سەئىدىنىڭ ئوغلىغا ئېيتقانلىرى

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-22 12:13:00

سەئىدى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەپتۇ : - ئوغلۇم ،پالاكەتكە دۇچار بولۇشنى خالىمىساڭ ،مەغرۇر ۋە تەكەببۇر بولما . راھەت - پاراغەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلساڭ ،دىلىڭنى ھېرىستىن پاك قىل . خار- زار...

    سەئىدى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەپتۇ :
    - ئوغلۇم ،پالاكەتكە دۇچار بولۇشنى خالىمىساڭ ،مەغرۇر ۋە تەكەببۇر بولما . راھەت - پاراغەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلساڭ ،دىلىڭنى ھېرىستىن پاك قىل . خار- زارلىقىنى خالىمىساڭ ،تەمەگەر بولما .ئۆزەڭگە ياخشىلىق قىلىنىشنى ئارزۇ قىلساڭ ،ياخشىلىق قىل ،ھېچكىمگە ئازار بەرمە ،ياخشىلىقنى ئۇلۇغ ئىش دەپ بىل . قەدىر - قىممىتىڭنىڭ ئېشىشىنى تىلىسەڭ ،ھىممەتلىك بول . ئۆزەڭنى ھەممىگە سۆيدۇرۇشنى خالىساڭ ، ئەدەپلىك ،دىيانەتلىك بول .ئىززەت - ھورمەتكە ،ئاتاق  -ئابرۇيغا ئىگە بولۇشنى خالىساڭ ،ھالال ئەجىر قىل ،جاسارەت بىلەن ئىشلە .ئىشەنچىلىك ئادەم بولۇشنى خالىساڭ ،يالغانچىلىقتىن ساقلان . قايغۇ -ھەسرەت ئىچىدە قالساڭ، سەۋرە قىل .ئىشلىرىڭنىڭ پۇشايمان بىلەن يەكۇنلىنىشىنى خالىمىساڭ ،ئاۋۋال ياخشى ئويلاپ دانا، تەجرىبىلىك كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ئاندىن ئىشقا كىرىش .
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق