يىللارغا جاۋاب

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-15 00:27:55

يىللارغا جاۋابلۇتپۇللا مۇتەللىپۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.ئوغرىلاپلا قاچى...



    يىللارغا جاۋاب

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ

     

     

    ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،

    يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.

    ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،

    يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.



    ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،

    بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.

    ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،

    يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.



    ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،

    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.

    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

    ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.



    يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ...

    يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال.

    يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،

    قىزلار قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.



    بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،

    مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.

    ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،

    چۆلنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.



    يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،

    تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.

    قاراپ باق، ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،

    تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ ،ھە ... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.



    كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،

    كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.

    ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،

    قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.



    مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،

    مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.

    ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،

    ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.



    قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،

    شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.

    ئۆلۈم پەستە قېلىش كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،

    چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.



    ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا.

    يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.

    كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،

    كۈرەش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.



    يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،

    ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.

    قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،

    ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.
     


    يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،

    ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.

    يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،

    ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ، دەپ بېرىمىز جاۋاب.

     


    1944-يىل، ئاقسۇ

     

    مەنبە: "لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى" --- شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982-يىل 10-ئاي، بىرىنچى نەشرى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.