كۆزلىرىڭ(مېھراي)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 08:43:33

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كۆزلىرىڭ(مېھراي)ناخشا تېكىستىئويچان سېنىڭ كۆزلىرىڭ، نىچۈن شۇنچە مۇڭلىنار؟غەمكىن سېن

       كۆزلىرىڭ (مېھراي )
    ناخشا تېكىستى

    ئويچان سېنىڭ كۆزلىرىڭ،  نىچۈن شۇنچە مۇڭلىنار؟
    غەمكىن سېنىڭ كۈلكەڭمۇ،  يۈرەگىمنى ئويغىتار.

    كېچەلىرى تەلمۈرۈپ ئايدىن سېنى ئىزدەيمەن،
    سۆز قىلغۇدەك جۈرئەتنى بالىلىقتىن سورايمەن.

     ئەپسۇس يىللار رەھىمسىز،  ئۆتۈپ كەتتى ئۇ چاغلار،
    كۆزلىرىڭگە باققۇدەك، جۈرئىتىم يوق زادىلا. (تەكرار)  
      
     
    چۆل ھەم ئوكيانلار كېزىپ، چۈشلىرىمنى ئىزدەيمەن.
    ئارزۇيۇڭدا ئوت بولۇپ، ھەر كۈن تەنھا يۈرىمەن.

    قىينىلىمەن ئۇنتالماي، ئېسى-يادىم سەن بىلەن،
    باراي دەيمەن ئالدىڭغا كۆزلىرىڭدىن قورقىمەن.

     ئەپسۇس يىللار رەھىمسىز،  ئۆتۈپ كەتتى ئۇ چاغلار،
    كۆزلىرىڭگە باققۇدەك، جۈرئىتىم يوق زادىلا.(تەكرار) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تېكىست مېھراي