مەرھابا نورۇز (ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ)

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-02 12:52:00

ﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﺴﻪﻥ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻙ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﮔﯜﺯﻩﻝ ،ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯘﺭ ، ﺳﯜﻟﯩﺮﯨﯔ ﮬﻪﺳﻪﻝ .ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ ﻏﻪﺯﻩﻝ ،ﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ .ﻳﺎﺷﻨﯩﺪﻯ ﻧﯘﺭﯗﯕﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ...

     
    ﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ ﻧﻮﺭﯗﺯ

    ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ

    ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﺴﻪﻥ ﭘﻪﺭﯨﺪﻩﻙ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﮔﯜﺯﻩﻝ ،
    ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯘﺭ ، ﺳﯜﻟﯩﺮﯨﯔ ﮬﻪﺳﻪﻝ .
    ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ ﻏﻪﺯﻩﻝ ،
    ﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ .

    ﻳﺎﺷﻨﯩﺪﻯ ﻧﯘﺭﯗﯕﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ،
    ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻳﺎﻳﺪﻯ ﻛﻪﯓ ﻗﺎﻧﺎﺕ .
    ﻗﯩﺰﯨﺪﻯ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﻪﺭ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﻯ ﮬﺎﻳﺎﺕ ،
    ﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ، ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ .

    ﺳﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﮬﻪﻝ ﺗﯩﻠﻪﻙ - ﮬﺎﺟﻪﺗﻠﻪﺭ ،
    ﭼﺎﻱ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﺪﻯ ﺋﯚﭺ - ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺗﻠﻪﺭ .
    ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﻏﺪﻯ ﺋﺎﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ،
    ﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ ، ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﯩﻤﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ .

    ﺋﯘﺭﻏﯩﺪﻯ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ﺑﻪﻳﮕﻪ ،
    ﭼﯧﭽﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻳﻪﺭﮔﻪ .
    ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﭼﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﺗﻪﺭﮔﻪ ،
    ﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ ، ﺋﯩﺶ - ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ .

     

     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق