بىر جۈپ تورغاي

يوللىغۇچى : Dilmurat يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-15 22:10:00

بىر جۈپ تورغاي تورغاي ئىلى يولى ئەگرى توقاي، ئەگرى توقاي، توقايلىقتا سايرايدۇ شوخ بىر جۈپ تورغاي. ئەتتىگەندىن تا كەچكىچە سايراپ قانماس، تاغ-ئىدىرلار مۇڭغا چۆكۈپ ئاڭلاپ قانماس. قانات قېقىپ ئۇچۇپ ئ...

    بىر جۈپ تورغاي  

    تورغاي ئىلى يولى ئەگرى توقاي،

     ئەگرى توقاي، توقايلىقتا سايرايدۇ شوخ بىر جۈپ تورغاي.

     ئەتتىگەندىن تا كەچكىچە سايراپ قانماس،

     تاغ-ئىدىرلار مۇڭغا چۆكۈپ ئاڭلاپ قانماس.

     قانات قېقىپ ئۇچۇپ ئەگىپ،

     ئۇچۇپ ئەگىپ كۆڭۈللەرنى ئاجايىپ شاد ئويغا سالار.

     دۇنيادىكى بارچە لەززەت ئەركىنلىكتە،

    تورغاي كۆكتە، كەڭرى زېمىن پەستە قالار.

    ئىلىنىڭ يىراقىدا چوڭقۇر بىر ساي،

     سايدا كىشنەپ چېپىپ ئوينار جەدە-تاي.

     ئاشۇ ياقتىن خىيال بىلەن كېلىۋاتسام زەپ،

    يېقىملىق سايراپ ئۆتتى بىر جۈپ تورغاي.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق