ئەكبەر ئۆمەر(ئاشىق) ناخىشا تېكىستلىرى

يوللىغۇچى : ئاشىق يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-10 01:36:00

ۋەدە ناخشا تېكىستى(شوخ، قىزغىن. قىز-ئوغۇل ئېيتىشقا ماس كېلىدۇ) ۋەدە بەردۇق ئايرىلمايمىز دەپ ،كەڭرى كەتكەن گۈزەل دالىدا.بەختىمىزنى بەرگىن خۇدايىم،بىر ساڭىلا قىلىمىز دۇئا . ۋەدە بەردۇق ئايرىلمايمى...

                 ۋەدە

     ناخشا تېكىستى 
    (شوخ، قىزغىن. قىز-ئوغۇل ئېيتىشقا ماس كېلىدۇ)

    ۋەدە بەردۇق ئايرىلمايمىز دەپ ،
    كەڭرى كەتكەن گۈزەل دالىدا.
    بەختىمىزنى بەرگىن خۇدايىم،
    بىر  ساڭىلا  قىلىمىز  دۇئا  .

    ۋەدە بەردۇق ئايرىلمايمىز دەپ،
    بولغاچ بىزدە قاتتىق ئىرادە.
    دۈشمەنلەرگە قىلمىدۇق پەرۋا،
    پا ك سۆيگۈمىز بولسۇن زىيادە.

    ۋەدە بەردۇق ئايرىلمايمىز دەپ،
    يۈرەكلەردە بار ئوتلۇق سۆيگۈ .
    چىن سۆيگۈگە تولغان دۇنيادا،
    پاك سۆيگۈمىز ئۈزۈلمەس مەگگۈ.

    ----------------------------------------

     سەييار                   
     (لىرىك،مۇڭلۇق)


    « تامار-تامار كۆل تولار»،
    «ئاقار-ئاقار سۇ ئاقار».
    بۇ بىچارە قەلبىم يارا،
    بىر سەن بىلەن تەسكىن تاپار.

                                           ئاي نىگارىم گۈ ل نىگار،
                                           كۆڭۈل بېغىم گۈلى سەييار.
                                           مېنى  بۇنچە  قىينىما ،
                                           ئىشقى  ئوتۇڭ يامىشار،


    كۆيۈك ئوتى يامان ئىكەن،
    يا، دىلغا ئارام بەرمەيدىكەن.
    ئاشىق كۆڭلى بولسا  سەۋدا،
    ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىكەن.

        ئاپتۇر:ئەكبەرئۆمەر(ئاشىق)

    QQ:531779446

          تېلېفون:09084860400

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق