يامان بولىدۇ

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-02-27 12:22:00

ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯜﻟﻤﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺳﯜﺭﻣﻪ ﺳﯜﺭﻣﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﯓ ، ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﻪﻡ ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﯜﺭﻣﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﺭﯨﺠﻪ ﺋﺎﺭﺗﺴﯘﻥ ، ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﯜﺭﺳﻪ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ...

     

    ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ



    ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯜﻟﻤﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،
    ﺳﯜﺭﻣﻪ ﺳﯜﺭﻣﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﯓ ، ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﻪﻡ ،
    ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﯜﺭﻣﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﺭﯨﺠﻪ ﺋﺎﺭﺗﺴﯘﻥ ،
    ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﯜﺭﺳﻪ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻳﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﺎﻻﻏﺎ ،
    ﺑﯩﺮﺍﯞ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﻣﻪﺳﻪ - ﻛﺎﻻﭺ ﻛﯩﻴﺴﯘﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰ ،
    ﺷﯩﺒﻠﯩﺖ ﻛﯩﻴﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭘﻪﺭﯨﺠﻪ ،
    ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

    ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﯓ ،
    ﺗﯚﺕ ﻳﯘﺳﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    ﮬﺎﺭﺍﻕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻩﮔﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭ ،
    ﻧﺎﻥ ﻗﻮﻳﺴﯖﯩﺰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

    ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ .
    ﺑﻮﻏﺎ ﺑﺎﻗﻤﺎﯓ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،
    ﻛﻪﭺ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﻱ ﭼﯘﯞﯗﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ،
    ﻛﯩﮕﯩﺰ ﻗﺎﻗﻤﺎﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﺎﭺ ﻳﯜﺭﻣﻪﻛﻤﯘ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ،
    ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺩﯦﻤﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    ﺋﻮﺯﯗﻗﯩﯖﯩﺰ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،
    ﺳﺎﻣﺎﻥ ﺩﯦﻤﻪﯓ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

    1992- ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻱ ﻏﯘﻟﺠﺎ

    ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق