ناخشا تېكىستى-مەن ساڭا بەخىت تىلەيمەن

يوللىغۇچى : راخمانجان يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-06 07:08:00

مەن ساڭا قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن كۆزلىرىڭ يۇلتۇزدەك پارقىراپ تۇرسۇن ، قاشلىرىڭ قىياقتەك يەلپۈنۈپ تۇرسۇن، چېھرىڭدىن كۈلكىلەر مەڭگۈ ئۆچمىسۇن، مەن ساڭا قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن. كۆزۈڭدىن ھەسرەتلى...

    مەن ساڭا قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن

     

     

    كۆزلىرىڭ يۇلتۇزدەك پارقىراپ تۇرسۇن ،

    قاشلىرىڭ قىياقتەك يەلپۈنۈپ تۇرسۇن،

    چېھرىڭدىن كۈلكىلەر مەڭگۈ ئۆچمىسۇن،

     مەن ساڭا قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن.

     

    كۆزۈڭدىن ھەسرەتلىك ياشلار تاممىسۇن،

    دىلىڭغا پىغانلار ئىزنا سالمىسۇن،

    قەلبىڭگە ئازاپلار ئاياغ باسمىسۇن،

    مەن ساڭا قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن.

     

    ئۆزگىلەر بەختىڭگە چاڭگال سالمىسۇن،

    دۈشمىنىڭ رىزقىڭغا شېرىك بولمىسۇن ،

    يامانلار يولۇڭغا توزاق قورمىسۇن،

    مەن ساڭا قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن.

     

     

    ئاپتورى : راخمانجان نىياز تىكەن

    2006 - 10 - 10

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق