يەر شارىنىڭ 2015-يىللىق ۋەزىيىتى ھەققىدە پەرەزلەر-1

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2015-01-17 21:05:19

بۇ ئەلۋەتتە خەۋپ-خەتىرى بار بىر سىناق. بىز 2013-يىلى يازغان يېڭى يىللىق پەرەز ماقالىسىنى ئەسلەپ باقساق، ئۇنىڭدا نەچچە تۈرلۈك پەرەزنى ئەمدى سۆزلىگۈمىز يوق. كرىس جىلېس (Chris Giles) ئەينى چاغدا ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ 2014-يىلى ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. سىمون كۇپېر (Simon Kuper) بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىدا چىمپيون بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. كلىۋ كۇكسون (Clive Cookson) ۋىرگىن سامان يولى جەمئىيىتىنىڭ 2014-يىلى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتلىك سودا ئالەم قاتنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى.

چۈشۈرۈش

    بەزى خىزمەتداشلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئالقىش سادالىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ۋىكتور ماللېت (Victor Mallet) نادېللا مودىنىڭ ھىندىستان سايلىمىدا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى توغرا پەرەز قىلدى. جوناسېن فورد شوتلاندىيە ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشنىڭ مۇستەقىللىق رەت قىلىنىدىغانلىقىغا بولغان ھۆكۈمىدە قىلچە خاتالىق يوق (گەرچە ئاۋازغا قويۇش ھارپىسىدە بۇ نەتىجىدە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر مەۋجۇت بولسىمۇ)؛ گىدېئون رېچمان فرانسىيە مىللىي فرونتى ۋە ئەنگلىيە مۇستەقىللىق پارتىيىسىنىڭ 2014-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتتى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋەزىيەت