«دىۋانى لۇغاتىت تۈرۈك» تىن ئۆگۇت _نەسىھەتلەر

يوللىغۇچى : AlsuyarHasan يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-24 12:07:01

«دىۋانى لۇغاتىت تۇرۇك »تىن ئۆگۈت ـ نەسىھەت ئەسلىسى: ئالغىل ئۆگۇت مەندىن ئوغۇل ئەردەم تىلە، بويدا ئۇلۇغ بىلگە بولۇب بىلكىڭ ئۈلە. ئەردەم تىلە ئۆگرەنىپەن بولسا كۈۋەر، ئەردەمسىزىن ئۆگەنسە ئەڭمەگ...

    «دىۋانى لۇغاتىت تۇرۇك »تىن ئۆگۈت ـ نەسىھەت

    ئەسلىسى:
         ئالغىل ئۆگۇت مەندىن ئوغۇل ئەردەم تىلە،
         بويدا ئۇلۇغ بىلگە بولۇب بىلكىڭ ئۈلە.

         ئەردەم تىلە ئۆگرەنىپەن بولسا كۈۋەر،
         ئەردەمسىزىن ئۆگەنسە ئەڭمەگۈزە ئەڭەر.
     
         ئوغلۇم ساڭا قوزۇرمەن ئەردەم ئۆگۈت خۇمارۇ،
         بىلگە ئەرىگ بولۇپ سەن باققل ئانىڭ تابارۇ.

    يەشمىسى:

      ئەي ئوغلۇم، مەندىن ئۆگۈت ـ نەسىھەت ئال، پەزىلەت تىلە، ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش،تاكى ئەل ئىچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ، ئەدەپ ۋە ئىلىم ـ ھېكىمەت تارات.

       ئىلىم ـ ھېكىمەت ئىستە، ئۆگىنىشتىن چىكىنمە، غادايما، بىرەر نەرسىنى ئۆگەنمەيلا ئۆزىنى بىلىمدان كۆرسىتىپ ماختىنىدىغان كىشى سىناقتا ھودۇقۇپ قالىدۇ.
     
       ئوغلۇم، ساڭا ئەدەپ ـ ئەخلاقنى مىراس قىلىپ قالدۇرىمەن؛ئىلىملىك، ئەقىللىق ئادەملەرنى تېپىپ ئۇلارغا يېقىنلاش، ئۇلاردىن پايدىلان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.