىگى ياراملىغىدۇر ،
        ياراملىق ھەر ئىشتا پايدىلىغىدۇر .
    1620 نىمە دەر ئىشىتكىن ،شېئىر ئېيتقۇچى،
        سۆزىن مەنا بىرلە تىزىپ قويغۇچى:
    1621 يۈرگەنلەر ئىچىدە ياراملىغى يوق ،
         بار ئولسا ،يېنىمدا تۇراقىلغى يوق.
    1622 خىزمەتچى توپىدا يۈرگەنلىرى كۆپ،
         ئەگەرچە ئىستىسەڭ پايدىلىغى يوق .
    1623 يانا دىدى ئېلىگ :مەسەلدە كېلۇر ،
        ئۇرۇغلۇق كىشى ئۆلسە ئۇرۇغى قالۇر .
    1624 نىمە تەرسە يەرگە يانا شۇ ئۈنۇر ،
        ئوغۇلنىڭ قىلىغى ئاتاغا يانۇر .
    1625 بۇ ئايتولدى ئوغلى ئاتا ئوغلىدۇر ،
         ئاتا كەتتى ئورنى ئوغۇل ئورنىدۇر.
    1626 ئاتا كەتتى ،ئورنى قالدى بوش ئوچۇق،
        تولۇقلانسۇن ئوغلى بىلە بۇ يوچۇق.
    1627 بۇنى قەدىرلەي مەن ،ئۇ بولسۇن كىشى ،
        كىشى بولسا ،بولۇر پايدىلىق ئىشى .
    1628 كۆرەرمەن ياراملىق ئۇنى ھەم تولۇق ،
         كىچىكلىكتىن ئۆزگە ھىچ ئەيىۋى يوق.
    1629 دىمىش بەكمۇ ياخشى ئىلى ئاتلىغى،
         خەلقنىڭ كاتتىسى --ئەلنىڭ قۇتلىغى:
    1630 يېتىشتۈرسە بەگلەر سوزۇپ قول كىشىن ،
        يېقىنلاپ بولۇر باش بېگىدىن كېيىن .
    1631 يېقىن تۇتسا بەگلەر ئۆزىگە كىمنى،
         يېقىنلار تىلەگى -ئارزۇ قىلغىنى.
    1632 ئەگەر باقسا بەگلەر كىشىگە كۈلۈپ،
        يىغىلۇر ئۇنىڭغا ئەرلەر يۈزلىنىپ.
    1633 ئېلىگ ئېيتتى :ئەمدى ماڭا چارە يوق،
         يېتىشتۈرسەم ئۇنى ،بولۇر ئەر تولۇق.
    1634 ئۆتىگەن بولاي مەن ئاتاسى ھەققىن ،
        قىلاي مەن كىشىلىك كۆيۈمچانلىغىن.
    1635 كۆپ ئەردى ئايتولدى خىزمىتى ماڭا،
        كىشىلىك قىلىپ مەن ياندۇراي ئاڭا.
    1636 كىشىلىك دىگىنىم ئېرۇر ئەزگۈلۈك،
        بولۇر ئەزگۈلۈك ئۇ، يىمەك -كەيگۈلۈك.
    1637 ئىسىل ئەر ياخشىلىق ئۇنۇتماس بولۇر ،
         ئىسىل ئەر دىلىنى قېيىتماس بولۇر .
    1638 نىمە دەر ،ىشىتكىن قېرىلار سۆزى،
         قېرىلار سۆزىنى ئۇنۇتما قوزى:
    1639 قىل ئەي سەن ياخشىلىقنى ياخىش كىشى،
         قېرىماس ياخشىلىق ،مەڭگۈدۇر يېشى.
    1640 قېرىماس ياخشىلىق ،قالۇر شۇ پېتى،
         ئۇزۇندۇر ئۆمرى بەك ،بۇزۇلماس ئېتى.
         *      *      *
    1641 ئېلىگ ئوگدۇلمىشنى ئەزىزلەپ تولا ،
         يامانۇ-ياخشى ئىشنى ئېيتتى ئاڭا .
    1642 كۆتەردى ئېلىگ ئۇنى ،ئەيلەپ ئىھسان،
         قويۇلدى يولغا قانۇن،بولۇپ يار زامان.
    1643 تۈزەلدى ئادەت ھەم ئىچكى ئىش،قانۇن،
         ئېچىلدى خىزمەتلە ئىشىكلەر پۈتۈن.
    1644 قۇسۇرى بولدى ئەردەم،سۆزى بولدى سۆز،
        ئېلىگ تۇرغان ھامان ئاچار ئاڭا كۆز.
        *     *      *
    1645 ئېلىگ ئېيتتى :ئەمدى تىلىگەن ئىشىم ،
         تۈزۈلگەي،يېتىلگەي ،ئىچىم ھەم تېشىم .
    1646 بار ئەردى يۆلەگى بۇنىڭ بەلگۈلۈك،
        شۇڭا قىلدىم ئىھسان ئۇنىڭغا تۈزۈك.
    1647 مانا بولدى ئەمدى تىلەكتەك كىشى،
        تېخى يۈكسىلۇر كۆپ يېتىلسە يېشى.
    1648 ئۇلۇغ بولغۇچى ئوغلان ئۇ مەرت تۇغۇلۇر ،
         كىچىك ۋاقتا ھەممە نىشان كۆرۇلۇر.
    1649 ئوقى بۇ بېيتنى ئوخشاشتۇر بۇڭا ،
         ئوقىغانچە مەنا ئېچىلۇر ساڭا:
    1650 ياراملىق نىمەنىڭ بولۇر بەلگىسى،
        كىچىكتىن چوڭ ئولغۇنچە بىلىنگۈسى.
    1651 چىچەكتىن بىلىنۇر دەرەخ مىۋىسى،
        بۇ ھەممە ئۈچۈن بىر مىسال بولغۇسى.
        *      *      *
    1652 ئىشلەدى ئوگدۇلمىش راۋرۇس تۇرۇپ،
         سەھەر-شام قايماستىن ۋاقىتنى تۇتۇپ.
    1653 يوقاتتى ئۆزىدىن يارامسىزلىق ھال ،
         پۈتۈن ئىشقا بولدى يارامىلق تۈگەل.
    1654 قۇتۇلدى ئېلىگ ،كەتتى غەم -ئەمگىگى،
        خەلق نەپئى ئاشتى ،يېنىكلەپ يۈكى .
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1655 ئېلىگ ئۈندەپ ئوگدۇلمىشنى بىر كۈنى،
        ئاڭا سۆزلىدى ھەممە بىلگەنىنى.
    1656 ئېلىگ ئېيتتى :ئەمدى ئىشىت ئەي ئوغۇل،
        سۆز ئېيتاي ساڭا مەن ،بۇڭا بەر كۆڭۈل.
    1657 كىشىگە پايدىلىق نەرسىلەر نىمە ؟
        نىچۈكتۇر پايدىسى ،ساناپ بەرگىنە !
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1658 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش دىدى:بېگىم ،
        سەن ئەلنىڭ ئۇزى،سەندە ھەممە بىلىم.
    1659 كىشىگە نەپئىلىك ھەر ئىككى جاھان-
         ئېرۇر ياخشى خۇلق،ئەي ئېسىل خۇلق خان .
    1660 ئىككىنچى ئۇياتتۇر ، ئۈچىنچى كونى(كونى-دۇرۇس،ھەق،توغرا)
         بۇ ئۈچتىن تاپۇر  ئەر سائادەت كۈنى.
    1661 قىلىغى ياخشىلارنى پۈتۈن خەلق سۆيەر،
        خۇيى -پەيلى دۇرۇسلار تۆرگە چىقار .
    1662 ناچار ئىشتىن توسار ئۇيات ھەر مەھەل،
        ئۇياتسىزلىق ئەرگە تېڭى يوق كېسەل.
    1663 كىشى بولسا سىلىق ،قىلىغى كونى،
        بولۇر ئىككى دۇنيادا بەختلىك كۈنى.
    1664 دۇرۇسلۇق، ئۇيات ھەم بۇ ياخشى قىلىق،
         بىرىكسە بۇ ئۈچى بولۇر خۇشچىلىق.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1665 يەنە ئېيتتى ئېلىگ :ئىشىتتىم بۇ سۆز ،
       نىمەدۇر كىشىگە بى پايدا ياۋۇز.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1666 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش دىدى:ئېلىگ،
        بۇ سۆزگە يۈگۈرتسۇن ئەقىل ھەم بىلىك.
    1667 كىشىگە پايدىسىز ،پۈتۈنلەي زىيان--
         قىلۇر بۇ ئۈچ نەرسە ،ئەي قۇدرەتلىك خان:
    1668 بىرى كاجلىق ھەمدە قىلىقتا ياۋۇز،
        يەنە بىرى يالغان قىلار بولسا سۆز.
    1669 بىرىدۇر بېخىللىق ،كىشىن خار ئېتەر،
         بۇ ئۈچ ئىش بىلىمسىز كىشىدىن كېلەر.
    1670 كىشىكىم كاج ئولسا،قىلىغى يامان،
        بولۇر ئىشى تەتۈر ئۇنىڭ ھەر زامان.
    1671 كىمىكى ئاتالسا بۇ يالغان بىلەن ،
        يوقالماس ئۇ نامى ،نە قىلغان بىلەن .
    1672 بېخىللىقتىن ئۆزگە يامان نىمە بار؟
        يىمەستىن يىغار مال ،كېيىن مال قالار .
    1673 بېخىل ئۇزرە بىلىم نەدەر بۇنى ئۇق،
         ئەي بەختسىز ،بىچارە ،ئەي قولى يۇمۇق:
    1674 يىغىش بىلدىڭ ئالتۇن ،يىيىش بىلمىدىڭ ،
        يىغىپ ئالتۇن ئەلگە نىچۈن بەرمىدىڭ؟
    1675 يىغىپ دۇنيانى ئەي يىمىگەن كىشى،
         يىگۈچى تەيياردۇر ،تەييارلا ئېشى.
    1676 بۇ ئۈچ نەرسە كىمدە بولسا بەخت كېتەر ،
        بۇ ئۈچ نەرسە بىلەن ئېتىمۇ يۈتەر.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1677 يەنە ئېيتتى ئېلىگ :ئىشىتتىم بۇنى ،
         يەنە بىر سۆزۈم بار دىگىن سەن ئۇنى.
    1678 بىلىملىك تۇغۇلۇرمۇ ئانادىن كىشى،
        ۋە يا ئۈگىنەمدۇ يېتىلسە يېشى؟
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1679 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش ؛ئېلىگ قۇتى ،
        بىلىم ھەم ئەقىل -بۇ پەزىلەت ئېتى .
    1680 بىلىمسىز تۇغۇلار ،يۈرۈپ ئۈگىنۇر ،
        بىلىم بىلسە ئىشلار ئۇتۇقلۇق بولۇر .
    1681 ئانادىن تۇغۇلغان بىلىمسىز تۇغار،
        بىلىمنى ئۈگىنىپ ئۇ تۆرگە چىقار .
    1682 ئەقىلدۇر ئۇنى ئۈگىنەلمەس ئادەم،
        تەبىئەتكە قوشۇپ ياراتۇر ئىگەم .
    1683 ئەقىلدىن بۆلەك بارچە ئەردەملىنى ،   
         كىشى ئۈگىنىپ ،ئاشۇرار ئىلمىنى.
        *     *     *
    1684 ئىشىتكەچ بۇ سۆزنى سۆيۈندى خاقان ،
         دىدى: مەن تىلەگىم تاپتىم ئۇشبۇئان.
    1685 ئاتاسىن يۈتۈردۈم ،مانا بۇ ئوغۇل-
         ئاتا ئورنى تۇتتى ،تېپىپ ياخشى يول.
    1686 خۇداغا شۈكرىلە تىلىمنى بىزەي،
         خەلقلەرگە ياخشى قانۇنلارنى تۈزەي.
    1687 كۆرەرمەن ئوگدۇلمىشنى كۆپ مېھرىۋان،
         دۇرۇسلۇق بىلەن قىلدى ئىشنى ھامان.
    1688 قىلايكىم،ياخشىلىق جاۋاپ ئۈچۈن بىر،
         بۇ ياخشى جاۋاپقا ئۇ بولسۇن ھازىر.
    1689 نەدەيدۇ ئىشىتكىن مۇمتاز[120]كىشىلەر،
        خەلق ئىچرە خىل ۋە ساز كىشىلەر:
    1690 كىشىلىكنى قىلسا كىشىلىكنى قىل،
         كىشىلىك تېڭىچە جاۋاپ ئەيلەگىل.
    1691 ۋاپاغا ۋاپا ئۇ كىشىلىك ھەققى ،
        ۋاپا قىل ،چىقار ئات،كىشىلىكنى قىل.
        *      *       *
    1692 ئېلىگ قەدىرلىدى ئۇنى كۈنمۇ-كۈن،
         يېيىلدى نامۇ -ئاتى ئەلگە پۈتۈن.
    1693 ئەل ئىچرە بۇيۇدى بەلگۈ -نىشانى،
         دۇئا بىرلە داڭقى تۇتتى جاھاننى.
    1694 ئۇلۇغ بولدى تەڭتۇش ئارا بەلگۈلۈك،
         ھەم بەگلەر ئارامۇ ئاتالدى بۈيۈك.
    1695 كۆڭۈل،تىل كىچىك تۇتتى ، قىلقغى ئوڭاي،
        ياراشىپ جىمى بىرلە ،كەچتى كۈن-ئاي.
    1696 كىچىك دىل ۋە شىرىن بولۇپ تىل-سۆزى،
         ئىسىتتى ئەلنى ئىچى-تېشىدا ئۆزى.
    1697 ئاداش -دوست ۋە قولداش تېپىپ تۇتتى كۆپ،
         ئاداش -قولداش ئارقا تايانچ،ئەرگە خوپ.
    1698 ئاداش ۋە قولدىشى كىمنىڭ تولادۇر ،
         ئۇنىڭ ئارقا يۆلەگى چىڭ قىيادۇر .
    1699 يۆلەك كىمدە بولسا ئۇ كۈچلۈك بولۇر ،
         بۇ كۈچلۈك كىشىگە بەخت توپلىنۇر.
    1700 نە ياخشى بولۇر بەختكە كەمتەر كۆڭۈل،
         نە كۆركلۈك ئالىمغا يااۋش بولسا ئول.
    1701 ئەجەپ ياخشى دەپتۇ بۇ ئاقىل كىشى،
        كىم ئاقىل سۆزىن تۇتسا تۈزىلەر ئىشى:
    1702 بۇ دەۋلەت كىم بىلەن ياراشسا كېلىپ،
         تۆۋەن تۇتقاي ئۆزىن كىچىكلىك قىلىپ.
    1703 كېلۇر بولسا دەۋلەت كىشىگە كۈلۈپ ،
         تۇتۇپ چىڭ بېكىتسۇن كىچىك دىل بولۇپ.
    1704 كوچ ئاتتەك بولۇر بەخت تۈۋى-نېگىزى،
         مۇلايىم ،كۆڭلۈللۈك ئۇنىڭ يىلتىزى.
    1705 نە ياخشى بولۇر كەمتەر مۇلايىم كىشى،
         چىرايلىق بولۇر كۈندە تۈزەلۇر ئىشى.
    1706 يوغانچى ،تەكەببۇر تېتىقسىز بولۇر ،
         ئۇنى كىبرىسى كۈنمۇ-كۈن پەس قىلۇر .
    1707 بۇ بەخت ئاچسا يۈز ھەممىگە يارىشۇر ،
         ئەقىللىققا بەكمۇ گۈزەل قاملىشۇر .
    1708 بۇڭا ئوخشار ئەمدى بۇ بېيىتنى ئوقى ،
        ئوقۇپ مەنىسىنى چۈشەن ئەي سېخى:
    1709 بىلىمسىزگە دەۋلەت ياراشسا كېلىپ،
        بىلىملىككە ئارتۇق ياراشۇر بېرىپ.
    1710 بىلىمسىز بىلەن تۇرسا دەۋلەت ئەگەر،
         بىلىملىككە تۇرغاي ئاساسنى سېلىپ.
    1711 بىلىمسىز بۈيۈك بولسا دەۋلەت بىلە ،
        بىلىملىك زورىيار نام -شۆھرەت بىلە.
    1712 بىلىمسىزگە كەلسە گەر دەۋلەت ۋە قۇت،
        بۇ دەۋلەت تۇرماس ھىچ ئۇنىڭ بىلەن بىرلە،پۇت.
    1713 بۇ سۆزنىڭ گۇۋاسى مانا ئۇشبۇ سۆز،
         بۇنى سەن ئوقىغىن، ئايا كۆڭلى تۈز:
    1714 كېلەر بەخت كىشىگە ،قەدىرلەر ئۇنى ،
         سىڭار بۇ قەدىر ئاڭا، بولسا كونى.
    1715 بولۇمسىزغا گەر كەلسە دەۋلەت ۋە بەخت،
         تىپەر دەۋلىتىنى ،كەچۈرمەس كۈنى.
        *      *       *
    1716 ئېلىگ ئوگدۇلمىشنى كۆردى سىناپ،
         پۈتۈن ئىشىنى توغرا تاپتى قاراپ.
    1717 قەدىرلىدى بەزى ئىگىز كۆتىرىپ،
        تۆۋەنلەتتى بەزى يامانراق كۆرۈپ.
    1718 قەدىرلەنسە ، ئۇ ئەلنى رەنجىتمىدى،
        خار ئولغاندا ، ئۇ ئىشىنى ئاقساتمىدى.
    1719 ئېلىككە سۇپەر بولدى سادىق بولۇپ ،
         غەزىنەنى باشقۇردى ياخشى تۇتۇپ.
    1720 ئۇ ئالدى ئامانەت بويۇنغا يوغان،
        ئامانەت تۇتقانغا پىدادۇر بۇ جان.
    1721 ئىشىن سۈردى ئوگدۇلمىش ئارتۇق كونى،
        يېقىن تۇتتى ئېلىگ ئۇنى ھەر كۈنى .
    1722 ئوچۇق تۇتتى ئايرىم پۈتۈن ئىشىنى ئۇ،
        ھىساپلاپ تۇتتى پۈتۈپ بار -يوقنى ئۇ.
    1723 كۈزەتتى مالىن بەك،ئۆزىن ساقلىدى،
         خىزمەتتە قىلچىلىك ئەگرى بولمىدى.
    1724 نىمە دەر ئىشىتكىن يېتىلگەن يېشى،
         ھاياتتا كەم ئۇچرار ھەقىقى كىشى:
    1725 كىشىگە قەدىرلىك بۇ ئالتۇن-كۈمۈش،
         كۈمۈشتىن ئەزىز ئەرگە ئۆزنى تۇتۇش.
    1726 ئۆزىنى كۈمۈشكە ئىلىندۇرماس ئەر،
         جاھاندا تولۇق چىن بەختكە يېتەر.
    1727 بىلىملىك بىلىم بىرلە بەردى ئوگۇت،
         دۇرۇس،چىن كىشى بولساڭ ،كۆزۈڭگە سۈرت.
    1728 ئەقىل ئېيتتى خوپراق مۇشۇ توغرىلىق ،
         كۆيۈمچانغا جان بەرسە كەتمەس ئوشۇق .
    1729 دۇرۇس دەپ ئاتالغان دۇرۇسلار قېنى،
         دۇرۇسلۇق قىلىشتا ئامانەت كۈنى؟
    1730 تولۇق ئەر قايسى ئۇ ،ئۇنى بىلگۈلۈك ،
         قىلىغى دۇرۇس بولسا ئەر دىگۈلۈك.
    1731 كىشىنىڭ نىچۈگى ئەلدە ماختىلۇر ،
         سېخىلەر ماختىلار ،بېخىل سۆكۈلۇر،
    1732 ئادەم ئوغلى بەكمۇ بىچارە ئېرۇر ،
         پۈتۈن كۈن يىغار مال ،يىيىلمەي قالۇر .
    1733 بىراۋلار يۈگۈرۈپ جاھان ئايلىنۇر ،
         بىرى جان پىدالاپ،دېڭىزغا كىرۇر.
    1734 بىراۋلار قازار تاغ-قىياغا چۈشۈپ،
        بىراۋ يەر غۇلاچلار يالاڭياق بولۇپ.
    1735 بىراۋلار ئېشىپ تاغ ،دەريالار كېچەر،
        بىراۋ يەر قېزىپ،سۇ قۇدۇقتىن ئىچەر.
    1736 بىراۋلار ئۇرۇشتا قىلىچ-پالتا يەر،
        بىرى قەلئە ساقلاپ قېرىپمۇ كېتەر.
    1737 بىرى ئوغرى ،مەككار ، ئالدامچى، قاتىل ،
        بىرى باسمىچى،قاراقچى،قىرغىنچى ،بىل.
    1738 بۇ زەخمەت تامامەن كىيىم -گال ئۈچۈن،
        يىغار مال،يىمەس، ئۆلسە قىينار كۈچۈن.
    1739 بۇ ھەممە بىلىمسىز كىشى قىلقى ئول،
        بىلىمسىز كىشىلەر پۈتۈن يىلقى ئول.
    1740 خۇداغا ئىشەنگەن بىلىملىك كىشى،
        ئۇلۇشى بويىچە تولۇق يەر ئېشى.
    1741 ئىشىتكىن ئۇ تەمكىن ،ئاقىل نىمە دەر،
        پۈتۈن جانى بارنى كۈزەتكۈچى ئەر:
    1742 خاھى يات ،خاھى دۇنيا ئايلان،يۈگۈر ،
         نىمە بولسا قىسمەت ،ساڭا شۇ تېگۇر.
    1743 دۇرۇس تۇت ، ئەي ئالىم دىلىڭ ۋە تىلىڭ،
         كېمەيمەس ۋاقتىدا رىزىق -يىمىگىڭ.
    1744 تىلەسە بۇ بايلىق جاھان ياخشىسى،
         دۇرۇسلۇق بىلەن ئۇ ئۇنىڭ بولغۇسى.
    1745 تاپاي ئۇ جاھاننى دىسە قايسى قۇل ،
         دۇرۇسلۇق ،پۈتۈنلۈك بىلەن يۈرسۇن ئول.
    1746 يانا ياخشى دەپتۇ ھۇشى يەتكەن ئەر،
        دۇرۇسلۇق بىلەن بۇ قاھان تۇتقان ئەر:
    1747 بۇ دۇنيادا بايلىق تىلىسەڭ ئۆزۈڭ،
        دۇرۇس بول ،دۇرۇسلۇق ئۇزە قىل سۆزۈڭ.
    1748 تېخى ئۇ جاھاننى تاپايمەن دىسەڭ ،
         دىلىڭ ۋە تىلىڭنى دۇرۇس تۇت ئۆزۈڭ.
    1749 ئېلىگ ،كۆر،كىشىلەر گەر ئولسا كونى،
        نە كۆركەم ئۆتەر ئۇ نۇرلىنىپ كۇنى.
    1750 دۇرۇسلۇق ۋە پاكلىقنى سەن ئەيلە ئەش،
        كىشىلىك بىلەن قىل پۈتۈن تۈرلۈك ئىش.
    1751 ئۇنى[121] قىلدى ئۈستۈن بەخت كۈنسايىن،
        بېرىپ خەلققە بۇيرۇق،ئىشىتتى سۆزىن.
    1752 ئېلىگ ھەر شەكىلدە سىنىدى ئۇنى ،
         كامالەتتە كۆردى جىمى يېقىنى.
    1753 ئىشەندى ئۈگدۈلمىشكە ئېلىگ تولۇق،
         دۇرۇسلۇقتا خۇلقىن كۆرۈپ كېمى يوق.
    1754 ئىشىتكىن بىر ئالىم ،دانا نىمە دەر،
         ئۇقۇپ ئەگ بويۇننى ، ئايا جاھىل ئەر :
    1755خىزمەتچى قۇلىن  بەگ كۆرۈپ تۇرغۇلۇق،
        خىزمەتتە ئاساسلىق سىناق قىلغۇلۇق.
    1756 بېگىگە ياراملىق كۆرۈنسە قۇلى ،
         ئېچىلغاي ئۇنىڭغا ئەزىزلىق يولى.
    1757 ئىش ئولسا تىلەكتەك،خىزمەتچى بۇيۇر،
         خىزمەتچى چوڭايسا بېگى نام ئالۇر.
    1758 پۈتۈن ئىشقا ئەقلى ،بىلىمى يەتكەن --
         بۇ ياغما [122]بېگى بەكمۇ ياخشى دىگەن:
    1759 ئايا بەگ ئىشىڭنى ئىش بىلگەنگە بەر ،
        ياراملىق، دۇرۇس، تۈز، يۈرەكلىكككە بەر .
    1760 قايۇ بەگ يارامسىزغا بەرسە ئىشى،
        يارامسىز ئۆزى ئۇ،نە باشقا كىشى.
    1761 كۆتەرسە خۇدا ھەر كىشى بەختىنى ،
        بېرەر بىر ياراملىق پۈتۈن ئىشچىنى.
    1762 چۈشۈرمەكچى بولسا كۆتەرگەننى گەر،
         ئاڭا بىر يالجىماس خىزمەتچى بېرەر.
    1763 بۇ نادان بىلىمسىز يېتەكلەپ بارار ،
        بۇزۇلۇر ئىشى،كۆك تۈتۈنلەر قوپار.
        *     *     *
    1764 قىلىپ ئوگدۇلمىشكە خاقان ئېھتىرام،
         ئىشىنىپ ئوڭا ئىشنى بەردى تامام.
    1765 پۈتۈن ئەلگە قىلدى ئۇزۇن قولىنى ،
        ئۇزۇن قولى ئەتتى راۋان تىلىنى .
    1766 بېرىپ تامغا،ئۇنۋان، قوشۇن، ئات ۋە تون،
        تولا ياخشى كۆردى ،بەخت بولدى پۈتۈن.
    1767 تولا ياخشى سۆز بىرلە يارلىقلىرىن-
        ئېلىگ بەردى ،وگدۇلمىش بولدى يېقىن.
    1768 سارايدىكى خادىم كىچىك يا ئۇلۇغ ،
         ئاڭا سۇندى سوغات قىلىپ جان يۇلۇغ[123].
    1769 خادىملار پۈتۈنلەي كۆرۈندى كېلىپ،
        ئۇنى قۇتلۇدى نەرسە تارتۇق قىلىپ.
    1770 بۇ ئوگدۇلمىش ئورناتتى ياخشى قانۇن،
         قاراپ ھۆرمەت ئەتتى كىشىسىن پۈتۈن.
    1771 زۇلۇمنى كۆتەردى خەلق ئۈستىدىن،
         يوقاتتى يارامسىز قىلىق ئۆزىدىن.
    1772 تۈزۈلدى قانۇن ھەم يېتىلدى ئېلى،
         ھوزۇرلاندى ئېلىگ ، چىڭىپ ئەل ئۇلى .
    1773 كۆپەيدى سۆيگۈچىلەر ،ئۇ سۆيمەس يېغى-
         قويۇپ ئەلنى قاچتى،سوزۇلدى توغى[124].
    1774 قۇتۇلدى ئېلىگ غەمدىن ،تاپتى ھوزۇر،
        ھايات ياشنادى،بولدى راھەتتە تۇرۇر.
    1775 بۇ خىل پايدىلار كىم ،بىلىكتىن كېلۇر،
         ئەقىللىق ،بىلىملىك،زېرەكتىن كېلۇر.
    1776 نىچۈك ماختىنىلماس ئەقىللىق كىشى،
         نىچۈك ئەيىپلەنمەس ئەقىلسىز ئىشى،
    1777 ئەقىللىك ئىشى ئۇ ئۆلچەملىك بولۇر،
         بىلىمسىز ئىشىنى چۇۋالچاق قىلۇر.
    1778 نەياخشى ياراشۇر ئەقىللىققا قۇت،
         ئەي ياخشى قىلىقلىق بىلىملىككە پۇت.
    1779 نىمە دەر ئۇ ئىلى بېگى ئاڭلىغىن،
         بۇ سۆز مەنىسىن سۆزگە ئۇل ئەيلىگىن:
    1780 بىلىمسىزگە كەلسە دەۋلەت بىلەن قۇت،
        پۈتۈن خەلق بۇزۇلۇر ،بولۇر ئەلگە جۇت.
    1781 ئەقىللققا تەگسە بىر ئەل بەگلىگى،
        بېرەر ئەلگە ھوزۇر ،مۇشۇ سۆزگە پۇت.
        *     *     *
    1782 راھەتلەندى ئېلىگ يورۇدى كۈنى،
         خۇداغا شۈكۈر قىلدى ماختاپ ئۇنى.
    1783 كۆزىن كۆككە تىكتى ،كۆتەردى ئېلىگ،
         دىدى: ئې ئىگەمسەن، بېرەرسەن بىلىك.
    1784 ھۆكۈمران قىلدىڭ كۈچ بېرىپ ھەم بىلىم،
         دۇرۇسلۇق ئۇزە تۇت،چىڭىسۇن دىلىم.
    1785 قۇۋۋەت بەر ،جىمىكى ياخشىلىق قىلاي،
        بۇ ئەلنىڭ يۈكىنى يۈدگۈچى بولاي.
        *     *     *
    1786 ئۇلەشتۈردى يوقسۇلغا كۆپ مال بۆلۈپ،
         دىلىن بەردى ھەققە ھەممىدىن ئۈزۈپ.
    1787 ياشىىدى مۇشۇنداق سۆيۈنچتە كۈن-ئاي،
        ئاۋام خەلق ئومۇمەن پۈتۈن بولدى باي.
    1788 كىشىنىڭ خىلى، كۆر، بۇ ياڭلىغ بولۇر،
        ئىسىتكىم ،مۇشۇنداق كىشىلەر ئولۇر.
    1789 بەگ ئولغاندا شۇنداق ،تاپار بەخت خەلق،
         بەختلىك خان تىلەر ئەلگە ياخشىلىق.
    1790 يامان-ياخشى ئولسە،ئۇ تۇپراق بولۇر،
        نىچە بولسا تۇپراق،كۆر، ئاتى قالۇر.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1791 ئېلىگ بىر كۈن ئولتۇردى يالغۇز ئۆزى،
        قىچقاردى ئوگدۇلمىشنى ، قىلدى سۆزى.
    1792 دىدىكىم:قارىغىن ئوگدۇلمىش ماڭا،
        ئاتاڭ ئەمگىگى سىڭمىدى بىر ساڭا.
    1793 ئاتاڭ ئۆلدى ،قالدىڭ سەن ئوغلان كىچىك،
        كىچىككە بۈيۈكتىن بولۇر يول كىچىك.
    1794 ئاتاڭ ئۈگىتەلمىدى ئەردەم -ئىلىم،
         ساڭا مەنمۇ ھىچ بىر ياردەم قىلمىدىم.
    1795 قەيەردىن يىغىلدى بۇ ئەردەم ساڭا؟
        سەن ئەمدى ئېيتىپ بەر بۇ گەپنى ماڭا.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1796 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش دىدى:خاقان--
         ياشقسۇن غالىپلىق بىلەن كۆپ زامان.
    1797 خۇدا كىمگە قىلسا ئىنايەت نەسپ،
        تاپار ئات -شۆھرەت تىلەككە يېتىپ.
    1798 بۇڭا ئوخشۇتۇپ ئېيتتى تۈركچە ماقال،
        كۆپ ئىشلار بېشىدىن ئۆتكەن ئاقساقال.
    1799 خۇدا پەزلى بىرلە چوڭايغاي كىشى،
        تاپار كۈندە مەخسەت ،تۈزۈلۈپ ئىشى.
    1800 كۈچەپ خەلق توسالماس خۇدا بەرگىنىن،
        ئۆچ ئالماق بولسىمۇ ئاسمانۇ-زىمىن.
    1801 خۇدادىن كېرەك ھەممە ئىشقا يۆلەك،
        خۇدادىن تاپار كىشى بارلىق تىلەك.
    1802 ئاتا ئالقىشىدىن ئوغۇل،ئەي خاقان،
         چۆمۈلۈر خوشاللىققا ھەر بىر زامان.
    1803 خەيرلىك دۇئا قىلغان ئىكەن ئاتام،
        دۇئا بىرلە تەگدى ماڭا بۇ ماقام.
    1804 ئېلىگنى سەۋەپ قىلدى قادىر ئىگەم،
         قۇرۇق قالمىدىم پەزىل،بىلىمدىن ھەم.
    1805 خاقان ئىزدىتىپ مېنى ئىززەتلىدى،
         پەلەك باختى ،ورنۇممۇ ئىگىزلىدى.
    1806 كۈلۈپ باقسا ،خان كىمنى ئىززەتلىسە،
        يېتەر ئارزۇغا ،قەدرىن بىلەلىسە.
    1807 كىشىنىڭ دىلى باغ ،ياشارتقۇچى سۈيى--
         ئېرۇر بەگنىڭ نەسىھەت ھەم ياخشى سۆزى.
    1808 قايۇ باققا كىرسە سۇ گەر ئۆكسىمەي،
        تۈمەن خىل خۇشپۇراق چىچەك گۈللىگەي.
    1809 بېگى يارلىغى بولسا ياخشى سۆزى،
         ئۆزۈپ دىلى قۇلنىڭ، ئېچىلۇر يۈزى.
    1810 ئەگەر بەرمىسە ياخشى يارلىق تىلى،
         ياشارماي چىچەك،تېز قۇرۇيدۇ گۈلى .
    1811 ئەگر قۇل ئىستەسە خۇدا رەھمىتىن،
         ئېچىلغاي ئىشىكلەر ئۇنىڭ پەزلىدىن.
    1812 ئېيتتى سۆز بىر شائىر بۇڭا ئوخشۇتۇپ،
        ئى ياخشى كىشى سەن بۇنى بىل ئۇقۇپ:
    1813 ئەگەر تەڭرى قۇلنى قەدىرلىك قىلۇر ،
         بىلىم ئىشىگى ئېچىلۇر ،يولى ئوڭشىلۇر.
    1814 تاپۇر بەخت كۈنسايىن بىلىم بىلسە ئەر،
        كىچىك بولسىمۇ،ورنى كاتتا بولۇر.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1815 يانا ئوگدۇلمىشكە ئېيتتى ئېلىگ :
        بىلگۈچى نىچۈك قىلىپ بىلدى بىلىك؟
    1816 كىشىلەر بولۇرمۇ ھېكىم ئۈگۈنۈپ،
        بولۇرمۇ تەبىئى ياكى تۇغۇلۇپ؟
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1817 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش، ئاچتى تىلىن،
         دىدىكىم ،قوياي مەن بۇ سۆزنىڭ ئۇلىن.
    1818 ياراتىشتا بەرسە خۇدا ئەقىل-كۆڭۈل،
        تاپۇر دەسمايىنى بىلىككە ئوغۇل.
    1819 ئۆسەر كۈنمۇ-كۈن،ئەقلى كامىللىنۇر ،
         نىمىكى خالىسا شۇنى ئۈگىنۇر.
    1820 يېتىپ ئاخىر بىلىمگە ، ئالىم بولۇر ،
         بۇ ئىلمى بىلە ئەلگە پايدا تېگۇر .
    1821 ياراتقان چېغىدا ئەقىل بەرمىسە،
         يېتەلمەس تىلەككە ھەر نە ئەيلىسە.
    1822 يەنە بىر شەرت :ئىلىم تىلەسە ئوغۇل،
        كىچىك چاغدا قويغاي بىلىمگە كۆڭۈل.
    1823 كىچىك چاغدا ئىنسان بىلىم ئۈگىنۇر ،
        چوڭايسا ئۇنىڭلە تىلەككە يېتۇر.
    1824 پەزىلەت،بىلىم ھەم ياخشى خۇي -پېئىل،
        ئۈگەنسە ،تۈزىلەر كىشى خۇلقى ،بىل.
    1825 بىلىم يا پەزىلنى كىشى ئۈگىنۇر ،
        مەگەركىم ،ئەقىل ئۇ ،تەبىئى بولۇر.
    1826 كېلۇر بۇڭا ئوخشاپ تۈركچە ماقال،
        ئوقۇپ سەن،ئۆزۈڭگە بۇندىن پايدا ئال:
    1827 كىشى ئۈگىنىپ كۆپ تاپار ئىلىم،بىل،
        ئۈگەنسە ھەرقانچە،تاپالماس ئەقىل.
    1828 ئەقىللىق بولۇش بۇ ،خۇدادىن بولۇر،
         تەبىئى بولسا ئۇ، بەلگە كۆرۈلۇر.
    1829 ئەقىل ئۇ، خۇدادىن بىر ئاتا [125]ئېرۇر،
        ئەقىلدىن كىشى ياخشى ھەسسە ئالۇر.
    1830 كىشىنىڭ زورىدۇر ئەقىللىق كىشى،
        ئەقىل ئەرگە مىڭ خىل پەزىلەت بېشى .
    1831 ئەقىلسىز كىشىلەر دىيىلمەس كىشى،
        ئۇ سۆز قىلسا قانچە ،ئىشەنمەس كىشى.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1832 ئىشىتتىم بۇ سۆزنى دىدى خان يانا،
        تېخى دەيدىغان بىر سۆزۈم بار مانا:
    1833 ئەقىلدىن بىلىمنى بۆلەك ئايرىدىڭ،
         دۇرۇس ئېيت ،نىمەدۇر بۇندىن مەخسىدىڭ ؟
    1834 نىچۈكتۇر ئەقىل ئۇ ئورنى قايدادۇر ؟
        قەيەردىن چىقار ئۇ،قەيەرگە بارۇر؟
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1835 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش ،دىدى: ئەقىل--
         كىشىگە ئەزىز ھەم قەدىرلىكتۇر ،بىل.
    1836 ئەقىل ئورنى ئۈستۈن مىڭىدە تۇرۇر،
        قىممەتلىگىدىن ئورنى باشتا بولۇر .
    1837 ئەقىلدۇر كىشىگە كىشەن ،بەلگىلىك،
         قىلىغى دۇرۇستۇر ئىشى ئۈلگىلىك.
    1838 رەھىملىك ئىگەم ئۇ خالىغان قۇلىن،
         ئەقىللە كىشەنلەر ،قىلىق ۋە تىلىن.
    1839 ئەقىللىك تىرىكتۇر ،ئەقىلسىز ئۆلۈك،
         ئەقىل ئەرنى ئايرۇر شۇ ئىىل تەڭ بۆلۈك.
    1840 كىشى تۈن كەبى بىر قاراڭغۇ ئۆيدۇر ،
         ئەقىل بىر چىراقتەك ئۇنى يورۇتۇر .
    1841 ئەقىلدىن كېلۇر ، كۆر ،پۈتۈن ئەزگۈلۈك،
         بىلىمدىن چوڭلار ئەر ،بولۇر بەلگۈلۈك.
    1842 كىشىلەر بۇ ئىككى بىلەن زور بولۇر،
         بۇ ئىككى بىلەن تۈز-توغرا يول تونۇر.
    1843 بىلىملە پەرقلىنەر كىشى يىلقىدىن ،
         نىمە بار بۈيۈكرەك بۆلەك بىلىمدىن؟
    1844 ئەقىل بىر سۆز ئېيتتى بۇڭا ئوخشۇتۇپ،
         ئىشلەتسە ئەقىلنى بولۇر پايدا كۆپ:
    1845 كىشىنى ئايرىغان بىلىم يىلقىدىن ،
         كىشى قولى ئۈستۈن بولۇر ئىلمىدىن .
    1846 يۈرى،يىلقا بولما، ئەقىل، بىلىم بىل،
         بىلىم بىرلە سۆزلە ،يورۇق تۇت تىلىڭ.
     ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1847 ئېلىگ ئېيتتى : باردۇر تېخى بىر سۆزۈم ،
        ئۇنى دەي ساڭا مەن ،كۆركەم يۈزلۈگۈم.
    1848 ماڭا ئېيتقىن ،ەمدى ئەقىل سۈرىتى--
         نىچۈكتۇر ،تېگى ھەم نىمەدۇر ئېتى؟
    1849 يۈزى، كۆركى ، خۇيى، قىلىغى نەدۇر ؟
         يېشى،دەرىجە ،بويى ، ئاۋۇنچى نەدۇر؟
    يىگىرمە يەتتىنچى باپ
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە ئەقىلنى سۈرەتلەپ بەرگەنلىگى بايانىدا
    1850 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش ،ئېيتتى: ئەقىل --
         قىلىغى دۇرۇس ،قىممىتى تولا ،بىل.
    1851 يۈزى ،تۇرقى كۆركەم ، يېشىدۇر كىچىك،
         پۈتۈن ياخشىلىققا بولۇر ئۇ كېچىك.
    1852 سەۋرىلىك ،سىلىق ،خۇلقى يۇمشاق ھامان،
         دىلى ھەممە جانلىق ئۈچۈن مېھرىۋان .
    1853 قەيەرگە سۇنسا قول تۈزەتىپ بارۇر،
         سۆزى يەتسە نەگە ،شۇ يەردە ئۆتۇر.
    1854 ئىسسىق يۈز ،ئومۇمغا سۆيۈملۈك ئېرۇر ،
        كىشىلەرگە پايدا ئۇنىڭدىن تېگۇر .
    1855 كۆزى ئىتتىك ئۇنىڭ ،قاراشى يىراق،
         ھەر ئىشقا كىرىشسە باسار چىڭ ئاياق.
    1856 نىچە بۇلغۇناق ئىشنى تۇتسا سۈزەر ،
         نىچە بولسا تۈگۈنلەر ،باقسا يېشەر.
    1857 سول -ئوڭ بىرلە  ئالدى- ئارقىدىن باقار ،
        پۈتۈن ئىشقا چارە بىلەن ۋاقىت تاپار.
    1858 يېتەر قاچقۇچىغا ،ئۇچقاننى تۇتار ،
        بۇزۇقنى تۈزەر ئول، سۇنۇقنى تاڭار.
    1859 ئەقىلسىز پۇشايماندا دەر: ئەي ئەقىل--
        سېنىڭسىز ئېرۇرمەن تولا غەمدە،بىل.
    1860 سېنىڭدىن ماڭا بىر ئۈلۈش تەگمىدى،
         كىشى كۆڭلى سەنسىز ھايات بولمىدى.
    1861 ئەقىل بىر چىراقتۇر ، كۆزى يوققا كۆز ،
         ئۆلۈك تەنگە جان ئول،گاچا تىلغا سۆز .
    1862 ئەقىللىق ئەقىلغە دىگەي:يولدىشىم،
         نە ياخشى ئەشىم سەن تۈزەردە ئىشىم .
    1863 ئەقىل ئوڭ ئىشلەر ،ئۇ تەتۈر ئىشلىمەس،
         پۈتۈنلەي ئېرۇر چىن،ئۇ مەككار ئەمەس .
    1864 ئەقىل كىمدە بولسا شۇدۇر بەلگىسى،
         بۇ بەلگە بىلە ئۇ ئەقىل بىلگۈسى.
    1865 ئەڭ ئاۋۋال ئەقىلنىڭ قىلىغى ئوڭاي،
         دۇرۇسلۇق بىلەن ئۇ يۈرەر يىل ۋە ئاي.
    1866 ئەقىللىق ،دۇرۇس ھەم سىلىق سۆز -تىلى،
         دۇرۇس ھەم تولۇقتۇر ئۇنىڭ پېئىلى .
    1867 يۇۋاش ھەمدە تىنچ كۆپ سەۋرىلىك ئېرۇر،
         يېتەرلىك كۆرۈپ ئىشنى سالماق قىلۇر .
    1868 قېرى قىلىغى،لېكىن يىگىتتەك تۇرار،
         مۇشاۋۇرمۇ، قۇلمۇ ئۇنى ئاختۇرار.
    1869 بۇ سۆزنى ئوقى ئەمدى ،ئوخشار بۇڭا،
         ئوقۇغانچە مەنا ئېچىلغاي ساڭا :
    1870 قىلىقتا قېرى ، ئۆزى ياشتۇر ئەقىل،
         ئەقىل قايدا بولسا ئۇنىڭغا ئېسىل.
    1871 ياشلىغى سۆيۈملۈك،قېرىسا بېسىق،
        ئېرۇر نەپئى تولا ،يۇمشاق ،كىچىك دىل.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە جاۋابى
    1872 بۇ سۆزنى ئىشىتكەچ سۆيۈندى ئېلىگ،
        دىدى: ئەي ئويغانغان ،سۆزى ئاڭ -بىلىك.
    1873 خۇدا بەردى ماڭا پۈتۈن ئەزگۈلۈك ،
         خۇدادىن ئاتا سەن ماڭا بەلگۈلۈك.
    1874 بۇ ئەمگەك يۈدۈشكە ئېغىر يۈك ئېرۇر،
         ئۇنى يۈدسە كۆپلەپ ياخشىلىق تېگۇر .
    1875 كىم ئەزگۈ تىلىسە ئېغىر يۈك يۈدەر ،
        ئېغىر يۈك يۈدىگەن تىلەككە يېتەر.
    1876 يۈكۈمنى يۈدەرسەن تىلەك ، ئىش يۈرۇر،
        مېنى تىندۇرۇرسەن ،ساڭا يۈك بولۇر.
    1877 خۇدا بەرسە تەۋپىق، ماڭا ئەمدى كۈچ ،
         ھەققىڭنى ئۆتەي مەن قىلىپ بىرگە ئۈچ.
    1878 بىلۇرمەن بۇ ياڭلىغ خىزمەت قىلغىنىڭ ،
         ماڭا باغلانغىنىڭ -كۆيۈمچانلىغىڭ.
    1879 كۆيۈمچان خىزمەتچى شۇ خىلدا كېلەر ،
         قويۇپ ئۆز پايدىسىن،بەگ پايدىسىن دەر.
    1880 نىمە دەر ئىشىتكىن خىزمەتچى تىلى ،
         ھوزۇرلاندۇرار بەگنى ئىشچان قۇلى :
    1881 راھەتتە ياشار بەگ بولۇپ بەخت بېشى،
        كۆيۈمچان قۇلى بولسا ،قىلسا ئىشى.
    1882 خادىم بىرلە قەددىنى بەگ كۆتىرەر،
        ئىش ئولسا تىلەكتەك،بېگى تىنچ ئۆتەر.
    1883 باش ئاغرىق تۈگەر ،چەكسە زەخمەت قۇلى ،
         بېگىگە ئېچىپ بەرسە ئۈمىت يولى .
    1884 قۇلى قايسى بەگنىڭ بۇ ياڭلىغ ئېرۇر،
         خۇدانىڭ ئۇڭا چوڭ ئاتاسى بولۇر.
    1885 بۇرۇن بىزدىن ئۆتكەن جاھان بەگلىرى،
        شۇ ئارزۇ بىلەن كەتتى كۆپرەكلىرى.
        *     *      *
    1886 جاھان خەلقى خوشال ، بەختىيار ، ئارام--
         ئېلىپ ،قىلدى خانغا دۇئالار تامام.
    1887 بۆلەك ئەل كىشىسى ئىشىتكەچ بۇنى ،
         يۈزىنى كۆرۈشكە كۈتۈشتى ئۇنى .
    1888 شۇ ئارزۇ بىلەن يىل، ئاي، كۈنلەر ئۆتۈپ،
        ئېلىن قىلدى ياخشى قانۇنلار تۈزۈپ.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1889 ئېلىگ ئۈندەپ ئوگدۇلمىشنى بىر كۈنى،
         دىدى: سۆز قىلاي ، ئېيت نە بىلسەڭ شۇنى.
    1890 ئۆزى يەتتە ئەزاسىغا باقسا ئەر،
         ئېلىپ زەۋق ئۆزىنىڭ ئۈلۈشىن تېرەر.
    1891 كۆڭۈل زەۋقى نىمە ،بۇ كۆز زەۋقى نە؟
         مۇشۇ ئىككى زەۋقتىن نەسىۋەم نىمە؟
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1892 دىدىكىم ئوگدۇلمىش : بۇ زەۋق شول ئېرۇر،
         كۆڭۈل قاتتىق ئىستەپ ئۇڭا تەلپۈنۇر.
    1893 كۆرۈش سۆيگۈنىنى -بۇ كۆز زەۋقىدۇر،
         تېپىش دىل ئۈمىدىن -بۇ ئۆز زەۋقىدۇر .
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1894 ئېلىگ ئېيتتى :ئوگدۇلمىش ئېيتقىن قېنى ،
         سۆيۈملۈك نىشانى نىمە ئېيت ئۇنى .
    1895 سۆيەرمەن دىبان ھەممە دەۋا قىلۇر،
        بۇ دەۋاغا مەنا نىچۈگرەك بولۇر؟
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1896 دىدى خوپ ئوگدۇلمىش :بېرەي مەن جاۋاپ،
        بىلەر سۆيگىنىن يار يۈزىگە قاراپ.
    1897 كۆزۈڭ نەگە باقسا بولۇر بىر توساق،
         بۇنى بىل ، كۆڭۈلگە توساق يوق بىراق.
    1898 بىلەي دىسە سۆيگەن ۋە سۆيمەگىنىن،
        كۆڭۈلگە قاراسۇن ،بىلەر ئۇ كېيىن.
    1899 سۆيۈملۈك يۈزىدە بولۇر بىر نىشان ،
        كۆزى -كۆزگە چۈشسە بىلىنۇر شۇئان.
    1900 بۇڭا ئوخشاپ كېلەر بىر شائىر سۆزى،
        ئۇقۇپ ئال ئۇنى ،ئەي كىشى ئەربوزى[126] :
    1901 سۆيۈملۈك كىشىنىڭ يۈزى بەلگۈلۈك،
         تىلىن ئاچسا مەنا سۆزى بەلگۈلۈك.
    1902 سۆيۈپ -سۆيمىگەننى بىلەيمەن دىسەڭ،
        ساڭا توغرا باقسا كۆزى بەلگۈلۈك.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    1903 ئېلىگ ئېيتتى :ئۇقتۇم ،ئىشىتتىم بۇنى،
         يەنە بىر سۆزۈم بار،دىگىن سەن ئۇنى .
    1904 كېرەكلىك سۆز ئېيتاي مەن ئەمدى ساڭا ،
         تازا ئويلىنىپ سەن جاۋاپ بەر ماڭا.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1905 دىدى ئوگدۇلمىش : ئى بەختىيارخان،
         بىلىم بىرلە خان ئات چىقارۇر ھامان.
    1906 بىلىم ئوردىسىدۇر بۇ خانلار ئۆزى،
         بىلىمسىز بولۇر قۇل ،كېرەك نە سۆزى.
    1907 سوراماق ئوڭايدۇر ،قىيىندۇر جاۋاپ،
        جاۋاپقا ئېلىگ بىلىمى بولغاي ساۋاپ[127]. 
    1908 ئوڭاينى ئېلىگ ئالدى ،تەسنى ماڭا-
         سۈرۈپ قويما ئەمدى ، ئى ھۇشيار توڭا.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە جاۋابى
    1909 ئېلىگ ئېيتتى :سورغۇچى مۇھتاج ئېرۇر،
         ئۆزى بىلمىگەننى سوراپ ئۇ بىلۇر .
    1910 بۇ شۇنداق ئىكەن سەن سۆيۈنسەڭ كېرەك،
         سوئالىم جاۋابىنى بەرسەڭ كېرەك.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1911 جاۋاپ بەردى ئى ياخشى قانۇن دىبان،
         ئىشىتمەك سۆزلىمەكتىن ياخشى ھامان.
    1912 بۇ سۆز قىلغۇچى ئۆز جانىن ئۇپرىتۇر ،
         ئىشىتكەن سۆيۈنۈپ ئۆزىن سەمرىتۇر .
    1913 قۇلاق سال ، سىنالغان ھېكىم دەر نىمە ،
        ئىشىت ھەم ئويلا ،ئەمما تولا سۆزلىمە :
    1914 ئىشىتمەك بىلە بولدى ئالىم كىشى،
        تولا سۆز قىلىشتىن كېتۇر ئەر بېشى.
    1915 ئىشىتمەك قۇلاققا بېغىشلايدۇ زەۋق،
        تولا سۆزلىگەن سۆزدە كۆپ پايدا يوق.
    1916 دىمەستە سۆزۈڭنى ئالتۇن ھىساپلا ،
        ئېغىزدىن چىقسا سەن ئۇنى مىس سانا .
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە جاۋابى
    1917 ئېلىگ ئېيتتى : ئەمدى دۇرۇس سۆزلىدىڭ ،
        ئۆزۈڭگە بەختنىڭ قۇرىن باغلىدىڭ.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1918 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش :ئېلىگ قۇتى ،
         ئۆزۈم خالىغىنىم بۇ قۇللۇق ئېتى.
    1919 جان ئاتسۇن بېگىنىڭ ھوزۇرىغا قۇل،
         ئەگەر يەتسە ئەقلى ،ئاقىل بولسا ئول.
    1920 ئىشىتكىن ،مەن ئېيتاي ئۆزۈم بىلگىنىن،
         ئېلىكمۇ كەچۈرسۇن خاتا بولغىنىن.

    يىگىرمە سەككىزىنچى باپ
    بەگلىككە لايىق بەگنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىگى بايانىدا
    1921 ئېلىگ ئېيتتى : ئەمدى دىمەكچى سۆزۈم ،
         شۇ ئەردى مانا ئەمدى ئېيتاي ئۆزۈم .
    1922 ياراتتى خۇدايىم ئادەم بالىسىن ،
         ئۇلۇغىن،كىچىگىن ،يامان -ياخشىسىن.
    1923 بىلىملىك ،بىلىمسىز ،پېقىر يا گاداي،
        ئەقىللىق، ئەقىلسىز، جاھىل ياكى باي.
    1924 نىچۈگرەك كېرەك بەگ ئۇنى باشلىسا ،
        ئورۇنلاپ ئىشىنى ،ئېتى ياڭرىسا.
    1925 بېيىپ خەلقى ،ئۇنىڭ تۈزەلسە يۇرتى،
         كېتەر چاغدىمۇ قالسا ياخشى ئېتى.
    1926 كۈمۈش ھەم يىپەككە تولۇپ غەزنىسى،
         بويۇن ئەگسە دۈشمەن ،تۈگەپ پىتنىسى.
    1927 ئېلى بولسا كۈچلۈك ،يىغىلسا قوشۇن،
        يۇرۇتسە ئىلىم بىرلە ئۇ تۈز قانۇن.
    1928 تېپىپ شۆھرەت ،جاھاندا يېيىلسا ئېتى،
         بۈيۈكلەپ كۈنسايىن ،كۆپ ئاشسا قۇتى.
    1929 ئۇزۇن يىل ياشىسا ھوزۇردا ئامان ،
         پىدا بولسا جانلار ،ئۇ سورىسا جاھان.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1930 جاۋاپ بەردى ئوگدۇلمىش ،دىدى: ئېلىگ،
        مېنىڭدىن سورىدى بۈيۈك بىر بىلىك.
    1931 بۇ بەگلىك ئىشىن ھەممە بەگلەر بىلۇر ،
         قانۇن ،تەرتىپ،ئادەت ئۇلاردىن كېلۇر.
    1932 تۇغۇلۇر بۇ بەگ ئانىدىن بەگ بولۇپ،
        بىلۇر ياخشى ئىشىنى كۆرۈپ ،ئۈگۈنۈپ.
    1933 بۇ بەگلىك ئىشن كىمگە بەرسە خۇدا ،
         بېرۇر ھەم ئەقىل ،كۆڭۈل لايىغىدا .
    1934 كىمى بەگ ياراتماق تىلىسە بايات،
         بېرۇر باشتا خۇلق ، ئەقىل ،قول-قانات.
    1935 بۇ بەگلىك ئىشى بولدى بەگلەر ئىشى،
        بىلۇر بەگلىك ئىشىنى بەگلىك كىشى.
    1936 بۇ ئىشنى ئېلىگ مەندىن ئوبدان بىلۇر ،
        ئاتاسى بەگ ئەردى ،ئۆزى بەگ ئېرۇر.
    ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە جاۋابى
    1937 ئېلىگ :ئۇقتۇم سۆزۈڭنى ،چىندۇر دىدى،
        راست ئېيتتىڭ ،سۆزۈڭنىڭ ئىپاردەك ھىدى.
    1938 بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئۆز ئىشىن بىلەر ،
        بىلەر كەم-ئوشۇغىن كۆرۈپ تۇرغان ئەر.
    1939 مەن ئىش قىلغۇچىمەن ،سەن ئىش كۆرگۈچى،
        بىلەر كۆرگۈچىدىن ئىشنى قىلغۇچى.
    1940 خۇدا بەردى ئەقىل ھەم كۆڭۈلنى ساڭا ،
         ئەقىل ھەم بىلىملە قىل ئىشنى ئادا.
    1941 كىچىكتىن بۇيان ،خىزمىتىمدە بولۇپ،
         بۇ ياخشى قانۇننى ئۈگەندىڭ كۆرۈپ.
    1942 پۈتۈن ئىشىنى ئۇقتۇڭ ۋە بىلدىڭ ئۆزۈڭ،
         كۆيۈمچان ماڭا ھەم قىلىغىڭ ،سۆزۈڭ.
    1943 كۆيۈمچانغا ئېيتۇر كىشى ئۆز سۆزىن،
         كۆيۈمچان بېغىشلار كىشىگە ئۆزىن.
    1944 كۆيۈمچانلىغىڭدىن پۈتەرمەن ساڭا،
         سەمىمى سۈرەتتە  جاۋاپ بەر ماڭا.
    1945 نىمە دەر، ئىشىتكىن،كۆيۈمچان كىشى،
        كۆيۈمچانلىق ئېرۇر كىشىلىك بېشى:
    1946 ئاقىللار كۆيۈمچاننى كۆپ ماختىدى ،
         كىشىگە ئەزىزدۇر كۆيۈمچان زاتى.
    1947 كۆيۈمچان ئۈچۈن بەر يۈرەكتە ئورۇن ،
        ئەقىل ھەم بىلىم ماڭا شۇنداق دىدى.
    ئوگدۇلمىشنىڭ ئېلىككە جاۋابى
    1948 جاۋابەن ئوگدۇلمىش دىدى:ئەي خاقان،
         ياشا تېنچ ،قولۇڭ ئولسۇن ئۈستۈن ھامان.
    1949 بۇ بەگلىككە تەكتى ئېسىللىق كېرەك،
         باتۇرلۇق ،قۇۋۋەت-كۈچ ،جەسۇرلۇق كېرەك.
    1950 ئاتا بولسا بەگ ،تۇغۇلۇر ئوغلى بەگ،
        ئوغۇلمۇ بولۇر بەگ ئاتالىرىدەك.
    1951 ئەقىللىق كېرەك ھەم بىلىملىك كېرەك،
         سېخىلىق كېرەك ھەم سىلىقلىق كېرەك.
    1952 بىلىم بىرلە بەگلەر ئېلىن باشلىدى،
        ئەقىل بىرلە خەلقنىڭ ئىشىن ئىشلىدى.
    1953 بەگ ئاتى بىلىك بىرلە باغلىق تۇرۇر،
        بىلىك"لامى" كەتسە ،بەگ ئاتى قالۇر.[128]
    1954 بەگ ئاقىل بولسۇن ھەم بىلگىنى تولا ،
        بىلىملىك كىشىنىڭ دۈشمىنى تولا .
    1955 نىمە دەر ، ئىشىتكىن ، بىلىم تاپقان ئەر،
        كۆپ ئىشىنى كەچۈرگەن ،تولا كەزگەن ئەر:
    1956 بەگ ئولسۇن ئىلىملىك ،ئاقىل ۋە ئويغاق،
        ئۇشتۇمتۇت تەگمىگەي دىسە بىر چاتاق.
    1957 كېرەكتۇر ياخشى خۇلۇق ، پەزىل مىڭ تۈمەن ،
         ئېتمغا تەگمىسۇن دىسە ياغ -بوياق.
    1958 ئادەم باللىرى ھەممە ئەسلى بۈيۈك،
        بىلىملە خىللىنىپ بولۇر كۆپ تۈزۈك.
    1959 ئۇرۇغ ياخشىدىن ياخشى ئەر تۇغۇلار،
         كىشى ياخشى بولغاچقا تۆرگە چىقار.
    1960 بۇ بەگلىك مۇقەددەس ،ئېرىغلىق تىلەر،
         ئەلدىن ھەم ئېرىغلىق ،ھۇشيارلىق تىلەر.
    1961 بەگ ئولغاي خەلق ئۈچۈن جەسۇر ،قەھرىمان،
        بۇنىڭلە قىلىنۇر چوڭ ئىشلار ھامان.
    1962 ئىشىتكىن ،ئوتۈكەن [129] بېگى نىمە دەر ،
         سىناپ ھەم سۆزىنى بىلىپ قىلغان ئەر:
    1963 خەلق بېگى تولىمۇ خىل بولماق كېرەك،
        كۆڭۈل ،تىل تۈز،خۇلقى ئۇز بولماق كېرەك.
    1964 ئاقىل ھەم بىلىملىك، ئەل سۆيەر تېخى،
        كۆزى توق ،دىلى كەڭ، ھەم بولسۇن سېخى.
    1965 قىلىشقا ياخشىلىق قول ئولسۇن ئۇزۇن ،
        ئۇياتچان ، سىلىق ھەم قىلىغى تۇزۇن.
    1966 بەگ شۇنداق بولسا ، ئەلگە لايىق ئۇلۇغ،
         ئۇنىڭدىن كېلەر ھەم بىر ياخشى ئۇرۇغ.
    1967 بىلىم بىرلە باشلار ئەر ئىشنىڭ بېشىن،
        ئەقىل بىرلە قىلسا ھەم ئوڭلار ئىشىن.
    1968 بىلىم بىرلە تۇتار ئېلىنى بېگى ،
         بىلىم بولمىسا ، ئىشقا يەتمەس ئوگى.
    1969 گەر ئىشتا يېڭىلسا بەگلەر ،ئەي خاقان،
        بۇ بەگلىك كېسەلدۇر ،داۋالا شۇئان.
    1970 داۋاسى بۇ دەرتنىڭ ئەقىل ۋە بىلىم ،
         داۋالا ئەقىللە ،خۇلقى مۇلايىم.
    1971 ئەقىل ھەم بىلىم بەككە بەكمۇ كېرەك،
         داۋالار كېسەلنى شۇلار بىرلە بەك.
    1972 بىلىملىك ،ئەقىللىق ،دانا ئەلچى خان،
        بولۇر ياخشى ئورنى ھەر ئىككى جاھان.
    1973 ھەر ئىككى جاھانلىقنى تاپقان كىشى،
         بولۇر كۆپ بەختلىك،سائادەت بېشى.
    1974 بۇڭا ئوخشىتىپ ئېيتتى شائىر بۇ سۆز ،
         بۇ سۆز مەنىسىدۇر بىلىمسىزگە كۆز:
    1975 سائادەت نىمەدۇر قېنى ئېيت ماڭا،
         كىشى قۇتلۇغى كىم كىشىلەر ئارا؟
    1976 يىسە ،بەرسە دۇنيا ،ياشاپ بەختلىك،
         ئۇ دۇنيادا بولۇر ھەم تۆردە تۇرا.
    1977 مۇلايىم بولسا خۇلقى ،قىلىغى كونى ،
    سۆيۈنچتە ئۆتەر ئۇشبۇ بەگنىڭ كۈنى.
    1978 خۇدا كىمگە بەرسە بۇ ياخشى قىلىق،
        ھەم ياخشى قىلىق بىرلە ياخشى تۇرۇق؛
    1979 جاھان بولدى بار نېمەتىلە ئۇنىڭ،
         تىلىسەڭ ئۈلەشتۇر ،تىلە ،يە ئۆزۈڭ.
    1980 خۇدا گەر قۇلىغا پەزىل-بەخت بېرۇر،
        پۈتۈن خۇلقى -خۇيى ھەم ياخشى بولۇر.
    1981 گۈزەل خۇي ،پەزىلەت كېرەك مىڭ تۈمەن ،
        قىلىپ تېچ ئەل-يۇرتنى ،يوقاتسا تۇمان.
    1982 بۇ ياخشى قىلىق ئۇ ئەجەپ ياخشىدۇر.
         كىشىگە يىمەك ھەم كىيىمدەك تۇرۇر.
    1983 خۇدا قىلسا كىمنىڭ خۇيىنى يامان،
         ئۇنى رەنچقىتۇر ئوقى بىرلە زامان.
    1984 ئەگەر بولسا قايسى بەگ خۇلقى ناچار،
         سۆيۈنچى بولۇر غەم،ئىش تەتۈر ماڭار.
    1985 بەگ ئولمەق كېرەك،تەقۋا، دىلى ئېرىغ،
         ئېرىغلىق تىلەر دائىم نەسلى ئېرىغ.
    1986 كىشى بولسا تەقۋا ،دىل قورققاق بولۇر،
         دىلى قورقسا بەگ؛ئەر ئىشىن تۈز قىلۇر.
    1987 ئەگەر بولمىسا بەگ تەقۋادار سۈزۈك،
         ئېرىغسىز بولۇر ھەممە قىلىغى ئۇزۈك.
    1988 بېسىقلىق،سەۋرىلىك بەگنىڭ كۆركىدۇر،
         بۇ بەگلىك ئىشىغا ئۇ چۇلۋۇر بولۇر.
    1989 كېرەك كۆپ ئەقىل بەگكە قىلىشقا ئىشىن،
         بىلىپ باشلىسا ئۇ ھەر ئىشىنىڭ بېشىن.
    1990 ئەقىللىق كىشىلەر تۈزەلتۇر ئىشىن،
         يىراق تۇتسا ئىشتىن ئەقىلسىز كىشىن.
    1991 ئېرۇر پايدىسىز كۆز،كۆڭۈل بولمىسا،
         كۆڭۈل پايدىسىزدۇر ئەقىل بولمىسا.
    1992 نىمە دەر، ئىشىتكىن ،ئى ئەلنىڭ بېشى ،
        دىلى كۆپ سەۋرىلىك،سىنالغان كىشى:
    1993 ئەگەر كىمدە بولسا  ئاڭ - ئىدرەك ۋە ئوگ،
         ئۇنى ئەر ساناپ سەن قانچە ئوگسەڭ ئوگ.
    1994 ئەقىل ،ئاڭ ،بىلىم كىمدە بولسا تولۇق،
         يامان بولسا خوپ دەر ،كىچىك بولسا ئوگ.[130]
    1995 كىشىگە نە ياخشى تۇرۇر بۇ ئوگە[131]،
         ئەگەر بولسا ئەقلى ،ھىساپلا ئوگە.
    1996 شاشماقلىق ئېرۇر خەۋپ،ئومۇمغا ياۋۇز،
         بەگ ئولسا بۇ خىل گەر،يۈزى بولدى بوز.
    1997 شاشماقلىق ،غەزەپ- بىر قىلىقتۇر يامان،
        بۇ ئىشتۇر نادانلىق نىشانى ھامان .
    1998 ئالدىراپ قىلغان ئىش كۆپ ئاچچىق بولۇر،
         ئالدىراپ يىسە ئاش ئۇ ،ئاغرىق بولۇر.
    1999 پۈتۈن ئىشتا بېسىق بول،شۇنى تاللىۋال،
         مەگەركىم  ئىبادەت يۈگۈر ، بولما گال.
    2000 مۇلايىم، ئۇياتلىق،كۆزى توق كېرەك،
         قىلىق ،سۆزدە يورۇق-ئوچۇقلۇق كېرەك.
    2001 بولۇر تويمىغۇر ئول كۆزى ئاچ كىشى،
         كۆزى ئاچقا يەتمەس بۇ دۇنيا ئېشى.
    2002 بۇ ئاچكۆزلۈك ئاغرىق ،داۋا يوق ئاڭا،
         جاھاندا ھېكىم چارە تاپالماس بۇڭا.
    2003 پۈتۈن ئاچ يىسە ،ئىچسە ئاخىر تويار،
         كۆزى ئاچ بۇ ئاچلىقنى ئولسە قويار.
    2004 كۆزى ئاچ كىشىلەر بولماس مالغا باي،
         پۈتۈن بولسا دۇنيا ئۇنىڭ ، ئۇ گاداي.
    2005 بەگلەر كۆپ ئۇياتچان ،سەرخىل بولغۇلۇق،
         ئۇياتچان قىلىغى كېمەيمەس ،تولۇق.
    2006 ئۇيات كىمدە بولسا ،سىلىق خۇيلۇق ئول،
         ناچار ئىشقا ھەرگىز ئۇ سۇنمايدۇ قول.
    2007 خۇدا كىمگە بەرسە ئۇيات ، ياخشى خۇي،
         بېرەر دەۋلەت بىلەن كۆپ شانۇ -ئابرۇي.
    2008 ئۇيات -بارچە يامان ئىشتىن توسقۇچى،
         پۈتۈن ياخشى ئىشقا ئۇلاشتۇرغۇچى .
    2009 ئۇياتتۇر نە ياخشى زىننەت ، ئەرگە خاس ،
         ئۇياتتۇر پۈتۈن ياخشى ئىشقا ئاساس.
    2010 تىلى چىن كېرەك ،كۆڭلى بولسۇن كونى ،
         بېرىپ پايدا خەلقىگە ،تۇغسا كۈنى.
    2011 ئەگەر بولسا بەگلەر يامان دىللىق ئۇ ،
         ئېرۇر پايدىسىز خەلققە ،قولۇڭنى يۇ.
    2012 گۈزەل بولمىسا بەگدە خۇي ،سۆز ۋە تىل ،
         ئۇ ئەلدە تۇرالماي قاچار بەخت ،بىل.
    2013 سۆزىدە تۇرماس بەككە قويما ئۈمىت،
         ھاياتىڭ كېتەر بوش،قىلۇر نائۈمىت.
    2014 بەگ ئولماق كېرەك ساق ،يەنە بەك ھۇشيار،
        غاپىل بولسا بەگلەر ،كۆپ پىتنە قوپار .
    2015 ئىككى نەرسە ئەلگە باغ ،ئاچقۇچ ئۆزى:
         ھۇشيارلىق ۋە قانۇن -ئەلنىڭ يىلتىزى.
    2016 قايۇ بەگ ساق ئولسا ئېلىن ساقلىدى،
         ياۋ بوينىن يەنچىدى ھەم باغلىدى.
    2017 قايۇ بەگ يورۇتسە قانۇننى كونى ،
         تۈزەتتى ئۇ ئەلنى ،تۇغۇلدى كۈنى.
    2018 بۇ بەگلىك ئاساسى شۇ ئىككى ئېرۇر،
         بۇ ئىككى تولۇق بولسا، بەگلىك قىلۇر.
    2019 نىمە دەيدۇ ئاڭلا بىر كۈرەشچان ئەر ،
         بولۇپ ھۇشيار ،ياۋنى يەكسەن قىلغان ئەر:
    2020 ئايا ئەل بەگلىرى ،ئەل ساقلاي دىسەڭ،
         سەگەك بول ، ھەر ياقتىن كۈزەت ئەلنى تەڭ.
    2021 سەگەكلىك بىلەن ئارتتى بەگلەر ئېلى،
         بىپەرۋا بولۇش بۇزدى بەگلىك ئۇلى.
    2022 ھۇشيارلىق بىلە يەنچى ياۋ بوينىنى ،
         سوراپ ئەل،كەڭرۇ قىل ھايات بوينىنى .
    2023 بەگ ئىككى نىمە بىرلە بەگلىك بۇزار،
        كىرىپ ئەگرى يولغا ،رۇس يولدىن ئازار:
    2024 بىرى غاپىل ئولماق ،بىرىدۇر زۇلۇم،
         بۇلار بىرلە ئەلنبى بۇزار بەگ چوقۇم.
    2025 ئەگەر ئىستىسەڭ يېغى بوينىن ئۈزۈش،
        كېرەك كۆز- قۇلاق بىرلە ھۇشيار تۇرۇش.
    2026 سەگەكلىك بىلەن بەگ يوقاتتى يېغى،
         بىپەرۋا بولۇپ ئۈزدى بەگلىك بېغى.
    2027 غاپىل ئولسا بەگلەر ئىش ئولماس تامام،
         غاپىل بەگدە بەگلىك ئۇ قىلماس داۋام.
    2028 بىپەرۋانى دائىم باسار سەگەك ئەر،
         غاپىل بولمىسا ياۋ ،ۇنى كىم يېڭەر.
    2029 ساق ئولسا بېگى ،ئەلگە تەگمەس ئىلىگ،
         ئەگەر تەگسە ،چارە تاپار ئاڭ-بىلىك.
    2030 سۇرەلمەس زالىم بەگ بەگلىك دەۋرىنى،
        كۆتەرمەيدۇ خەلقى ئۇنىڭ زۇلمىنى.
    2031 نىمە دەيدۇ ئاڭلا بىلىملىك سۆزۈن:
        بولالمايدۇ زالىم ھۆكۈمران ئۇزۇن.
    2032 زۇلۇم-ئوت،يېقىنلاشسا،ۇ كۆيدۈرەر،
         قانۇن-سۇ،ئۇ ئاقسا،نىمەتلەر ئۈنەر.
    2033 بولاي دىسەڭ ئەلگە ئۇزۇن ھۆكۈمران ،
         قانۇن تۈز يورۇت،خەلقنى ئاسرا ھامان .
    2034 ئەل ئارتار قانۇن بىرلە ،تۈزىلۇر جاھان،
         زۇلۇم بىرلە كېمىپ ئەل ،بۇزۇلۇر جاھان .
    2035 كۆپ ئوردا بۇزدى زالىم زۇلۇم بىلە،
         تىرىك ئۆلدى ئاخىر ئۇ ئاچلىق بىلە.
    2036 تۈزەپ بەگ كۆڭۈلنى يورۇتسە قانۇن،
         بۇ بەگلىك بۇزۇلماس،تۇرار بەك ئۇزۇن.
    2037 ياماندىن ياماندۇر ئەي ساھىپقىران،
         ئەگەر ئاتىنىپ قالسا يالغانچى خان.
    2038 سۆزى چىن ئولسا بەگنىڭ ،خۇلقى گۈزەل،
         ئىشەنگەي ،ياخشى كۈن كۆرۈپ ئاڭا ئەل.
    2039 يالغانچى كىشىلەر ۋاپاسىز بولۇر ،
         ۋاپاسىزلار خەلققە ئوساللىق قىلۇر .
    2040 نىمە دەر ،ئىشىتكىن ،ۋاپالىق كىشى،
          ۋاپادۇر كىشىگە كىشىلىك بېشى:
    2041 تىلى يالغان ئەرنىڭ جاپا قىلغى ئول،
         جاپا كىمدە بولسا ئېرۇر يىلقى ئول .
    2042 تەلەپ قىلما ۋاپا يالغانچىلاردىن ،
         بۇ سۆزلەر سىنالغان ئۇزۇن يىللىق ئول.
    2043 بەگلەرگە يۈرەكلىك ،جەسۇرلۇق كېرەك،
        تېتىغاي ئۇ ياۋغا يۈرەك بىرلە بەك.
    2044 بۇ ئەسكەر بېشى بەك يۈرەكلىك كېرەك،
         يۈرەكسىز كىشى ئۇندىن ئالسۇن يۈرەك.
    2045 يۈرەكلىك يۈرەكسىزنىڭ ئولسا بېشى،
        يۈرەكلىك بولۇر ئۇندا ھەممە كىشى.
    2046 بۇ سۆزىنىڭ گۇۋاسى بۇ بېيىت ئوقى ،
        بۇ سۆزنى كۆڭۈلدە ساقلاپ تۇت تېخى:
    2047 بولۇۋەرسە ئىتقا ،كۆر باش ئارسىلان،
         بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسىلانسىمان.
    2048 ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسىلانغا باش،
         بولۇر ئارسىلانلارھەم ئىتتەك ھامان.
    2049 يانا بەگ كىچىك دىل ،سېخى بولغۇلۇق ،
        بۇنىڭ بىرلە قىلقىن بېسىق تۇتقۇلۇق .
    2050 سېخى بولسا بەگلەر ئېتى تارىلۇر ،
         ئېتى ۋە شۆھرىتىلە جاھان قوغدىلۇر .
    2051 ئەر ،ئات توپلىنىپ ئاڭا، لەشكەر بولۇر،
         بۇ لەشكەر بىلەن ئەر تىلەگىن تاپۇر.
    2052 نىمە دەر، ئىشىت، جەڭ بىلەن ئۆتكەن ئەر:
         ئۇرۇپ ئال ئەي باتۇر ،يەنە ئەرگە بەر .
    2053 سېخى بول ،بېغىشلا ،ئىچۈر ھەم يىگۈز،
         يەنە سەن ئۇرۇپ ئال ،كېمەيسە ئەگەر.
    2054 قەسۇر ،كۆزى ئۆتكۈرگە مال ئۆكسۈمەس،
         ئالغۇر ئاق لاچىنغا يىمەك كەمسىمەس.
    2055 قىلىچ ،پالتا، ئوقيا بىلەن كۈچ ،يۈرەك-
        بار ئولسا،باتۇر مالدىن قورقماس كېرەك.
    2056 جاھاندار ،ئاقىل بەگ  نىچۈك گەنج[132] يىغۇر،
         ئەر، ئات قايدا بولسا ،ئېنىق گەنج ئالۇر.
    2057 تۇرۇشقا جاھان لەشكەر، ئات ، ئەر كېرەك،
         ئەر، ئات تۇتقىلى تولا ماللار كېرەك.
    2058 بۇ مال يىققىلى بىر باي بودۇن[133] كېرەك،
         بېيىسۇن دىسەڭ ئەل، تۈز قانۇن كېرەك.
    2059 بۇلاردىن بىرى قالسا ،تۆتى قالۇر،
         بۇ تۆتى يوقالسا ،بەگلىكمۇ ئۆلۇر.
    2060 ئالاي دىسە بەگ ياخشى شۆھرەت ۋە نام ،
         بۇ بەشتىن يىراقتا تۇرغۇلۇق تامام:
    2061 بىرى شاشماق ئېرۇر ،بېخىللىق بىرى،
        ئۈچىنچى ،غەزەپ، قىل سەۋرى ،قاچ نېرى.
    2062 ئۆزەمچىل ،جاھىللىق بۇ تۆتىنچىسى،
         بى شەك يالغان ئېيتماق ،بۇ بەشىنچىسى.
    2063 بۇلاردىن يىراق تۇرغۇلۇق بەگ ئۆزى،
         بۇزۇلماي ئېتى ،ئۆتسۇن دىسە سۆزى.
    2064 بۇلاردىن ئۆزەمچىل قىلىق ئەڭ يامان،
         چوقۇم قىينىلار كۆپ ئۆزەمچىل نادان.
    2065 بۇ ياڭلىغ سۆزنىكىم بىر شائىر ئېيتۇر،
        بۇ شائىر سۆزىن تۇتسا سۆزگە بېيۇر:
    2067 ئېغىر يۈك كىشىگە ئۆزەمچىل قىلىق ،
         ئۆزەمچىل قىلىققا ئوق ئات ،قارشى چىق .
    2068 تولا ئەل تۇتايمەن دىسەڭ ئەي ئېلىگ ،
         بۇ ئۈچ ئىشنى قىلغىن گەر يەتسە ئېلىگ:
    2069 قىلىچ تۇتسا ، ئۇرسا، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ،
        سول ئىلگىڭ بىلە سەن ئۈلەشتۇر پۇلۇڭ.
    2070 تىلىڭ سۆزلىسە سۆز شىكەردەك چۈچۈك،
        ئېگەر بويۇن قۇل،بەگ ، ئۇلۇغ ھەم كىچىك.
    2071 ئەي ئېلىگ ، بەككە بۇ نەرسىلەر زۆزۈر ،
         ئۇنى خەلق سۆيسە گەر ، ئورنى تۆر بولۇر.
    2072 كۈلەر يۈز، چۈچۈك سۆز، خۇلق ئۇز كېرەك،
         قىلىغى بۇلارغا ئۇيغۇن، تۈز كېرەك.
    2073 كۆڭۈلنى تۆۋەن تۇتسا ،قولىن سېخى،
         بۇنىڭغا يارىشا كۆيۈمچانلىغى.
    2074 پۈتۈن تۈرلۈك ئەردەم بۇ بىلسە تۈگەل،
         يىراق بولسا ئاندىن يارامسىز مۇھال.
    2075 كىشىلەر خىلى ھەم ياخشىسى شۇ خان،
         تولۇن ئاي كەبى ئۇز ،كېمەيمەيدىغان.
    2076 جاھان خەلقى بارچە  ئۇڭا قۇل بولۇر،
         جاھانغا بولۇر خان ،تىلەگىن تاپۇر .
    2077 سۆرۈن يۈز، يىرىك يۈز، تەكەببۇر كىشى،
         كىشىن يىرگەندۈرەر،يۈرۈشمەس ئىشى.
    2078 يېنىك ھەم ئالدىراقسان ،قوپال ۋە شالاق-
         بولماقلىق ئاۋامنىڭ خۇلقى ،قاچ يىراق.
    2079 ئاۋام خۇلقى بەگلەرگە لايىق ئەمەس،
         ئەگەر يۇقسا بەككە ،كېتەر قەدرى، بەس.
    2080 قۇل رەڭگى قارادۇر  ، بەگلەر بولۇر ئاق،
        قارا-ئاق شۇ خىلدا ئايرىلغانغا باق.
    2081 تولغان بەگ بولايمەن دىسە ،بەلگۈلۈك،
         ئەي مەشھۇر، پەزلىنى تولۇق تۇتقۇلۇق.
    2082 ئېتى بەگ بولۇپ خۇلقى بولسا قارا،
         بولۇر قارىدىنمۇ يامان خەلق ئارا.
    2083 بەگ ئولسۇن چىرايلىق، كېلىشكەن ساقال،
         بويى ئورتا، شۆھرەتتە ئۇ بەركامال .
    2084 چىرايلىق يۈزىن كۆرسە ،سۆيسە كۆرۈپ،
       پەخىرلەنسە ئېلى ،خەلقلىرى تۇرۇپ.
    2085 ئۇ ياۋغا ھەم قاتتىق ھەم ئولسا جەسۇر،
        كۆرەر كۆزگە بەرسە چىرايى ھوزۇر.
    2086 بويى بەك ئۇزۇننى خوپ كۆرمەس بىلىم ،
         تولا قىسقا بولسا ،بولماس خۇشپىچىم.
    2087 مۇشۇنداق ئىكەن ،ورتا بويلۇق كېرەك،
        بويى ئورتا بولسا بولۇر تۈزۈگرەك.
    2088 ئىشىتكىن ، نىمە دەر سىنىغان كىشى،
        بېشىدىن كەچۈرگەن ياشىغان كىشى:
    2089 پاكا ،ئۆزى ئاجىز ،اچچىغى يامان،
         بۇ ئاچچىق نەدە،شۇندا جاڭجال ھامان.
    2090 بويى ئورتا بولسۇن لايىق ئۆزىگە،
         ئەي ئالىم ھەر ئىشىنى ئورتا تۇت ھەر ئان.
    2091 پاساتچى بولمىغاي بەگ ،يەنە مەي ئىچەر،
        بۇ ئىككى قىلىقتىن قاچار بەخت كېتەر.
    2092 شاراپقا ئۈگەنسە جاھان خانلىرى،
         چېكەر كۆپ زىياننى ئېلى -خەلقلىرى.
    2093 ئويۇنغا بېرىلسە جاھان تۇتقۇچى،
        بولۇر مۇھتاج ئول ھىم ئېلىن بۇزغۇچى.
    2094 بۇ خانلىق ئىشىن ۋاختىدا قىلمىسا ،
         تۇتالماس ئۇنى ، قۇش سېلىپ قوغلىسا.
    2095 نىمە دەيدۇ ئاڭلا بىلىم بەرگۈچى،
         بىلىمسىزنى مەيدىن سۆكۈپ توسقۇچى.
    2096 مەي ئىچمە، ھاراقكەش ،ئەي گالنىڭ قۇلى،
         مەي ئىچسە ئېچىلدى پېقىرلىق يولى.
    2097 ھاراق ئىچسە خەلق ،يەلگە كەتكەي مېلى،
         خان ئولسا ھاراقكەش ،تۇرامدۇ ئېلى؟
    2098 يېغى، مەي ۋە مەيچى ئالۇرلەر كۈمۈش،
        قىلىغى قىدەل بولدى ،پەيلى ئۇرۇش.
    2099 مەس ئولسا كىشى تەلۋە، ئاڭسىز بولۇر،
         ئىشى تەلۋىنىڭ ،كۆر قاچان تۈز بولۇ؟
    2100 نىمە دەر ئىشىتكىن ،ھۇشيارنىڭ تىلى،
         ئەمەل قىل بۇ سۆزگە ،ەي گالنىڭ قۇلى:
    2101 نىچە قىلغۇلۇق ئىش مەي ئىچسە قالۇر،
         نىمە قىلمىغۇ ئىشنى مەسلەر قىلۇر.
    2102 مەي ئىچسە بولمىغۇر نە ئىشلار بولۇر،
         مەس ئولسا نەچچە ياخشى ئىشلار قالۇر.
    2103 ئىچىپ مەي، ئويۇنغا بېرىلگەندە خان،
        ئېڭى دۆلەت ئىشىغا يەتكەي قاچان؟
    2104 پاسات قايدا بولسا ، قاچار بەخت توزۇپ،
         پاسات دايىم يۈرەر بەگلىكنى بۇزۇپ.
    2105 ئېرىغدۇر بۇ بەخت ،ئۇ ئېرىغلىق تىلەر ،
         سۈزۈكتۇر بۇ دەۋلەت، سۈزۈكنى يۆلەر.
    2106 بېگى بولسا مەيخور، قوپال ھەم بۇزۇق،
         ھاراقلەش بولۇر ھەممە خەلقى تولۇق.
    2107 ئاۋامنىڭ ياراقسىز ئىشىن بەگ تۈزەر،
         بەگ ئولسا ناچار ،كىم ئاڭا تەڭ كېلەر؟
    2108 ئېرىغسىزنى ئادەم يۇتۇر سۇ بىلەن ،
         سۇ بۇلغانسا يۇيۇپ بولۇر نە بىلەن ؟
    2109 ھېكىم دورا بېرەر بىركىم ئاغرىسا،
        قىلۇر كىم داۋا ،گەر ھېكىم ئاغرىسا؟
    2110 دىمەك، بەگ خۇلقى ساپ- توغرا بولغۇلۇق،
         بولۇر ئەلگە بەگنىڭ خۇلقى يول- يورۇق.
    2111 نىچۈك تۇتسا ئادەت ۋە قانۇننى خان،
        بولۇر خەلقمۇ شۇنداق ،شۇ ئادەتسىمان.
    2112 بۇ سۆزگە گۇۋادۇر مۇنۇسۆز مانا،
        قاراپ كۆرسە ئۇيغۇن مەناسى ئاڭا:
    2113 ئەگەر قايسى يول ئولسا بەگنىڭ يولى،
         شۇ بەگنىڭ يۈرگەنى قۇلىنىڭ يولى.
    2114 بېگى ياخشى بولسا ،دۇرۇس ھەركىتى،
         تېخىمۇ قىلۇر ياخشى ھەركەت قۇلى.
    2115 تەكەببۇر بولۇش بەككە لايىق ئەمەس،
         تەكەببۇرلۇق بۇزار دۇرۇس يولنى،بەس.
    2116 سائادەت  بىلەن بولدى بەگلەر ئۇلۇق،
         ئېلىشقا نەسپ،دىل كىچىك تۇتقۇلۇق.
    2117 نىمە دەيدۇ ئاڭلا ،ئاقىل ياخشى ئەر،
         بىلىملىك، ئۆزى بەگ ،ەلنىڭ خىلى ئەر:
    2118 يوغانلىق قىلىپ بەگ ،چوڭ تۇتسا كۆڭۈل،
         مۇقەررەر كۆرۈر ئۇ خارلىق، ئەي ئوغۇل .
    2119 تەكەببۇرلۇقلە كۆككە چىقماس كىشى،
         كىچىك دىل بولۇشلە بۇزۇلماس ئىشى.
    2120 كېبىرلىك بى پايدا ،كۆڭۈل توڭلىتۇر،
         كىشىنى كىچىك دىللىق ئۈستۈنلىتۇر.
    2121 مۇلايىم ۋە كەمتەر كېرەكتۇر بۇ خان،
         ئۇ خىلدا ئەمەسكەن، قاچ ئۇندىن ھامان.
    2122 بەگ ئولسا مۇلايىم ۋە كۆڭلى ئوچۇق،
        گۇنالىق كىشىدىن كەچۈرسە يازۇق[134].
    2123 ئىسسىنىپ قوشۇن-ئەل، كۆيۈمچان بولۇر،
         كۆيۈمچان كىشىلەر ئۇ ،ئىشچان بولۇر .
    2124 خەلق باشچىسى بەككە ھىممەت كېرەك،
        شۇ ھىممەت بىلەن تەڭ مورۇۋەت كېرەك.
    2125 يېيىلغاي شۇنىڭلە ئۇنىڭ شۆھرىتى،
         كېلىپ ئاۋ ئۇدۇل ،ھەم بولۇر مەخسىدى.
    2126 كىشىدە يوق ئەرسە ھىممەت ، ئۇ - ئۆلۈك،
         ھەر ئىككى جاھاندا بولالماس بۈيۈك.
    2127 بۇ ھىممەت بىلەن ھەم سىياسەت كېرەك،
         سىياسەتكە بەگلىك رىياسەت كېرەك.
    2128 تۈزەر ئەلنى قانۇن، سىياسەتلە خان،
         ئاۋام خۇلقىنى ھەم ئىلتەر شۇ تامان.
    2129 بۇ سۆزگە جاۋاپ ھەم گۇۋا بۇ بېيىت،
        گۇۋا قايدا بولسا ،شۇ- ھۆججەت، ئىشىت:
    2130 بۇ بەگلەر ئىشىگىن سىياسەت بېزەر،
         سىياسەت بىلە بەگ ئېلىنى تۈزەر.
    2131 يامانغا سىياسەت يۇرۇتمەك كېرەك،
         بۇلغانسا خەلق گەر ،سىياسەت سۈزەر.
    2132 بۇ دۆلەت تىرىگى ،ۇلى بەگلىگى،
         بۇ ئىككى نەرسىدۇر يىلتىزى -كۆكى:
    2133 بىرى، خەلققە بەرمەك قانۇندىن ئۈلۈش،
         بىرى، خىزمەت ئەتكەنگە بەرمەك كۈمۈش.
    2134 قانۇن بىرلە خەلقى سۆيۈنسە  تۇرۇپ ،
         كۈمۈش بولسا خىزمەتچى كۈلەر كۆرۈپ.
    2135 شۇ ئىككىسى بەگدىن خوش ئولغان زامان ،
         ئەل رەتكە چۈشۈپ ،بەگ ئاۋۇنار شۇئان .
    2136 گەر قايسى بەگ خەلققە قانۇن بەرمىسە ،
         خەلقنى كۈزەتمەي،يىگەنلەر يىسە.
    2137 بۇزۇلۇپ ئېلى، ئۇ خەلققە چاچار ئوت،
         بۇ بەگلىك ئۇلى بولغاي شەكسىز نابۇت.
    2138 سۆيۈندۈرمىسە ئەسكىرىنى خاقان،
        قىنىدىن چىقمىغاي قىلىچ ھىچ قاچان.
    2139 قىلىچ بىرلە بەگلەر ئۇزاتۇر قولىن،
         قىلىچسىز غاپىل بەگ تۇتالماس ئېلىن.
    2140 قىلىچ بىرلە پالتا- بۇ ئەل ساخچىسى،
        قىلىچ بىرلە ئالار ئەل خەلق باشچىسى.
    2141 نىمە دەيدۇ ئاڭلا جاھان تۇتقۇچى ،
        قىلىچ ،پالتا بىرلە ياۋنى ئۇتقۇچى:
    2142 كېرەك ئەلنى ساقلاش ،ەي ئەل تۇتقان ئەر،
        غەپلەتتتە بولغانلار چوقۇم زەھەر يەر.
    2143 قىلىچلە پالتىنى  ساقچى قىل، ئەي ئەر،
        قىلچى ساقچى بولسا ، بەگلەر تېچ ئۆتەر.
    2144 قىلىچ تەۋرەر ئىكەن، يېغى تەۋرىمەس ،
        قىلىچ قىنغا كىرسە ، بەگ تېنچيەلمەس.
    2145 قىلىچ ئۇرغۇچىنى سۆيۈندۇر ،ئى خان،
        ياشا خوش ، ھامان كۆرمە ئاچچىق ، زىيان.
        *      *      *
    2146 يەنە ئېيتتى ئوگدۇلمىش :ئېلىگ قۇتى،
         قىيىندۇر ئەل ئىشى، ئۇلۇغدۇر ئېتى.
    2147 خەلققە باش ئولماق ئېغىر ئىش ئېرۇر،
         ھەمىشە باش ئاغرىق ۋە مېھنەت تېگۇر.
    2148 سۆيۈنچى ئاز ئېرۇر ،قايغۇسى تولا،
        ماختاۋچى ئاز بولۇر ،سۆككۈچى تولا.
    2149 قايانغا قارىسا قورقۇنۇچلۇقتۇر ،
         سوراپ كۆرسە ،خوشلۇغى ئازراق ئېرۇر.
    2150 سۆيمەسلەر ئېرۇر كۆپ ،سۆيەرلىرى ئاز،
         جاپاسى تولاراق،ھوزۇرلىرى ئاز.
    2151 ئارامسىز بولۇر ھەممە يەردە كۆڭۈل،
         ئارامسىز كۆڭۈل ئەرگە بىر قايغۇ ئول.
    2152 قاراپ كۆرسە ،ھەممە ئىشىدا خەتەر،
         خەتەر ئىشىنى كۆرسە ،لەززەتمۇ كېتەر.
    2153 نىمە دەيدۇ ئاڭلا ئەقىللىق سۆزى،
         ئەقىللىق سۆزىدۇر گۆھەرنىڭ ئۆزى:
    2154 ئېلىگنىڭ بوينى قىلدەك ،مۇناردەك بېشى،
         ئۇڭا بەك ئىشەنمەس ئەقىللىق كىشى.
    2155 بۇ خانلىق مىسالى باش ئۈزە قىلىچ،
         كۈنىگە ئاڭا مىڭ خەتەرلىك ئىشى.
    2156 بۇ ياڭلىغ ئېرۇر ھەممە بەگلىك ئىشى،
        بىرى كۆرسە ھوزۇر،بىرى يەر بېشى.
    2157 تاپايمەن دىسەڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق،
         كېرەكتۇر بۇ نەچچە ئىشىنى قىلماقلىق:
    2158 كۆڭۈل ،تىلنى تۈز تۇت، خۇداغا سېغىن،
         خۇدانىڭ بۇيرۇغىن مۇھىم بىل ،تېۋىن.
    2159 رىزا بول خۇدادىن نە كەلسە ساڭا،
         رىزا ۋە رىزالىق -قۇللۇغىڭ ئاڭا.
    2160 خەلققە دىلىڭدىن بول سەن كۆيۈمچان ،
         بول ياخشى ھەم ئىستە ياخشىلىق ھامان.
    2161 زىيان قىلما خەلققە ،يەتكۈز مەنپەئەت،
         بولۇپ خوپ، ياماننىڭ زىيانىن يوق ئەت.
    2162 سېنىڭ بولدى دۇنيا تىرىكلىك بىلە،
         ھاياتلىكى بولساڭ ،يېتىپ يە ،كۈلە.
    2163 جېنىڭ چىقسىمۇ تۇت ئۈمىدىڭنى زور،
         خۇدا ياخشىغا ياخشى يولنى بېرۇر.
         *     *     *
    2164 بۇلارنى مەن ئېيتتىم ، ئىشىتتى ئېلىگ ،
         كېرەك بەككە شۇنداق پەزىلەت،بىلىك.
    2165 قايۇ ئەردە بولسا بۇ ئەردەم يوسۇن،
         بولۇر بەگ ئاتاپ ، بەرسە ئۈستۈن ئورۇن.
    2166 بولۇر ئۇ تولۇق بەگ ھەم ئەلنىڭ بېشى،
        ئۇنىڭدىن تاپار تۈرلۈك خوۋلۇق كىشى.
    2167 ئىشىتكىن ،نىمە دەر بىلىملىك ،زېرەك،
         ئۇنىڭ ئىلمى ئەلگە بولۇرلەر بېزەك:
    2168 ئەقىللىق ھەم ئالىم ،توغرا بولغاي خان ،
         ئاشۇرسۇن شۆھرىتىن بولۇپ قەھرىمان.
    2169 سېخى ھەم ، ئسىل ھەم ھايالىق، سىلىق،
         كۆيۈمچان بولۇپ، بەك كۈزەتسۇن خەلق.
    2170 كۆزى توق ، سەۋرىلىك ھەمدە مۇلايىم،
         ئەپۇچان، ئۇز خۇلق بولسۇن ئۇ دائىم.
    2171 پۈتۈن پەزلى بولسا جىمىدىن ئۈستۈن،
        بېرەلىسۇن ئەلگە ئۇ ياخشى قانۇن.
    2172 مۇشۇنداق بولسا قايسى ئەلنىڭ خېنى ،
         تۈگەپ دەرت ، قۇتۇلار ئېلى- ۋەتىنى .
    2173 تۇغار بەخت كۈنى، ئەلگە تېچلىق بولۇر،
         ئىسىتكىم ، بۇ ياڭلىغ كىشىلەر ئۆلۇر.
         *     *     *
    2174 بۇ ئەردى ئەي ئېلىگ مېنىڭ بىلمىشىم ،
        ساڭا ئېيتتىم ئەمدى مانا ئۇقمىشىم.
        ئېلىگنىڭ ئوگدۇلمىشكە سوئالى
    2175 ئېلىگ ئېيتتى :ئۇقتۇم، دۇرۇس سۆزلىدىڭ،
         كېرەك ئىدىشۇ بىلىمدى ئازمىدىڭ.
    2176 يانا دەيدىغان بىر سۆزۈم بار ساڭا،
         ئۇنى ھەم ئوچۇقلاپ دىگىىن سەن ماڭا.
    2177 بەگ ئولسا مۇشۇنداق سەرە ،پەزلىلىك،
        كېرەكتۇر ۋەزىر بولسا  ئۇ قانچىلىك؟
    2178 تولا قىلسا ئالتۇن- كۈمۈش غەزنىنى،
         تۈزەپ ئەل، ئارتتۇرسا ئۇ كەنت -شەھرىنى.
    2179 ئېلىن سورىسا توغرا قانۇن بىلە ،
         ئىسىنسا قوشۇن كۆڭلى خوشلۇق ئىلە.
    2180 خەلق تېچ بولۇپ، ئۇڭا قول تەگمىسە ،
        بېگىنىڭ نامى ياخشى بولۇپ ئۆچمىسە.

     


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قۇتادغۇبىلىك