يەركەن دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-06 06:02:23

يەركەن دەرياسى ھەققىدە رىۋايەتبۇرۇنىسىدا ، قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى قاراقۇرۇم تاغ ئېتىكىدە بىر كىچىك كەنىت بار ئىكەن . كەنىتتە يەكەن ئاتلىق بىر يىگىت بار بولۇپ ، ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئاتا- ئانىسى...



    يەركەن دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت
     




    بۇرۇنىسىدا ، قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى قاراقۇرۇم تاغ ئېتىكىدە بىر كىچىك كەنىت بار ئىكەن . كەنىتتە يەكەن ئاتلىق بىر يىگىت بار بولۇپ ، ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئاتا- ئانىسى قازا قىلىغان بولغاچقا ، ئۇنى باشقىلار بېقىپ چوڭ قىلغانىكەن . كەنىتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ غەمگۈزارى ئىكەن . يەكەن 18 ياشقا كىرگەن يىلى ، كەنىتتە يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈپتۇ . يۇرت ئاقساقاللىرى كەنتتىكىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ، پاراسەتلىك باتۇر بىر يىگىتنى تاللاپ ، قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنىنى بويلاپ سۇ ئىزدەشكە ئەۋەتمەكچى بوپتۇ . كەنىتتىكىلەر يەكەننىڭ ئەقىللىق ۋە پاراسەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ئۇنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قاراپتۇ . يەكەن تاللانغانلىقىدىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىپتۇ ۋە يۇرتداشلارغا ئېگىلىپ تازىم قىلىپ ، كۆپچىلىك ئېلىپ كەلگەن مەززىلىك نان ۋە ئۈزۈملەرنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ . ئۇ مېڭىپتۇ ، مېڭىپتۇ ، بىر تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپتۇ ، كۆز ئالدىدا يەنە بىر تاغ كۆرۈنۈپتۇ . ئىككى ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، يەكەن سۇ مەنبەسىنى تاپالماپتۇ ، يېنىدىكى ئۇزۇق - تۈلۈكى ۋە سۈيى تۈگەپتۇ . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىر قارلىق تاغ كۆرۈنۈپتۇ . شۇ ئەسنادا چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ، ساقاللىرى كىندىكىگە چۈشكەن بىر بوۋاي بۇ يەردىن ئۆتۈپ قاپتۇ . يەكەن ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ تۇرۇپ :

    -بوۋا ، سىز قەيەردە سۇ بارلىقىنى بىلەمسىز ؟-دەپ سوراپتۇ .

    -سۇ ئىزدەپ تېپىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ، جاپاغا چىدىيالىساڭلا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسەن ، — دەپتۇ بوۋاي .

    يەكەن ئۈمىدسىزلىنىپ ، تاقاتسىزلىك بىلەن بوۋايغا :

    -ھۆرمەتلىك بوۋا ، ھەرقانچە جاپا بولسىمۇ مەن يېڭەلەيمەن ، پەقەت يۇرتداشلار سۇ ئىشلىتەلىسىلا ، مەن سۇدىنمۇ ، ئوتتىنمۇ يانمايمەن ! — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . بوۋاي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قوينىدىن بىر سۇ قاپىقىنى چىقىرىپ يەكەنگە :

    -بۇ بىر خاسىيەتلىك قاپاق ، كەنتكە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، سەن ئەڭ ئېگىز جايدا تۇرۇپ ، قاپاقنى دۈم قىلساڭ ، قاپاقتىن بۇلاق سۈيى ئېتىلىپ چىقىدۇ ، قانچە ئېگىزدە تۇرساڭ ، سۇ ئېقىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ — دەپتۇ .

    يەكەن ئۇزاق ئايرىلغان كەنتكە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، كەنتنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغقا چىقىپتۇ . تۇيۇقسىز ، ئۇ چاتقالغا پۇتلىشىپ كېتىپ ، قولىدىكى گۆھەر قاپاق تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ . گۆھەر قاپاق چۈشكەن جايدىن تېزدىنلا بىر بۇلاق پەيدا بوپتۇ ، لېكىن سۈيى بەك ئاز ئىكەن . يەكەن تاغ باغرىدا يۆكۈنۈپ ئولتۇرۇپ : 《 بۇنچىلىك كىچىك بۇلاق بىلەن قانداقمۇ پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققىلى بولسۇن ؟ 》 دەپ ئاھ ئۇرۇپتۇ . يەكەن قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ، تىك ياردىن سەكرەپ ئۆزىنى بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتقان بۇلاققا ئېتىپتۇ . بىردىنلا ، ئۇ بۇلاق دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان چوڭ دەرياغا ئايلىنىپ قاپتۇ . كىشىلەر بۇ قەھرىمان ياشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ، بۇ دەرياغا 《 يەكەن دەرياسى 》 دەپ نام قويۇپتۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.