بۇرۇنقىلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى

يوللىغۇچى : بىزھايات يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-14 12:38:00

ھۈنەرۋەنلەر دۇنيانى زىننەتلىگۈچىلەر دۇر.( يۈسۈپ خاس ھاجىپ ) ھۈنىرى يوق يۈز كىشى يالغۇز كىشىگە تەڭ . يالغۇز كىشىنى قانداقمۇ ئادەم قاتارىدا سانىغىلى بولسۇن ( ئەلشىر ناۋايى ) ئىشلىگەنلەر نازۇ - نى...

     

    ھۈنەرۋەنلەر     دۇنيانى    زىننەتلىگۈچىلەر دۇر .    (  يۈسۈپ   خاس    ھاجىپ  ) 

    ھۈنىرى يوق يۈز كىشى يالغۇز كىشىگە تەڭ . يالغۇز كىشىنى قانداقمۇ ئادەم  قاتارىدا سانىغىلى بولسۇن      ( ئەلشىر  ناۋايى )  

    ئىشلىگەنلەر  نازۇ - نىمەت يەيدۇ، بىكارئۆتكەنلەر ھەسرەت  ( يەيدۇ ) .    (  ئەلشىر  ناۋايى )

     ئۆزەڭنىڭ  مىھنىتى بىلەن   كەلگەن بىر تىيىن ، باشقىلار  بەرگەن   خەزىنىدىن ئەلا . (  ئەلشىر   ناۋايى  )  

    ئىلىم بىر ھۈنەردۇر، مۇشۇ ھۈنەرنى كەسىپ قىلغاندا دۇنيانىڭ نىئمىتىنى ئۈندۈرگىلى بولىدۇ(مۇھەممەت ئابدۇللا خاراباتى)

    ھەسەل نەدە بولسا ھەرىسىمۇ بىللە بولىدۇ، ھەسەل يىيىشتىن ئاۋال ھەرىنىڭ زەھىرىنى تىپىشقا توغراكىلىدۇ  (ئەھمەت يۈكنەكى )

     ھەر خىل جىنسىدىكى ئادەملەر دۇنياغا تۆرەلگەن ۋە ھايات مەھەللىسىدە ھەرخىل ماكان تۇتقان ئكەن، ئەمگەك قىلىشى ، پىشانىسىدىن تەر ئاققۇزۇپ رىزىق ھاسىل قىلىشى لازىم .  (مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ) 

     ھۈنەرئۈگەنگىن، ئۆگەنگەندە سوراشتىن نۇمۇس قىلمىغىن، نىمىنى بىلمىسەڭ  شۇنى ئۆگىنىشكە تىرىشقىن .(مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ) 

    ھۈنەر ئۈگەنمەسلىك    ۋە تىرىشماسلىق    جاھىللىق  ھەم مۇھتاجلىققا   رازى بولغانلىق  بولىدۇ.  ( مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى )  

    گۆھەرلىرىڭنىڭ  كۆپلۈكىدىن ھۈنىرىڭنىڭ كۆپ بولۇشى ياخشىدۇر.   ھۈنەرسىز كىشى  خۇددى ياپراقسىز دەرەخكە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ غولى ۋە بولغان بىلەن سايىسى بولمايدۇ، ھۈنەرسىز كىشى قانچە ئالىي  نەسەپلىك ئىسىلزادە بولغىنى بىلەن  خالايىق ئارىسىدا ھۆرمەتكە  ئىگە بولالمايدۇ.    (  مۇھەممەت  سىدىق   بەرشىدى )

    ساپ نىيەت  ئەمگەك  بىلەن  بارلىققا كىلىدۇ،   ئالتۇن ئوت  ئىچىدە تازىلىنىپ ساپ  بولىدۇ. (  مۇھەممەت ئىمىن  خىرقىتى )

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق