كىندىكىڭنى يېپ يۈرگىن سىڭلىم (نەسىھەت)

يوللىغۇچى : ershidin يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-05 23:34:23

كىندىكىڭنى يېپ يۈرگىن سىڭلىمئەجەب نازۇك ساق ئىدىڭ يۈزى تۆۋەن پاك سىڭلىم ،بۈگۈن چەتنەپ كەتتىڭمۇ يامان يولدىن قايت سىڭلىم.ئىزدەپ ئەجداد روھىدىن، ئۆز-ئۆزۈڭنى تاپ سىڭلىم،بىشەملىكتىن قاچ سىڭلىم،...



    كىندىكىڭنى يېپ يۈرگىن سىڭلىم
     

    ئەجەب نازۇك ساق ئىدىڭ يۈزى تۆۋەن پاك سىڭلىم ،  
    بۈگۈن چەتنەپ كەتتىڭمۇ يامان يولدىن قايت سىڭلىم.  
    ئىزدەپ ئەجداد روھىدىن، ئۆز-ئۆزۈڭنى تاپ سىڭلىم،  
    بىشەملىكتىن قاچ سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.  
     
     
    ياپالمىغان دۈمبەڭنى چاپىنىڭدىن ھەيرانمەن،  
    توۋا،مۇنداق چەژمەكنى تاپقىنىڭدىن ھەيرانمەن.  
    رەستىلەردە شۇ پېتى ماڭغىنىڭدىن ھەيرانمەن،  
    كىر-ئىللەتتىن قاچ سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.  
     
     
    <<ئۇسسۇل>>كۆردۈم بىر تويدا، شۇمۇ ھەركەت-ئۇسسلمۇ،  
    كېندىك، ساغرا تولغايسەن بۇ چۈشۈممۇ-ئوڭۇممۇ.  
    دوراش خەقنى مايمۇندىن ساڭا قالغان ئۇدۇممۇ،  
    بولما يۈزى داپ سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.  
     
     
    داغ تېگىپتۇ ۋاي ئىسىت، تولۇن ئايدەك ھۆسنۈڭگە،  
    ئاشكارىلىق كىندىكتىن، تۇتۇشۇپتۇ كۆكسۈڭگە.  
    نەپرەت بىلەن قارايدۇ شۇڭا ھەركىم ئەپتىڭگە،  
    غەيرىي مىجەز كاج سىڭلىم،كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.  
     
     
    ئۈستى-باشتا تاڭ قويغان،بۇ جاھاننى مىللىتىڭ،  
    بىلسەڭ ئەگەر ئەي قىزچاق، شۇ ئۈستى-باش زىننىتىڭ.  
    ئۇنىڭ بىلەن جەلىپكار،سېنىڭ سېھرىڭ-قىممىتىڭ،  
    بولغىن سۈتتەك ئاق سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.  
     
     
    يارىشاتتى ئەجەپمۇ كۆينەك كىيسەڭ ئەتلەستىن،  
    داداڭ-ئاناڭ شادلىنار ،يېنىڭدىن ھىچ كەتمەستىن.  
    (خۇددى بەھىر ئالغاندەك چىن-ھەقىقى سەنئەتتىن)  
    شۇ داداڭغا باق سىڭلىم،كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.  
     
     
    شەرمى-ھايا،ئەخلاقنى مەڭگۈ ھەمىراھ يار تۇتساڭ،  
    پەن- بىلىمنى ئىگىلەپ،ھەر ئىشىڭدا شان قۇچساڭ.  
    ئورتاقلىقتىن ،خاسلىقتىن ،ئەنئەنىدىن گۈل قىسساڭ،  
    ئاندىن بىزگە باپ سىڭلىم، كېندىكىڭنى ياپ سىڭلىم.  
     
     
                                 ئاپتۇر: ئابدۇۋەلى ئابدۇراخمان  
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.