بىر ئەسىر كۆمۈكتە ياتقان «شاھنامە»

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-16 17:52:50

ئەمدى «شاھنامە» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىگە كېلىدىغان بولساق، ئۇنى قازاق خەلقىدىن يېتىلىپ چىققان كۆرنەكلىك شەرقشۇناس ئالىم، ھەلى مەرھۇم مۇھەمەدرەھىم يارمۇھەمەدوۋ ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلغان ئىكەن.

     
    بىر ئەسىر كۆمۈكتە ياتقان «شاھنامە»
     
    ئالىمجان تىلىۋالدى
     
      يېقىندا م.ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئاقيىگىت ئەلىبىكوۋ بۆلۈمىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ماڭا ئىنستىتۇت نامىدىن بىر كىتابقا تەقرىز يېزىش لازىملىقىنى تاپشۇرۇپ، شۇ توغرۇلۇق قىسقىچە ئۇچۇر يېزىلغان بىر پارچە ۋاراقنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى. دەسلەپ مەن بۇنى ئادەتتىكى بىر ئىش دەپ چۈشەندىم. ئەمما ئاخبارات ۋارىقىنى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا، خەلقىمىزنى يەنە بىر يېڭىلىق كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى سۆز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىلىرىنىڭ بىرى قەلەندەرنىڭ «شاھنامە» داستانى توغرىلىق تەقرىز يېزىشى ھەققىدە بولۇۋېتىپتۇ. 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى قەلەندەر 11-ئەسىردىكى پارس-تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» سىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن… ئەمما بۇ نەق تەرجىمە ئەسەرمۇ ياكى يېڭىچە بىر شەرھىمۇ، بۇ توغرىلىق ھازىرچە بىر نېمە ئېيتىش قىيىن، ئۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا قول يازمىلارنى كۆچۈرۈشتە ياكى تەرجىمە قىلىشتا ئەركىن ۋە ئىجادىي ياندىشىش ئەنئەنىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ھېساپقا ئالساق، ئۇ چاغدا ماڭا ئالاھىدە بىر داستان توغرىلىق تەقرىز يېزىش ۋەزىپىسىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. قىسقىسى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىش ئىلكىدە سالمىقى 7 كىلوگرامغا يېقىن بولغان 1042 بەتلىك چوڭ كىتابنى قولۇمغا ئالدىم.
      ئومۇمەن، ئۇيغۇر شائىرىنىڭ بۇ داستانىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا خېلى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. مەزكۇر ئەسەرنى 1921- يىلى بايئوغلى ئىسىملىق كىشى قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي كىتابخانىسىغا تاپشۇرۇپتۇ. دېمەك، بۇ مەشھۇر ئەسەر كىتابخانىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆتكەن يۈز يىلنى ھېساپقا ئالغاندا، ئۈچ ئەسىر داۋامىدا كۆمۈكتە ياتتى دېگەن سۆز. ئېچىنارلىق يېرى، مەزكۈر داستان بىزنىڭ ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ دىققەت-نەزىرىدىن سىرت قالغان. ئەگەر بىز داستاننىڭ مىللىي كىتاپخانىغا تاپشۇرۇلغان ۋاقتىنى نەزەردە تۇتساق، ئۇ چاغدا 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەقەلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بۇ خەلقىمىزنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى ۋە مىللىي تەئەللۇقلۇقىنى ئېنىقلاپ، يېڭى بىر دەۋىرگە قەدەم تاشلىغان پەيتى ئىدى. نەق موشۇ دەۋردە قەلەندەرنىڭ «شاھنامە» سى تېپىلغان ئىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىللىي دۇردانىلىرىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تېپىلىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى تۇۋا تەۋەسىدە تېپىلغان پورباجىن. ئۇ خەلقىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئاشۇردى. ئۆز ۋاقتىدا مەن تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررىتورىيىسىدە قەدىمىي ئۇيغۇر خاندانلىقىغا ئائىت يەنە بەش شەھەرنىڭ توپا ئاستىدا ياتقانلىقىنى روسىيە دۆلىتىنىڭ شۇ چاغدىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتلەر مىنىسترى سىرگەي شويگۇنىڭ لەۋزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. دېمەك، كېلەچەكتە خەلقىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىنىڭ تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئۈمۈد ئارتىمىز. ئەڭ مۇھىمى، بۈيۈك تارىخىمىزغا ئائىت ئاسارە-ئەتىقىلىرىمىزنىڭ، يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ئاممىۋىي ئۆگىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا ئىنتىلساقلا بولغىنى.
      ئەمدى «شاھنامە» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىگە كېلىدىغان بولساق، ئۇنى قازاق خەلقىدىن يېتىلىپ چىققان كۆرنەكلىك شەرقشۇناس ئالىم، ھەلى مەرھۇم مۇھەمەدرەھىم يارمۇھەمەدوۋ ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلغان ئىكەن. ئەمما نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئالىمنىڭ ماقالىلىرى نەشىر قىلىنمىغان. ۋاقىت ئۆتۈپ بۇ ئەسەر تاجىك ئالىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بىردىن جەلىپ قىلغان. نەتىجىدە قازاقستان مىللىي كىتابخانىسىنىڭ باش مۇدىرى گۇلىسا بالابەكوۋا قەلەندەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى «شاھنامە» سىنى تەۋەررۈك ئەسەرلەر قاتارىدا يۇنىسكو (ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى) نىڭ «دۇنيا خاتىرىسى» تىزىمىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان. مانا شۇ قارارنى مەن م.ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى نامىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، پىكىر يوللىدىم. بۇنى ئالاھىدە قەيت قىلىشىمنىڭ سەۋەبى، ئۇزۇن ئەسىرلەر بويى كۆمۈكتە ياتقان نادىر ئەسەرنىڭ ئاممىۋىيلىشىشى ئۈچۈن مىسقالدەك بولسىمۇ ئۈلۈش قوشقانلىقىمنى ۋە ۋۇجۇدۇمدا پارتىلىغان مىللىي ھېسسىياتىمنى يوشۇرالمىدىم.
    خۇلاسە، قەلەندەر دېگەن كىم؟ ئۇ ھەققىدە بىز نېمە بىلىمىز؟
      يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان قول يازمىدىن قەلەندەرنىڭ شاخ ھىجران نىزامىددىن غوجا ئوغلى ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇ مەزكۇر «شاھنامە» نى دانىيال غوجىنىڭ ئوغلى ياقۇپ غوجا جاھاننىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن يازغانلىقىنى بىلىمىز. نەق مۇشۇنداق مەلۇمات 18-ئەسىر ئۇيغۇر نامايەندىسى مۇھەممەت سادىق قەشقەرىيىنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ئەسىرىدىمۇ بار.
    ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتنى ئاتاقلىق شائىرىمىز تىيىپجان ئېلىيوف ئېلان قىلغان ئىكەن. ئەمدى ئۇنى كېڭەش ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىغا دەسلەپكى قېتىم تونۇشتۇرغان بولسا ئاتاقلىق ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، مەرھۇم ساۋۇت موللاۋۇدوۋدۇر. ئەمما، ئالىمنىڭ «18- ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» كىتابىنى قولغا ئالغاندا، قەلەندەر توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىگىگە كۆز يەتكۈزدۈم. شائىرنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە تامامەن ئاخبارات يوق. ئەمما س.موللاۋۇدوۋ قەلەندەر شېئىرلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغانلىقىنى تەخمىن قىلغان. ئەمدى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، ئالىم غەيرەتجان ئوسمان قەلەندەرنىڭ شېئىرلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا، شائىرنىڭ يۇرتى قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى قۇندۇز دېگەن يەر دەپ تەخمىن قىلىدۇ. ئەمما كېيىنرەك ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلۈپ، شائىرنىڭ يۇرتى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز شەھىرى دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن دەرھال 2005-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان بەش توملۇق «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» نى قولغا ئېلىپ، قەلەندەر توغرىلىق مەلۇماتلارنى ئىزدىدىم. بىراق، نېمىشقىدۇر، ئۇلۇغ ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتى مەزكۇر چوڭ توپلامدىنمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بىز 1908-يىلى تاشكەنت شەھىرىدە بېسىلغان «شاھنامەئى تۈركىي» توغرىسىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى ئۇچۇرلاردىن، يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغان مەلۇماتلارنى ئالدۇق. بۇ خەۋەرلەرنى ھېساپقا ئالغاندا، بىز شائىر قەلەندەرنىڭ ئاتىسى شاھ-ھىجراننىڭ تولۇق ئىسمى شاھ مۇھەممەد ئىمىناخۇن ئىبن غوجا نىزامىددىن ئىكەنلىگىگە كۆز يەتكۈزىمىز. دېمەك، ش ئۇ ئا ر ئالىملىرى ئىمىنجان ئەھمىدى ئۇتۇق بىلەن غەيرەتجان ئوسماننىڭ تەكىتلىشىچە، «شاھنامەئى تۈركىينىڭ» نۇرغۇنلىغان تەرجىمىلىرى مەۋجۇت. «شاھنامە» نىڭ تاشكەنتتىكى نۇسخىسىنى ئېيتمىغاننىڭ ئۆزىدە، ئۇنىڭ ئالمۇتىدىكى نۇسخىسى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى كىتابىنىڭ نەق يېرىمى، يەنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان چوڭ بىر تومى. ش ئۇ ئا ر ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانساق، ئىككىنچى تومىنى شاھ-ھىجراننىڭ دوستى خامۇخۇن ئىسىملىك شائىر يەكەندە 16 يىل مابەينىدە يېزىپ تۈگەتكەن. مەزكۇر كىتابنىڭ قول يازمىسىنى يەكەنلىك ھەمىتاخۇن دېگەن كىشى ش ئۇ ئا ر نىڭ مىراسگاھىغا ھەدىيە قىلغان. دېمەك، 18-ئەسىردە پۈتۈلگەن «شاھنامە تۈركىي» ئىككى نەپەر ئۇلۇغ ۋە تالانتلىق ئەدىبلەرنىڭ ئۇزاق يىللىق مېھنىتىنىڭ مېۋىسى. تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىمكى، قەلەندەر يەكەندە ياشىغان شۇ بۈيۈك زات شاھ ھىجراننىڭ ئوغلى. دېمەك، ئاتا-بالا ئىككىسى تەڭدىشى يوق مىللىي غەزىنىنى خەلقىمىزگە ھەدىيە قىلغان ئىكەن. بۇنىڭغا قاراپ، قەلەندەرمۇ يەكەنلىك بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ ئويلىدۇق. ئەمما بىز ھازىرچە ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇماتلارنى تاپالمىدۇق. ئەمدى قەلەندەر ئاتالغۇسىغا كېلىدىغان بولساق، بۇ ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى، 18- ئەسىردە نەقىش-بەندى سوپى-دەرۋىشلەر ئوردەنىنىڭ (جامائىتىنىڭ) چېچىلىپ كېتىشىگە باغلىق، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاپپاق غوجا رەھبەرلىكىدىكى «ئىشقىيە» ۋە دانىيال غوجا باشچىلىغىدىكى «ئىسھاقىيە» ئوخشاش ئىككى چوڭ گۇرۇھ پەيدا بولۇپ، ئۇلار ئىدىيەۋى جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن كۈرەشكەن. كېيىنرەك، ئۇ تارىختا ئاق تاغلىقلار ۋە قارا تاغلىقلار دەپ نام ئالغان. قەلەندەرگە كېلىدىغان بولساق، ئۇ دانىيال غوجىلار ئەۋلادى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان «ئىسھاقىيە» جامائىتىگە ئەگەشكەن. مەزكۇر جامائەتنىڭمۇ بىر قانچە دەرۋىشلەر ئوردەنىدىن تەركىب تاپقانلىقى مەلۇم. شۇنداق سوپىلار جامائىتىنىڭ بىرى ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئۆزى تەشكىل قىلغان قەلەندەر ئوردەنى بولۇشى ئېھتىمال ھەم بۇ ھەقىقەتتىن يىراق ئەمەس. ئۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، بۈگۈنكى كۈندە پارس-تاجىك ۋە ئۆزبېك ئەدەبىياتىدا قەلەندەر ئىسىملىك ئەدىبلەر مەۋجۇت. بۇ ئوردەندىكى دەرۋىشلەر رېئال ھايات ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇقى بىلەن ۋاز كەچكەن بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە كېچە-كۈندۈز ئىجاد قىلىش، قول يازمىلارنى كۆچۈرۈش ھەم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بەند بولغان. ئۇلار بايلىق توپلىمىغان. مەنىۋى بايلىق–زور بەخت دەپ چۈشەنگەن. بىزنىڭ ئويىمىزچە، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ «ئىسھاقىيە» گورۇھىغا توپلىنىشى ئۇتتۇر دانىيال غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ياقۇب غوجا شاھ جاھان ۋە فۇتۇھىيلارنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ھەم چوڭقۇر بىلىم-پاراسەت ئىگىلىرىدىن بولۇپ، زور ئىجتىمائىي-سىياسىي سالماققا ئېرىشكەنلىكىدىن بولسا كېرەك.
      يەنە بىر ھەيران بولارلىق يىرى، دانىيال غوجا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغلى شاھ جاھان (ئەرشىي) دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە راۋاجلانغان. بۇ دەۋىردە زەلىلى، نەبىتى، خاراباتى، خامۇشاخۇن، شاھ ھىجران، مەشھۇرىي، شائىراخۇن، مۇھەممەت سىدىق قەشقەرىي، گۇمنام ئوخشاش نامايەندىلەر ئىجاد قىلىپ، زور شۆھرەت قازانغان. ئەمما ئاپپاق غوجا ئەۋلادلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇرھانىدىن غوجا «ئىسھاقىيە» دەرۋىشلەر جامائىتىنى بەربات قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بولغان مەشھۇر شائىرلار ئەرشىي، ئۇنىڭ ئوغلى فۇتۇھىينى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇ تۈپەيلى 18-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك بىر گۈللىنىش دەۋرىگە چوڭ دەخلى يەتكۈزۈلگەن. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئەھۋالدا قەلەندەر، ئۇنىڭ ئاتىسى شاھ ھىجران بىلەن دوستى خامۇشاخۇننىڭ تەقدىرى توغرىلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىشى تەبىئىي! بەلكىم، ئۇلارمۇ ئاپپاق غوجا ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پاجىئەلىك ۋاقىئەلەرنىڭ زەردابىغا ئۇچرىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەر ھالدا، غوجىلار دەۋرى تەپرىقىچىلىككە ۋە جاھالەتكە تولغاندەك بىلىنسىمۇ، بىراق ئۇ دەۋىردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەنە بىر ئۇلۇغ باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئۇنتۇماي، بۈيۈك ئەدەبىياتىمىز بىلەن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.
      بۇ ئەسەردىن باشقا قەلەندەرنىڭ قەلىمىگە 150كە يېقىن غەزەل، 20دىن ئوشۇق مۇخەممەس مەنسۇپ. قەلەندەرنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئەللامە ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ بۈيۈك ئەسىرىنى قولغا ئېلىشى، ئۇنى، سۆزسىز، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرلىرىنىڭ قاتارىغا قويىدۇ. ئىشەنچىم كامىلكى، ۋاقىت ئۆتۈپ، بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئىجادىيىتى دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
    ئاپتور: م.ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى.
    «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدىن ئېلىندى.
    توردىكى مەنبەسى: يازغۇچىلار مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.