ئەسقەر داۋۇت ناخشا تېكىستلىرى

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-22 17:50:00

ئاخىرقى ئاپتوبۇسئەسقەر داۋۇتكېچە، يۇلتۇزسىز كېچە، تۇمانلىق كېچە،شەھەرنىڭ شاۋقۇنلىرى تىنجىغان كېچە.تۇرىمەن ئاخىرقى ئۈمىدتە بىتاپ،ئاخىرقى بىكەتتە تەنھا،جىمغىنە.كېچە، يۇلتۇزسىز كېچە، مۇڭلۇق بۇ...

    ئاخىرقى ئاپتوبۇس

     

    ئەسقەر داۋۇت

     

    كېچە،

           يۇلتۇزسىز كېچە،

                    تۇمانلىق كېچە،

    شەھەرنىڭ شاۋقۇنلىرى تىنجىغان كېچە.

    تۇرىمەن ئاخىرقى ئۈمىدتە بىتاپ،

    ئاخىرقى بىكەتتە تەنھا،جىمغىنە.

    كېچە،

            يۇلتۇزسىز كېچە،

                      مۇڭلۇق بۇ كېچە.

    ئاخىرقى ئاپتوبۇس كەلدى قۇپ-قۇرۇق

    ئاداققى ئارزۇيۇم ،ۋىسال خوشلىقىم،

    يوقالدى بۇ مۇدھىش ئاخىرقى بىكەتتە،

    كېچە،

            ئاخىرقى يۇلتۇزۇم ساقىغان كېچە،

    قەلبىمدە ھىجران ھوۋلىغان كېچە.

    ئەمما ھېچ ئەمەسمەن سۆيگۈنىڭ قۇلى،

    بار مەندە ئىتىقاد،بار بۈيۈك غايە.

    ئەمەسمەن ھەۋەسنىڭ قۇلى، قۇربانى،

    ياشايمەن مەڭگۈگە مەغرۇر،مەردانە.

    ماڭا بۇنچە سالمىغىن جاپا

    ئەسقەر داۋۇت

    ئايلار ئۆتتى،يىللار كەتتى،

    كۈتتۈم نەچچە باھار ھەمدە قىش.

    ماڭا بۇنچە سالمىغىن جاپا،

    كەلسۇن ئەمدى مېھرىڭدىن تىۋىش

                  كۈتكەن دېدىڭ كۈتتۈم بەك ئۇزاق،

                  تەمكىنلىكتە كۈتتۈم تاغلاردەك

                  شىرىلداپلا يوقاپسەن كۆزدىن

                 ئېقىپ كەتكەن زۇمرەت سۇلاردەك 

      كۈتكىن دەيسەن يەنە بىر مەھەل

    كۈتۈپ بوۋاي بولسام مەيلىمۇ     

    نۇرى ئۆچسە كۆزۈمنىڭ ئاخىر

    قىلماقچىمۇ مېنى قارىغۇ

    ئاھ ئومىقىم،گۈزەل باغرى تاش

    ماڭا بۇنچە قىلمىغىن جاپا

    ۋىسالىڭدا،غەمدە،پىراقتا،

    يۈرەك-باغرىم،ۋۇجۇدۇم يارا

     

     

    مۇھەببەت –بىر كېسەل
    ئەسقەر داۋۇت

     مۇھەببەت بىر كېسەل ئەزەلدىن-ئەزەل،

    ئۇ سېنىڭ روھىڭنى چىرمايدۇ شۇنداق.

    مۇھەببەت بىر ۋىروس زاماندىن-زامان.

    ياش قەلىبىڭ شۇسەۋەپ بولىدۇ غەمناك.

           مۇھەببەت بىر كېسەل،شۇنداق بىر ۋىروس،

                     يۇقۇمى يامرىغان ئەۋلاتمۇ-ئەۋلاد

                     سانسىز ياش-غۇبارسىز قىزلار-يىگىتلەر.

                     بىمەھەل بەختىنى قىلىدۇ بەربات.

       مۇھەببەت بىر كېسەل،شۇنداق بىر ۋىروس،

    يوق ئۇنىڭ ئەزەلدىن مەخپى رېستىپى.

    ئەمما مەن بېرىمەن شۇنداق بىر جاۋاپ،

    ئىرادە،ئېتىقاد ئۇنىڭ دورىسى.

      مۇھەببەت بىر كېسەل،بىلەيلى دوستلار،

    ئىرادە، ئەجەللىك دورىدۇر ئاڭا .

    ئىرادە،شىجائەت يىڭەر ھەممىنى،

    ئىرادە نۇرىدىن ياشىرار دۇنيا.

     

     

                                                                                                                  

     

     

     


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەسقار داۋۇت