چىقما ئېسىمدىن

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-13 18:11:00

چىقما ئېسىمدىن شەپىسىز كەتتىڭ يار قاردەك لەپىلدەپ،كۆز نۇرۇڭ قەلبىمدە تۇتقان بىر ماكان.مەن يالغۇز ئۇخلىدىم كېچە باغرىدا،چۈشۈمنىڭ چۈشىدە تىترەر بىر ئارسلان. يوق بۈگۈن قولۇمدا سىيلانغان يۈزۈڭ،سى...

    چىقما ئېسىمدىن

     شەپىسىز كەتتىڭ يار قاردەك لەپىلدەپ،
    كۆز نۇرۇڭ قەلبىمدە تۇتقان بىر ماكان.
    مەن يالغۇز ئۇخلىدىم كېچە باغرىدا،
    چۈشۈمنىڭ چۈشىدە تىترەر بىر ئارسلان.


     يوق بۈگۈن قولۇمدا سىيلانغان يۈزۈڭ،
    سىلايمەن ئاۋايلاپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم.
    تورۇسقا تىكىلدىم ،سۈرمىدىم خىيال،
     غۇۋالىق ئىچىدە تالماقتا كۆزۈم .


     ماڭدىم ، ماڭغاندەك سەن بىلەن جانان,
    مەيۈستۇر تۇرقۇمغا قارىغان ئەينەك.
    چىقىمەن ئۆيۈمدىن ، ئۇزاتماس ھېچكىم،
    ھېچكىمگە يار بولماس چانالغان يۈرەك.


     كەلگىن ئەي ۋاپادار ، چىقما ئېسىمدىن،
    قالمىدى ئاخىرى مەن كۆرگۈدەك چۈش.
     كەتكۈم يوق چېقىلغان خارابىلەرگە ،
     روھلارنى ئويغىتار بىزدىكى كۆيۈش !


    ئاققۇ خاتىرىسى

     --- بىر-بىرىگە سادىق ئۆتكەن ، بارلىق ھىجرانكەشلەرگە بېغىشلايمەن.

    ئاپتاپ كەبى كۈلگەن سىماھىڭ ،
    چاچار نۇردىن قەلبىمگە چاچقۇ .
     باغرىم بولسا زۇمرەتتەك بىركۆل ،
    سەن ئۇنىڭدا يايرىغان ئاققۇ .

    ئايدىڭ دالام كەتسە ئۇيقىغا ،
    يوپۇرماقلار چۈشەيدۇ سېنى.
     چاچلىرىڭدىن تارىتىپ خۇشبۇي ،
    ئەركىلەيدۇ تاڭنىڭ سالقىنى .

    مەن ئەشۇ چاغ قايناق ھېس بىلەن ،
     كۆزلىرىڭگە سۆيىمەن ئۇزاق.
     بارالمىسام يېنىڭغا ئەگەر،
    ھەمراھ بولسۇن مەن ياققان چىراق .


    ئاق سۈتۈڭدەك پاك بىر ئايال سەن،
    كۈتتۈڭ ئۇز روھ ، ئىشەنگەن تەندىن.
    كەچۈر يەنە مېنى كۈت دىدىم،
    مەنمۇ ئۈمىد ئۈزمىگەچ سەندىن...


     ---------------- يۇقارقى ئىككى شىئېرىمنى تېكىسىت قىلىپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ -يوق؟ ناخشا، مۇزىكانىتلارنىڭ كۆرىشىگە سۇندۇم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تېكىست