يايرىدى شېھىت قەلبىم  (ناخشا تېكىستى)

يوللىغۇچى : tursunjanhasan يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-21 17:02:00

يايرىدى شېھىت قەلبىم ( ناخشا تېكىستى) يۈرەككە ئەلەم چۈشتى، قولۇمدىن قەلەم چۈشتى. خوشلاشتى ھايات مەندىن، لەھەتكە قەدەم چۈشتى. ۋاقىتقا ئەجەل يەتتى، تەڭرىگە غەزەل كەتتى. چەكسىزلىك ئارا روھىم، قۇياش...

    يايرىدى شېھىت قەلبىم  
    ( ناخشا تېكىستى)

          يۈرەككە ئەلەم چۈشتى،
    قولۇمدىن قەلەم چۈشتى
    . خوشلاشتى ھايات مەندىن،
    لەھەتكە قەدەم چۈشتى.

     ۋاقىتقا ئەجەل يەتتى،
    تەڭرىگە غەزەل كەتتى.
    چەكسىزلىك ئارا روھىم،
    قۇياشنى بەدەل ئەتتى.

    نۇرلاندىم ئالتۇن تۆردە،
    شادلاندىم يۇلتۇز گۆردە.
    يايرىدى شېھىد قەلبىم،
    ۋىسالغا تەشنا ھۆردە.

    نەقىرات: قولۇمدىن قەلەم چۈشتى،
    يۈرەككە ئەلەم چۈشتى.
    بەختىمنى راسا كۈيلەپ،
    ئۇسسۇلغا سەنەم چۈشتى.

      مەنبە:ئىجادىيىتىم

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق