تۇرسۇنجان ناخشا تېكىستلىرى(ناۋا)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-23 18:31:00

ناۋا تۇرسۇنجان ناۋا دەپ يىغلايدۇ مىنڭ يۈرگۈم،ناخشىسىز ئۆتمەس ھەربىر كۈنلۈرۈم.ياشنايدۇ ناۋادا سۆيگۈ گۈللۈرۈم،ناۋاسەن-ناۋاسەن دىلغا داۋاسەن. ناۋادا ئېچىلۇر كۆڭۈلنىڭ سىرى ،تەلەيلىك كۆرۈرمەن نەچچە...

    ناۋا

    تۇرسۇنجان


    ناۋا دەپ يىغلايدۇ مىنڭ يۈرگۈم،
    ناخشىسىز ئۆتمەس ھەربىر كۈنلۈرۈم.
    ياشنايدۇ ناۋادا سۆيگۈ گۈللۈرۈم،
    ناۋاسەن-ناۋاسەن دىلغا داۋاسەن.

    ناۋادا ئېچىلۇر كۆڭۈلنىڭ سىرى ،
    تەلەيلىك كۆرۈرمەن نەچچە مىڭ يۈزى.
    ئىنتىزار ناۋاغا ھەرقاچان كۈزى،
    ناۋاسەن-ناۋاسەن دىلغا داۋاسەن.

    ناۋادىن ئايرىلماس خەلقىمنىڭ تىلى،
    بۇلبۇلدەك سايرايدۇ ئاشىقنىڭ دىلى .
    كونىلىق ئەمەستۇر يېڭىىدىن -يېڭى،
    ناۋاسەن-ناۋاسەن دىلغا داۋاسەن.

    يايرايدۇ ناۋادا كۆڭۈل شادلىغىم،
    سەبىگە ئايلىنار قىران چاغلىرىم.
    غەمسىز ئۆتمەكتە مىنڭ باللىقىم،
    ناۋاسەن-ناۋاسەن دىلغا داۋاسەن.

     

    دەتلىرىم

    كۆڭۈل بەرگەن ئىدىم بىرسىگە،
    كۆيۈپ ئۇنىڭ سەبى قەلبىگە.
    تەنھا قۇيۇپ قىينىدى مېنى، 
    قالدىم ئەمدى يارنىڭ دەردىگە.

    دەتلىرىمنى ئېلىپ يۈرىمەن،
    ئەجەپمۇ بىر تاشلىۋېتەلمەي.
    ئۆمرۈم مىنڭ ئۆتەرمۇ شۇنداق،
    يار ۋەسلىگە ياكى يېتەلمەي.

    مەيلى سېنى ئۇنتۇپ كېتەيمەن،
    دەتلىرىمنى ئېلىپ يۈرگىچە.
    تەنھا ياشاي مەيلى جاھاندا،
    ئەجەل مېنى ئېلىپ كەتكىچە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق