سەئدى شىرازى: ئىشىك تۈۋىدىكى ئادەم

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-26 23:19:24

ئىشىك تۈۋىدىكى مەنسەئدى شىرازىزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسىمەن مەشۇقنىڭ ئىشكىنى قاقسام، سورىدى:ئىشىكتىكى كىمدۇر؟، دېدىم: ئىشىكتىكى مەن!ئېيتتى: ئىشىق تەرىفىنى قويدۇڭ يۈتتۈرۈپ ،ئىككى...



     

    ئىشىك تۈۋىدىكى مەن


    سەئدى شىرازى

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى

    مەن مەشۇقنىڭ ئىشكىنى قاقسام، سورىدى:
    ئىشىكتىكى كىمدۇر؟، دېدىم: ئىشىكتىكى مەن!
    ئېيتتى: ئىشىق تەرىفىنى قويدۇڭ يۈتتۈرۈپ ،
    ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى ئايرىغاندا سەن.
    يىللار ئۆتتى، كەلدىم يەنە سېغىنىپ ئۈنى،
    چەكتىم ئاستا ئىشىكىنى زور ئۈمۈد بىلەن.
    ئۇ سورىدى: كىمسەن؟ دېدىم: قاراپ باق ئۆزۈڭ،
    يوقتۇر ئىشىك تۈۋىدە يات، ئىشىكتىكى سەن.
    ئېيتتى: ئىشىق تەرىفىنى ياخشى سۆزلىدىڭ،
    كىرگىن ماڭا، مۇھەببەتنى تونۇغان ئەي مەن!


    ------------------------------------------
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيو-يۇركتىكى باش شىتابىدا بىر لەۋھە ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا دۇنياۋى شائىر سەئدى شىرازىنىڭ ئۇشبۇ  شېئىرىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى يېزىلغان.
    گەنسۇ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان« غەم قىلماڭ» ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلدىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.