دادا سەنمۇ مەندەك ياش چاغدا

يوللىغۇچى : sapra يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-02 23:30:00

دادا سەنمۇ مەندەك ياش چاغدادادا سەنمۇ مەندەك ياش چاغدا، سۆيگۈ ئۈچۈن ھەسرەت چىكەمتىڭ؟! تۈن - تۈنلەردە ئۇيقىدىن بىدار،ئايغا قاراپ تۇرۇپ كىتەمتىڭ.دادا سەنمۇ مەندەك ياش چاغدا، تەقدىرىڭدىن ئۆرتەپ...

    دادا سەنمۇ مەندەك ياش چاغدا

    دادا سەنمۇ مەندەك ياش چاغدا،
     سۆيگۈ ئۈچۈن ھەسرەت چىكەمتىڭ؟!
     تۈن - تۈنلەردە ئۇيقىدىن بىدار،
     ئايغا قاراپ تۇرۇپ كىتەمتىڭ.

    دادا سەنمۇ مەندەك ياش چاغدا، 
    تەقدىرىڭدىن ئۆرتەپ ئۆتەمتىڭ؟! 
     مەي ئىچىشنى خالىماي زىنھار، 
    پىنھان جايدا ياشلار تۆكەمتىڭ.

    دادا سەنمۇ مەندەك ياش چاغدا،  
    ياش ئاپامدىن رەنجىپ قالامتىڭ؟!   
     ئۇچراشقاندا تەتۈر قارىشىپ، 
    چۈشلىرىڭدە گۈللەر سۇنامتىڭ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 19:38:57]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.