ناخشا تېكىستلىرى(ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-18 13:10:00

ناخشا تېكىستلىرىياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش ئايدىڭ كېچەچاچار يەرگە كۈمۈش نۇر،زەڭگەر كۆكتە تولۇن ئاي.ئاي نۇرىدا يۈرىمەن،يار ئىشقىدا ئۇخلىماي. ۋۇجۇدۇمنى قىلار ئوت،جىمجىت كېچە، چىمەنزار.يار ھىدىنى ئە...

    ناخشا تېكىستلىرى
    ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش


    ئايدىڭ كېچە


    چاچار يەرگە كۈمۈش نۇر،
    زەڭگەر كۆكتە تولۇن ئاي.
    ئاي نۇرىدا يۈرىمەن،
    يار ئىشقىدا ئۇخلىماي.

    ۋۇجۇدۇمنى قىلار ئوت،
    جىمجىت كېچە، چىمەنزار.
    يار ھىدىنى ئەسلىتىپ،
    گۈللەر خۇشبۇي تارقىتار.

    ئۇيقۇدىكى ئاي جانان،
    خىيالىمنى بىلەرمۇ؟
    شامال بولۇپ كۈيلىرىم،
    دىل تارىنى چېكەرمۇ؟

    يارنى بىر رەت كۆرەلمەي،
    ئايلىنىمەن تاڭغىچە.
    يارنى قاچان سۆيەرمەن،
    يۈرەك-باغرىم قانغىچە؟

    ---------------------------------------------

                تەشنالىق


    تاڭدا كۈتتۈم چىقمىدىڭ،
    يوللىرىڭغا باقساممۇ.
    تاپالمىدىم، ئىزىڭغا،
    ئۆزۈمنى مىڭ ياقساممۇ.

    يامغۇر بولۇپ ياغساممۇ،
    سەگىمىدىڭ زادىلا.
    قىيناپ مېنى، ۋەسلىڭگە،
    قىلدىڭ زەپمۇ مۇپتىلا.

    چېچىلدىممەن سەن ئۈچۈن،
    خۇش پۇراقلىق گۈل بولۇپ.
    تامچىلىسام يامغۇردەك،
    كەتتى كوچاڭ يۇيۇلۇپ.

    ئايمۇ چىقتى ئاسمانغا،
    يۇلتۇزلارمۇ كۈلۈپ ھەم.
    قاچانغىچە چىقمايسەن،
    قىيناپ جاننى پەرىشتەم.
    ----------------------------------------------

            ئاق لالە

       ئاپئاق لالە-ئاق لالە،
    بولدۇم ساڭا مەستانە.
    گۈزەللىكىڭ قەلبىمنى،
    قىلدى ئەسىر-مەستانە.

    ئاپئاق لالە-ئاق لالە،
    ھۆسنۈڭ تاڭنىڭ جىلۋىسى.
    مۇھەببەتلىك كۆزلىرىڭ،
    يۈرىكىمنىڭ قىبلىسى.

    ئاپئاق لالە-ئاق لالە،
    سەن پاكلىقتا پەرىشتە.
    سۆيگۈڭ مېنى قۇتلىغاچ،
    يايراپ كەلدىم بېھىشتە.

    ئاپئاق لالە-ئاق لالە،
    سەن ساداقەت ئەلچىسى.
    سۆيگۈمىزدىن گۈزەلدۇر،
    ھاياتىمىز كەلگۈسى.
    ------------------------------------------

    خۇشال ياشا دىلدارىم

    ئىشقىڭ قىينار يۈرەكنى،
    ۋۇجۇدۇمغا چېچىپ ئوت.
    مەنلا تارتاي ئازابنى،
    قۇچسۇن سېنى بەخت-قۇت.

    قىينالساممۇ دەردىڭدە،
    مېھرىڭ بىلەن كۆڭلۈم شاد.
    بېرەر شادلىق مەن ئۈچۈن،
    ساڭا ئاشىق دېگەن ئات.

    خىيالىمدا سەن بىلەن،
    سىردىشىمەن ھەر كۈنى.
    جان-جېنىمنى يايرىتار،
    مۇھەببەتنىڭ كەلكۈنى.

    گۈلباغلارنى چۈشەيدۇ،
    كۈتۈپ سېنى باھارىم.
    ئازابىڭنى مەن تارتاي،
    خۇشال ياشا دىلدارىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.