دىلداش ناخشا تىكىستلىرىدىن

يوللىغۇچى : deldax يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-25 19:40:59

دىلداش ناخشا تىكىستلىرىدىنئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)بىۋاپاسەن ماڭا بەرسەڭ قەسەم،مەن سېنى چىن يار بىلىپ.ھەم ئىشەندىم سۆيگۈنى،ئەتمىگەي دەپ خار قىلىپ.تەلمۈرۈپ ئۆتتۈم ساڭا،ھەر قاچان سادىق بۇلۇ...

     

    دىلداش ناخشا تىكىستلىرىدىن
     

    ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

    بىۋاپا

    سەن ماڭا بەرسەڭ قەسەم،
    مەن سېنى چىن يار بىلىپ.
    ھەم ئىشەندىم سۆيگۈنى،
    ئەتمىگەي دەپ خار قىلىپ.

    تەلمۈرۈپ ئۆتتۈم ساڭا،
    ھەر قاچان سادىق بۇلۇپ.
    كەتمىسۇن دەپ سۆيگۈنىڭ،
    گۈللىرى بالدۇر قۇرۇپ.

    ھۆرمىتىم ئەجرىمگە خاس،
    كۆرمىدىم سەندىن ۋاپا.
    سۆيگۈنى نابۇت قىلىپ،
    بەرگىنىڭ بولدى جاپا.

    مەن تۇنۇپ يەتتىم سېنى،
    بولدى بەس بولماي خاپا.
    يار ئەمەس ئالدامچى قىز،
    ئەسلى سەن بىر بىۋاپا.

    ++++++++++++++

    ئەي ئادەملەر

    چىن ئىنساننىڭ دۇنيادا،
    چىن ئىنسانلىق نەرقى بار.
    نەرقى يوقنىڭ ھايۋاندىن،
    زادى نىمە پەرقى بار؟

    ئادەم بولماق ئاساندۇر،
    ئالىم بولماق ئەڭ قىيىن.
    پاك خىسلىتىڭ بولمىسا،
    ئادەملىگىڭ بىر تىيىن.

    كۈنلەر ئۆتسە يەپ ئىچىپ،
    نىمە بۇلار ھالىمىز.
    ئاڭلانماسمۇ ئەۋلادقا،
    ئەڭ ھەسرەتلىك ئاھىمىز.

    ئادەملەر ئەي ئادەملەر،
    چىن ئادەمدەك پاك ياشا.
    تەرەققىيات دەۋرى بۇ،
    زامان ساڭا كەڭ تاشا.

    +++++++++++++

    قەشقەر قىزلىرى

    پەزىلەتلىك خىسلەتلىك،
    ئەجرى دىلدا ھۆرمەتلىك.
    ئاجىزلارغا ھېممەتلىك،
    گۈزەل قەشقەر قىزلىرى.

    نۇزۇگۇمدەك جۈرئەتلىك،
    قولى چىۋەر سەنئەتلىك.
    شەرمى بىلەن قىممەتلىك،
    گۈزەل قەشقەر قىزلىرى .

    شىجائەتتىن روھلانغان،
    ئةجداتتصن ئودۇم ئالغان.
    پةزصلةتتصن نۇرلانغان،
    گۈزەل قەشقەر قىزلىرى.

    كۈيلەر ئارا نامى بار،
    تارىخلاردا شانى بار.
    ھەردىللاردا جايى بار،
    گۈزەل قەشقەر قىزلىرى.

    گۈزەل قەشقەر قىزلىرى،
    دىلغا نەقىش ئىزلىرى.
    بۇ ئالەمنىڭ ھۆرلىرى،
    سىلەر دىلنىڭ ئەختىرى.

    ++++++++++++++

     

    بىلەمسەن

    قاچۇرمىغىن ئۆزۈڭنى،
    كۆرىۋالاي يۈزۈڭنى.
    ئاڭلاي شىرىن سۆزۈڭنى،
    كۆيگۈنۈمنى بىلەمسەن.

    ئۇيقۇ قاچتى كۆزۈمدىن،
    شەكلەنمىگىنى سۆزۈمدىن.
    ئوت چاقنايدۇ يۈزۈمدىن،
    كۆيگۈنۈمنى بىلەمسەن.

    سەن كۆڭلۈمنىڭ دىلدارى،
    ھۆر بەختىمنىڭ باھارى.
    بۇ كۆڭۈلنىڭ ئىزھارى،
    كۆيگۈنۈمنى بىلەمسەن.

    ئەسكەرتىش: تىمامنى رۇخسىتىمسىز كۈچۈرمەڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ناخشا تىكىسىتلىرى _