سەنسىز

يوللىغۇچى : ئىزبارىس يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-21 22:37:00

«سەنسىز» ناخشا تىكىستى:ئابلىكىم زىكرۇللا ئىزبارىس ئۆتەر كۇنۇم ئازاپتا سەنسىز،بۇ يۈرۇگۇم يىغلايدۇ سەنسىز.سەنسىز كۇنلەر گويا مەنىسىز،سۆيگۇ گۇلۇم توزۇيدۇ سەنسىز.كىچەلىرى ئۇيقا يوق ماڭاھىجرانىڭدا ...

    «سەنسىز»


    ناخشا تىكىستى:ئابلىكىم زىكرۇللا ئىزبارىس

    ئۆتەر كۇنۇم ئازاپتا سەنسىز،
    بۇ يۈرۇگۇم يىغلايدۇ سەنسىز.
    سەنسىز كۇنلەر گويا مەنىسىز،
    سۆيگۇ گۇلۇم توزۇيدۇ سەنسىز.


    كىچەلىرى  ئۇيقا يوق   ماڭا
    ھىجرانىڭدا يۇرىمەن سەنسىز.
    يا خەۋەريوق سەندىن ماڭا،
    ئەلەملەردە قالىمەن سەنسىز.


    يۈرۇگۇمگە ئوت سىلىپ كەتتىڭ،
    كۆيۇپ يۈرەك كۇل بولدى سەنسىز.
    «تۇمارىسىم» نەلەرگە كەتتىڭ،
    سۆيگۇ  ئۆتى  ئىكەن   رەھىمسىز.


    يار سىنىڭسىڭز يالغۇزلۇق ئۇزۇن،
    ھەركۇن يالغۇز يۇرىمەن سەنسىز.
    يار مىھرىڭسىز ئۆتمەكتە بۇ تۇن،
    جۇدالىقتا   يۇرىمەن  سەنسىز.

    مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى مەندە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، قالايمىقان كۆچۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەڭ!!!

    ---------------------------------------------------------------------

    2-ناخشا تىكىستى:  «تۇمارىسىم»نەلەرگە كەتتى

    توۋادەيمەن بۇ سۆيگۈمگە نىمە كۆزتەگدى،
    ئىشەنچلىرىم ئاجىزلاپ،سۇسلىشىپ كەتتى.
    تاشلاپ مىنى ھىجرانغا ،ئەلەمدە قويۇپ،
    ئۆزى يالغۇز«تۇمارىسىم»نەلەرگە كەتتى؟

    كۇن-تۇنلۇرۈم خوشال ئەمەس كۇلكە چاقچاق كەم،
    بۇ ئازاپتا يۇرەك-باغرىم ئۆرتىنىپ كەتتى.
    كۇرۇشەلمەي ئايلاپ-يىللاپ دىدار كەمدىن كەم،
    دىلدىن سۆيگەن«تۇمارىسىم»نەلەرگە كەتتى؟

    كورمەي گوياھ كۆزلۇرۇم كور بۇلۇپ كەتتى،
    ئەقىللىرىم ئزىپ شۇنچە گاڭگىراپ كەتتى.
    ھەركۇن كىچە سىغىندۇرۇپ ئۇيقۇدىن قويۇپ،
    تاش يۇرەك يار«تۇمارىسىم»نەلەرگە كەتتى؟

    بۇرۇنقىدەك ئەمەس ئۇزۇم كۆزلۇرۇم نۇرسىز،
    يار ئىشقىدا كۇيۇپ يۇرەك كۈل بۇلۇپ كەتتى.
    ئۇسىز ئوتكەن كۇنلۇرۇم گوياھ قۇياشسىز،
    ئاتەش كۆزلۇك «تۇمارىسىم»نەلەرگە كەتتى؟

    ئارانلا بىر كۇرۇشكەندە بىر ئايدىن بۇيان،
    ياندا تۇرسام پەرۋاسىزلا خوش دەپقاپ كەتتى.
    قۇلاق سالماي سۆزلۇرۇمگە خوش دەپلا ئاران،
    قەلەم قاشلىق «تۇمارىسىم»نەلەرگە كەتتى؟

    ئىشىم كوپ دەپ مەندىن قىچىپ يۇرگىلى نىكەم،
    شۇنچە قىلسام مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتتى.
    شۇۋاقىتلار ماڭا زۇلمەت يىنىمدا «ئۇ» كەم ،
    زىلۋا بويلۇق «تۇمارىسىم» نەلەرگە كەتتى؟

    * * *
    نىمە گۇناھ ئوتكۇزدۇمكىن بىلمىدىم ئەسلا،
    توۋا دەيمەن «تۇمارىسىم» نەلەرگە كەتتى؟
    گۇناھىم شۇ پەقەت بىرلا «ئۇ»نى سۆيگەنىم،
    توۋا مەندىن «تۇمارىسىم»يىراقلاپ كەتتى؟


    مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى مەندە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، قالايمىقان كۆچۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەڭ!!!

    ------------------------------------------------------------------------------------------------------

    3-تېكىست      بىلمىدىڭ


    سىنى  جانىم  شۇنچە  سۆيسەم  ئەقىدەمنى  بىلمىدىڭ،
    كۆپتىن بىرى ياش ئاققۇزسام بىر سەن ئۇچۇن بىلمىدىڭ.
    بارلىقىمنى    بىر    ساڭىلا    ئاتىغانتىم    بىلمىدىڭ،
    ھىجرانىڭدا  سىنى  ئەسلەپ  يۇرگىنىمنى  بىلمىدىڭ.


    ھەي نىگارىم  پاك  كۆڭلۈمنى  بىلمىدىڭ،
    كۆپتىنبىرى سېغىنىشتا يۇرگىنىمنى بىلمىدىڭ.
    شۇنچە  كۇتسەم  قاشىمغا  بىر  كەلمىدىڭ،
    كۆزنۇرۇمنى    تىكسەم    ساڭا    بىلمىدىڭ.


    بىلمىدىڭ  پاك  قەلبىمنى  بىلمىدىڭ،
    يار  ئوتۇڭدا  كۆيگەنىمنى  بىلمىدىڭ.
    <<تۇمارىسىم>>بۇسۆيگۇمنى خارلىدىڭ،
    ئاشىقىڭ  بۇپ  يۇرگىنىمنى  بىلمىدىڭ.


    ئوتلىرىڭدا  يۇرەك  باغرىم  بولسا  پارە  بىلمىدىڭ،
    ھالىم خاراپ كۆزۇمدە ياش بولسام بىچارە بىلمىدىڭ.
    مىنى تاشلاپ ئازاپلارغا گاھىدا ھىجرابلارغا قىينىدىڭ،
    كۇنى ، تۇنى  ئىشقىڭدا  بولسام  سەكپارە  بىلمىدىڭ.

    *          *          *
    بىلمىدىڭ ھەي بىلمىدىڭ

    مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى مەندە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، قالايمىقان كۆچۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەڭ!!!

    ______________ئىزبارىس_________________
                                              2008-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۇنى                   خوتەن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ناخشا تىكىستى